3-تەتقىق ماقالىسى
قانداق قىلىپ قەلبىڭىزنى چىڭ قوغدىيالايسىز؟
«ھەرقانداق نەرسىدىن بەكرەك چىڭ قوغدىغىن قەلبىڭنى».—پەند. نە 4:23.
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
بۇ ماقالىدە a
1—3. (1) يەھۋا سۇلايماننى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ۋە سۇلايمان قانداق بەرىكەت ئالغان؟ (2) بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغاندا بەك ياش ئىدى. تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا ئۇنىڭغا چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «مەندىن سورىغىن، ساڭا نېمە بېرەي»،— دېگەن. سۇلايمان جاۋابەن: «سەن قولۇڭغا ئىتائەتچان قەلب بەرگىنكى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىپ، سېنىڭ خەلقىڭگە ھاكىملىق قىلالىسۇن»،— دېگەن (1-پادىشاھ. 3:5–10). سۇلايماننىڭ «ئىتائەتچان قەلب» سورىغىنى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، يەھۋانىڭ سۇلايماننى ياخشى كۆرگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس (2-سام. 12:24). يەھۋا ياش پادىشاھنىڭ ئۆتۈنۈشىگە شۇنچىلىك مەمنۇن بولغانكى، ئۇنىڭغا «ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتكە تولغان قەلبنى» بەرگەن.—1-پادىشاھ. 3:12.
2 سۇلايمان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىقىنىدا، مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، ئۇ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يەھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن» ئىبادەتخانا سېلىش شەرىپىگە ئىگە بولغان (1-پادىشاھ. 8:20). ئۇ خۇدا بەرگەن دانالىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. سۇلايماننىڭ مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئۈچ كىتابتا يېزىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى — پەندى-نەسىھەت كىتابى.
3 «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ پەندى-نەسىھەت كىتابىدا «قەلب» دېگەن سۆز تەخمىنەن يۈز قېتىم ئۇچرىشىدۇ. مەسىلەن، پەندى-نەسىھەت 4:23-تە: «ھەرقانداق نەرسىدىن بەكرەك چىڭ قوغدىغىن قەلبىڭنى» دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇيمىز. بۇ ئايەتتىكى «قەلب» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بۇ ماقالىدە بىلىۋالىمىز. بىز يەنە ئىككى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: شەيتان قانداق قىلىپ قەلبىمىزنى چىرىكلەشتۈرۈش كەھەرىكەت قىلىدۇ؟ قەلبىمىزنى قانداق قىلىپ قوغدالايمىز؟ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇ مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى چۈشىنىمىز زۆرۈر.
«قەلب» دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4، 5. (1) مۇقەددەس كىتابتىكى «قەلب»، دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) تەن سالامەتلىكىنى مىسال قىلىپ، قەلبىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈڭ؟
4 پەندى-نەسىھەت 4:23-ئايەتتىكى «قەلب»، دېگەن سۆز ئادەمنىڭ «قەلبىدىكى ھەربىر چوڭقۇر سىرلارنى» بىلدۈرىدۇ (زەبۇر 51:6-نى ئوقۇڭ). باشقا سۆزلەر بىلەن ئېيتقاندا، «قەلب» يوشۇرۇن ئويلىرىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، نىيەتلىرىمىز ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تاشقى كۆرۈنىشىمىزدىن باشقىلارغا قانداق ئادەم بولۇپ كۆرۈنىشىمىزنى ئەمەس، ئىچىمىزدە ھەقىقەتەن قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ.
5 سىمۋوللۇق قەلبىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ مەسىلەن، ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، توغرا ئوزۇقلىنىش ۋەۋە دائىم بەدەن چىنىقتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئۈچۈنمۇ، دائىم مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىش ئوقۇپ-بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ۋە ئىشەنچىمىز توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىشتىن ئىبارەت (رىملىقلار 10:8—10؛ ياقۇپ 2:26). بەزىدە تاشقى كۆرۈنۈشىمىزگە قاراپ ئۆزۈمىزنى ساغلام دەپ ئويلايدىغاندىمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاغرىق بولۇشىمىز مۇمكىن. دەل شۇنداق، روھىي ئىشلار بىلەن بەنت بولغىنىمىزغا قاراپ، ئېتىقادىمىز مەھكەم دەپ ئويلايدىغاندىمىز. بىراق، قەلبىمىزدە يامان ھەۋەسلەر يىلتىز تارتىشى مۇمكىن (1-كورىنت. 10:12؛ ياقۇپ 1:14، 15). شەيتان بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىزنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئويلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ شۇ مەقسىتگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟ بىز ئۆزۈمىزنى قانداق قوغدىيالايمىز؟
شەيتان قەلبىڭىزنى قانداق زەھەرلىمەكچى
6. شەيتاننىڭ مەقسىتى نېمە ۋە ئۇ ئۇنىڭغا قانداق يەتمەكچى؟
6 شەيتان بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ يۈرىدىغان ئىسىيانچى بولۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەلۋەتتە، شەيتان بىزنى ئۆزىگە ئوخشاش ئويلاشقا ۋە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن باشقا ئاماللارنى تاپقان. مەسىلەن، شەيتان ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئادەملەر بىلەن بىزنى قورشاۋغا ئالىدۇ (1-يۇھاننا 5:19). شەيتان بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ‹بۇزىدىغانلىقىنى› بىلسەكمۇ، ئۇ بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، يامان تەسىرگە ئۇچرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (1-كورىنت. 15:33). سۇلايمان پادىشاھ دەل شۇ تۇزاققا چۈشۈپ قالغان. ئۇ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان كۆپ ئاياللارغا ئۆيلەنگەن. «ئۇلار ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ»، سۇلايماننى يەھۋادىن يىراقلاشتۇرۇپ كەتكەن.—1-پادىشاھ. 11:3.
قەلبىمىزنى شەيتاننىڭ تەسىرىدىن قانداق قوغدىيالايمىز؟ (7-ئابزاسقا قاراڭ) c
7. شەيتان ئوي-پىكىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەردىن پايدىلىنىدۇ ۋە بىز نېمە ئۈچۈن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك؟
7 شەيتان باشقىلارنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق ھېكايىلەرنىڭ بىزنى قىزىقتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى بىلەن كىنولاردىن پايدىلىنىدۇ. كۆرگەنلىرىمىز بىزگە قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي، ئوي-پىكرىمىزگە، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. ئەيسا تەلىم بەرگەندە بۇ ئۇسۇلنى توغرا پايدىلانغان. مەسىلەن، ئۇ مېھرىبان سامارىيەلىك كىشى ۋە ئاداشقان ئوغۇل توغرىسىدا ھېكايىلەرنى ئېيتقان (مەتتا 13:34؛ لۇقا 10:29—37؛ 15:11—32). لېكىن شەيتاننىڭ ئوي-پىكرىگە بېرىلگەن كىشىلەر ھېكايىلەر ئارقىلىق كۆزقارىشىمىزنى بۇزۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز زېرەك بولۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، قىزىقارلىق، پايدىلىق نەرسىلەرگە ئۆگىتىدىغان ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى بۇزمايدىغان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى بار. بىراق، بىز پەخەس بولۇشىمىز مۇھىم. نېمىنى كۆرۈشنى تاللىغاندا، ئۆزۈمىزدىن: «بۇ كىنو ياكى پروگرامما مېنى تەن خاھىشلىرىمغا بېرىلىشكە ئۈندەمدۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ (گالاتىيا. 5:19—21؛ ئەفەس. 2:1—3). بىرەر پروگراممىدا شەيتاننىڭ ئوي-پىكرىنى بايقىسىڭىز، نېمە قىلىسىز؟ خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلدىن قاچقاندەك ئۇنىڭدىن قېچىڭ!
8. بالىلىرىنىڭ قەلبىنى قوغداشقا ئاتا-ئانىلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 شەيتان بالىلارنىڭ قەلبىنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا. ئەزىز ئاتا-ئانا، ئۇلارنى كۆزۈڭلارنىڭ قارىچۇغىدەك قوغداش — سىلەرنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپەڭلار. ئۇلارنى جىسمانىي تەرەپتىن قوغداش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كېلىدىغان ھەممىنى قىلىدىغانلىقىڭىز سۆزسىز. مەسىلەن، سىز ئۆيىڭىزنى پاك-پاكىزە تۇتىسىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تاشلاۋېتىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز بالىلىرىڭىزنى شەيتاننىڭ ئوي-پىكىرى بىلەن زەھەرلەنگەن كىنولار، پروگراممىلار، ئېلېكترونلۇق ئويۇنلار ياكى توربەتلەردىن قوغدىشىڭىز كېرەك. يەھۋا بالىلىرىڭىزنى روھىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى سىزگە تاپشۇرغان (پەند. نە 1:8؛ ئەفەس. 6:1، 4). شۇڭا، ئۆيىڭىزدە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان قائىدىلەرنى ئورنىتىشتىن قورقماڭ. كىچىك بالىلىرىڭىزغا نېمىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ (مەتتا 5:37). ئۇلار چوڭ بولغانسېرى، يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ (ئىبرانىي. 5:14). بالىلىرىڭىز سۆزۈڭىزگە قارىغاندا، ئىشىڭىزدىن كۆپرەك نەرسىلەرگە ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.—تەكرار. قا 6:6، 7؛ رىملىقلار 2:21.
9. شەيتان تەرغىپ قىلىۋاتقان ئويلارنىڭ بىرى قايسى ۋە ئۇ ئوي نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟
9 شەيتان بىزنىڭ يەھۋانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، ئىنسانىي دانالىققا تايىنىشىمىز ئۈچۈن يۈرىكىمىزنى زەھەرلەشكە تىرىشىدۇ (كولوسى. 2:8). مەسىلەن، ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت باي بولۇش دېگەن ئوينى تەرغىپ قىلىدۇ. شۇنداق ئويلايدىغان ئادەملەر بايلىققا قول يەتكۈزۈشى ياكى قول يەتكۈزەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇلار خەتەرلىك يولدا. سەۋەبى، ئۇلار كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن سالامەتلىكى، ئۆيىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ھەتتا خۇدا بىلەن بىلەن دوستلۇقىنى قۇربان قىلغان (1-تىموت. 6:10). بىزنىڭ ئاسماندىكى دانا ئاتىمىز پۇلغا بولغان توغرا كۆزقاراشتا بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك.—ۋەز 7:12؛ لۇقا 12:15.
قەلبىمىزنى قانداق قوغدالايمىز؟
قەدىمقى كۈزەتچىلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە ئوخشاش ھوشيار بولۇپ، قەلبىڭىزنى زەھەرلىك تەسىردىن قوغداڭ (10، 11-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
10، 11. (1) ئۆزۈمىزنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (2) قەدىمدە كۈزەتچىلەر نېمە قىلغان ۋە ۋىجدانىمىز قانداق قىلىپ بىزنى قوغدىيالايدۇ؟
10 قەلبىمىزنى قوغداشنى خالىساق، خەتەرنى بايقاپ، ئۆزۈمىزنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. بۇ قەدىمقى كۈزەتچىنىڭ خىزمىتىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە كۈزەتچىلەر شەھەرنىڭ تاملىرىدا تۇرۇپ، خەتەرنى بايقىغاندا، باشقىلارنى ئاگاھلاندۇراتتى. بۇ مىسال شەيتاننىڭ قەلبىمىزنى زەھەرلىشىگە يول بەرمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىمىزنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
11 قەدىمدە كۈزەتچىلەر دەرۋازىۋەنلەر بىلەن ھەمكارلاشقان (2-سام. 18:24—26). دۈشمەن يېقىنلىشىۋاتقاندا، ئۇلار شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن دەرۋازىنىڭ تاقالغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. (نەھەم. 7:1–3). مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىمىز b كۈزەتچىگە ئوخشاش، بىزنى شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى مۇمكىن. باشقا سۆزلەر بىلەن ئېيتقاندا، شەيتان ئوي-پىكرىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، نىيەتلىرىمىز ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزگە تەسىر قىلماقچى بولغاندا، ۋىجدانىمىز بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دېمەك، ۋىجدانىمىز بىزنى خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغاندا، قەلبىمىزنىڭ دەرۋازىسىنى دەرھال تاقاپ قويۇشىمىز كېرەك.
12، 13. نېمە قىلىشقا ئازدۇرۇلۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن قانداق ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك؟
12 شەيتاننىڭ ئوي-پىكىرى بىلەن زەھەرلەنمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى قانداق ھىمايە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ھەر خىل ناپاكلىق ياكى ئاچكۈزلۈك تىلغا ئېلىنمىسۇن» دەپ ئۆگىتىدۇ (ئەفەس. 5:3). ئەگەر خىزمەتداشلار ياكى سىنىپداشلار جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ھەققىدە گەپ باشلىسا، سىز نېمە قىلىسىز؟ بىز «رەزىللىكنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشىمىز» كېرەكلىكىنى بىلىمىز (تىتۇس 2:12). بىزنىڭ كۈزەتچىمىز، ۋىجدان، بىزنى خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇشى مۇمكىن (رىملىقلار 2:15). لېكىن، بىز ئۇنىڭغا قۇلاق سالىمىزمۇ؟ تەڭتۇشلىرىمىزنى تىڭشاشقا ياكى ئۇلار كۆرسىتىۋاتقان رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئازدۇرۇلۇشىمىز مۇمكىن. بىراق، بۇ دەرۋازىنى تاقاش، باشقىچە ئېيتقاندا، سۆزنى باشقا تېمىغا يۆتكەش ياكى شۇ يەردىن كېتىشنىڭ ۋاقتىدۇر.
13 تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ يامان ئىش قىلىش ياكى يامان نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاش بېسىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك. يەھۋا خۇدا تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە چوقۇم شەيتاننىڭ ئوي-پىكىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچ ۋە دانالىق بېرىدۇ (2-تارىخ. 16:9؛ يەشايا 40:29؛ ياقۇپ 1:5). ئۇنداقتا، قەلبىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
دائىم ھوشيار بولۇڭ
14، 15. (1) قەلبىمىزنىڭ «دەرۋازىسىنى» نېمىگە ئېچىشىمىز كېرەك ۋە بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ (2) پەندى-نەسىھەت 4:20—22-ئايەتلەردىكى سۆزلەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن كۆپرەك پايدا ئېلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ « چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن سوئاللار» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
14 قەلبىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يامان ھەۋەسلەرنى رەت قىلىشلا يېتەرلىك ئەمەس. يەنە يۈرىكىمىزنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك. تام بىلەن قورشالغان شەھەرنى مىسالغا ئالايلى. دۈشمەن بېسىپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، دەرۋازۋەن دەرۋازىنى تاقايدۇ. بىراق بەزى ۋاقىتلاردا شەھەرگە ئوزۇق-تۈلۈك ياكى باشقا نەرسىلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇ دەرۋازىنى ئاچىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلمىسا، شەھەرنىڭ تۇرغۇنلىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. دەل شۇنىڭدەڭ، خۇدانىڭ ئوي-پىكىرى دائىم يۈرىكىمىزگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن قەلبىمىزنىڭ «دەرۋازىسىنى» ئېچىپ تۇرۇشىمىز مۇھىم.
15 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرى يېزىلغان. بىز ئۇنى ئوقۇغاندا، يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىزنىڭ ئويلىرىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن قانداق كۆپرەك پايدا ئالالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز مۇھىم. بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، سۆزىدىكى كارامەت سىرلارنى كۆرۈشنى سورايمەن» (زەبۇر 119:18). بىز ئوقۇغان نەرسىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك. بىز دۇئا قىلغاندا، ئوقۇغاندا، مۇلاھىزە قىلغاندا، خۇدانىڭ سۆزى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يېتىدۇ ۋە بىز يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىنى ياخشى كۆرۈشنى باشلايمىز.—پەندى-نەسىھەت 4:20—22-نى ئوقۇڭ؛ زەبۇر 119:97.
16. كۆپلەر JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشكەن؟
16 خۇدانىڭ ئوي-پىكىرى بىزگە تەسىر قىلىشنىڭ يەنە بىر يولى — JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىدىكى مەلۇماتنى كۆرۈش. بىر ئەر-ئايال مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئايدىكى پروگرامما دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بولۇپ كەلمەكتە! كۆڭلۈمىز بېئارام بولغاندا ياكى ئۆزۈمىزنى يالغۇز ھېس قىلغاندا، ئۇلار بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. پروگراممىدىكى ناخشىلارنى ئۆيدە دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. تاماق ئەتكەندە، ئۆينى بېسىقتۇرغاندا، چاي ئىچكەندە، ئۇلارنى تىڭشايمىز». بۇ پروگراممىلار يۈرىكىمىزنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار بىزنى يەھۋاغا ئوخشاش ئويلاشقا ۋە شەيتاننىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئۆگىتىدۇ.
17، 18. (1) 1-تارىخنامە 28:9-ئاتتە كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋادىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى قوللانساق، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ (2) ھىزقىيا پادىشاھنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ (3) داۋۇتنىڭ زەبۇر 139:23، 24تىكى دۇئاسىغا ئاسەسەن، بىز ھەم نېمە سوراپ دۇئا قىلساق بولىدۇ؟
17 توغرا ئىش قىلىشنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرگەندە، ئىشەنچىمىز مۇستەھكەملىنىدۇ (ياقۇپ 1:2، 3). يەھۋا بىزنى ئۆزىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى دەپ ئاتاشتىن پەخىرلىنىدۇ. بۇنى بىلىش بىزنى خۇشال قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇيىمىز كۈچىيىدۇ (پەند. نە 27:11). ھەربىر سىناققا دۇچ كەلگەندە، كۆيۈمچان ئاتىمىزنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز. دېمەك، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى قەتئىي قارار قىلدۇق.—1-تارىخنامە 28:9-نى ئوقۇڭ.
18 بىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، چۈنكى بىز نامۇكەممەل ئىنسان. خاتالىق قىلىپ قويساق، ھىزقىيا پادىشاھنىڭ مىسالىنى ئەسكە ئالايلى. ئۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ، توۋا قىلغان ۋە يەھۋاغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان (يەشايا 38:3—6؛ 2-تارىخ. 29:1، 2؛ 32:25، 26). كېلىڭلار، شەيتاننىڭ ئوي-پىكرىمىزنى زەھەرلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرايلى. دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن «ئىتائەتچان قەلب» سورايلى (1-پادىشاھ. 3:9؛ زەبۇر 139:23، 24-نى ئوقۇڭ). ھەممىدىن ئاۋۋال قەلبىمىزنى چىڭ قوغدىساق، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلالايمىز.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a يەھۋاغا ساداقەتمەن بولۇپ قالىمىزمۇ ياكى شەيتاننىڭ بىزنى يەھۋادىن يىراقلاشتۇرۇشىغا يول بېرىمىزمۇ؟ بۇ قانچىلىك قىيىن سىناقلارغا دۇچ كېلىشىمىزگە ئەمەس، قەلبىمىزنى قانداق قوغدىشىمىزغا باغلىق. «قەلب» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ شەيتان قانداق قىلىپ قەبلىمىزنى چىرىكلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.
b سۆز مەنىسى: يەھۋا بىزگە ئويلىرىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئۆزۈمىزگە باھا بېرىش قابىلىيىتىنى بەرگەن. مۇقەددەس كىتابتا بۇ قابىلىيەت ۋىجدان دەپ ئاتالغان (رىملىقلار 2:15؛ 9:1). مۇقەددەس كىتابقا ماس تەربىيىلەنگەن ۋىجدانغا ئىگە بولغان كىشى يەھۋانىڭ پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئوي-پىكىرلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرىگە ياخشى ياكى يامان دەپ باھا بېرىدۇ
c سۈرەتتە: قېرىنداش تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا، ئەخلاقسىز نەرسە پەيدا بولىدۇ. ئەمدى ئۇ نېمە قىلىشنى قارار قىلىشى كېرەك.
d سۈرەتتە: قەدىمدە كۈزەتچى دۈشمەنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازۋەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇلار دەرھال شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى يېپىپ، ئىچىدىن تاقاۋاتىدۇ.