4-تەتقىق ماقالىسى
ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش داستىخىنىدىن پادىشاھىمىز ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
«بۇ مېنىڭ تېنىمنى بىلدۈرىدۇ… . مېنىڭ ئەھدە قېنىمنى بىلدۈرىدۇ».—مەتتا 26:26—28.
14-ناخشا خۇدا ھەممىنى يېڭىلار
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئەيسا خاتىرىلەش داستىخىنىنى نېمە ئۈچۈن ئاددىي ئۆتكۈزگەن؟ (2) ئەيسانىڭ قايسى پەزىلەتلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنى قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ شۈبھىسىزكى، ھەممىمىز ئۇنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمىز، سەۋەبى بۇ خاتىرىلەش داستىخىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. «بۇ خاتىرىلەش شۇنچىلىك مۇھىم بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنچە ئاددىي ئۆتكۈزلىدۇ؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.
2 ئەيسا يەردە بولغاندا، مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئاددىي، ئېنىق ۋە چۈشىنىشكە ئاسان قىلىپ ئۆگەتكەن (مەتتا 7:28، 29). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ ئاددىي ئۇسۇلدا خاتىرىلىشىمىز b كېرەكلىكىنى ئېيتقان. كېلىڭلار، ئەيسا خاتىرىلەش داستىخىنى توغرۇلۇق نېمە ئېيتقانلىقى ۋە نېمە قىلغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقايلى. بىز ئەيسانىڭ قانچىلىك كەمتەر، باتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى قانداق ياخشىراق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى
3. مەتتا 26:26—28-ئايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، ئەيسا خاتىرىلەش داستىخىننى قانداق ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەن؟ پېتىر نان بىلەن شاراب نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3 ئەيسا خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، 11 سادىق ئەلچىلىرى قېشىدا بولغان. ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتتىن ئېشىپ قالغان يېمەك-ئىچمەكتىن پايدىلىنىپ، خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئاددىي ئۆتكۈزگەنىدى (مەتتا 26:26—28-نى ئوقۇڭ). ئەيسا پەقەت دەستىخاندىكى پېتىر نان بىلەن شارابنى ئىشلەتكەن. ئەيسا ئەلچىلىرىگە پېتىر نان بىلەن شاراب ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىققا بەرمەكچى بولغان مۇكەممەل تېنىنى ۋە قېنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلچىلەر ئېھتىمال بۇ مۇھىم ۋەقەنىڭ شۇنچىلىك ئاددىي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ھەيران قالمىغان. نېمە ئۈچۈن؟
4. ئەيسا مارتاغا بەرگەن مەسلىھىتىنى ئۆزى قانداق قوللانغان؟
4 كېلىڭلار، بۇ خاتىرىلەشتىن بىرنەچچە ئاي ئاۋۋال يۈز بەرگەن ۋەقەگە دىققەت قىلايلى. بۇ ئەيسانىڭ ۋەز خىزمىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بولۇپ، ئۇ يېقىن دوستلىرى لازار، مارتا ۋە مەريەمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئەيسا مۇھىم نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن. مارتا ھۆرمەتلىك مېھماننى كۈتىمەن، دەپ مول دەستىخان تەييارلاش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن. ئەيسا بۇنى بايقاپ، مارتاغا مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت بېرىپ، مول داستىخان يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەرگەنىدى (لۇقا 10:40—42). كېيىنرەك، ئۆلۈمىگە بىرنەچچە سائەت قالغاندا، ئەيسا بۇ مەسلىھەتنى ئۆزى قوللىنىپ، خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئاددىي ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن ئەيسا ھەققىدە نېمىنى بىلىشكە بولىدۇ؟
5. كەچلىك خاتىرىلەشنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئەيسا ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالالايمىز؟ فىلىپپىلىقلارغا 2:5—8دىكى ئايەتلەر بۇنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
5 ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئۇنىڭ شۇنداق كەمتەرلىك كۆرسەتكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس (مەتتا 11:29). ئەيسا ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ ئۇلۇغ قۇربانلىقنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى ۋە كېيىن يەھۋا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ، ئاسماندا پادىشاھ قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆلۈمىنى ھەشەمەتلىك ياكى تەنتەنىلىك ئۇسۇلدا خاتىرىلەپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورۇنسىز ئېتىبار قارىتىشىنى خالىمىغان. ئەكسىنچە، ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى يىلىغا بىر قېتىم ئاددىي ئۇسۇلدا خاتىرىلەشنى ئېيتقان ئىدى (يۇھاننا 13:15؛ 1-كورىنت. 11:23—25). بۇ مۇھىم خاتىرىلەش ئاددىي ئۆتكۈزگەنلىكى ئەيسانىڭ تەكەببۇر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسماندىكى پادىشاھىمىز كەمتەر ئىكەنلىكىگە بىز ئىنتايىن خۇشال!—فىلىپىلىكلەر 2:5—8-نى ئوقۇڭ.
6. سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئەيساغا ئوخشاش كەمتەر بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
6 ئەيساغا ئوخشاش كەمتەر بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش (فىلىپى. 2:3، 4). ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ئالدىدىكى كەچكە يەنە بىر قېتىم دىققەت قىلايلى. ئەيسا پات-ئارىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك قايغۇ-ھەسرەت چېكىپ، يىغلاپ قالىدىغان سادىق ئەلچىلىرى ھەققىدە غەم يېگەن. شۇڭا، ئۇ شۇ كېچىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، نەسىھەتلەرنى بەرگەن ۋە ئىلھاملاندۇرغان (يۇھاننا 14:25—31). ئۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويغان. ئۇ كەمتەرلىكنىڭ نېمە دېگەن ئاجايىپ ئۈلگىسى،— ھە!
ئەيسانىڭ باتۇرلۇقى
7. كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەيسا باتۇرلۇقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
7 ئەيسا خاتىرىلەش داستخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالاھىدە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. قانداقلارچە؟ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييار بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا كۇپۇرلۇك قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇ سۆزىدىن قايتمىغانىدى (مەتتا 26:65، 66؛ لۇقا 22:41، 42). ئەيسا ئۆلگۈچە ساداقەتمەنلىكنى يەھۋانىڭ ئىسىمىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە توۋا قىلغان ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا شاگىرتلىرىنى كېلەچەكتىكى سىناقلارغا تەييارلىغانىدى.
8. (1) ئەيسا سادىق ئەلچىلىرىگە نېمە ئېيتتى؟ (2) ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن شاگىرتلىرى قانداق قىلىپ باتۇرلۇق كۆرسەتتى؟
8 ئەيسا باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئۆزى دۇچ كېلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئۆز غەم-ئەندىشىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سادىق ئەلچىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەن. يەھۇدا كەتكەندىن كېيىن، ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەچلىك داستىخان ئەيسانىڭ كېلەچەكتىكى مايلانغان ئەگەشكۈچىلىرىگە، ئۇنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ۋە يېڭى ئەھدە ئۇلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىشىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى (1-كورىنت. 10:16، 17). ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سادىق بولۇپ قېلىشىغا ۋە ئۆزى بىلەن ئاسماندا بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ تەلەپلىرىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:12—15). ئۇلار كېلەچەكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇرغان. كېيىن، ئۇ شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندەپ: «جاسارەتلىك بولۇڭلار»،— دېگەن (يۇھاننا 16:1—4، 33). كۆپ يىللار ئۆتسىمۇ، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز جېنىنى ئايىماي خىزمەت قىلىپ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ھەتتا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئۇلار بىربىرىگە يار-يۆلەك بولغان.—ئىبرانىي. 10:33، 34.
9. ئەيسانىڭ باتۇرلۇقىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
9 بۈگۈنكى كۈندە، بىزمۇ ئەيسانىڭ باتۇرلۇقىدىن ئۈلگە ئالىمىز. مەسىلەن، ئېتىقادى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باتۇرلۇق كېرەك. بەزىدە قېرىنداشلار ئادالەتسىزلىك بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلايلى. ھەتتا، ئۇلارنى ھۆكۈمەت ۋە سوتنىڭ ئالدىدا قوغداشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك (فىلىپى. 1:14؛ ئىبرانىي. 13:19). باتۇرلۇق كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى — ھەقىقەت توغرىسىدا «يۈرەكلىك ھالدا» سۆزلەش (ئەلچى. 14:3). ئەيساغا ئوخشاش بىزمۇ ئادەملەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، پادىشاھلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى داۋاملىق ۋەز قىلىشقا بەل باغلىدۇق. لېكىن، بىز بەزى ۋاقىتلاردا قورقۇشىمىز مۇمكىن. شۇ چاغدا نېمە قىلساق بولىدۇ؟
10. خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى ئالدىدىكى ھەپتىلەردە نېمە قىلىشىمىز لازىم ۋە نېمە ئۈچۈن؟
10 ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى بىزگە ئۈمىد بەردى. بۇ ئۈمىد توغرىسىدا ئويلاش باتۇر بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (يۇھاننا 3:16؛ ئەفەس. 1:7). خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدىكى ھەپتىلەردە، تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەشنڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولىدۇ. شۇ خاتىرىلەشنىڭ ئالدىدا ئوقۇلىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ئالدىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. شۇ چاغدا مەسىھنىڭ كەچكى زىياپىتىگە كەلگەندە، شاراب بىلەن پېتىر ناننىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ۋە شۇ تەڭداشسىز قۇربانلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇرراق چۈشىنەلەيمىز. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا بىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى قەدىرلىسەك ۋە بىزگە ھەم يېقىنلىرىمىزغا قانداق پايدا ئەكەلگەنلىكىنى چۈشەنسەك، ئۈمىدىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ بىزنى ئاخىرغىچە جاسارەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.—ئىبرانىي. 12:3.
11، 12. يۇقۇرىدا بىز نېمىنى بىلدۇق؟
11 يۇقىرىدا بىز ھەزرىتىمىزنىڭ كەچكى داستىخىنى بېباھا تۆلەم قۇربانلىقىنى ئەسلىتىپلا قويماي، ئەيسانىڭ ئاجايىپ كەمتەرلىكىنى ۋە باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۇق. ئەيسا ھازىر ئاسماندا بىز ئۈچۈن يالۋۇرۇپ سورايدىغان باش روھانىي سۈپىتىدە مۇشۇ ئېسىل پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمىز (ئىبرانىي. 7:24، 25). سەمىمىي مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەيسا بۇيرىغاندەك ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ھەريىلى خاتىرىلىشىمىز كېرەك (لۇقا 22:19، 20). بىز 14-نىسان كۈنى شۇ خاتىرىلەشنى ئۆتكۈزىمىز. بۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن.
12 خاتىرىلەش كېچىسىنىڭ ئاددىيلىقى ئەيسانىڭ يەنە بىر پەزىلىتىنى كورسىتىدۇ. يەردە ياشىغاندا ئەيسا بۇ پەزىلىتى بىلەن ھەممىگە مەلۇم بولغان. بۇ قانداق پەزىلەت؟
ئەيسانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى
13. يۇھاننا 15:9 ۋە 1-يۇھاننا 4:8—10-ئايەتتە، يەھۋانىڭ ۋە ئەيسانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى قانداق تەسۋىرلەنگەن؟ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىن كىملەر مەنپەئەتلىنىدۇ؟
13 ئەيسا ھەممە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى مۇكەممەل ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەن (يۇھاننا 15:9؛ 1-يۇھاننا 4:8—10-نى ئوقۇڭ). ئەڭ مۇھىمى، ئەيسا بىز ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشنى چىن يۈرەكتىن خالىغان. مەيلى بىز مايلانغان ياكى «باشقا قويلاردىن» بولايلى، يەھۋا بىلەن ئەيسا بىزگە تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدىن مەنپەئەتلىنىمىز. (يۇھاننا 10:16؛ 1-يۇھاننا 2:2). خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنىڭ سىمۋوللىرى توغرىسىدا ئويلاپ كۆرەيلى. بۇلار ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قانداق قىلىپ؟
14. ئەيسا شاگىرتلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئاددىي ئۇسۇلدا خاتىرىلەشنى بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان سۆيگۈسىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇ خاتىرىلەشنى ھەر يىلى، ھەرقانداق ۋەزىيەتلەردە، ھەتتا تۈرمىدە ئولتۇغاندىمۇ ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى (ۋەھىي. 2:10). بۇ شاگىرتلىرىنىڭ قولىدىن كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە!
15، 16. بەزى قېرىنداشلار مەسىھنىڭ كەچلىك داستىخىنىنى قىيىن ۋەزىيەتلەردە قانداق ئۆتكۈزگەن؟
15 مۇشۇ كۈنگىچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى ئەسلەش ئۈچۈن ھەقىقىي مەسىھىيلەر كۆپ كۈچ چىقارماقتا. ئۇلار ھەتتا قىيىن ۋەزىيەتلەردىمۇ مەسىھنىڭ كەچكى داستىخىنىنى ئۆتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقان. بۇنىڭ بىر مىسالىنى كۆرەيلى. خىتايدا بىر كىشىلىك كامېرادا ئولتارغان خارىلد كىڭ بۇرادەرگە بۇ خاتىرىلەشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئامال تېپىشى كېرەك بولغان. ئۇ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي قولىدا بار نەرسىلەردىن سىمۋوللارنى تەييارلىغانىدى. شۇنداقلا ئۇ خاتىرىلەش داستىخىنى قايسى كۈنگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىرىشقا تىرىشقان. شۇ كۈن كەلگەندە، خارىلد بۇرادەر كامېرىدا يالغۇز ئۆزى ناخشا ئېيتىپ، دۇئا قىلىپ، يازمىلارغا ئاساسلانغان نۇتۇق ئېيتقانىدى.
16 باشقا مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەھبۇسلار لاگېرىغا قامالغان بىر توپ قېرىنداشلىرىمىز مەسىھنى خاتىرىلەش داستىخىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلغان. ئەمما، بۇ خاتىرىلەش بەك ئاددىي بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنى يوشۇرۇن ئۆتكۈزەلىگەن. ئۇلار مۇنداق دەپ يازغانىدى: «بىز ئاق رەخت يېيىلغان ئورۇندۇقنى قورشاپ تۇردۇق. ئۇنىڭ ئۈستىدە سىمۋوللار تۇردى. بىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ چىراق ياندۇرماي، شامنى ياندۇردۇق … ئاتىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىسمىنى ئولۇقلاش ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييارمىز دېگەن ۋەدىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئېيتتۇق». ئۇلار نېمە دېگەن ئاجايىپ ئىشەنچنى كۆرسەتكەن، ھە! ئەيسا خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى ئۆتكۈزۈش قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ ئاسان قىلىش ئارقىلىق بىزگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن!
17. ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ؟
17 خاتىرىلەش كۈنىگە ئاز قالغاندا، تۆۋەندىكى سوئاللار توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ: «ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق ئۈلگە قىلسام بولىدۇ؟ ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆپرەك ئويلايمەنمۇ؟ ئۇلارغا كۆپ تەلەپ قويۇمەنمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەنمۇ؟» ھەرقاچان ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا «ھەمدەرت» بولايلى، يەنى ھېسداشلىق قىلايلى.—1-پېتر. 3:8.
ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى، باتۇرلۇقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
18، 19. (1) بىز نېمىنى ئەسكە ئالىدىغانلىقىمىز سۆزسىز؟ (2) سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
18 بىز خاتىرىلەش داستىخىنىنى مەڭگۈ ئۆتكۈزمەيمىز. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، ئەيسا ‹كېلىپ›، «تاللىغانلىرىنى» ئاسمانغا يىغىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بۇ خاتىرىلەش يەنە ئۆتكۈزمەيدىغان بولىمىز.—1-كورىنت. 11:26؛ مەتتا 24:31.
19 بىراق، خاتىرىلەش داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىمىسىمۇ، يەھۋانىڭ خەلقى كەمتەرلىك، باتۇرلۇق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تارىختىكى ئەڭ زور ئۈلگىسى سۈپىتىدە، مەسىھ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ داسىتخاننى ئەسكە ئالىدىغانلىقى سۆزسىز. ئۇلار يېڭى دۇنيادا بۇ داستىخان توغرۇلۇق بىلمىگەنلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ خاتىرىلەشتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى خالىساق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى، باتۇرلۇقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساقلا يەھۋا بىزنى مۇكاپاتلايدۇ.—2-پېتر. 1:10، 11.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
a پات-ئارىدا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىغا قاتنىشىمىز. ئاددىي ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىلىشتا ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى، باتۇرلۇقى ۋە سۆيگۈسى توغرۇلۇق ئۆگىنىمىز. بۇ پەزىلەتلەرنى بىزمۇ قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇشۇ ماقالىدىن بىلىۋالىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: خاتىرىلەش — مۇھىم ۋەقەنى ياكى ئىنساننى ئەسلەش ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش مەقسىتىدە قىلىنىدىغان ئۆزگىچە بىر ئىش-پائالىيەت.
c سۈرەتلەردە: ساداقەتمەن قېرىنداشلار بىرىنچى ئەسىردە؛ 1880-يىللىرىدا، دەھشەتلىك جازا لاگېرىدا؛ بۈگۈنكى كۈندە ھاۋا رايى ئىسسىق دۆلەتتىكى ئىبادەت زالىدا خاتىرىلەش مۇراسىمنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ