5-تەتقىق ماقالىسى
جامائەت يىغىلىشىرىغا نېمە ئۈچۈن قاتنىشىمىز؟
«ھەزرىتىمىز كەلگىچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر».—1-كورىنت. 11:26.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) يەھۋا خۇدا نېمىنى كۆرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ). (2) بۇ ماقالىدە قايسى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟
يەھۋا دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا خاتىرىلەش يىغىلىشىغا جەم بولغان مىليونلىغان ئادەملەرگە قاراپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇ نېمىنى كۆرىدۇ؟ يەھۋا پەقەت يىغىلغان بىر توپ ئادەملەرنى ئەمەس، ھەر بىر شەخسكە ئالاھىدە نەزەر سالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ھەر يىلى كېلىدىغان كىشىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قاتتىق قارشىلىققا قارىماي كېلىدىغانلارمۇ بار. يەنە بەزىلىرى باشقا يىغىلىشلارغا كەلمىسىمۇ، خاتىرىلەش يىغىلىشىنى مۇھىم دەپ ھېسابلىغاچ، ئۇنىڭغا سۆزسىز كېلىدۇ. بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ، بىرىنچى قېتىم كەلگەنلەرمۇ يەھۋانىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمايدۇ.
2 ئەلۋەتتە، يەھۋا بۇ خاتىرىلەشكە كۆپ ئادەملەرنىڭ كەلگىنىگە خۇشال بولىدۇ (لۇقا 22:19). ئەمما، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئادەمنىڭ سانى ئەمەس، ساپاسى. يەھۋا ئادەملەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىگە ياكى ئۇلارنىڭ نىيىتىگە دىققەت قىلىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان خاتىرىلەش يىغىلىشىغىلا ئەمەس، يەھۋا ئۇنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان ھەپتىلىك يىغىلىشلارغىمۇ بېرىشىمىز كېرەك؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز.
ئەيسانىڭ خاتىرىلەش كېچىسىگە كەلگەن يەر يۈزىدىكى مىليونلىغان ئادەملەرنى قېرىنداشلىرىمىز قارشى ئېلىۋاتىدۇ (1، 2-ئابزاسلارغا قاراڭ)
كەمتەرلىك بىزنى دەۋەت قىلىدۇ
3، 4. (1) بىز يىغىلىشلارغا نېمە ئۈچۈن قاتنىشىمىز؟ (2) يىغىلىشلارغا قاتناشقانلىقىمىز بىز ھەققىدە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ (3) 1-كورىنتلىقلار 11:23—26-ئايەتلەرگە ماس، خاتىرىلەش يىغىلىشىغا نېمە ئۈچۈن قاتنىشىشىمىز كېرەك؟
3 جامائەت يىغىلىشىرىغا قاتنىشىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى — بۇ ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. يەنە بىر سەۋەب — شۇ يەردە بىز يەھۋادىن تەلىم ئالىمىز. ئادەتتە، تەكەببۇر كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ (3-يۇھاننا 9). بىز بولساق، ئەكسىچە، يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىدىن ئۆگىنىشنى خالايمىز.—يەشايا 30:20؛ يۇھاننا 6:45.
4 يىغىلىشلارغا بارغىنىمىز بىزنىڭ كەمتەر، يەنى ئۆگىنىشكە تەييار، ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش داستىخىنى ناھايىتى مۇھىم مۇراسىم، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا قاتنىشىشىمىزنىڭ يالغۇز سەۋەبى ئەمەس. بىز ئەيسانىڭ: «مېنى ئەسلەش ئۈچۈن بۇنى قىلىپ تۇرۇڭلار»، دېگەن بۇيرۇغىغا كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىمىز (1-كورىنتلىقلار 11:23—26-نى ئوقۇڭ). بۇ يىغىلىش كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچەيتىپ، يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن، يەھۋا بىزنىڭ يىلىغا بىرلا قېتىم روھىمىزنى كۆتۈرۈشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ، ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە بىزنى ئۇلارغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇشۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئۈچۈنمۇ كەمتەرلىك كېرەك. بىز ھەر ھەپتە شۇ يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت چىقىرىمىز.
5. كەمتەر ئادەملەر يەھۋانىڭ تەكلىپىنى نېمە سەۋەبتىن قوبۇل قىلىدۇ؟
5 يەھۋا ھەممە ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا چاقىرىدۇ ۋە كۆپلىگەن كەمتەر كىشىلەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ (يەشايا 50:4). ئادەتتە، ئۇلار ئاۋۋال خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېلىپ، ئۇنى ياقتۇرۇپ، كېيىن باشقىمۇ يىغىلىشلارغا كېلىشنى باشلايدۇ (زەكەرىيا 8:20—23). بىز ئۇلار بىلەن بىللە ياردەمچىمىز ۋە ئازاد قىلغۇچىمىز يەھۋادىن تەلىم ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشنى ياخشى كۆرىمىز (زەبۇر 40:17). دەرھەقىقەت، ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئەيسادىن تەلىم ئېلىشتىن مۇھىمراق ھېچقانداق ئىش يوقتۇر!—مەتتا 17:5؛ 18:20؛ 28:20.
6. بىر كىشىگە ئۇنىڭ كەمتەرلىكى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كېلىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
6 ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش داستىخىنىغا ھەر يىلى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنى چاقىرىشقا كۈچ چىقىرىمىز. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن كەمتەر كىشىلەر بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرمەكتە. بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرنەچچە يىل بۇرۇن بۇرادىرىمىز بىر ئەر كىشىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا چاقىرغان، بىراق، شۇ كىشى كېلەلمەيمەن دەپ ئېيتقان. بۇرادىرىمىز ئۇنى ئىبادەت ئۆيىدە كۆرگەندە، ھاڭ-تاڭ قالغان. ھېلىقى ئەر كىشى جامائەتنىڭ ئۇنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ھەپتىلىك يىغىلىشلارغا كېلىشنى باشلىغان. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر يىلدا پەقەت ئۈچ قېتىم يىغىلىشقا بارماي قالغان. ئۇنى ھەممە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟ بۇ كىشى كەمتەر بولغانلىقتىن، ئۆزگۈرۈشكە تەييار بولغان. ئۇنى تەكلىپ قىلغان بۇرادەر بۇ ئەر كىشى توغرىسىدا: «ئۇ ئىنتايىن كەمتەر ئادەم»،— دېگەن. يەھۋا خۇدا بۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى سۆزسىز ۋە ھازىر شۇ كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن بۇرادىرىمىز.—2-سام. 22:28؛ يۇھاننا 6:44.
7. يىغىلىشلاردا ئالغان بىلىمىمىز ۋە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىمىز كەمتەر بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 يىغىلىشلاردا ئالغان بىلىمىمىز ۋە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىمىز كەمتەر بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى ئالدىدىكى جامائەت يىغىلىشىرىدا ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ۋە ھاياتىنى تۆلەم سۈپىتىدە بەرگەندە كۆرسەتكەن كەمتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، شۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن يۈز بەرگەن ۋاقەئەلەر توغرىسىدا ئوقۇيمىز. يىغىلىشلاردا بىلگىنىمىز ۋە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان ئايەتلەر بىزنى ئەيسانىڭ تۆلىمى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. بىز ئۇنىڭ كەمتەرلىگىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ۋە قىيىن بولغاندىمۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا ئىنتىلىمىز.—لۇقا 22:41، 42.
باتۇرلۇق بىزنى دەۋەت قىلىدۇ
8. ئەيسا باتۇرلۇقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
8 بىز ئەيسانىڭ باتۇرلۇقىنىمۇ ئۈلگە قىلغىشنى خالايمىز. ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كۈنلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەيسا دۈشمەنلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئاخىرىدا تۈۋرۈكتە ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن (مەتتا 20:17—19). بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ ئۆلۈشكە تەييار بولغان. گېتسىمانە بېغىدا ئەيسا يېنىدىكى ئەلچىلىرىگە: «تۇرۇڭلار، كېتەيلى. ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىنلاپ كېلىپ قالدى»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 26:36، 46). قوراللانغان بىر توپ كىشىلەر كېلىپ، ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا، ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىزدىگەن كىشى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەسكەرلەرگە شاگىرتلىرىنى قويۇۋېتىشنى ئېيتقان ئىدى. (يۇھاننا 18:3—8). ئۇ ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن! بۈگۈنكى كۈندە مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ۋە باشقا قويلارمۇ ئەيسانىڭ باتۇرلۇقىدىن ئۈلگە ئالماقتا. قانداق قىلىپ؟
جاسارەتلىك بولۇپ، يىغىلىشلارغا بارغىنىڭىز باشقىلارغا كۈچ بېرىدۇ (9-ئابزاسقا قاراڭ) b
9. (1) يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن نېمىشقا جاسارەت كېرەك؟ (2) ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىدە ئولتارغان قېرىنداشلارغا بىزنىڭ ئۈلگىمىز قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
9 قىيىن ئەھۋالغا چۈشكەندىمۇ جامائەت يىغىلىشىرىغا بېرىش ئۈچۈن باتۇرلۇق كېرەك. بەزى قېرىنداشلار قايغۇغا پاتسىمۇ، چۈشكۈنلۈككە چۈشسىمۇ ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسىمۇ، يىغىلىشلارنى قالدۇرمايدۇ. باشقىلىرى ئۆيىدىكىلىرى ياكى ھۆكۈمەت تەرەپتىن قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلسىمۇ، يىغىلىشلارغا دائىم كېلىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئۈلگىمىز تۈرمىدە ئولتارغان قېرىنداشلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (ئىبرانىي. 13:3). قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەملىنىپ، ئۇلار جاسارەت ۋە ۋاپادارلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەلچى پاۋلۇسمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن. رىمدا قاماقتا بولغاندا، قېرىنداشلارنىڭ خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ بەك خۇشال بولغان (فىلىپى. 1:3—5، 12—14). تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپ ياكى چىقىپلا، پاۋلۇس ئىبرانىيلار خەت يازغان. بۇ خەتتە، ئۇ ئەيسانىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنى بىر-بىرىگە «مېھىر-مۇھەببەت» كۆرسىتىشكە ۋە يىغىلىشلارنى تاشلىماسلىققا ئۈندىگەن.—ئىبرانىي. 10:24، 25؛ 13:1.
10، 11. (1) خاتىرىلەش يىغىلىشىغا كىملەرنى چاقىرىشىمىز كېرەك؟ (2) ئەفەسلىكلەر 1:7-ئايەتتە، خاتىرىلەش يىغىلىشىغا چاقىرىشنىڭ قانداق سەۋەبى يېزىلغان؟
10 ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى، خىزمەتداشلىرىمىزنى ۋە قوشنىلىرىمىزنى مەسھىنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن باتۇرلۇق كېرەك. بىز ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تەكلىپ قىلىمىز؟ يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەتدار بولغانلىقتىن، بىز باشقىلارنىمۇ شۇ مۇھىم خاتىرىلەشكە چاقىرقۇمىز كېلىدۇ. ئۇلارمۇ يەھۋانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق كۆرسەتكەن «چەكسىز رەھىم-شەپقىتى» توغرىسىدا بىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشىنى خالايمىز.—ئەفەسلىكلەر 1:7-نى ئوقۇڭ؛ ۋەھىي. 22:17.
11 يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ، باتۇرلۇق كۆرسىتىشتىن باشقا، بىز يەنە ئېسىل بىر پەزىلەتنى كۆرسىتىمىز. بۇ پەزىلەت خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كۆرسەتكەن ئالاھىدە پەزىلەت.
مېھىر-مۇھەببەت
12. (1) جامائەت يىغىلىشىرى يەھۋا بىلەن ئەيساغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟ (2) 2-كورىنتلىقلار 5:14، 15-ئايەتلەر بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
12 يەھۋاغا ۋە ئەيساغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزنى يىغىلىشلارغا بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جامائەت يىغىلىشىدا ئۈگەنگەنلىرىمىز خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىدۇ. يىغىلىش زالىدا ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز (رىملىقلار 5:8). يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ بىزنى، ھەتتا تۆلەمنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخى چۈشەنمىگەنلەرنى، قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىدا ئېسىمىزگە ئالىمىز. قەلبىمىز مىننەتدارلىققا تولۇپ، ھەر كۈنى ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىمىز (2-كورىنتلىقلار 5:14، 15-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭ بىلەن، قەلبىمىز تۆلەم ئۈچۈن يەھۋانى مەدھىيىلەشكە ئۈندەيدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — يىغىلىشلاردا چىن يۈرەكتىن جاۋاب بېرىش.
13. يەھۋا بىلەن ئەيساغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 قۇربانلىق بېرىش، يەنى ئۆز مەنپەئەتىمىزدىن ۋاز كېچىپ، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا بولغان، چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. بەزىدە يىغىلىشلارغا بېرىش ئۈچۈن قانداقتۇ بىر نەرسىنى قۇربان قىلىشىمىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. يىغىلىشىرىمىزنىڭ بىرى ھەپتە ئارلىقىدىكى بىر كەچقۇرۇن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىكىمىز چارچاپ قالغان بولىمىز. يەنە بىر يىغىلىش دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆتىدۇ. ئادەتتە ئادەملەر بۇ كۈنلىرى دەم ئالىدۇ. ھېرىپ قالساقمۇ، يىغىلىشلارغا بارغىنىمىزنى يەھۋا بايقامدۇ؟ ئەلۋەتتە! يىغىلىشلارغا بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ چىقارساق، يەھۋا ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ.—ماركۇس 12:41—44.
14. ئەيسا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ قانداق ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن؟
14 ئەيسا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن. ئۇ شاگىرتلىرى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار بولغان ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەردائىم ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى قويغان. مەسىلەن، ئۇ بەك چارچىغان ياكى كۆڭلى ئازابلانغان چاغدىمۇ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىدا بولغان (لۇقا 22:39—46). ئەيسا بىرسىدىن پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي، باشقىلارغا نېمە بېرەلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغان (مەتتا 20:28). بىزمۇ يەھۋا خۇدانى ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرسەك، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى بىلەن باشقا يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز.
15. بىز كىملەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىشنى خالايمىز؟
15 بىز خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى. بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ، باشقا سەمىمىي ئىنسانلارنى بىزگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلىشتىن ئۆزىمىزنى چەكسىز خۇشاللىق تاپىمىز. بىراق، بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى، بولۇپمۇ جامائەتكە كەلمەيۋاتقان قىزغىنلىقى سوۋۇپ كەتكەنلەرگە ئىلھام بېرىشنى بەكمۇ خالايمىز. (گالاتىيا. 6:10). ئۇلارنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا دەۋەت قىلساق، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز. قىزغىنلىقى سوۋۇپ كەتكەنلەردىن بىرى كۆيۈمچان ئاتىمىز ۋە پادىچىمىزغا قايتىپ كەلسە، يەھۋا خۇدا ۋە مەسىھ ئەيساغا ئوخشاش بىزنىڭمۇ قەلبىمىز چەكسىز شاد-خۇراملىققا تولىدۇ.—مەتتا 18:14.
16. (1) بىر-بىرىمىزگە قانداق تەسەللى بېرەلەيمىز ۋە يىغىلىشلارغا بېرىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (2) نېمە ئۈچۈن ھازىر، ئەيسانىڭ يۇھاننا 3:16-ئايەتتىكى سۆزلىرىنى ئەسكە ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتى؟
16 ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە 19-ئاپرېل، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنى چاقىرىڭ (« ئۇلارنى چاقىرامسىز؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ). كېلەر يىلى، يەھۋا بىز ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان ھەممە يىغىلىشلارغا بېرىشقا ھەردائىم بىر-بىرىمىزنى دەۋەت قىلايلى. بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانىكەن، جامائەت يىغىلىشلىرىنى تاشلىماي قاتناشساق، بىز كەمتەرلىك، باتۇرلۇق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (1-سالونىكا. 5:8—11). يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق كۆرسىتەيلى!—يۇھاننا 3:16-نى ئوقۇڭ.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a 2019-يىل، 19-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەسىھنى خاتىرىلەش داستىخىنى بۇ يىلدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىلىشى بولىدۇ. بىز بۇ يىغىلىشقا نېمە ئۈچۈن قاتنىشىمىز؟ سەۋەبى، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشنى خالايمىز. ھازىر بۇ خاتىرىلەش داستىخىنى يىغىلىشىغا ۋە ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتلەردە: ئېتىقادى ئۈچۈن تۈرمىدە ئولتارغان قېرىندىشىمىز ئۆيىدىن كەلگەن روھلاندۇرىدىغان خەتنى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئۇنى ئۇنتۇمىغانلىقى ۋە سىياسىي ئىشلارغا قارىماستىن يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندە، خۇشال بولۇۋاتىدۇ.