ئەقىل ئۈچۈن جەڭدە غەلبە قازىنىڭ!
سىز ھۇجۇم ئاستىدا! دۈشمىنىڭىز شەيتان سىزگە قارشى ناھايىتى كۈچلۈك قۇرالنى قوللانماقتا. بۇ قۇرالنىڭ نىشانى بەدىنىڭىز ئەمەس، ئەقلىڭىز. بۇ قانداق قۇرال؟ تەشۋىقات!
ئەلچى پاۋلۇس شەيتاننىڭ تەشۋىقاتى بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما ئۆز ۋاقتىدا بۇ خەۋپ-خەتەر ھەققىدە مەسىھىيلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بىلمىگەن. مەسىلەن، كورىنت شەھىرىدىكى بەزى قېرىنداشلار ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىمىز، شەيتان بىزنى ھېچ ئالداپ كېتەلمەيدۇ دەپ ئويلىغاندۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:12). شۇنىڭ ئۈچۈن پاۋلۇس ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «شۇنىڭدىن قورقۇمەنكى، يىلان ئۆز قۇۋلۇقى بىلەن ھاۋا ئانىنى ئازدۇرغاندەك، سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار مەسىھ لايىق بولغان پاكلىقتىن ھەم سەمىمىيلىكتىن چەتنەپ، بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن»،— دېگەن (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 11:3).
پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى ئۆزۈمىزگە ھەددىدىن تاشقىرى تايانماسلىقىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىل ئۈچۈن كۈرەشتە يېڭىۋېلىشنى خالىسىڭىز، شەيتاننىڭ تەشۋىقاتى قانچىلىك خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭدىن ھىمايە قىلىشىڭىز لازىم.
تەشۋىقات قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟
بۇ ماقالىدىكى تەشۋىقات ياكى تەرغىبات دېگەن سۆز ئادەملەرنى ئازغاشتۇرۇش ياكى ئوي-خىيالى بىلەن ئىش-ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئېيتىلىدىغان يالغان ياكى ساختا مەلۇمات. بىر كىتابقا ئاساسلانغاندا، تەشۋىقات «ئەخلاقسىز، زىيانلىق ۋە قارا نىيەتلىك» بولىدۇ («Propaganda and Persuasion»). ئادەملەر بۇنى «يالغان، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش، ئالداش، تىزگىنىنى ئاستىغا ئېلىۋېلىش ياكى بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاڭ سېزىمىنى باشقۇرۇشقا» ئوخشاش سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرىدۇ.
تەشۋىقات ئىنتايىن خەتەرلىك، سەۋەبى ئۇ ئاستا-ئاستا ئاڭ سېزىمىمىزنى چىرمىۋالىدۇ، بۇنى ھەتتا ئۆزۈمىزمۇ تۇيماي قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇ خۇددى بىر كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان زەھەرلىك گازغا ئوخشايدۇ. ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ۋانس پاكاردنىڭ ئېيتىشىچە، تەرغىبات بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزگە ئۆزۈمىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپرەك تەسىر ئۇچرىغان ۋە تىزگىن ئاستىغا ئېلىنغان. باشقا بىر مۇتەخەسسىس ھەم شۇنداق دەيدۇ: تەشۋىقاتنىڭ كاساپىتىدىن ئادەملەر ئىنتايىن خەتەرلىك، ھەتتا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ۋە بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش، ئىرقى كەمسىتىش ۋە ھەرخىل دىندىكىلەر A History of Propaganda—Easily Led»).
بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ («ئەگەر، ھەتتا ئادەمنىڭ ئۆزى بىزنى تەشۋىقات بىلەن ئالدايدىغان بولسا، ئۇنداقتا شەيتان ھەققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟ ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىرىنچى ئادەم يارىتىلغاندىن تارتىپ ئۆگىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ھازىر «پۈتكۈل دۇنيانى» باشقۇرماقتا، شۇڭا ئۇ ئۆز يالغانچىلىقىنى تارقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تەۋە ھەرقانداق نەرسىدىن پايدىلىنالايدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 5:19؛ يوھاننا 8:44). شەيتان تەرغىباتى بىلەن ئادەملەرنىڭ «ئەقىللىرىنى قارغۇ» قىلىپ، ھازىر «پۈتكۈل ئاھالىلىق يەرنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 4:4؛ ۋەھىي 12:9). سىز ئۇنىڭ تەشۋىقاتىغا قانداقلارچە قارشى تۇرالايسىز؟
ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ
ئەيسا تەشۋىقاتقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاددىي يولىنى مۇنداق دەپ ئۆگەتكەن: «سىلەر ھەقىقەتنى تونۇپ-بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازاتلىققا چىقىرىدۇ» (يوھان 8:31، 32). ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر ئىشەنچلىك مەلۇماتنى قەيەردىن ئېلىشنى بىلىشى مۇھىم، چۈنكى دۈشمەنلەر ئۇنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن يالغان مەلۇمات تارقىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئىشىنىشكە بولىدىغان مەلۇماتنى نەدىن تاپالايسىز؟ يەھۋا ئۇنى ئۆز سۆزى، مۇقەددەس كىتابتا، يېزىپ قويغان. ئۇ يەردە شەيتاننىڭ تەشۋىقاتىنى تۈپ يىلتىزى بىلەن يوق قىلىش ئۈچۈن كېرەك نەرسىنىڭ ھەممىسى بار (تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17).
ئەلۋەتتە، شەيتان بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆز ئالقىنىدىكى دۇنيا ئارقىلىق دىققىتىمىزنى چېچىپ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقۇتۇشنى خالايدۇ. «ئىبلىسنىڭ قەستلىكلىرىگە» ئالدانماڭ! (ئەفەسلىكلەرگە 6:11). ئاساسىي ھەقىقەتلەرنىلا چۈشىنىۋېلىپ، توختىماڭ. بىز يەڭنى تۈرۈپ، كۆپ تەر تۆكۈشىمىز زۆرۈر (ئەفەسلىكلەرگە 3:18). نوئام خومسكى ئىسىملىك يازغۇچى مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم ھەقىقەتنى سىزنىڭ مېڭىڭىزگە قۇيمايدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىزدەپ تېپىشىڭىز كېرەك». ئۇنداقتا، «ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى سىنچىلاپ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق ھەقىقەتكە «كۆز يەتكۈزۈڭ» (ئەلچىلەر 17:11).
شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، شەيتان، سىزنىڭ سوئاللارنى ئالدىڭىزغا قويۇپ چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتىشىڭىزنى خالىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ئادەملەر «مەلۇماتنى تارازىغا سېلىپ ئويلانمىغاندا»، تەشۋىقات «ناھايىتى نەتىجىلىك بولىدۇ» («Media and Society in the Twentieth Century»). ئويلانماستىن، ئاڭلاپلا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئىشىنىۋەرمەڭ (پەندى-نەسىھەت 14:15). خۇدا بەرگەن «ئەقىلنى» ۋە «سەزگۈرلۈكنى» ئىشلىتىپ، ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ (پەندى-نەسىھەت 2:10—15؛ رىملىقلارغا 12:1، 2).
ئۆملۈكنى ساقلاڭ
ھەربىي رەھبەرلەر ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتى ۋە جەڭ قىلىش روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. تەشۋىقات تۈپەيلىدىن، ئۇلار ھەتتا ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ كېتىشى ياكى قالغان قوشۇندىن بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىر نېمىس قۇمانداننىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ يېڭىلىپ قالغىنىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ تەشۋىقات بولغان. دۈشمەن تەشۋىقاتى تەسىرىدە، قايمۇقۇپ خۇددى توشقان يىلاننىڭ ئالدىمىغا چۈشەنكەدەك بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە شەيتانمۇ مەسىھىيلەرنىڭ ئۆملۈگىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇسى كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزلىرىگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدى دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن ئېلىپ كېتىشكە تىرىشىدۇ.
ئالدىنىپ قالماڭلار! خۇدانىڭ سۆزىدىكى مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە بولۇڭ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب «ھىممەتلىك كەچۈرۈشكە» ۋە ھەرقانداق كېلىشمەسلىكنى تېز ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (كولوسىلىقلارغا 3:13، 14؛ مەتتا 5:23، 24). شۇنىڭ بىلەن، جامائەتتىن يىراقلىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 18:1). شەيتاننىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇشقا تەييار بولغانلىقىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈڭ. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ئاخىرقى قېتىم قېرىنداشلىرىم رەنجىتكەندە مەن خۇداغا لايىق ھەرىكەت قىلدىممۇ ياكى شەيتانغا ياقىدىغاندەك ھەرىكەت قىلدىممۇ؟» (گالاتىلىقلارغا 5:16—26؛ ئەفەسلىكلەرگە 2:2، 3).
ئىشەنچىڭىز تەۋرەنمىسۇن
رەھبىرىگە سادىق بولمىغان ئەسكەر بار كۈچىنى چىقارمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەسكەرلەر بىلەن رەھبەرلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى بۇزۇش ئۈچۈن دۈشمەن تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىدۇ. تەشۋىقاتچىلار، «ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ!» ۋە «ئۇلار كۆرسەتكەن يولدا ماڭماڭلار، ئۇ يول ھالاكەتكە يېتەكلەيدۇ!» دېگەن يالغان-ياۋداقنى تارقىتىدۇ. شەيتاننىڭمۇ ئۇسۇلى دەل شۇنداق. ئۇ يەھۋا ئۆز خەلقىنى يېتەكلەش ئۈچۈن تەيىنلىگەن كىشىلەرگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تەۋرىتىشنى خالايدۇ.
بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى قانداق ھىمايە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن ئايرىلماسلىققا بەل باغلاڭ. خۇدا خەلقىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەر كىشىلەر نامۇكەممەل بولسىمۇ، ساداقەتمەن بولۇپ، ئۇلارنى قوللاشنى توختاتماڭ (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:12، 13). مۇناپىقلار بىلەن باشقا قارا نىيەتلىك ئادەملەر تەشكىلاتقا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن (تىتقا 1:10). ئۇلارنىڭ سۆزلىرى راستتەك بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، «ئۆز ئوي-پىكىرىڭىزدە ئىككىلىنىشكە ئالدىرىماڭ» (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 2:2). پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا بەرگەن مەسلىھىتىگە ئىتائەت قىلىپ، «ئۆگەنگىنىڭدە... تۇرغىن» ۋە «كىمدىن تەلىم ئالغىنىڭىزنى» ئۇنتۇماڭ (تىموتىيغا 2-خەت 3:14، 15). يەھۋا خۇدا ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تەخمىنەن يۈز يىل داۋامىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلغا نېمە سەۋەبتىن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنىڭ ھەممە ئىسپاتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ (مەتتا 24:45—47؛ ئىبرانىيلارغا 13:7، 17).
ھېچ قورقماڭ
شۇنىڭ بىلەن، شەيتان سىزگە ئۇدۇل تەسىر قىلىشقا تىرىشىدۇ. بەزىدە ئۇ سىزنى قورقۇتماقچى بولىدۇ. قورقۇتۇش — «تەشۋىقاتنىڭ ئەڭ كونا ئۇسۇلى» («A History of Propaganda—Easily Led»). بۇ ھەققىدە فىلىپ تايلور ئىسىملىك برىتانىيەلىك پروفېسسور ئاسسۇرىيەلىكلەرنى مىسال كەلتۈرىدۇ: ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، قورقۇتۇش تەشۋىقاتىنى قوللانغان. شەيتانمۇ سىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىڭىز ئۈچۈن ئادەمدىن، زىيانكەشلىكتىن، ئۆلۈمدىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن قورقۇش ھېس-تۇيغۇسىنى ئىشلىتىدۇ (يەشايا 8:12؛ يەرەمىيا 42:11؛ ئىبرانىيلارغا 2:15).
شەيتاننىڭ مۇنداق قىلىشىغا يول قويماڭ! ئەيسا: «تەننى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ھېچنەرسە قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار»،— دېگەن (لۇقا 12:4). يەھۋانىڭ سىزگە غەمخورلۇق قىلىمەن، «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ» بېرىمەن ۋە شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەملىشىمەن، دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەلەيمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 4:7—9؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:14).
ئەلۋەتتە، بەزىدە قۇرقۇنچ چىرمىۋالىدۇ ياكى ئىشەنچ ئاجىزدەك ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز. ئەمما يەھۋانىڭ يەشۇئاغا ئېيتقان سۆزلىرىنى يادىڭىزدا تۇتۇڭ: «جۈرئەتلىك بولۇپ قورقمىغىن دەپ بۇيرىغاندىن كېيىن، قورقماي تۇرۇپ، جۈرئەتسىز بولمىغىن، چۈنكى مەن تەڭرىڭ خۇداۋەندە سەن قەيەرگە بارساڭ، سەن بىلەن بولىمەن» (يەشۇئا 1:9). ئەگەر غەم-ئەندىشە قىلسىڭىز، دەررۇ يەھۋا خۇداغا ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈپ دۇئا قىلىڭ. شۇ چاغدا «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىغى» يۈرىكىڭىز بىلەن ئەقلىڭىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايىسىز. شۇندىلا شەيتاننىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرالايدىغان كۈچىڭىز بولىدۇ (فىلىپپىلىكلەرگە 4:6، 7، 13).
ئاسسۇرىيەلىكلەرنىڭ خەۋەرچىسى رابشاقەنىڭ خۇدا خەلقىنى قورقۇتماقچى بولۇپ ئېيتقان تەشۋىقات سۆزى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ ھېچكىم، ھەتتا يەھۋا خۇدامۇ ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن قۇتقۇزالمايدۇ دېگەنگە ئىشەندۈرمەكچى بولغان. ئاندىن يەھۋانىڭ ئۆزى ئاسسۇرىيەلىكلەرگەا يېرۇسالىمنى ۋەيران قىلىشنى بۇيرىغان دەپ يالغان ئېيتتى. شۇ چاغدا يەھۋا نېمە دىدى؟ «ئاسسۇر پادىشاسىنىڭ غۇلاملىرى ماڭا كۈپۈرلۈك قىلماق ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلەردىن قورقماي تۇرۇپ، سەن ئاڭلىغان بۇ سۆزلەردىن دەھشەت يېمىگىن»،— دىدى (پادىشاھلار 2-يازما 18:22—25؛ 19:6). يەھۋا خۇدا بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۇ بىر كەچتە 185000 ئاسسۇرىيەلىكنى قىرىپ تاشلىدى! (پادىشاھلار 2-يازما 19:35).
دانا بولۇپ، ھەرقاچان يەھۋاغا قۇلاق سېلىڭ
قانداقتۇ بىر فىلمدا بىرسىنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەنمەي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭىز بولغانمۇ؟ شۇ چاغدا سىز: «ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭ! ئۇ سىزنى ئالداۋاتىدۇ!»— دېيىشنى خالىغانسىز. ئۇنداقتا پەرىشتىلەرمۇ سىزگە: «شەيتانغا ئالدىنىپ قالماڭ!»— دەپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ.
شەيتاننىڭ تەشۋىقاتىغا قۇلاق سالماڭ. (پەندى-نەسىھەت 26:24، 25). ئەكسىچە، يەھۋانى تىڭشاپ، ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭغا تايىنىڭ (پەندى-نەسىھەت 3:5—7). ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سىزنى: «ئەي ئوغۇل، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، ئۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن»،— دەپ ئۈندەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:11). بۇ مەسلىھەتكە قۇلاق سالىدىغان بولسىڭىز، ئاڭ سېزىمىڭىز ئۈچۈن قىلىدىغان جەڭدە غەلبە قازىنالايسىز!