مەتتا كىتابى 8:1—34
8 ئەيسا تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2 شۇ چاغدا، ماخاۋ* كېسىلى بولغان بىر كىشى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ: «ئۇستاز، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى پاك قىلالايسىز»،— دېدى.
3 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ: «خالايمەن، پاك بولغىن»،— دېدى. ئۇ كىشىنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ساقىيىپ كەتتى.
4 ئاندىن، ئەيسا ئۇنىڭغا: «بۇنى ھازىرچە ھېچكىمگە ئېيتمىغىن، بىراق بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن ۋە ئۇلارغا گۇۋاھلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەر بۇيرىغان قۇربانلىقنى سۇنغىن»،— دېدى.
5 ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگەندە، بىر يۈز بېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يالۋۇرۇپ:
6 «تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، قاتتىق ئازاب تارتىپ ئۆيدە ياتىدۇ»،— دېدى.
7 ئەيسا ئۇنىڭغا: «مەن بېرىپ، ساقايتىپ بېرەي»،— دېدى.
8 يۈز بېشى ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «تەقسىر، ئۆيۈمگە كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز قىلىڭ، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ
9 مەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنىدىغان ئادەم. مېنىڭ قول ئاستىمدا ئەسكەرلەر بار. مەن بىرىگە «بار» دېسەم، بارىدۇ، يەنە بىرىگە «كەل» دېسەم، كېلىدۇ ۋە چاكىرىمغا «بۇنى قىل» دېسەم، قىلىدۇ».
10 ئەيسا شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى ۋە ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭغانلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ھەقنى ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلدا مۇنداق ئىمانى كۈچلۈك بىرەر كىشىنى تېخى ئۇچراتمىغانىدىم.
11 بىراق سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، شەرقتىن ۋە غەرىبتىن نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا* ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ*.
12 لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، تاشقىرىدىكى قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ. شۇ يەردە ئۇلار يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ»
13 ئاندىن كېيىن، ئەيسا يۈز بېشىغا: «ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، سىز ئىشەنگىنىڭىزدەك بولسۇن»،— دېدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چاكىرى ساقىيىپ كەتتى.
14 ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قېينانىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى.
15 ئەيسا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشى بىلەن، قىزىتمىسى يېنىپ، ئۇ ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا باشلىدى.
16 كەچ كىرگەندە، كىشىلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئېلىپ كېلىشتى. ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى قوغلاپ چىقاردى ۋە كېسەل ئازابى تارتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى
17 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان: «ئۇ كېسەللىكلىرىمىزنى كۆتەردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
18 ئەيسا ئەتراپىغا يىغىلغان بىر توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا جەلىلىيە دېڭىزىنىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈپ كېتىشنى بۇيرۇدى.
19 شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئۇستاز، سىز قەيەرگىلا بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىمەن»،— دېدى.
20 بىراق، ئەيسا ئۇنىڭغا: «تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى بار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار، بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ باش قويغۇدەك يېرى يوق»،— دېدى.
21 ئاندىن، شاگىرتلاردىن بىرى ئەيساغا: «ئۇستاز، ئاۋۋال ئۆيۈمگە قايتىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاتام ئۆلگەندە، ئۇنى يەرلىكىگە قويۇۋېتىپ، ئاندىن كېلىپ سىزگە ئەگىشەي»،— دېدى.
22 ئەيسا ئۇنىڭغا: «ماڭا ئەگىشىپ مېڭىۋەر، ئۆلۈكلەرنى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىكىگە قويسۇن»،— دېدى.
23 ئەيسا كېمىگە ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئولتۇردى.
24 تۇيۇقسىز، دېڭىزدا قاتتىق بوران چىقىپ، كېمە دولقۇنلارنىڭ ئارىسىدا قالدى. لېكىن، ئەيسا ئۇخلاۋاتاتتى.
25 شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: «ئۇستاز، بىزنى قۇتقۇزۇڭ، ھالاك بولىدىغان بولدۇق!»— دېدى.
26 بىراق، ئەيسا ئۇلارغا: «نېمە ئۈچۈن شۇنچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمە دېگەن ئاجىز!»— دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران ۋە دېڭىزغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەتراپ پۈتۈنلەي جىمجىتلىققا چۆمدى.
27 شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: «بۇ زادى كىم؟ بوران ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن»،— دېيىشتى.
28 ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا كەلگەندە، قەبرىستانلىق ئارىسىدىن جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇقەدەر ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يولدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.
29 ئۇلار: «ئەي خۇدانىڭ ئوغلى! بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟ تېخى ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا، بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟»،— دەپ ۋارقىراشتى.
30 شۇ ئەتراپتا چوڭ بىر چوشقا پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى.
31 شۇنىڭ بىلەن، جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا: «ئەگەر بىزنى قوغلاپ چىقارماقچى بولساڭ، بىزنى ئاۋۇ چوشقا پادىسىغا ئەۋەتكىن»،— دەپ يالۋۇردى.
32 ئۇ ئۇلارغا: «بېرىڭلار!»،— دېدى. جىنلار شۇ ئىككى ئادەمدىن چىقىپ، چوشقىلارنىڭ ئىچىگە كىردى. پۈتۈن چوشقا پادىسى يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن دېڭىزغا چۈشۈپ، سۇغا چۆكۈپ ئۆلدى.
33 چوشقا باققۇچىلار شەھەرگە قېچىپ بېرىپ، ھەممە ئىشلارنى، شۇنىڭدەك جىن چاپلاشقان كىشىلەرگە نېمە بولغانلىقىنى خالايىققا ئېيتىپ بەردى.
34 شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر خەلقى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدىن كېتىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى.
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقىدا».
^ سۆزمۇ-سۆز: «يانپاشلاپ ئولتۇرىدۇ».