مەتتا كىتابى 9:1—38
-
ئەيسانىڭ پالەچ ئادەمنى ساقايتىشى (1–8)
-
ئەيسانىڭ مەتتانى چاقىرىشى (9–13)
-
روزا تۇتۇش ھەققىدىكى سوئال (14–17)
-
يائىرنىڭ قىزى؛ بىر ئايالنىڭ ئەيسانىڭ كىيىمىنىڭ پېشىگە قول تەككۈزۈشى (18–26)
-
ئەيسانىڭ قارىغۇ ۋە تىلى تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ساقايتىشى (27–34)
-
ھوسۇل كۆپ، لېكىن ئورمىچىلار ئاز (35–38)
9 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ قىرغاققا ئۆتۈپ، ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.
2 كىشىلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچ ئادەمنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى كۆرۈپ، پالەچ ئادەمگە: «ئوغلۇم، قورقمىغىن، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى»،— دېدى.
3 بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى.
4 ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا: «نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا يامان ئويدا بولۇۋاتىسىلەر؟
5 سىلەرچە قايسىسى ئاسانراق؟ ‹سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى› دېيىشمۇ ياكى ‹ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ› دېيىشمۇ؟
6 بىراق سىلەر بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلى يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە»،— دېدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئاشۇ پالەچ ئادەمگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىلىڭنى ئېلىپ، ئۆيىڭگە قايت»،— دېدى.
7 ئۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
8 بۇنى كۆرگەن خەلق قورقۇشۇپ،ئىنسانغا شۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى مەدھىيىلىدى.
9 ئەيسا شۇ يەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان مەتتا ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «كەل، مېنىڭ شاگىرتىم بول»،— دېدى. مەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
10 كېيىن، ئەيسا مەتتانىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار كېلىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمدەستىخان بولۇشقا باشلىدى.
11 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: «نېمە ئۈچۈن ئۇستازىڭلار باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، يەپ-ئىچىدۇ؟»— دېدى.
12 ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەيسا: «ساغلام كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئاغرىق كىشىلەر دوختۇرغا موھتاجدۇر.
13 سىلەر بېرىپ: ‹مەن قۇربانلىقنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەتنى خالايمەن› دېگەنلەر شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. چۈنكى، مەن ھەققانىي ئادەملەرنى ئەمەس، گۇناھكارلارنى چاقىرىشقا كەلدىم»،— دېدى.
14 شۇ چاغدا، يەھيانىڭ شاگىرتلىرى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: «بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن روزا تۇتمايدۇ؟»،— دەپ سوراشتى.
15 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «تويى بولۇۋاتقان يىگىتنىڭ دوستلىرى يىگىت ئۇلار بىلەن بىللە بولغاندا، قايغۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن، يىگىت ئۇلاردىن ئايرىلىدىغان كۈن كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار روزا تۇتىدۇ.
16 ھېچكىم كونا كىيىمگە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا، يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ يىرتىقنى تېخىمۇ يوغىنتىۋېتىدۇ.
17 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا* قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، تۇلۇملار كۆپۈپ يېرىلىپ كېتىدۇ ۋە شاراب تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، تولۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. بىراق، كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ».
18 ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر ئەمەلدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: «قىزىم ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەندۇ، ئەمما سىز كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭىزنى تەگكۈزسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ»،— دېدى.
19 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئەمەلدارغا ئەگىشىپ ماڭدى.
20 يولدا 12 يىلدىن بۇيان خۇن تەۋرەش كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، كىيىمىنىڭ پېشىگە قول تەگكۈزدى.
21 چۈنكى، ئۇ ئايال كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ كىيىمىگە قول تەگكۈزسەملا، ساقىيىپ كېتىمەن»،— دەپ ئويلىغانىدى.
22 ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئايالنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا: «قىزىم، قورمىغىن، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى»،— دېيىشىگىلا، شۇ ئايال كېسىلىدىن ساقىيىپ كەتتى.
23 ھېلىقى ئەمەلدارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ماتەم كۈيىنى چېلىۋاتقان نەيچىلەرنى ۋە يىغا-زار قىلىۋاتقان بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ،
24 ئەيسا ئۇلارغا: «چىقىپ كېتىڭلار، قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ»،— دېدى. بىراق، كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، كۈلۈشكە باشلىدى.
25 كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەيسا قىز ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ۋە قىز ئورنىدىن تۇردى.
26 شۇنىڭ بىلەن، بۇ خەۋەر پۈتۈن جايلارغا تارقىلىپ كەتتى.
27 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتقاندا، ئىككى قارىغۇ كىشى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ: «ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم-شەپقەت قىلغىن!»،— دەپ ۋارقىراشتى.
28 ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئىككى قارىغۇ كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: «مېنىڭ كۆزلىرىڭلارنى ئاچالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىلەر؟»،— دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «ئىشىنىمىز، ئۇستاز»،— دېيىشتى.
29 ئەيسا قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ: «ئىشەنگىنىڭلاردەك بولسۇن!»،— دېيىشىگىلا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى.
30 ئەيسا ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار!»،— دېدى.
31 لېكىن، ئۇلار سىرتقا چىقىپلا، بۇ ئىشنى پۈتۈن ئەتراپقا يېيىۋەتتى.
32 ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىپ تىلى تۇتۇلغان بىر كىشىنى ئېلىپ كەلدى.
33 ئەيسا شۇ كىشىدىن جىننى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى. خالايىق ھەيران بولۇپ: «ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان»،— دېيىشتى.
34 بىراق، پەرىسىيلەر: «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقىغا تايىنىپ قوغلاپ چىقىرىدۇ»،— دېدى.
35 ئەيسا بارلىق شەھەرلەرنى ۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلدى ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنى ساقايتتى.
36 ئۇ توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار پادىچىسى يوق، تاشلىۋېتىلگەن قويلاردەك تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئېزىلگەن ئىدى.
37 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا: «ھوسۇل كۆپ، لېكىن ئورمىچىلار ئاز
38 شۇڭلاشقا، ھوسۇل ئىگىسىدىن ئۆز ھوسۇلىنى يىغىشقا ئورمىچىلارنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنۈڭلار»،— دېدى.