2-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانى جامائەتتە مەدھىيىلەڭ
«جامائەت ئىچىدە ساڭا مەدھىيىلەر ئېيتىمەن».—زەبۇر 22:22.
9-ناخشا ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!
بۇ ماقالىدە a
1. داۋۇت يەھۋا ھەققىدە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان ۋە بۇ ئۇنى نېمىگە دەۋەت قىلغان؟
داۋۇت پادىشاھ: «يەھۋا ئۇلۇغدۇر، مەدھىيەلەشكە ئەڭ لايىقتۇر»،— دەپ يازغان (زەبۇر 145:3). ئۇ يەھۋانى ياخشى كۆرگەن ۋە بۇ ئۇنى «جامائەت ئىچىدە» خۇدانى مەدھىيىلەشكە دەۋەت قىلغان (زەبۇر 22:22؛ 40:5). شۈبھىسىزكى، سىزمۇ يەھۋانى ياخشى كۆرىسىز ۋە داۋۇتنىڭ مۇشۇ سۆزلىرى بىلەن كېلىشىسىز: «ئەي ئاتىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يەھۋا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن».—1-تارىخ. 29:10—13.
2. (1) يەھۋانى قانداق مەدھىيىلەلەيمىز؟ (2) بەزىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىش قىيىن ۋە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانى مەدھىيىلەشنىڭ بىر يولى — جامائەت يىغىلىشلىرىدا جاۋاب بېرىش. ئەممائەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قىيىن. ئۇلار مۇھاكىمىگە قاتنىشىشنى خالايدۇ، لېكىن جاۋاب بېرىشتىن قورقىدۇ. قورقۇنۇچنى قانداق يېڭىشكە بولىدۇ؟ ئىلھاملاندۇرىدىغان جاۋابلارنى بېرىشكە قانداق مەسلىھەتلەر ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشنىڭ ئاساسىي تۆرت سەۋەبىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
نېمە ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز؟
3—5. (1) ئىبرانىيلار 13:15-ئايەتكە ئاساسەن، بىز يىغىلىشلاردا نېمە ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز؟ (2) ھەممىمىز ئوخشاش جاۋاب بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
3 يەھۋانى مەدھىيىلەش — ھەممىمىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ (زەبۇر 119:108). يىغىلىشلاردىكى بەرگەن جاۋابلىرىمىز سۇنىدىغان ‹مەدھىيە قۇربانلىقىنىڭ› بىر قىسىمى ھەم ئۇنى بىز ئۈچۈن ھېچكىم بېرەلمەيدۇ (ئىبرانىيلار 13:15-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ھەممىمىزدىن ئوخشاش قۇربانلىق ئېلىپ كېلىشنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئوخشاش جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق!
4 يەھۋا بىزنىڭ قابىلىيەتلىرىمىزنى ۋە ئەھۋالىمىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن قۇربانلىقىمىزنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. يەھۋا ئىسرائىللىقلاردىن قانداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. بەزى ئىسرائىللىقلار قوينى ياكى ئۆشكىنى قۇربان قىلالىغان. كەمبەغەللەر بولسا، «ئىككى پاختەك» ياكى ئىككى باچكىنى قۇربانلىققا ئەكېلەتتى. ئەگەر ھەتتا ئىككى قۇشنى ئەكېلىشكە چامىسى بولمىسا، «بىر ئېفا ئاق ئۇننىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى» ئېلىپ كېلەلەتتى (لاۋى. 5:7، 11). ئۇن ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ، يەھۋا شۇ قۇربانلىقنىمۇ قەدىرلىگەن. ئەمما، بۇ ئۇن ئەڭ ياخشى ئۇندىن بولۇشى شەرت ئىدى.
5 مېھرىبان خۇدايىمىز ھېچ ئۆزگەرمىگەن. بىز جاۋاب بەرگەندە، ئۇ بىزنىڭ ئاپولوستەك سۆزگە چېچەن ياكى پاۋلۇستەك قايىل قىلارلىق سۆزلىشىمىزنى كۈتمەيدۇ (ئەلچى. 18:24؛ 26:28). يەھۋا بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلگىچە ئەڭ ياخشى جاۋابلارنى بېرىشىمىزنى خالايدۇ. ئىككى ئۇششاق تىيىننى ئىئانە قىلغان تۇل ئايال ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ قولىدا بار ئەڭ ياخشى نەرسىنى بەرگەنلىكتىن، يەھۋا ئۇنى قەدىرلىگەن.—لۇقا 21:1—4.
6. (1) ئىبرانىيلار 10:24، 25-ئايەتلەرگە ماس، باشقىلارنىڭ جاۋابلىرى بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ (2) سىزنى ئىلھاملاندۇرغان جاۋاپلار ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى قانداق بىلدۈرەلەيسىز؟
6 جاۋابلىرىمىز باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ (ئىبرانىيلار 10:24، 25-نى ئوقۇڭ). يىغىلىشلاردا ھەر تۈرلۈك جاۋابلارنى ئاڭلىغاندا خۇشال بولىمىز. مەسىلەن، كىچىك بالىلارنىڭ ئاددىي ۋە سەمىمىي سۆزلىرى كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىدۇ. يېڭى ھەقىقەتنى بىلىۋالغان بىرسىنىڭ ھاياجانلىق جاۋابى يۈرەك تارىمىزنى چېكىدۇ. ئۇيالچاق كىشى ياكى تىلىمىزنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلار «جۈرئەتلىك» بىلەن جاۋاب بەرگەندىمۇ ناھايىتى خۇشال بولىمىز (1-سالونىكا. 2:2). ئۇلارنىڭ كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟ يىغىلىشتىن كېيىن ئۇلارغا جاۋابلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ. ئۆزۈمىزمۇ جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيمىز. شۇنداق قىلساق، پەقەت ئۆزۈمىز ئىلھام ئالماي، باشقىلارغىمۇ ئىلھام بېرىمىز.—رىملىقلار 1:11، 12.
7. جاۋاب بەرگەندە ئۆزۈمىز قانداق پايدا ئالىمىز؟
7 جاۋاب بەرگەندە ئۆزۈمىزمۇ پايدا ئالىمىز (يەشايا 48:17). قانداقلارچە؟ بىرىنچىدىن، جاۋاب بېرىشكە مەقسەت قويساق، يىغىلىشلارغا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا ئىنتىلىمىز. ياخشى تەييارلانغاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىمىز. ئۇنى قانچىلىك چوڭقۇر چۈشەنسەك، بىلىمىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى قوللىنىالايمىز. ئىككىنچىدىن، مۇھاكىمىگە قاتناشساق، يىغىلىش بىز ئۈچۈن قىزىق ئۆتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، جاۋاب بېرىشكە كۈچ چىقارغانلىقتىن، ئېيتقان ئويلىرىمىز خېلى ۋاقىتقىچە ئېسىمىزدە قالىدۇ.
8، 9. (1) مالاكى 3:16-ئايەتتە يېزىلغاندەك، بىز جاۋاب بەرگەندە، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ (2) بەزىلەر نېمىدىن قورقۇشى مۇمكىن؟
8 ئېتىقادىمىز ھەققىدە سۆزلىگەندە، يەھۋانى خۇشال قىلىمىز. يەھۋا بىزنى تىڭشاپ، جاۋاب بېرىش ئۈچۈن چىقارغان كۈچىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقى سۆزسىز (مالاكى 3:16-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقاندا، ئۇ بىزگە بەرىكەتلەرنى تۆكىدۇ. بۇ — ئۇنىڭ بىزدىن رازى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.—مالاك. 3:10.
9 جاۋاب بېرىشكە مۇھىم سەۋەبلەر بارلىقى ئېنىق. شۇنداق بولسىمۇ، بەزىلەر قول كۆتىرىشتىن قورقىدۇ. ئەگەر سىزمۇ قورقسىڭىز، كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇن. كېلىڭلار، يىغىلىشلاردا كۆپرەك جاۋاب بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى، بىرنەچچە مىسالنى ۋە ئۈنۈملۈك مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
قورقۇنۇچنى يېڭىش
10. (1) جاۋاب بەرگەندە كۆپچىلىكىمىزدە قانداق قورقۇنۇچلار پەيدا بولىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن قورقۇنۇچ ياخشى بىر بەلگە؟
10 قول كۆتىرىپ جاۋاب بەرمەكچى بولغاندا، يۈرىكىڭىز ئاغزىڭىزغا تىقىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز يالغۇز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، جاۋاب بەرگەندە كۆپىنچىمىز ئەنسىرەيمىز. قورقۇنۇچنى يېڭىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشىڭىز كېرەك. سىز نېمىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ياكى ناتوغرا جاۋاب بېرىشتىن قورقامسىز؟ يە بولمىسا، باشقىلاردەك ياخشى جاۋاب بېرەلمەيمەن دەپ ئويلامسىز؟ بىر تەرەپتىن، شۇنداق قورقۇنۇچ ياخشى بىر بەلگە. بۇ سىزنىڭ كەمتەر ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا كەمتەر ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ (زەبۇر 138:6؛ فىلىپى. 2:3). ئەمما يەھۋا سىزنىڭ ئۇنى مەدھىيىلەپ، يىغىلىشتا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشىڭىزنى خالايدۇ (1-سالونىكا. 5:11). ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزگە كېرەكلىك جاسارەتنى بېرىدۇ.
11. يازمىلاردىكى قايسى ئويلار بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 يازمىلاردىكى بەزى ئويلارغا دىققەت قىلايلى. مۇقەددەس كىتابتا ھەممىمىزنىڭ سۆزدە خاتالىشىدىغانلىقى يېزىلغان (ياقۇپ 3:2). يەھۋا خۇدامۇ، قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىزدىن مۇكەممەللىكنى كۈتمەيدۇ (زەبۇر 103:12—14). بىز خۇددى بىر ئائىلىدەك ۋە بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز (ماركۇس 10:29، 30؛ يۇھاننا 13:35). بەزىدە ئېيتماقچى بولغان ئوي-پىكىرىمىزنى توغرا يەتكۈزەلمەسلىكىمىز مۇمكىنلىكىنى ئۇلار ياخشى چۈشىنىدۇ.
12، 13. نەھەمىيا ۋە يۇنۇسنىڭ مىساللىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
12 قورقۇنۇچ بىلەن كۈرىشىشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى. مەسىلەن، نەھەمىيانىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئۇ قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان. يېرۇسالىمنىڭ تاملىرى ۋە دەرۋازىلىرى تېخىغىچە ۋەيرانە ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ غەم-قايغۇغا پاتقان (نەھەم. 1:1—4). پادىشاھ ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن غەمكىن بولغانلىقىنى سورىغاندا، نەھەمىيانىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇ دەرھال دۇئا قىلىپ، كېيىن پادىشاھقا جاۋاب بەرگەن. نەتىجىدە، پادىشاھ خۇدا خەلقىگە كۆپ ياردەم بەرگەن (نەھەم. 2:1—8). ئەمدى يۇنۇسنىڭ مىسالىنى ئەسكە ئالايلى. يەھۋا ئۇنى نىنەۋەھ شەھىرىگەئەۋەتكەندە، ئۇ قورقۇپ باشقا ياققا قېچىپ كەتكەن (يۇنۇس 1:1—3). لېكىن، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن يۇنۇس ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىغان. نەتىجىدە نىنەۋەھلىكلەر ئۇنىڭ خەۋىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئامان قالغان (يۇنۇس 3:5—10). بۇ ئىككى مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ نەھەمىيانىڭ مىسالىدىن جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز. يۇنۇسنىڭ مىسالىدىن بولسا، قاتتىق قورقساقمۇ، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. راستىنى ئېيتساق، جامائەت يىغىلىشىدا جاۋاب بېرىش نىنەۋەھ خەلقىگە ھۆكۈم خەۋىرىنى ئېيتىشتىن نەقەدەر ئاسان، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
13 يىغىلىشلاردا ئىلھاملاندۇرىدىغان جاۋابلارنى بېرىشكە قانداق مەسلىھەتلەر ياردەم بېرىدۇ؟ ھازىر شۇلارنىڭ بىرنەچچىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
14. ئۇچرىشىشقا ياخشى تەييارلىنىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم ۋە بىز قاچان تەييارلىق قىلساق بولىدۇ؟
14 ھەربىر يىغىلىشقا تەييارلىنىڭ. يىغىلىشقا ئالدىن-ئالا ۋە ياخشى تەييارلانسىڭىز، جاۋاب بەرگەندە قاتتىق ئەنسىرىمەيسىز (پەند. نە 21:5). ئەلۋەتتە، ھەربىرىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىمىز ھەر تۈرلۈك. مەسىلەن، 80دىن ئاشقان ئېلويىزا ئىسىملىك تۇل قالغان قېرىندىشىمىز «كۈزىتىش مۇنارى» تەييارلىقىنى ھەپتىنىڭ بېشىدا باشلايدىكەن. ئۇ شۇنداق دېگەن: «ئالدىن-ئالا تەييارلانسام، يىغىلىشتىن كۆپرەك پايدا ئالىمەن». تولۇق ۋاقىت ئىشلەيدىغان جوي قېرىندىشىمىز «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق ماقالىسىغا يىغىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال تەييارلىق قىلىدىكەن. ئۇ: «شۇ چاغدا مەلۇمات ئېسىمدا قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم»،— دەپ ئېيتقان. ئىشى چاچتىن تولا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئايك: «مېنىڭ ئۈچۈن بىر ئولتۇرۇپلا كۆپ ۋاقىت تەييارلىق قىلغاندىن كۆرە، ھەپتە ئارلىقىدا بۆلۈپ-بۆلۈپ تەييارلىق قىلىش قولايلىقراق»،— دېگەن.
15. يىغىلىشلارغا قانداق ياخشى تەييارلىق قىلالايسىز؟
15 يىغىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ھەربىر ماقالىگە تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس روھ سوراڭ (لۇقا 11:13؛ 1-يۇھاننا 5:14). كېيىن بىرنەچچە مىنۇت چىقىرىپ، ، ماقالىنىڭ باش ماۋزۇسى، كىچىك ماۋزۇلىرى، سۈرەتلەر ۋە رامكىلىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ. ھەربىر ئابزاسىنى ئوقۇشقا كىرىشكەندە، مۇمكىن بولسا، كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇشقا تىرىشىڭ. ئوقۇغان مەلۇمات توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ، جاۋاب بەرمەكچى بولغان ئوي-پىكىرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. قانچىلىك ياخشى تەييارلانسىڭىز، شۇنچىلىك كۆپ پايدا ئالىسىز ۋە جاۋاب بېرىش ئاسانراق بولىدۇ.—2-كورىنت. 9:6.
16. سىزدە قانداق قوراللار بار ۋە ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىسىز؟
16 سىز بىلىدىغان تىلدىكى ئېلېكترونلۇق قوراللاردىن پايدىلىنىڭ. يەھۋا تەشكىلاتى ئارقىلىق تەييارلىق قىلىشقا ياردەم قىلىدىغان قوراللارنى بەرگەن. مەسىلەن، «®JW Library» پروگراممىسىدىن تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كېيىن خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا ماتېرىيالنى ئېچىپ، تەتقىق قىلالايسىز. ھېچ بولمىغاندا، ئۇنى ئوقالايسىز ياكى تىڭشالايسىز. بەزىلەر «®JW Library» پروگراممىسىنى ئىشتىكى ياكى مەكتەپتىكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ياكى بولمىسا يولدا كېتىۋاتقاندا ئىشلىتىدۇ. «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ كۇتۇپخانىسى» ۋە «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ تور كۇتۇپخانىسى» چوڭقۇرراق بىلگىمىز كەلگەن مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
17. (1) نېمە ئۈچۈن بىرنەچچە جاۋاب تەييارلاش مۇھىم؟ (2) «يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولۇڭ. جاۋاب بېرىشكە تەييارلىنىڭ» فىلىمىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
17 ماقالىگە بىرنەچچە جاۋابنى تەييارلاشقا تىرىشىڭ. بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ چۈنكى قولۇڭىزنى كۆتەرگەندە، سىزدىن سورىماي قېلىشى مۇمكىن. سىز بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرنەچچە ئادەم قول كۆتەرگەنلىكتىن، مۇھاكىمىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بۇرادەر سىزدىن ئەمەس، باشقا بىرسىدىن سورىشى مۇمكىن. يىغىلىش ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، ئېھتىمال بۇرادەر جاۋاب بېرىشنى خالىغانلارنىڭ ھەممىسىدىن سورىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھاكىمىنىڭ بېشىدا سىزدىن سورىمىسا، رەنجىمەڭ ياكى ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. ئەگەر سىز بىرنەچچە جاۋابنى تەييارلىسىڭىز، مۇھاكىمىگە كۆپرەك قاتنىشىشقا مۇمكىنچىلىكىڭىز بولىدۇ. بەلكىم، جاۋابلارنىڭ بىرىدە ئايەتنى ئوقۇپ بېرىسىز. ئەمما ئەڭ ياخشىسى ئۆز سۆزۈڭىز بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەرىكەت قىلىڭ b.
18. نېمە ئۈچۈن قىسقا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك؟
18 قىسقا جاۋاب بېرىڭ. ئادەتتە قىسقا ۋە ئاددىي جاۋابلار ئىلھام بېرىدۇ. شۇڭا قىسقا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مەقسەت قويۇڭ. ئۇنى 30 سېكۇنتتىن ئاشۇرماسلىققا تىرىشىڭ (پەند. نە 10:19؛ 15:23). كۆپ يىللاردىن بويان جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ جامائەتتىكى رولىڭىز ئالاھىدە. سىز قىسقىچە جاۋاب بېرىشتە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتەلەيسىز. ئەگەر بىرنەچچە مىنۇت سوزۇلغان مۇرەككەپ جاۋابلارنى بەرسىڭىز، باشقىلار سىزگە ئوخشاش ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن دەپ، جاۋاب بېرىشتىن تارتىنىشى مۇمكىن. قىسقا جاۋاب بەرسەك، مۇھاكىمىگە كۆپرەك ئادەملەر قاتنىشالايدۇ. بولۇپمۇ سىز بىرىنچى جاۋاب بەرسىڭىز، جاۋابىڭىز ئاددىي ۋە ئېنىق بولسۇن. ئابزاستىكى بارلىق ئوي-پىكىرلەرنى ئېيتىشنىڭ كېرىكى يوق. ئاساسىي ئوي ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، قوشۇمچە ئويلارنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ (« قانداق جاۋاب بەرسەم بولىدۇ؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ).
19. مۇھاكىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇرادەر سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
19 قايسى ئابزاسقا جاۋاب بەرمەكچى بولغانلىقىڭىزنى مۇھاكىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇرادەرگە ئېيتىڭ. شۇنداق قىلىشنى قارار قىلسىڭىز، بۇرادەرگە بۇنى يىغىلىشنىڭ ئالدىدا دەپ قويۇڭ. سىز جاۋاب بېرىدىغان ئابزاس ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۇ بۇرادەر كۆرەلىشى ئۈچۈن قولىڭىزنى دەرھال ئېگىز كۆتۈرۈڭ.
20. يىغىلىش قايسى تەرەپتىن دوستلار بىلەن داستىخاندا جەم بولغانغا ئوخشايدۇ؟
20 جامائەت يىغىلىشىنى يېقىن دوستلىرىڭىز بىلەن داستىخان ئالدىدا جەم بولۇش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. جامائەتتىكى دوستلىرىڭىز سىزنى مېھمانغا چاقىرىپ، كىچىك بىرنەرسە پىشۇرۇپ كېلىشنى سورىسا، نېمە قىلاتتىڭىز؟ ئازراق ئەنسىرىسىڭىزمۇ، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ھەممىسىى ياقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسىنى پىشۇرىسىز. بىزنى مېھمانغا چاقىرغان يەھۋا ھەربىر يىغىلىشتا مول داستىخان ھازىرلايدۇ (زەبۇر 23:5؛ مەتتا 24:45). بىز ئاددىي بولسىمۇ، قولىمىزدا بار ئەڭ ياخشى سوۋغاتمىزنى ئېلىپ كەلسەك، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. ئۇنداقتا، يىغىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، پات-پات جاۋاب بېرىشكە كۈچ چىقىرىڭ. شۇ چاغدىلا، سىز پەقەت يەھۋانىڭ داستىخىنىدىن ئۇزۇقلىنىپ قالماي، ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىڭىزنى جامائەت بىلەن بۆلۈشەلەيسىز.
138-ناخشا يەھۋا — سېنىڭ ئىسىمىڭ
a داۋۇتقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇنى مەدھىيىلىكىمىز كېلىدۇ. جامائەت يىغىلىشلىرىدا يىغىلىش خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ ئالاھىدە پۇرسىتى پەيدا بولىدۇ. بىراق بەزىلەر ئۈچۈن يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سىز ئۈچۈنمۇ قىيىن بولسا، مۇشۇ ماقالە سىزگە قورقۇنۇچىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ.
b jw.org تور بېكىتىدىن «يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولۇڭ — جاۋاب بېرىشكە تەييارلىنىڭ» دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ (مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى < بالىلار).