يېتەكچى كېڭەشنىڭ يېڭى ئەزاسى
2018-يىلى 24-يانۋار، چارشەنبە كۈنى، قوشما شتاتلاردىكى ۋە كانادادىكى بەيتەل ئائىلىلىرى ئالاھىدە بىر ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىدى: كېننېت كۇك بۇرادەر يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدى.
كېننېت بۇرادەر قوشما شتاتلارنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان. ئۇ ھەقىقەتنى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا سىنىپدىشىدىن ئاڭلىغان ۋە 1980-يىل 7-ئىيۇن كۈنى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. ئاندىن 1982-يىل 1-سېنتەبىر كۈنى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، 1984-يىلى 12-ئۆكتەبىر كۈنى، كېننېت بۇرادەر نيۇيورك شتاتىنىڭ ۋولكىل شەھىرىدىكى بەيتەلگە چاقىرىلغانىدى.
25-يىل جەريانىدا كېننېت بۇرادەر باسمىخانىدا ۋە بەيتەل ئىشخانىسدا ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. 1996-يىلى ئۇ جېمې ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلىنىپ، ئىككىلىسى ۋولكىلدىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلغان. 2009-يىل دېكابىر ئېيىدا، ئۇ ئايالى بىلەن پاتتېرسېندىكى كۈزىتىش مۇنارى تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە يۆتكىلىپ، كېننېت بۇرادەر خەت-ئالاقە قىلىش بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. 2016-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا، ئۇلار ۋولكىلغا قايتىپ، بىراز ۋاقىت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن برۇكلىنغا كۆچۈپ بارغان. بەش ئايدىن كېيىن، ئۇلار نيۇيورك شتاتىدىكى ۋورۋىك شەھىرىگە جايلاشقان دۇنياۋىي باش ئىدارىگە كۆچكەن. 2017-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا، كېننېت بۇرادەر يېتەكچى كېڭەشنىڭ يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن.