مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۇ يان،‏ بۇ يان قاراپ،‏ ھودۇ‌قما،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن

ئۇ يان،‏ بۇ يان قاراپ،‏ ھودۇ‌قما،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن

‏«قورقمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سە‌ن بىلە‌ن بىللە‌دۇ‌رمە‌ن.‏ ئە‌ندىشە قىلمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن.‏ سېنى كۈچلە‌ندۈرىمە‌ن،‏ ساڭا ياردە‌م بېرىمە‌ن».‏—‏يە‌شايا 41:‏10‏.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 41:‏10-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر يوشىكوغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ سۆزلىرى كىملە‌ر ئۈچۈن يېزىلغان؟‏

 ئۇ‌زۇ‌ن يىللار جە‌ريانىدا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان يوشىكو ئىسىملىك قېرىنداش دوختۇ‌ردىن يامان خە‌ۋە‌ر ئاڭلىغان.‏ دوختۇ‌ر ئۇ‌نىڭغا بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يوشىكو بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگە‌ن ئايە‌ت،‏ يە‌شايا 41:‏10-‏دىكى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ سۆزلە‌رنى ئېسىغا ئالغان.‏ ئۇ ھودۇ‌قماستىن،‏ دوختۇ‌رغا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ قولىنى چىڭ تۇ‌تقانلىقتىن،‏ ھېچ قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان b‏.‏ ئايە‌تتىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆزلە‌ر ئە‌زىز قېرىندىشىمىزغا يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌ت بىزگىمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە خاتىرجە‌م بولۇ‌پ قېلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ ئاۋۋال خۇ‌دا بۇ سۆزلە‌رنى يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رگە نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

2 بېشىدا يە‌ھۋا بۇ سۆزلە‌رنى بابىلدا قۇ‌للۇ‌قتا بولىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن يە‌شايا ئارقىلىق ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ يە‌شايا 41:‏10-‏دىكى سۆزلە‌ر پە‌قە‌ت ئۇ‌لارغىلا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن ياشىغان خىزمە‌تچىلىرىگىمۇ پايدا ئە‌كېلىش ئۈچۈن يېزىلغان (‏يە‌شايا 40:‏8؛‏ رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ «ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار» ياشاۋاتقانلىقتىن،‏ بىز ئىلھام بېرىدىغان بۇ سۆزلە‌رگە بە‌كمۇ مۇ‌ھتاج.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏.‏

3.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 41:‏10-‏ئايە‌تتە قانداق ۋە‌دىلە‌ر يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ بىز بۇ ۋە‌دىلە‌رگە نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھتاج؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌شايا 41:‏10-‏دىكى ئۈچ ۋە‌دىسىنى c كۆرۈپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بولىدۇ؛‏ (‏2)‏ ئۇ بىزنىڭ خۇ‌دائىمىز؛‏ (‏3)‏ ئۇ بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يوشىكوغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ سىناقلارغا ئۇ‌چرايمىز،‏ شۇ‌ڭا بىزمۇ بۇ سۆزلە‌رگە مۇ‌ھتاج.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادىكى كۈندىن-‏كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ۋە‌زىيە‌ت بىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بە‌زى قېرىنداشلار ھۆكۈمە‌تنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە تە‌قىپكە ئۇ‌چراۋاتىدۇ.‏ ھازىر بۇ ئۈچ ۋە‌دىنى بىر-‏بىرلە‌پ مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

‏«مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بىللىدۇ‌رمە‌ن»‏

4.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ بىرىنچى ۋە‌دىسى قانداق؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ (‏3)‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋانىڭ بىرىنچى ۋە‌دىسى:‏ ‏«قورقمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سە‌ن بىلە‌ن بىللە‌دۇ‌رمە‌ن»‏ d‏.‏ ئۇ بىزگە ھە‌ممە دىققىتىنى بۆلۈپ،‏ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى بۇ سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئىپادىلىگە‌ن:‏ «سە‌ن نە‌زە‌رىمدە قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك بولغاچ،‏ سېنى شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈردۈم،‏ سېنى سۆيدۈم» (‏يە‌شايا 43:‏4‏)‏.‏ ئالە‌مدىكى ھېچبىر كۈچ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ (‏يە‌شايا 54:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن دوستلۇ‌قى بىزنى جاسارە‌تلىك قىلىدۇ.‏ ئۇ دوستى ئابرامغا (‏ئىبراھىم)‏:‏ «ئابرام،‏ قورقما.‏ مە‌ن سېنىڭ ئۈچۈن قالقان»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يارىت.‏ 15:‏1‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمنى قانداق قوغدىغان بولسا،‏ بىزنىمۇ شۇ‌نداق قوغدايدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن سۇ‌لاردە‌ك ۋە ئوتتە‌ك سىناقلارغا تاقابىل تۇ‌رالايمىز (‏5،‏ 6-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏ e

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلاردا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ (‏2)‏ يوشىكونىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز ؟‏

5 بىز يە‌ھۋانىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئۆز خە‌لقىگە مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «سۇ‌لاردىن كېچىپ ئۆتكىنىڭدە،‏ مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بولىمە‌ن،‏ دە‌ريالاردىن ئۆتكىنىڭدە سۇ‌غا غە‌رق بولمايسە‌ن.‏ ئوتتىن ئۆتۈپ يۈرگىنىڭدە،‏ كۆيۈپ كە‌تمە‌يسە‌ن ۋە ئۈستۈڭگە ئوت تۇ‌تۇ‌شۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ» (‏يە‌شايا 43:‏2‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

6 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلىشقا ۋە‌دە قىلمىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ «دە‌ريالاردە‌ك» قىيىنچىلىقلارنىڭ بىزنى چۆكتۈرۈۋېتىشىگە ۋە بىزنىڭ «ئوتتە‌ك» سىناقلاردا مە‌ڭگۈ ئازاب چېكىشىمىزگە يول قويمايدۇ.‏ ئۇ سىناقلار ۋاقتىدا يېنىمىزدا بولۇ‌پ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىشكە ۋە‌دە قىلغان.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى قانداق قىلىدۇ؟‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆلۈم ئالدىدا تۇ‌رساقمۇ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن،‏ قورقۇ‌نۇ‌چقا چۈشمە‌سلىكىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 41:‏13‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان يوشىكو بۇ‌نىڭغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ قىزى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاپامنىڭ خاتىرجە‌ملىكى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكى بە‌رگە‌نلىكى روشە‌ن كۆرۈندى.‏ ئاپام ئاخىرقى نە‌پىسىگىچە سېسترالار بىلە‌ن يېنىدىكى باشقا ئاغرىق كىشىلە‌رگە يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتقان».‏ يوشىكونىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بىز يە‌ھۋانىڭ «مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بىللىدۇ‌رمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ بىزمۇ جاسارە‌ت بىلە‌ن كۈچكە تولۇ‌پ،‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز

‏«مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن»‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ ئىككىنچى ۋە‌دىسى قانداق ۋە ئۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا قۇ‌للۇ‌قتىكى يە‌ھۇ‌دىيلارغا نېمە ئۈچۈن «ئە‌ندىشە قىلمىغىن» دېگە‌ن؟‏ (‏3)‏ يە‌شايا 46:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تتىكى قايسى سۆزلە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇ‌رغان؟‏

7 يە‌شايا كىتابىدىكى ئىككىنچى ۋە‌دىنى كۆرۈپ چىقايلى:‏ ‏«ئە‌ندىشە قىلمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن».‏ بۇ يە‌ردىكى «ھودۇ‌قۇ‌ش» دېگە‌ن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌سلى يازمىلاردىكى،‏ بۇ سۆز «بىرە‌ر خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن قورقۇ‌پ،‏ كە‌ينىگە ئە‌نسىرە‌پ قاراشنى» ياكى «خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تتە بولغان كىشىدە‌ك ئالاقزادە بولۇ‌شنى» بىلدۈرىدۇ.‏

8 يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بابىل قۇ‌للىقىدىكى يە‌ھۇ‌دىيلارغا «ھودۇ‌قماڭلار» دېگە‌ن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ شۇ يە‌رنىڭ تۇ‌رغۇ‌نلىرى قورقۇ‌پ كېتىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ 70 يىللىق قۇ‌للىقىنىڭ ئاخىرىدا مىدىيا بىلە‌ن پارسنىڭ كۈچلۈك قوشۇ‌نلىرى بابىلغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يە‌ھۋا بۇ ئە‌سكە‌رلە‌رنى ئۆز خە‌لقىنى بابىل قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىشلە‌تمە‌كچى بولغان (‏يە‌شايا 41:‏2—‏4‏)‏.‏ بابىللىقلار ۋە شۇ چاغدا ياشىغان باشقا كىشىلە‌ر دۈشمە‌نلىرى يېقىنلىشىۋاتقاندا بىر-‏بىرىگە «يۈرە‌كلىك بول!‏»،‏ دە‌پ ئېيتاتتى.‏ ئۇ‌لار يە‌نە كۆپرە‌ك بۇ‌تلارنى ياساپ،‏ قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ قالىمىز دە‌پ ئۈمىدلە‌نگە‌ن (‏يە‌شايا 41:‏5—‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا بولسا،‏ قۇ‌للۇ‌قتا بولغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا:‏ «ئە‌ي ئىسرائىل،‏ سە‌ن مېنىڭ قولۇ‌م،‏ … ئە‌ندىشە قىلمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇ‌رغان (‏يە‌شايا 41:‏8—‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا «مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن» دە‌پ ئېيتىشى بىلە‌ن،‏ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌مىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ تېخىغىچە ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌داسى،‏ ئۇ‌لار بولسا ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ئىدى.‏ يە‌ھۋانىڭ «سىلە‌رنى ئۆزۈم يۈدۈپ،‏ … قۇ‌تقۇ‌زىمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسى سۆزسىز خە‌لقنى روھلاندۇ‌رغان.‏—‏يە‌شايا 46:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9،‏ 10.‏ نېمە ئۈچۈن بىزگە قورقۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 دۇ‌نيادىكى ئە‌ھۋالنىڭ ناچارلىشى ئادە‌ملە‌رنى ساراسىمىگە سالماقتا.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ قىيىنچىلىقلار بىزگىمۇ تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ بىزگە قورقۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە:‏ «مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بۇ سۆزلە‌ر نېمە سە‌ۋە‌بتىن بىزنىڭ خاتىرجە‌م بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ جېلىل بىلە‌ن بە‌ختىيار ئىسىملىك ئىككى كىشى ئايروپىلاندا ئۇ‌چۇ‌ۋاتقاندا،‏ ئۇ كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىدىن سىلكىنىدۇ.‏ شۇ چاغدا ياڭراتقۇ‌دىن:‏ «بىخە‌تە‌رلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلاڭلار.‏ ئايروپىلان يە‌نە بىراز ۋاقىت سىلكىنىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ئاۋاز ئاڭلاندى.‏ جېلىل قاتتىق قورقۇ‌پ كېتىدۇ.‏ بىر ۋاقىتتا ئۇ‌چقۇ‌چى:‏ «ھودۇ‌قماڭلار،‏ سىلە‌رگە ئۇ‌چقۇ‌چى سۆزلە‌ۋاتىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىدۇ.‏ ئە‌مما جېلىل بېشىنى چايقاپ:‏ «قانداق ھودۇ‌قمايسە‌ن؟‏!‏»—‏ دە‌يدۇ.‏ ئۇ بە‌ختىيارنىڭ ھېچ قورقمىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن:‏ «ھە‌ي،‏ سە‌ن نېمە ئۈچۈن قورقماي ئولتۇ‌رسە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏ بە‌ختىيار كۈلۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ «مە‌ن بۇ ئۇ‌چقۇ‌چىنى ياخشى تونۇ‌يمە‌ن.‏ ئۇ —‏ مېنىڭ دادام!‏»—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ:‏ ‏«دادام قانداق كىشى ئىكە‌نلىكىنى،‏ قانچىلىك تە‌جرىبىلىك ئۇ‌چقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى بىلسە‌ڭ،‏ سە‌نمۇ قورقمايسە‌ن»،‏—‏ دىدى.‏

11.‏ ئايروپىلانندىكى ئىككى كىشى توغرۇ‌لۇ‌ق مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

11 بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ بە‌ختىيارغا ئوخشاش بىز ئە‌نسىرىمە‌يمىز،‏ چۈنكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ياخشى تونۇ‌يمىز.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىدا بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۇ‌لاردىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 35:‏4‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا تايانغانلىقتىن،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش قورقۇ‌نۇ‌چقا بېرىلمە‌ي،‏ خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىيالايمىز (‏يە‌شايا 30:‏15‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ بىزمۇ بە‌ختىيارغا ئوخشاش خۇ‌داغا نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلە‌ي بىلە‌ن تايىنىدىغانلىقىمىزنى باشقىلارغا ئېيتالايمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقتا ئۇ‌لارنى سۆزسىز قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئۇ‌لارمۇ مە‌ھكە‌م ئىشىنە‌لە‌يدۇ.‏

‏«سېنى كۈچە‌يتىمە‌ن،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌مدە بولىمە‌ن»‏

12.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ ئۈچىنچى ۋە‌دىسى قانداق؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ «بىلىكى» دېگە‌ن سۆز نېمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ؟‏

12 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان ئۈچىنچى ۋە‌دىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يە‌ھۋا:‏ ‏« سېنى كۈچە‌يتىمە‌ن،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌مدە بولىمە‌ن»‏‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ:‏ «مانا،‏ ئۇ‌لۇ‌غ رە‌ب يە‌ھۋا كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىلە‌ن كېلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ بىلىكى ئۇ ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يە‌شايا 40:‏10‏)‏.‏ «ئۇ‌نىڭ بىلىكى» دېگە‌ن سۆزلە‌ر يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك پادىشاھ ئىكە‌نلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ تە‌ڭداشسىز كۈچىنى قە‌دىمقى زامانلاردا ئۇ‌نىڭغا تايانغان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىشتە قانداق ئىشلە‌تكە‌ن بولسا،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 1:‏30،‏ 31؛‏ يە‌شايا 43:‏10‏.‏

يە‌ھۋانىڭ تە‌ڭداشسىز كۈچىگە قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كە‌لمە‌يدۇ (‏12—‏16-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏ f

13.‏ (‏1)‏ قانداق ئە‌ھۋالدا،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م ئۆز ۋە‌دىنىسنى ئورۇ‌نلايدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە ئىشە‌نچ ئاتا قىلىدغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ؟‏

13 دۈشمە‌نلە‌ربىزگە قارشى چىققاندا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ «سېنى كۈچلە‌ندۈرىمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدۇ.‏ دۇ‌نيانىڭ بە‌زى جايلىرىدا،‏ دۈشمە‌نلىرىمىز ۋە‌ز ئىشىمىزنى توختىتىشقا ۋە تە‌شكىلاتىمىزنىڭ پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ شۇ‌نداق ھۇ‌جۇ‌ملار سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ددىدىن زىيادە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلمايمىز.‏ يە‌ھۋا بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە ئىشە‌نچ ئاتا قىلىپ مۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىدۇ:‏ «ساڭا قارشى چىقىش ئۈچۈن ياسالغان ھە‌رقانداق قورال-‏ياراق غە‌لبە قازىنالماس» (‏يە‌شايا 54:‏17‏)‏.‏ بۇ بىزگە ئۈچ مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏

14.‏ دۈشمە‌نلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ؟‏

14 بىرىنچى،‏ بىز مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغانلىقتىن،‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏مە‌تتا 10:‏22‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاخىر زاماندا شاگىرتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە‌ئالدىن-‏ئالا ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏مە‌تتا 24:‏9؛‏ يۇ‌ھاننا 15:‏20‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر دۈشمە‌نلە‌ر بىزنى ئۆچ كۆرۈپلا قويماي،‏ بىزگە قارشى ھە‌ر تۈرلۈك قوراللارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار يالغاننى ھە‌قىقە‌تتە‌ك كۆرسىتىشى،‏ بىز ھە‌ققىدە يالغان سۆز-‏چۆچە‌كلە‌رنى تارقىتىشى ۋە بىزگە ۋە‌ھشىيلە‌رچە زىيانكە‌شلىك قىلىشى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 5:‏11‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ شۇ قوراللارنى بىزگە قارشى قوللىنىشىنى توسىمايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏12؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17‏)‏.‏ لېكىن،‏ قورقۇ‌شقا ھېچقانداق سە‌ۋە‌پ يوق.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ ئېسىمىزدە‌ا ساقلاشقا تېگىشىلىك ئۈچىنچى ۋە‌دە نېمە ۋە بۇ يە‌شايا 25:‏4،‏ 5تىن قانداق كۆرىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ يە‌شايا 41:‏11،‏ 12گە ئاساسلانغاندا.‏بىزگە قارشى ھۇ‌جۇ‌ملارنىڭ ئاقىۋېتى نېمە بولىدۇ؟‏

15 ئېسىمىزدە ساقلاشقا تېگىشلىك ئۈچىنچى ۋە‌دىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يە‌ھۋا بىزگە قارشى ئىشلىتىلگە‌ن «ھېچقانداق قورالنىڭ» كارغا كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ تام بىزگە‌بوراندا دالدا بولغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ ھۇ‌جۈمدىن ھىمايە قىلىدۇ ‏(‏يە‌شايا 25:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دۈشمە‌نلىرىمىز بىزگە مە‌ڭگۈگە زىيانكە‌شلىك قىلالمايدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏17‏.‏

16 يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن،‏ بىزگە «ئاچچىقلانغانلارنىڭ» ھە‌ممىسىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىي چۈشە‌ندۈرىدۇ ‏(‏يە‌شايا 41:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى قانچىلىك شىددە‌تلىك بولمىسۇ‌ن،‏ ئاقىۋە‌تتە خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ھە‌ممە دۈشمە‌نلىرى «پۈتۈنلە‌ي يوق بولۇ‌پ كېتە‌ر».‏

يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە دائىم ئوقۇ‌ش ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك تايىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏17،‏ 18-‏بە‌تلە‌رگە قاراڭ)‏ g

17،‏ 18.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش يە‌ھۋاغا تايىنىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏ (‏2)‏ 2019-‏يىللىق ئايە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

17 يە‌ھۋانى يېقىنراق تونۇ‌غانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆپرە‌ك تايىنىمىز.‏ خۇ‌دانى تونۇ‌شنىڭ يالغۇ‌ز يولى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا ئۆتمۈشتە ئۆز خە‌لقىنى قانداق قوغدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئىشە‌نچلىك مە‌لۇ‌مات بار.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا بىزگىمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

18 يە‌ھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلدىغانلىقىنى،‏ يە‌شايا ئاجايىپ مىسال بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانى قويچى ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى قوزىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ يە‌شايا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق:‏ «ئۆز قولى بىلە‌ن قوزىلىرىنى توپلايدۇ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌چىقىدا كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يە‌شايا 40:‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى باغرىغا باسقاندا،‏ ئۆزۈمىزنى ناھايىتى خاتىرجە‌م ھېس قىلىمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرايلى،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىمىزغاياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل 2019-‏يىلنىڭ ئايىتى سۈپىتىدە،‏ يە‌شايا 41:‏10-‏دىكى ‏«‏ئە‌ندىشە قىلمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن»‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى تاللىغان.‏ ئىلھام بېرىدىغان بۇ سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلايلى.‏ بۇ سۆزلە‌ر بىزنى كېلە‌چە‌كتىكى قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە تە‌ييارلايدۇ.‏

137-‏ناخشا جاسارە‌ت بە‌رگىن

a ‏2019-‏يىل ئۈچۈن تاللانغان ئايە‌تتە،‏ دۇ‌نيادا ھە‌م ھاياتىمىزدا قورقونچلۇ‌ق ئىشلارغا يولۇ‌ققاندا،‏ خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشنىڭ ئۈچ سە‌ۋە‌بى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ ماقالىدە شۇ سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە بېرىلمە‌ي،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك تايىنىشنى ئۆگىنىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ يىللىق ئايە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ ئىلاجى بولسا،‏ ئۇ‌نى يادلاۋېلىڭ.‏ بۇ ئايە‌ت سىزگە كېلە‌چە‌كتىكى قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ.‏

c سۆز مە‌نىسى:‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىسى —‏ بىرە‌ر نە‌رسە چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىلغان ئىشە‌نچلىك سۆزلە‌ر.‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ بىزنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلاردا،‏ ئارتۇ‌قچە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى قىلماسلىققا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

d ئىزاھات:‏ «قورقما» دېگە‌ن سۆز يە‌شايا 41:‏10،‏ 13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌ردە ئۈچ قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ يە‌نە بۇ ئايە‌تلە‌ردە يە‌ھۋاغا قارىتا «مە‌ن» دېگە‌ن سۆز كۆپ قېتىم قوللانغان.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن يە‌شاياغا «مە‌ن» دېگە‌ن سۆزنى كۆپ قېتىم يازدۇ‌رغان؟‏ بىر مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى تە‌كىتلە‌ش ئۈچۈن:‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا تايانساقلا،‏ قورقۇ‌نۇ‌چنى يېڭىۋالالايمىز.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئائىلە ئە‌زالىرى ئىشتا،‏ سالامە‌تلىك تە‌رە‌پتىن،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ۋە مە‌كتە‌پتە سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ ئۆيدە ئۆتۈۋاتقان جاژامائە‌ت يىغىلىشىغا ساقچىلار بېسىپ كىردى،‏ لېكىن قېرىنداشلار ھودۇ‌قماي ئولتۇ‌رىدۇ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى دائىم ئۆتكۈزۈش سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏