مۇقەددەس كىتاب لۇغىتى
ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز س ش ق گ م ن ھ ى ي
ئا
ئاق قاشتاش قۇتا.
مىسىردىكى ئالاباسترون دېگەن شەھەرنىڭ يېنىدىن چىقىدىغان تاشتىن ياسالغان خۇشپۇراقلىق ماينى ساقلايدىغان قۇتىنىڭ نامى. بۇ شەھەرنىڭ ئاق قاشتېشى داڭلىق بولغاچقا، تاشنىمۇ شۇنداق دەپ ئاتىغان. ئۇ بۈگۈكى كۈندىكى ئالاباستېر ئەمەس. ئۇ قاشتېشى قۇتىنىڭ بوينى ئىنچىكە ياسالغان بولۇپ، قىممەتباھا ماي ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېغىزى يېپىۋېتىلگەن.—مار 14:3.
ئالامەت، بەلگە.
ھازىر ياكى كەلگۈسىدىكى مەلۇم نەرسە، ئىش-ۋەقە، ۋەزىيەت ياكى ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى تونۇش ياكى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئۆزىگىچە خاسلىق، خۇسۇسىيەت ياكى سۈپەت.—مەت 24:3؛ ۋەھ 1:1.
ئالىي روھانىي.
ئىبرانىيچە يازمىلاردا «باش روھانىي» ۋە گرېكچە يازمىلاردا «ئالىي روھانىيلار» دەپ دېگەن سۆز-ئىبارىلەر، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە بېغىشلانغان روھانىيلارغا مەسئۇل بولغان كىشىلەر بولۇپ، بەلكىم «ئالىي روھانىيلار» ۋە 24 روھانىيلار توپىنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.—تا2 26:20؛ ئەز 7:5؛ مەت 2:4؛ مار 8:31.
ئازاب تۈۋرۈكى.
گرېكچە ستائۇروس. بۇ سۆز تۈۋرۈك ياكى تىك تىكلەنگەن تىرەك ياغاچنى بىلدۈرىدۇ. ئەيسانى شۇنداق تۈۋرۈككە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن. گرېكچە بۇ سۆزنى «كرېست» دەپ چۈشىنىشنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوق. مەسىھ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى زامانلاردا،نۇرغۇن ئەسىرلەر غەيرى دىنغا چوقۇنغۇچىلار دىنىي سىمۋوللۇق بەلگە سۈپىتىدە «كرېست» ئىشلەتكەن. ستائۇروس دېگەن گرېك سۆزىنى «ئازاب تۈۋرۈكى» دەپ تەرجىمە قىلىش بۇ سۆزنىڭ تولۇق مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆز ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق ۋە نۇمۇسنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.—مەت 16:24؛ ئىب 12:2.
ئە
ئەپكەش؛ بويۇنتۇرۇق.
ئەپكەش — چېلەك، كومزەك، كوزا، سېۋەت ۋە باشقا يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، بالداق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىغا تۆمۈر ياكى ياغاچ ئىلمەك بېكىتىلگەن سايمان. قەدىمدە قۇللار ئېغىر يۈكلەرنى توشۇش ئۈچۈن بويرۇنتۇرۇق شەكلىدە ياسالغان ئەپكەشنى ئىشلەتكەن. بويۇنتۇرۇق — قوش، جۇۋاز، تۇلۇق ۋە ھارۋا قاتارلىقلارغا قېتىلىدىغان ئۆكۈزلەر ياكى باشقا مال-چارۋىلارنىىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان ئەگرى ياغاچ. ئۇ كۆچمە مەنىدە جەبىر-جاپا، زۇلۇم ياكى ئېزىشنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەپكەش ياكى بويرۇقتۇقنى ئېلىپ تاشلاش ياكى سۇندۇرۇش قۇللۇقتىن، زۇلۇمدىن ۋە مەجبۇرىي ئىش-ئەمگەكتىن ئازات بولۇش دېمەكتۇر.—لاۋ 26:13؛ مەت 11:29، 30.
ئەلچى.
بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى «ئەۋەتىلگەن». باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئەيساغا ۋە بەزىبىرلىرىگە قارىتا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە ئەيسانىڭ 12 شاگىرتلىرى شۇنداق ئاتىلىدۇ. ئەيسا ئۆزى ئۇلارنى تاللىغان ۋە ۋەكىللىرى سۈپىتىدە تەيىنلىگەن.—مار 3:14؛ ئەلچ 14:14.
ب
بەئەلزىبۇل.
بۇ نام شەيتانغا تېگىشلىك بولۇپ، جىنلارنىڭ ھۆكۈمرانى ياكى باشلىقى دېگەنلىكتۇر. بۇ نام ئەكرون شەھىرىدىكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبادەت قىلغان بائال ئىلاھنىڭ باشقا نامى. بۇ بائال-زابۇبنىڭ ئۆزگىچە بىر يېزىلىشى بولۇشى كېرەك.—پا2 1:3؛ مەت 12:24.
بېشارەت.
خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئالدىن ئېيتىلغان بىر خەۋەر. بېشارەت خۇدادىن كەلگەن تەلىم، بۇيرۇق، ھۆكۈم ياكى كەلگۈسىدە بولىدىغان مەلۇم بىر ئىشنى ئىنسانلارغا جاكارلاش بولۇشى مۇمكىن.—مەت 13:14؛ پې2 1:20، 21.
پ
پەردە.
كېرۇبلار كەشتىلىنىپ تىكىلگەن چىرايلىق رەخت ياكى پەردە. ئۇ مۇقەددەس چېدىردىكى ۋە ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرغان ئىدى.—چىق 26:31؛ تا2 3:14؛ مەت 27:51؛ ئىب 9:3.
پەرىسىيلەر.
مىلادى 1-ئەسىردىكى يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇھىم بىر مەزھىپى. ئۇلار روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس، ئەمما تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك قائىدە-تەلەپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئېغىزدىن-ئېغىرغا كۆچۈپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى قانۇن بىلەن تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرگەن (مەت 23:23). ئۇلار گرېك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرغان، تەۋرات قانۇنىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۇبدان بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدا زور ھوقۇقى بار ئىدى (مەت 23:2–6). بەزى پەرىسىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئۇلار ھەمىشە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى تۇتۇش، گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن ئارىلىشىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەيسا مەسىھكە نارازىلىق كۆرسەتكەن. گايبىرلىرى، مەسىلەن تارسۇسلۇق سائۇل كېيىن مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان.—مەت 9:11؛ 12:14؛ مار 7:5؛ لۇق 6:2؛ ئەلچ 26:5.
پەرىشتىلەر.
ئىبرانىيچە مالاك، گرېكچە ئاگېلوس. بۇ ھەر ئىككى سۆز «ئەلچى، خەۋەرچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، روھىي مەۋجۇدات توغرۇلۇق ئېيتىلغاندا «پەرىشتە» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ (يار 16:7؛ 32:3؛ ياق 2:25؛ ۋەھ 22:8). پەرىشتىلەر خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان كۈچلۈك روھىي مەۋجۇداتلار. ئۇلار ئىنسانلاردىن بۇرۇن يارىتىلغان. پەرىشتىلەر مۇقەددەس كىتابتا «مىڭلىغان مۇقەددەسلەر»، «خۇدا ئوغۇللىرى»، «تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار» دەپ ئاتالغان (ق.ش 33:2؛ ئاپ 1:6؛ 38:7؛ يەھ 14). ھەربىر پەرىشتىنى خۇدا ئۆزى ياراتقان، ئۇلارغا كۆپىيىش ئىقتىدارى بېرىلمىگەن. ئۇلارنىڭ سانى يۈز مىليوندىن ئوشۇقتۇر (دان 7:10). مۇقەددەس كىتابتا ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ شەخسىي ئىسىمى ۋە مىجەز-خۇلقى بارلىقى يېزىلغان. بىراق، ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلىشنى رەت قىلىدۇ. كۆپچىلىكى ھەتتا ئۆز ئىسىمىنى ئاشكارە قىلمايدۇ (يار 32:29؛ لۇق 1:26؛ ۋەھ 22:8، 9). ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى پەرقىلىق بولۇپ، خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا خىزمەت قىلىش، ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزۈش، يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرىگە ياردەم بېرىش، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش قاتارلىق ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ (پا2 19:35؛ زەب 34:7؛ مەت 4:11؛ لۇق 1:30، 31؛ ۋەھ 5:11؛ 14:6). كېلەچەكتە ئارماگېددون ئۇرۇشىدا، ئۇلار ئەيسانى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.—ۋەھ 19:14، 15.
ت
تالانت.
ئىبرانىيچە يازمىلاردىكى ئەڭ چوڭ پۇل ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر تالانت 2.34 كىلوگىرامغا تەڭ. گرېكچە يازمىلاردا بىر تالانت بولسا بىر ئاز كىچىكرەك بولۇپ، تەخمىنەن 4.20 كىلوگىرامغا تەڭ.—تا1 22:14؛ مەت 18:24.
توۋا قىلىش.
بۇ سۆز مۇقەددەس كىتابتا ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرۇنقى ھايات تەرزى، ناتوغرا ئىش-ھەرىكەتلىرى ياكى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن چىن يۈرەكتىن پۇشايمان قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. ئادەمنىڭ چىن قەلبىدىن ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.—مەت 3:8؛ ئەلچ 3:19؛ پې2 3:9.
تۇلۇم.
قورسىقىنى يارماي سويغان ئۆشكە ياكى قوي دېگەندەك ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تەييارلانغان خالتا. قەدىمقى زاماندا شارابنى پەقەت يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىغان، چۈنكى شاراپ ئېچىغاندا، تۇلۇمغا بېسىم چۈشۈرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد گازى ھاسىل بولىدۇ. يېڭى تولۇملار ئەۋرىشىم ھالاتتە بولۇپ كېڭىيىدۇ، لېكىن كونا تۇلۇملارنىڭ ئەرۋىشمچانلىقى يوقالغاچقا، بېسىم ئېشىپ كەتكەندە يېرىلىپ كېتىدۇ.—يە 9:4؛ مەت 9:17.
تۆلەم.
ئەسىرلىكتىن، جازادىن، ئازابتىن، گۇناھ ياكى بىرەر مەجبۇرىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل پۇلى. بەدەل ئۈچۈن چوقۇم پۇل تۆلەش شەرت ئەمەس ئىدى (يەش 43:3). تۆلەم ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن، ئىسرائىلدا توغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى ئەركەك مال-چارۋا يەھۋا خۇداغا مەنسۈپ بولغاچقا، ئۇلارنى چوقۇم يەھۋانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىش كېرەكتى، شۇڭا ئۇلارنى تۆلەم ياكى بەدەل پۇلى تۆلەپ ئالاھىدە خىزمەتكە ئىشلىتىشتىن ئازاد قىلغان ئىدى (سان 3:45، 46؛ 18:15، 16). ئەگەر بىر كىشىنىڭ بۇقىسى ئادەمنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئىگىسى ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆلەم پۇلى تۆلىشى كېرەكتى (چىق 21:29، 30). ئەمما قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بىرى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم قىلىنمىغان ئىدى (سان 35:31). ئەڭ مۇھىمى، مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانىيەتنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ بەرگەن تۆلەم ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.—زەب 49:7، 8؛ مەت 20:28؛ ئەف 1:7.
تۈۋرۈك.
تىك ئورنىتىلغان ياغاچ ياكى تىرەك. قەدىمقى زاماندا كىشىلەر ياغاچ تۈۋۈركنى جازالاش قورالى قىلغان. بەزى دۆلەتلەر تۈۋرۈك ياغاچ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ياكى جەسەتنى ئېسىپ قويۇپ، باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىنايەتچىنى خەلقنىڭ ئالدىدا سازايى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. رەھىم-شەپقەتسىز دەپ نامى جاھانغا پۇر كەتكەن ئاسسۇرىيەلىكلەر جەڭدە ئەسىرلىككە چۈشكەنلەرنى يالىڭاچلاپ ئۇچى ئۇچلۇق تۈۋرۈكلەرگە قورساق قىسىمىدىن ئېسىپ قويغان، تۈۋرۈكنىڭ ئۇچى قورساق قىسىمىدىن تېشىپ كىرىپ، مەيدىسىدىگە تاقاشقان. يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنى بويىچە، خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلىش ياكى بۇتپەرەسلىك قاتارلىق يىرگىنىچلىك گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەر ئاۋۋال چالما-كېسەك قىلىنىپ ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن، ئاندىن كېيىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈش جەسەتنى تۈۋرۈككە ياكى دەرخكە ئېسىپ قويغانىدى (ق.ش 21:22، 23؛ سا2 21:6، 9). رىملىقلار بولسا، بەزىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادەمنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويغان. شۇ كىشى بىرنەچچە ئاغرىق، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە قۇياش نۇرىدا قاتتىق ئىسسىق ئۆتۈشتەك ئازابلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ كېتەتتى. باشقا ۋەزىيەتلەردە، مەسىلەن رىملىقلار ئەيسا مەسىھنى ئۆلتۈرگەندە، ئۇنىڭ پۇت-قولىنى تۈۋرۈككە مىخلاپ قويغان ئىدى.—لۇق 24:20؛ يوھ 19:14–16؛ 20:25؛ ئەلچ 2:23، 36.
تىرىلدۈرۈش.
ئۆلۈكنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ قايتا ھايات ياشىشى. تىرىلدۈرۈش دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئاناستاسىس دېگەن گرېكچە سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى «تۇرغۇزۇلۇش» ياكى «قوپۇش». مۇقەددەس كىتابتا توققۇز كىشىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى توغرۇلۇق يېزىلغان، يەھۋا خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى تىرىلدۈرۈشى شۇلارنىڭ بىرى. ئىلياس، ئېلىشا، ھەزرىتى ئەيسا، پېترۇس ۋە پاۋلۇس باشقىلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مۆجىزىلەرنىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن قىلىنغانلىقى ئېنىق. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس، «ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەر» يەر يۈزىدە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدۇ (ئەلچ 24:15). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدىغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان. بۇ «دەسلەپكى» ياكى «بىرىنچى» تىرىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.—فل 3:11؛ ۋەھ 20:5، 6؛ يوھ 5:28، 29؛ 11:25.
ج
جىنسىي ئەخلاقسىزلىق.
گرېكچە پورنىئا. بۇ سۆز مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مەنئىي قىلىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭغا زىنا، پاھىشىۋازلىق، توي قىلماي تۇرۇپ بىرگە بولۇش، ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىقلارمۇ كىرىدۇ. ۋەھىي كىتابىدا دىنىي پاھىشە ئايال كۆچمە مەنىدە «بۈيۈك بابىل» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇق-مەنسەپ ۋە بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن زىنا قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.—ۋەھ 14:8؛ 17:2؛ 18:3؛ مەت 5:32؛ ئەلچ 15:29؛ گال 5:19.
جەينەك.
بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئۆلچەم بىرلىگى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەينەكتىن ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق. ئادەتتە ئىسرائىللار تەخمىنەن 44، 5 سانتىمېترغا تەڭ بولغان جەينەكنى ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بىر ئالقان ئۇزۇن، يەنى تەخمىنەن 51، 8 سانتىمېتراغا تەڭ جەينەكنىمۇ ئىشلەتكەن.—يار 6:15؛ مەت 6:27؛ لۇق 12:25؛ ۋەھ 21:17.
چ
چەك تاشلاش.
ئۇششاق تاشلار ياكى كىچىك ياغاچ پارچىلىرىنى توننىڭ ئېتىكىگە ياكى بىر قاچىغا سېلىپ ئۇيان-بۇيان سىلكىپ، يەرگە ياكى قولغا چۈشكەن بىرىنى تاللاپ، قارار چىقىرىش ئۇسۇلى. ئادەتتە چەك تاشلاشتىن ئاۋۋال دائىم دۇئا قىلغان ئىدى.—مەت 27:35؛ ئەلچ 1:26.
چۆمۈلدۈرۈش؛ چۆمۈلدۈرمەك.
بۇ پېئىل «سۇغا پۈتۈنلەي چۆكۈرۈلۈشنى» بىلدۈرىدۇ. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا پەرقلىق چۆمۈلدۈرۈشلەر، مەسىلەن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشى، مۇقەددەس روھ بىلەن ۋە ئوت بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈش تىلغا ئېلىنغان.—مەت 3:11، 16؛ 28:19؛ يوھ 3:23؛ پې1 3:21.
خ
خەيىر-ساخاۋەتلىك ئىشلار.
مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم سۈپىتىدە بېرىلىدىغان سوۋغاتلار. ئىبرانىيچە يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق ئۇدۇل ھېچنەرسە ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنىدا ئىسرائىللارنىڭ كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش مەجبۇرىيەتلىرى توغرۇلۇق ئېنىق قانۇن-قائىدىلەر كۆرستىلگەن ئىدى.—مەت 6:2.
خۇدا پادىشاھلىقى.
بۇ پۈتۈن كائىنات ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خۇدانىڭ ئالاھىدە ھۆكۈمىتى. بۇ پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ.—مەت 12:28؛ لۇق 4:43؛ كو1 15:50.
د
داۋۇتنىڭ ئەۋلادى.
بۇ سۆز-ئىبارە كۆپۈنچە ئەيساغا قارىتا ئىشلىتىلگەن. بۇ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن كېلىدىغان بىرىنىڭ پادىشاھلىق ئەھدىسىنىڭ مىراسخورى بولىدىغانلىقىنى تەكىتىلىگەن ئىدى.—مەت 12:23؛ 21:9.
دەم ئېلىش كۈنى، دەم ئېلىش يىلى.
«شاببات» دېگەن ئىبرانىيچە سۆزنىڭ «دەم ئېلىش، توختىتىش» دېگەن مەنىسى بارناغا ئىگە. يەھۇدىيلار ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنىنى (جۈمە كۈنى كۈن پېتىشتىن باشلاپ شەنبىنىڭ كۈن پېتىشىغىچە داۋاملاشقان) ۋە بەزى باشقا بايراملارنى دەم ئېلىش كۈنى دەپ ئاتىغان. ھەربىر يەتتىنچى ۋە ئەللىكىنچى يىلى بولسا، دەم ئېلىش يىلى دەپ ئاتالغان. دەم ئېلىش كۈنىدە روھانىيلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشلەش رۇخسەت قىلىنمىغان. دەم ئېلىش يىلى يەر تېرىش ۋە ھوسۇل يىغىش مەنئىي قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۇدىيلار بىر-بىرىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈپ، قەرز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىغان. تەۋرات قانۇنىدىكى دەم ئېلىش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان، لېكىن دىنىي رەھبەرلەر ئۆز قائىدىلىرىنى ئورنىتىپ، ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە دەم ئېلىش كۈنى توغرىسىدىكى قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان.—چىق 20:8؛ لاۋ 25:4؛ لۇق 13:14–16؛ كول 2:16.
دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت.
«بالايىئاپەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز كىشى قىيىن ۋەزىيەتلەردە باشتىن كەچۈرگەن جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قىيلىنىشلارنى بىلدۈرىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر ئىنسانىيەت تارىخىدە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» توغرۇلۇق سۆز قىلغاندا، بۇ بالايىئاپەتنىڭ يېرۇسالېم خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاساسلىقى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەتنى كۆزدە تۇتۇپ سۆز قىلغان ۋە بۇ بالايىئاپەت بىلەن ئەيسانىڭ ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە كېلىشى بىلەن باغلىنىشى بار (مەت 24:21، 29–31). ئەلچى پاۋلۇس بۇ چوڭ بالايىئاپەتنى «خۇدانى تونۇمىغانلاردىن ۋە ھەزرىتىمىز ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىغانلاردىن» ھېساب ئالىدىغان خۇدانىڭ ئادىل جازاسى دەپ تەسۋىرلىگەن. ۋەھىي كىتابى 19-باب، ئەيسانىڭ ئاسماندىكى قوشۇننى باشلاپ، «ۋەھشىي ھايۋان، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا» قارشى جەڭگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (سل2 1:6–8؛ ۋەھ 19:11–21). بۇنىڭدىن باشقا، ۋەھىي كىتابىدا «زور بىر توپ خالايىق» بۇ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتىدىغانلىقى يېزىلغان.—ۋەھ 7:9، 14.
دراخما.
گرېكچە يازمىلاردا بۇ سۆز ئېغىرلىقى 4.3 گرام بولغان گرېك ھۆكۈمىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگىسىنى كۆرسەتكەن. ئىبرانىيچە يازمىلاردا بولسا، پارس دۆلىتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن دراخمىغا (1 دارىكقا تەڭ بولغان).—مەت 17:24.
دېكاپولىس (ئون شەھەر).
دەسلەپتە ئون شەھەردىن شەكىللەنگەن گرېك شەھەرلىرىنىڭ توپى (گرېچە «دېكا» مەنسى ئون، «پولىس» مەنىسى شەھەر). بۇ شەھەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى جەلىلىيە دېڭىزى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شۇ رايونمۇ دېكاپولىس دەپ ئاتالغان. ئۇلار گرېك (يونان) ھاكىميىتى دەۋرىدە مەدەنىيەت ۋە سودا-سېتىق مەركەزلىرى بولغان. بەلكىم، ئەيسا بۇ جايدىن ئۆتكەن، لېكىن شۇ شەھەرلەرگە كىرمىگەن.—مەت 4:25؛ مار 5:20.
دىنار.
ئېغىرلىقى 85.3 گرامچە بولغان رىم ھۆكۈمىتىنىڭ كۈمۈش تەڭگىسى، بىر تەرىپىدە قەيسەرنىڭ رەسىمى بولغان. ياللانغان ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى بىر دىنار ئىدى. يەھۇدىيلار رىملىقلارغا باج پۇلى تاپشۇرۇغدا شۇ كۈمۈش تەڭگىنى ئىشلەتكەن.—مەت 22:17؛ لۇق 20:24.
ر
روزا.
چەكلىك بىر ۋاقىت ئۈچۈن ھەرقانداق تاماقتىن ۋاز كېچىش. قەدىمقى زاماندا ئىسرائىللار گۇناھلارنى كەچۈرۈش كۈنى، قايغۇغا پاتقان ۋاقتىدا ياكى بولمىسا خۇدادىن يول-يورۇق سورىغاندا روزا تۇتقان ئىدى. يەھۇدىيلار يىلدا تۆت قېتىم روزا تۇتۇپ، ئۆتمۈشتە باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئەسلىگەن. لېكىن، خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇش شەرت ئەمەس.—ئەزر 8:21؛ يەش 58:6؛ مەت 4:2؛ 9:14؛ لۇق 18:12؛ ئەلچ 13:2، 3؛ 27:9.
روھ.
كۆپىنچە «روھ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان ئىبرانىيچە رۇئاخ ۋە گرېكچە پنېۋما دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرنەچچە مەنىلىرى بار. ھەممە مەنىلىرىدە بىر ئورتاقلىق بار: كۆزگە كۆرۈنمىسىمۇ، مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىش-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبرانىيچە ۋە گرېكچە سۆزلەر تۆۋەندىكى مەنىلەردە ئىشلىتىگەن: (1) شامال،(2) يەردىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتلىق كۈچى، (3) ئادەمنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر قىلىدىغان سىمۋوللۇق يۈرىكى ياكى قەلبىدىكى كۈچ،(4) كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مەنبەدىن چىقىدىغان خەۋەر،(5) خۇدا ۋە پەرىشلىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىي شەخسلەر ۋە (6) خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى، يەنى مۇقەددەس روھ.—لۇق 1:35؛ ئەلچ 1:8.
روھانىي.
خۇدانىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇدانى تونۇشى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرى ھەققىدە تەلىم بېرشىكە مەسئۇل بولغان ئەر كىشى. بۇنىڭدىن باشقا، روھانىيلار خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقگە ۋاكالىتەن بولۇپ، خۇداغا قۇربانلىقلارنى سۇنغان ۋە خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان. تەۋرات قانۇنى ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ھەربىر ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن روھانىيدەك بولغان ئىدى. قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لاۋىي قەبىلىسىدىن چىققان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلغان. لاۋىي قەبىلىسىدىكى باشقا ئەرلەر ئۇلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى. يېڭى ئەھدە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، روھىي ئىسرائىل بولسا روھانىيلار پادىشاھلىقى بولغان. ئەيسا مەسىھ بولسا، ئۇلارنىڭ ئالىي روھانىيسى بولغان.—چىق 28:41؛ ئىب 9:24؛ ۋەھ 5:10.
ز
زامان.
گرېكچە ئايون دېگەن سۆز دەۋر، ۋاقىت، دۇنيا دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ سۆز ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ۋەزىيتى، مەلۇم بىر مەزگىل، دەۋىر ياكى ئەسىرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشىلىتگەن ئىبارە. كىتابتا بۇ سۆز «زامانىمىز» «بۇ دۇنيا» ياكى «دەۋىر» دەپ تىلغا ئېلىنغاندا، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومومىي ۋەزىيىتى ۋە ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنياغا ماس ياشاۋاتقان ھايات تەرزىنى بىلدۈرىدۇ (كو1 2:6؛ تى2 4:10). خۇدا ئۆز خەلقىگە تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەندە، يېڭى بىر زامان باشلىنىپ، بەزىلەر ئۇنى ئىسرائىللار ياكى يەھۇدىيلارنىڭ دەۋرى دەپ ئاتىغان. ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق خۇدا مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى زامانغا يول ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن قانۇنى ئەھدىدە ئېيتىلغان بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان يېڭى دەۋر باشلانغان. «زامان» سۆزى كۆپلۈك تۈردە قوللىنىلغاندا، ھەرخىل زامانلاردا ياكى دۇنيادا ھۆكۈم سۈرگەن ياكى كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ.—مەت 24:3؛ مار 4:19؛ رىم 12:2؛ كو1 10:11.
زاماننىڭ ئاخىرى.
شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ دۇنيانىڭ يوق بولۇشى بىلەن تۈگەيدىغان بىر مەزگىل ۋاقىت. بۇ مەزگىل ئەيسانىڭ ھازىر بولۇشى بىلەن باشلانغان. ئەيسانىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا پەرىشتىلەر يامان كىشىلەرنى ئادىل كىشىلەردىن ئايرىپ يوق قىلىدۇ (مەت 13:40–42، 49). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى زامان ئاخىرىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىغا قىزىققان (مەت 24:3). ئاسمانغا قايتىشتىن ئاۋۋال ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە بۇ زاماننىڭ ئاخىرغىچە ھەردائىم سىلەر بىلەن بىللە بولۇمەن دەپ ۋەدە قىلغان.—مەت 28:20.
زىنا قىلىش.
توي قىلغان ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆز جۈپتىدىن باشقا بىرى بىلەن ئۆزى خالاپ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى.
س
سادۇقىيلار.
بۇ يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇھىم بىر مەزھىپى بولۇپ، باي ئاق سۆڭەكلەر ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان روھانىيلاردىن شەكىللەنگەن ئىدى. سادۇقىيلار پەرىسىيلەرنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بەزى تەلىملىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇلار تىرىلىش ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئۇلار ئەيسا مەسىھكە قارشى چىققان.—مەت 16:1؛ ئەلچ 23:8.
سىناگوگ.
بۇ گرېكچە سۆزنىڭ مەنىسى «جەم بولۇش، يىغىلىش». بىراق، مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپۈنچە ئايەتلەردە، بۇ بىر بىنا ياكى جاينى كۆرسەتكەن. يەھۇدىيلار ئۇ جايغا يىغىلىپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئۈنلۈك ئوقۇغان، تەلىم ئالغان، ۋەز قىلغان ۋە دۇئا قىلغان. ئەيسانىڭ زامانىدا ئىسرائىل زېمىنىدا كىچىك شەھەرلەردە بىر، چوڭ شەھەرلەردە بىرنەچچە سىناگوگلار بولغان ئىدى.—لۇق 4:16؛ ئەلچ 13:14، 15.
ش
شەيتان.
بۇ ئىبرانىيچە سۆزنىڭ مەنىسى — «قارشىلاشقۇچى». ئەسلى تېكىستتا بۇ سۆزنىڭ ئالدىدا ئېنىق ئارتىكل يېزىلغان بولسا، خۇدانىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى شەيتان ئىبلىس كۆزدە تۇتۇلغان.—ئاپ 1:6؛ مەت 4:10؛ ۋەھ 12:9.
ق
قاراۋۇللار.
ئادەتتە ئۇلار كۆپىنچە كېچىسى ئادەملەرنى ياكى مال-مۈلۈكنى قوغداپ، خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان. شەھەر قاراۋۇللىرى شەھەر سېپىل تاملىرى ۋە مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلارنى يىراقتىن كۆزەتكەن. قاراۋۇللار ھەربىي قوشۇنلاردا قوغدىغۇچى ياكى چارلىغۇچى دەپ ئاتالغان.—مەت 27:65؛ 28:4.
قانۇن، تەۋرات قانۇنى.
قانۇن دېگەن سۆز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلارغا چۈشۈرگەن قانۇننى ياكى مۇقەددەس كىتابنىڭ دەسلەپكى بەش كىتابىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇسا قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە بەزىدە شۇ قانۇننىڭ ئايرىم قانۇن-نىزاملىرى ياكى پرىنسىپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.—سان 15:16؛ ق.ش 4:8؛ مەت 7:12؛ گال 3:24.
قەسەم.
خۇدانىڭ ئالدىدا بىرەر ئىشنى قىلىش، ئۇنىڭغا قانداقتۇ بىر قۇربانلىق ياكى سوۋغات بېرىش، ئالاھىدە خىزمەتنى ئورۇنلاش ياكى مەلۇم بىر نەرسىدىن (قانۇنغا زىت بولمىسىمۇ) ۋاز كېچىش توغرۇلۇق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىش.—مەت 5:33.
قۇربانلىق سۇپىسى.
توپدىن، دۆۋە تاشلاردىن ياكى مېتال قاپلانغان ياغاچتىن ياسالغان قۇرۇلما. ئۇنىڭ ئۈسىتدە ئىبادەت قىلغان چاغدا قۇربانلىقلار ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر كۆيدۈرۈلگەن. مۇقەددەس چېدىرىنىڭ ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بىرىنچى بۆلمىدە خۇشپۇراق ئىسرىق كۆيدۈرۈش ئۈچۈن كىچىك «ئالتۇن سۇپا» قويۇلغان. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئالتۇن قاپلانغان ياغاچتىن ياسالغان ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ۋە مۇقەددەس چېدىرىنىڭ ھويلىلىرىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يوغان «مىس قۇربانلىق سۇپىسى» بولغان. قۇربانلىق سۇپىلىرى ئادەتتە ساختا ئىبادەت ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن.—چىق 39:38، 39؛ پا1 6:20؛ مەت 5:23، 24؛ لۇق 1:11؛ ئەلچ 17:23.
گ
گەھاننا.
قەدىمقى يېرۇسالېمنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان ھېننوم جىلغىسىنىڭ گرېكچە ئاتىلىشى (يەر 7:31). بۇ جاينىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىدىغان يەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئالا ئېيتىلغان (يەر 7:32؛ 19:6). گەھاننادا ھايۋاناتلار ياكى ئادەملەر تىرىك ھالدا كۆيدۈرۈلۈپ، قىينالغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سۆز ئادەملەرنىڭ جېنى مەڭگۈ ئازابلىنىدىغان دوزاقنى بىلدۈرەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بۇ سۆزنى «ئىككىنچى ئۆلۈم»، يەنى تەل-تۈكۈس يوق قىلىنىشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.—ۋەھ 20:14؛ مەت 5:22؛ 10:28.
گۆر.
ئۆلۈكنى يەرلەيدىغان جاي، قەبرە. نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قەبرىستانلىقى كۆرسىتىلگەندە ئىبرانىيچە «شېئول»، گرېكچە «ھەيدىس» سۆزلىرى «گۆر ياكى گۆرىستانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مۇقەددەس كىتابتا بۇ سۆز سىموۋۇللۇق مەۋھۇم جاي ياكى ئىش-ھەرىكەتسىز، ئەس-ھوشسىز ھالەتنى ئىپادىلىگەن.—يار 47:30؛ ۋەز 9:10؛ مەت 27:61؛ ئەلچ 2:31.
م
ماخاۋ.
ئېغىر يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى. مۇقەددەس يازمىلاردا تىلغان ئېلىنغان ماخاۋ پەقەت ئادەملەرگە يۇقۇپ قالماي، يەنە كىيىم-كېچەك ۋە ئۆيلەردە پەيدا بولغان. شۇڭلاشقا، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە بىز بىلىدىغان ماخاۋ كېسەلدىن پەرقىلىنىدۇ.
مەستىكى.
(مەستىكى رۇمى) بوسۋېلىيا تۈردىكى دەرەخلەر ياكى چاتقالاردىن ئېقىپ قۇرۇپ قالغان دېۋىرقاي (يېلىم). كۆيدۈرۈلگەندە خۇشپۇراق چىقىرىدۇ. مۇقەددەس چېدىردا ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلگەن ئىسرىقنىڭ تەركىبى ماددىلىرىدىن بىرى مەستىكى ئىدى. ئۇ ئاشلىق ھەدىيىسى بىلەن بىللە سۇنۇلغان ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا تىزىلغان ھەربىر قاتار ناننىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان.—چىق 30:34–36؛ لاۋ 2:1؛ 24:7؛ مەت 2:11.
مەسىھ.
بۇ ئەيسانىڭ نام-ئۇنۋانى. گرېكچە «خرىستوس»، ئىبرانىيچە «مەسىھ» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش. بۇ «بېشىغا ياغ قۇيۇلغان كىشى» دېگەن بىلدۈرىدۇ. بىر كىشى ئالاھىدە ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلغاندا، بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ مەسىھ قىلىنغان.—مەت 1:16؛ يوھ 1:41.
مۇقەددەس روھ.
خۇدانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆزگە كۆرۈنمەس زور كۈچ-قۇدرىتى. بۇ كۈچ مۇقەددەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئىگىسى كائىناتتىكى ئەڭ پاك ۋە ئەڭ ئادىل يەھۋا. شۇنداقلا خۇدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىرادىسىنى بۇ كۈچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.—لۇق 1:35؛ ئەلچ 1:8.
مۇقەددەس يازمىلار.
خۇدا سۆزى قەلەمگە ئېلىنغان مۇقەددەس يازمىلار. بۇ سۆز-ئىبارە پەقەت گرېكچە يازمىلاردا ئۇچرايدۇ.
مۇرمەككى.
كوممىفورا (Commiphora) دېگەن بىر خىل تىكەنلىك چاتقال ياكى پاكا دەرەخلەردىن ئېلىنىدىغان خۇشپۇراق دېۋىرقاي (يېلىم). قەدىمقى زاماندا مەسىھ قىلىشتا ئىشلىتىلگەن مۇقەددەس ياغنىڭ تەركىبى ماددىلىرىدىن بىرى مۇرمەككى ئىدى. ئۇنى يەنە كىيىم-كېچەك ياكى ئورۇن-كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەرنى خۇشپۇراق ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بەدەننى ئۇۋلاش مېيى ۋە تېرىنى ئاسراش مېيى دېگەنلەرگە قوشقان. مۇرمەككى شارابقا ئارىلاشتۇرۇلۇپ كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئىچىملىك ياسالغان. يەنە مۇرمەككى جەسەتنى كىپەنلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن.—چىق 30:23؛ پ.ن 7:17؛ مار 15:23؛ يوھ 19:39.
مۇنەججىملەر.
كېلەچەكتە بولىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنى ئالدىن بىلىش ئۈچۈن قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ پال سالىدىغان ئادەملەر.—مەت 2:1.
مۆجىزە.
(قۇدرەتلىك ئىش) ئادەملەر بۇرۇن ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان، غەيرى تەبىئىي ئىشلار ۋە ھادىسىلەر. مۇقەددەس كىتابتا ئۇچرايدىغان «كارامەت» ۋە «ئالامەت» دېگەن سۆزلەرمۇ ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.—مەت 11:20؛ ئەلچ 4:22؛ ئىب 2:4.
مۆھۈر.
بىرەر نەرسىگە ئىزىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتلىگەن نەرسە. (ئادەتتە سېغىز توپا ياكى موم ئۈستىگە بېسىلغان)، بۇ ئۇنىڭ راستلىقىنى، بىرسىگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ياكى بىر كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە مۆھۈرلەنگەن باشقا نەرسىلەرنىڭ، مەسىلەن، ئىشىك-دەرۋازىلار ياكى قەبىرلەرنى بۇزۇپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. قەدىمدە مۆھۈر قاتتىق ماتېرىياللاردىن (تاش، پىل چىشى ياكى ياغاچتىن) ياسىلىپ، ئۇنىڭدا ھەرىپلەر ياكى نەقىش سۈرەتلەر ئويۇلغان. مۇقەددەس كىتابتا مۆھۈر كۆچمە مەنىدە بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي، بىرىگە تەئەللۇق، يوشۇرۇن ياكى مەخپىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە بولغان.—مەت 27:66؛ يوھ 6:27؛ ئەف 1:13؛ ۋەھ 5:1؛ 9:4.
ن
ناپاك، ھارام.
جىسمانىي جەھەتتىن پاسكىنا، مەينەت نەرسىلەرنى ياكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بۇزۇشنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا بۇ سۆز ئادەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ياكى ناپاك، ھارام دەپ ھېسابلانغان نەرسىلەرگە قارىتا ئىشلىتىلگەن.—لاۋ 5:2؛ 13:45؛ مەت 10:1؛ ئەلچ 10:14؛ ئەف 5:5.
ناسىرەلىك.
ناسىرە دېگەن يۇرتتىن چىققان ئەيسانى شۇنداق ئاتىغان. بۇ ئىبارىنىڭ يەشايا 11:1-ئايەتتىكى «بىخ» دېگەن ئىبرانىيچە سۆز بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. كېيىنرەك، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ھەم ناسىرەلىك دەپ ئاتاشقان.—مەت 2:23؛ ئەلچ 24:5.
ھ
ھازىر بولۇشى.
گرېكچە يازمىلارنىڭ بەزى تېكىستلىرىدە، ئەيسا مەسىھ خۇدا پادىشاھلىقىدا تەختىگە ئولتۇرغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بۇ دۇنيانىڭ «ئاخىرقى كۈنلىرىدە» كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ سۆز-ئىبارىنى ئىشلىتىلگەن. مەسىھنىڭ ھازىر بولۇشى كېلىپلا تېزلىكتە كېتىپ قېلىشنى ئەمەس، بىر مەزگىل ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مەسىھنىڭ قايتا ھازىر بولۇشى بىلەن ئاخىرقى زامان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باشلىنىدۇ.—مەت 24:3.
ھەيدىس.
بۇ گرېكچە سۆز بىلەن ئىبرانىيچە «شېئول» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. _ گۆر دېگەن سۆزگە قاراڭ.
ھويلا.
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئەتراپىنى قورشىغان ئوچۇق مەيدان. كېيىن، ئىبادەتخانىدىكى باش ئىمارەتنىڭ ھويلىسىنى تام بىلەن قورشاپ تۇرغان ئوچۇق مەيدان. مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىدا ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىدا قۇربانلىق سۇپىسى تۇرغان ئىدى. مۇقەددەس كىتابتا ئۆيلەر ۋە سارايلارنىڭمۇ ھويلىسى توغرۇلۇق تىلغا ئېلىنغان.—چىق 8:13؛ 27:9؛ پا1 7:12؛ مەت 26:3؛ مار 15:16؛ ۋەھ 11:2.
ھۆكۈم كۈنى.
مەلۇم بىر توپ كىشىلەر، دۆلەت ياكى پۈتۈن ئىنسانىيەت خۇدانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشى بەلگىلەنگەن ئالاھىدە بىر كۈن ياكى مەزگىل. ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بولغانلار ئۈچۈن، ھۆكۈم كۈنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈن بولۇشى مۇمكىن؛ باشقا كىشىلەر ئۈچۈن بولسا، ھۆكۈم كۈنى قۇتقۇزۇلۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغان كۈنى بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى تىلغا ئالغان «ھۆكۈم كۈنى» كەلگەندە، ھايات ياشاۋاتقانلار ۋە ئۆتمۈشتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىمۇ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.—مەت 12:36.
ھىرود.
رىم ئىمپېرىيىسى يەھۇدىيلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن بىر ئائىلە جەمەتى ياكى خاندانلىقنىڭ ئىسىمى. ئەڭ دەسلەپكى ھۆكۈمران — ئۇلۇغ ھىرود. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى قايتا ئۆزگەرتىپ سالغانلىقىنى ۋە بوۋاق ئەيسانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بويرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ (مەت 2:16؛ لۇق 1:5). ھىرود ئارخېلائۇس ۋە ھىرود ئانتىپاس ئۆز ئاتىسى ئۇلۇغ ھىرود ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن زېمىندىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا ھۆكۈمرانلار بولۇشقا تەيىنلەنگەن (مەت 2:22). ئانتىپاس— شۇ زاماندىكى كشىلەر ئۇنى خان (تېترارخ) دەپ ئاتايتتى. ئۇ ھۆكۈمران بولغان مەزگىل ئەيسا مەسىھ ئۈچ يېرىم يىل ۋەز خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتتىن تاكى ئەلچىلەرنىڭ پائالىيىتى 12 بابتا خاتىرلەنگەن ئىش-ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتقىچە داۋاملاشقان ئىدى (مار 6:14–17؛ لۇق 3:1، 19، 20؛ 13:31، 32؛ 23:6–15؛ ئەلچ 4:27؛ 13:1). كېيىن، ئۇلۇغ ھىرودنىڭ نەۋرىسى ھىرود ئاگرىپپا I ئۇنىڭ ئورنىغا تەخت ۋارىسى بولغان، ئەمما قىسقا ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (ئەلچ 12:1–6، 18–23). ئۇنىڭ ئوغلى ھىرود ئاگرىپپا II يەھۇدىيلار رىم ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنگە قەدەر ھۆكۈمران بولالىغان.—ئەلچ 23:35؛ 25:13، 22–27؛ 26:1، 2، 19–32.
ى
ئىبادەتخانا.
بۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئورنىغا سېلىنغان يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانا بىناسى. بۇ ئىسرائىللارنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش مەركىزى بولغان. دەسلەپكى ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ سالغانىدى، بىراق كېيىن ئۇ بابىللىقلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ئىككىنچى ئىبادەتخانىنى بابىلدىكى ئەسىرلىكتىن ئازاد بولۇپ، يۇرتىغا قايتقان زەرۇبابىل سالغان ۋە كېيىنچە ئۇنى ئۇلۇغ ھىرود I قايتا سالغان. مۇقەددەس كىتابتا ئىبادەتخانا كۆپىنچە «يەھۋانىڭ ئۆيى» دەپ ئاتالغان.—مەت 21:13؛ لۇق 11:51؛ تا1 29:1؛ تا2 2:4؛ مەت 24:1.
ئىبلىس.
گرېكچە يازمىلاردا ئىشلىتىلگەن بۇ سۆز شەيتاننى تەسۋىرليدىغان بىر نام. گرېكچە «دىئابولوس» سۆزىنىڭ مەنىسى — «تۆھمەتخور». شەيتاننى ئىبلىس دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى — ئۇ يەھۋا خۇدا، ئۇنىڭ ياخشى سۆزى،مۇقەددەس ئىسىمىغا تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلغان ساختا ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باشلىقى.—مەت 4:1؛ يوھ 8:44؛ ۋەھ 12:9.
ئىنسانئوغلى.
ئىنجىلنىڭ دەسلەپكى تۆت كىتابىدا بۇ سۆز-ئىبارە ئەيسا مەسىھكە قارىتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 80 قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ روھىي شەخس ئەمەس، بەلكى ئايالدىن توغۇلۇپ، جىسمانىي تەنگە ئىگە ئىنسان ھالىتىدە يەر يۈزىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇ سۆز-ئىبارە، ئەيسا مەسىھنىڭ دانىيال 7:13، 14-ئايەتلەردە يېزىلغان بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىبرانىيچە يازمىلاردا بۇ سۆز-ئىبارە ھەزەكىيال ۋە دانىيالغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خۇدانىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزگەن بەندىلەر بىلەن ئۇلارنى خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.—ئەز 3:17؛ دان 8:17؛ مەت 19:28؛ 20:28.
ي
يەھۋا.
يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىڭ گرېكچە يازمىلىرىدا يەھۋا دېگەن ئىسىم جەمئىي 237 قېتىم ئۇچرايدۇ. خۇدانىڭ ئىسىمىنى گرېكچە يازمىلاردا ئىشلىتىش قارارى مۇنۇ دەلىللەرگە ئاساسلانغان:
1. ئەيسانىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كۈنلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئىبرانىيچە يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىدا تېتراگرامماتون (تۆت ئىبرانىي ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن يېزىلغان خۇدا ئىسىمى) بار ئىدى.
2. ئەيسانىڭ ۋە ئەلچىلىرىنىڭ كۈنلىرىدە تېتراگرامماتون ئىبرانىيچە يازمىلارنىڭ گرېكچە تەرجىمىلىرىدىمۇ بار ئىدى.
3. گرېكچە يازمىلاردا ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغانلىقى ۋە باشقىلارغا تونۇتقانلىقى يېزىلغان.—يوھ 17:6، 11، 12، 26.
4. بار بولغان مۇقەددەس ئىبرانىي يازمىلارغا گرېكچە يازمىلار قوشۇلغان. شۇڭا، ئەگەر يەھۋانىڭ ئىسىمى بۇ يازمىلاردىن ئېلىۋېتىلگەن بولسا، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان بولاتتى.
5. گرېكچە يازمىلاردا قىسقارتىلغان خۇدا ئىسمى بار.—ۋەھ 19:1، 3، 4، 6.
6. يەھۇدىيلارنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئىبرانىي بولغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بىر-بىرىگە خەت يازغاندا خۇدا ئىسمىنى قوللانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
7. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىدىغان بەزى ئالىملار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئىبرانىيچە يازمىلاردىكى ئايەتلەر گرېكچە يازمىلاردا نەقىل كەلتۈرۈلگەندە خۇدانىڭ ئىسىمى ئىشلىتىلگەن.
8. مۇقەددەس كىتابنىڭ يۈزدىن كۆپرەك تىللاردىكى تەرجىمىلىرىنىڭ گرېكچە يازمىلىرىدا خۇدا ئىسىمى بار.
شەك-شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى گرېكچە يازمىلاردا ئۆز ئورنىغا قويۇش ئۈچۈن ئېنىق ۋە يېتەرلىك ئاساسلار بار. شۇ سەۋەبتىن، تەرجىمانلار يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە شۇ ئىسىمنى ئۆز ئورنىغا قويغان. ئۇلار خۇدادىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ ئىسىمىغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ ۋە ئەسلى تېكىستىدىكى بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېتىشتىن قورقىدۇ.—ۋەھ 22:18، 19.