يەھۋا خۇدا پىلانلىرىڭىزنى بەرىكەتلىسۇن
«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىڭ دەپ بىلگىن ۋە ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭنى ساڭا بېغىشلايدۇ» (زەبۇر 37:4).
ناخشىلار: 11، 140
1. ياشلار كېلەچەك توغرۇلۇق نېمىنى قارار قىلىشى كېرەك؟ قاتتىق غەم قىلماسلىققا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
ياشلار، سەياھەتكە بېرىشتىن ئاۋۋال قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى دانالىق بىلەن پىلانلىشى كېرەك، دېسە قوشۇلىسىلەر قۇشۇنداقمۇ!؟. ھاياتنى سەياھەت بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ، مۇشۇ ھايات يولىدا بولسا، قەيەرگە بارغۇڭىز كېلىدىغانلىقىنى پىلانلاپ قويىدىغان ۋاقىت — ياشلىق چېغىڭىز. ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق پىلان تۈزۈش ئاسان بولماسلىقى مۈمكىن. مەسىلەن، خېيسىر ئىسىملىك قىز مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ھاياتىڭىزنى نېمىگە بېغىشلايدىغانلىقىڭىزنى ھازىر قارار قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىغاندا، قورقۇپ كېتىسىز». سىزمۇ مۇشۇنداق ھېس-تۇيغىدا بولسىڭىز، يەھۋانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلاڭ: «قورقما، چۈنكى مەن سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن، ئۇيان، بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. مەن يەنە سېنى كۈچەيتىمەن، شۇنداق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» (يەشايا 41:10).
2. يەھۋا خۇدانىڭ سىز كېلەچىكىڭىزنى پىلانلاپ، بەختلىك بولۇشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىشكە بولىدۇ؟
2 يەھۋا سىزنى كېلەچىگىڭىزنى دانالىق بىلەن پىلانلاشقا دەۋەت قىلىدۇ (ۋەز 12:1؛ مەتتا 6:20). ئۇ سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىزنى خالايدۇ. ياراتمىلارغا نەزەر سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، خۇدا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ تەمىنى تېتىش ئارقىلىق بۇنىڭغا كۆز يەتكۈزىسىز. ئەمما يەھۋانىڭ غەمخورلۇغى باشقىمۇ ئۇسۇللاردا كۆرۈنمەكتە. ئۇ بىزگە مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، ئەڭ ياخشى ھايات يولىنى تاللاشقا ئۆگىتىدۇ. شۇڭا، ئادەملەر خۇدانىڭ مەسلىھىتىنى رەت قىلغاندا، بۇ ئۇنىڭغا ياقمايدۇ. يەھۋا رەھبەرلىكىگە بويسۇنمايدىغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ياقتۇرمايدىغان ئىشنى تاللىغانسىلەر... مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شاتلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندە قالىسىلەر. مانا، كۆڭلىدىكى شات-خوراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ» (يەشايا 65:12—14). ھاياتتا دانا قارارلار چىقارساق، بۇ يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:11).
سىزنى بەختلىك قىلىدىغان پىلانلار
3. يەھۋا سىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىزنى خالايدۇ؟
3 يەھۋا سىزنىڭ كېلەچەك توغرۇلۇق قانداق پىلان قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن، يەھۋانى تونۇپ بىلىش، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش كېرەك. يەھۋا ئىنسان بالىسىنى شۇنداق قىلىپ ياراتقان (زەبۇر 128:1؛ مەتتا 5:3). ھايۋاناتلار پەقەت يەپ-ئىچىشنى ۋە كۆپىيىشنى بىلىدۇ. يەھۋا كېلەچىكىڭىزنى پىلانلاپ، ھاياتىڭىزنىڭ بەختلىك ۋە مەنىلىك ئۆتۈشىنى خالايدۇ. ئىنساننى «ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان» ياراتقۇچىمىز — «مېھىر-مۇھەببەتلىكنىڭ خۇداسى» ۋە «بەختلىك خۇدا» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 13:11؛ تىموتىيغا 1-خەت 1:11؛ يارىتىلىش 1:27). مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان خۇدانى ئۈلگە قىلسىڭىز، سىزمۇ بەختلىك بولالايسىز. مۇقەددەس كىتابتا: «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك»،— دەپ يېزىلغان (ئەلچىلەر 20:35). مۇشۇنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ كۆرگەنمۇ؟ بۇ — ئىنسان ھاياتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھەقىقەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋا سىزنىڭ كېلەچەككە بولغان پىلانلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلىنىشىنى خالايدۇ (مەتتا 22:36—39نى ئوقۇڭ).
4، 5. نېمە سەۋەب ئەيسا ئۆزىنى بەختلىك سەزگەن؟
4 ياشلار، ئەيسا مەسىھ سىلەر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇردى. بالا چېغىدا ئۇمۇ ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەندۇ. خۇدا سۆزىدە ئېيتىلغاندەك، «كۈلۈش ۋاقتى بار» ۋە «ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار» (ۋەز 3:4). شۇنداقلا ئەيسا يازمىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەھۋاغا يېقىنلاشقان. ئۇ 12 ياشتا بولغاندا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى دىنىي ئۇستازلار ئۇنىڭ «ئەقلىگە ۋە جاۋابلىرىغا» ھەيران قالغان (لۇقا 2:42، 46، 47).
5 چوڭ بولغاندا ئەيسا خۇدانىڭ ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشكەن. مەسىلەن، خۇدا ئۇنىڭ «خۇش خەۋەرنى گادايلارغا جاكالىشىنى» ۋە «قارغۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلىشىنى» ۋەز قىلىشىنى خالىغان (لۇقا 4:18). زەبۇر 40:8دە ئەيسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى بولسا، ئۆزۈمنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر». ئەيسا ئادەملەرگە ئاتىسى ھەققىدە تەلىم بېرىشتە قانائەت تاپقان (لۇقا 10:21نى ئوقۇڭ). بىر ئايال بىلەن ھەقىقىي ئىبادەت ھەققىدە سۆزلەشكەندىن كېيىن ئۇ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ تامىغىم — مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاش» (يوھان 4:31—34). ئەيسا مەسىھ، خۇداغا ۋە ئادەملەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزىنى بەختلىك سەزگەن. ئەگەر شۇنداق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتسىڭىز، سىزمۇ بەختلىك بولالايسىز.
6. باشقىلار بىلەن كېلەچەك توغرىسدىكى پىلانلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەشكەننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
6 كۆپلىگەن قېرىنداشلار ياش ۋاقتىدا پىدائىي ۋەز پەندى-نەسىھەت 15:22). ئېھتىمال، ئۇلار سىزگە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان تەلىم ئېلىشىڭىز مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەيسا ئاسماندا بولغاندا ئاتىسىدىن كۆپ نەرسە ئۆگەنگەن. يەردىكى خىزمەت ۋاقتىدا ھەم ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنىدى. خۇش خەۋەرنى ئېيتىش ۋە قىيىن ۋەزىيەتلەردە ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ئارقىلىق زور بەختكە ئېرىشتى (يەشايا 50:4نى ئوقۇڭ؛ ئىبرانىيلارغا 5:8؛ 12:2). ھازىر تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت سىزنى قانداقلارچە بەختلىك قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلايلى.
ئېيقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان، شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى بەختلىك سەزگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن پىلانلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلىشىپ كۆرەلەمسىز؟ «مەسلىھەت بولمىغان جايدا ئىشلار ئالغا باسماس، مەسلىھەتچى كۆپ بولسا، ئىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ» (شاگىرت تەييارلاش ئىشى — ئەڭ ئاجايىپ ئىش
7. نېمىشقا كۆپ ياشلار شاگىرت تەييارلاش ئىشىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ؟
7 ئەيسا بىزگە ئادەملەرگە تەلىم بېرىپ، «شاگىرتلارنى تەييارلاشنى» بۇيرىغان (مەتتا 28:19، 20). ئەگەر سىز مۇشۇ ئىشقا ھاياتىڭىزنى بېغىشلىماقچى بولسىڭىز، يەھۋانى مەدھىيىلەيدىغان مەنىلىك ھايات كەچۈرىسىز. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئىشقا ئوخشاش بۇ ئىشتا ماھىر بولۇش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېرەك. ياش چېغىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان تىموتىي ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دىدى: «يەھۋاغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش ماڭا بەك ياقىدۇ، چۈنكى شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى كۆرسىتەلەيمەن. ئەڭ ئاۋۋال ھېچكىم بىلەن تەتقىق دەرىسىنى باشلالمىدىم. لېكىن، كېيىنىرەك باشقا بىر تېرىتورىيىگە كۆچتۈم. ئارىدا بىر ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا، مەن بىرنەچچە تەتقىق دەرىسىنى باشلىدىم. ئۇلارنىڭ بىرسى ئىبادەت ئۆيىگە كېلىشنى باشلىدى. كېيىنىرەك، ئىككى ئايلىق بويتاق بۇرادەرلەرنى تەربىيىلەيدىغان مۇقەددەس كىتاب مەكتىپىدە بىلىم ئالدىم. ئاندىن يېڭىدىن بەلگىلەنگەن جايدا تۆت تەتقىق قىلغۇچىنى تاپتىم. ئادەملەرگە تەلىم بېرىش ماڭا ئىنتايىن ياقىدۇ، سەۋەبى مۇقەددەس روھ ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلەيمەن» * (ئىزاھاتقا قاراڭ.). (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:19).
8. كۆپرەك ئادەملەرگە ۋەز قىلىش ئۈچۈن بەزى ياشلار نېمە قىلىدۇ؟
8 بەزى ياشلار باشقا تىلنى ئۆگىنىۋالغان. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ياقوب مۇنداق دەپ يازدى: «مەن يەتتە ياشتا بولغاندا، سىنىپداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ۋېتناملىقلار ئىدى. مەن ئۇلارغا يەھۋا خۇدا توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىشنى خالايتىم. شۇڭا كۆپ ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشقا مەقسەت قويدۇم. بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپىنچىسىدە ئىنگلىز تىلىدىكى «كۆزىتىش مۇنارىنى» ۋېتنام تىلىدىكى نەشىر بىلەن سېلىشتۇراتتىم. شۇنىڭ بىلەن قوشنا ۋېتنام تىلىدىكى جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن دوست بولدۇم. ئون سەككىزگە تولغاندا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. كېيىنىرەك بويتاق بۇرادەرلەرنى چاقىرغان مۇقەددەس كىتاب مەكتىپىدە تەلىم ئالدىم. بۇ تەلىم ماڭا ھازىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن جايىمدا زور ياردەم بېرىدۇ. مەن خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ۋېتنام تىلىدىكى توپتا يالغۇز ئاقساقالمەن. كۆپ ۋېتناملىقلار ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ. ئۇلار مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئادەتتە ئۇلار بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلايمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ، ئەلچىلەر 2:7، 8نى سېلىشتۇرۇڭ).
چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى» (9. شاگىرت تەييارلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟
9 شاگىرت تەييارلاش ئىشى ئارقىلىق سىز تەلىم ئېلىپ، ياخشى خىزمەت ئادىتىنى يېتىلتۈرۈپ، باشقىلار بىلەن تىل تېپىشىشنى، ئۆزىڭىزنى ئىشەنچلىك تۇتۇشنى ۋە سىلىق-سىپايە بولۇشنى ئۆگىنىسىز (پەندى-نەسىھەت 21:5؛ تىموتىيغا 2-خەت 2:24). ئەڭ مۇھىمى بولسا، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن سىز ئۆز ئېتىقادىڭىزنى يازمىلارغا ئاساسەن ئىسپاتلاشنى ئۆگىنىپ، زور خۇشاللىققا ئېرىشىسىز. شۇنداقلا يەھۋا خۇدا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىسىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:9).
10. قىيىن تېرىتورىيەدە خىزمەت قىلسىڭىزمۇ، شاگىرت تەييارلاش ئىشىدىن قانداقلارچە خۇشاللىق تاپالايسىز؟
10 تېرىتورىيىڭىزدە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى خالىغانلار بەك ئاز بولسىمۇ، سىز شاگىرت تەييارلاش ئىشىدىن خۇرسەن بولالايسىز. شاگىرتلارنى تەييارلاش جامائەتنىڭ ئورتاق ئىشى. گەرچە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن كىشىنى بىر جاكارلىغۇچى تاپسىمۇ، ئۇنى ئىزدەشكە ھەممىسى قاتناشقاچقا، ھەممىمىز خۇشاللىققا ئورتاقلىشىمىز. مەسىلەن، ئادەملەر مۇقەددەس كىتابقا ئانچە قىزىقمايدىغان تېرىتورىيىدە توققۇز يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان براندون مۇنداق دىدى: «مەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى ياخشى كۆرىمەن، سەۋەبى مۇشۇ ئىشنى بىزگە يەھۋا تاپشۇرغان. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى مەكتەپنى پۈتۈرگەندىن كېيىن باشلىدىم. جامائىتىمىزدىكى ياش بۇرادەرلەرگە تەسەللىي بېرەلەيدىغانلىقىمغا ۋە ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدىن خۇرسەن بولىمەن. بويتاق بۇرادەرلەر تەربىيلىنىدىغان مۇقەددەس كىتاب مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن، مېنى يېڭى بىر جايغا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە بەلگىلىدى. تېرىتورىيەمدە چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكۈچە تەتقىق قىلىشنى خالايدىغان بىرىنى تاپالمىغانلىقىم راست، لېكىن باشقىلار تاپتى. شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا پۈتۈنلەي قاتنىشىشنى پىلان قىلغىنىمغا بەك خۇشالمەن» (ۋەز 11:6).
پلانلىرىڭىز سىزنى قەيەرگە يېتەكلەيدۇ؟
11. كۆپ ياشلار يەنە قانداق يوللار بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟
11 يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. مەسىلەن، كۆپ ياشلار قۇرۇلۇش ئىشىدا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ھازىر يۈزلىگەن ئىبادەت ئۆيىنى ياساش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىبادەت ئورۇنلىرى يەھۋانى مەدھىيىلەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ياساشقا قاتنىشىش سىزنى خوشال قىلىدىغانلىقى سۆزسىز. بۇنىڭدىن باشقا، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خىزمەت قىلىشمۇ خۇرسەنلىككە چۆمدۈرىدۇ. شۇنداقلا ئىشنى ماھىرلىق بىلەن قىلىشنى، بېخەتەرلىك چارىلىرىنى قوللىنىشنى ۋە نازارەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنەلەيسىز.
12. پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش قانداق باشقا ئىمكانىيەتلەرگە ئىشىك ئاچىدۇ؟
12 كېۋىن ئىسىملىق بۇرادەر مۇنداق دىدى: «يەھۋاغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى كىچىك چېغىمدىن ئارمان قىلاتتىم. ئاخىرى، 19 يېشىمدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. بىر قۇرۇلۇشچى بۇرادەرگە تولۇق ۋاقىت ئەمەس ئىشقا كىرىپ، ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامدىدىم. چېدىر، دېرىزە، ئىشىكلەرنى ئورنىتىشنى ئۆگىنىۋالدىم. كېيىنىرەك مەن ئىككى يىل داۋامىدا تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ ئازاب چەككەنلەرگە ياردەم بېرىش گۇرۇپىسىغا قاتنىشىپ، ئىبادەت ئۆيى بىلەن قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىنى رىمونت قىلىشقا ياردەملەشتىم. جەنۇبىي ئافرىقىدا قۇرۇلۇش تەرەپتىن مۇھتاجلىق بار ئىكەنلىكىنى بىلگەندە،
ئىلتىماس خەت تولدۇرۇپ، شۇ يەرگە چاقىرىلدىم. ئافرىقىدا مەن بىرنەچچە ھەپتىدە بىر ئىبادەت ئۆيى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشقىسىغا بارىمەن. قۇرۇلۇش گۇرۇپپىدىكىلەر بىر ئائىلە ئەزالىرىغا ئوخشاش. بىز بىر يەردە تۇرىمىز، مۇقەددەس كىتابنى بىللە ئوقۇيمىز، ئىشنىمۇ بىللە قىلىمىز. يەرلىك قېرىنداشلار بىلەنمۇ ھەر ھەپتىدە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش ماڭا ياقىدۇ. بالا چېغىمدا قىلغان پىلانلىرىم ھازىر مېنى زور خۇشاللىققا ئېرىشتۈرمەكتە. شۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم».13. نېمىشقا بەيتەلدىكى خىزمەت كۆپ ياشلارغا خۇشاللىق ئەكېلىدۇ؟
13 ئۆز ۋاقتىدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ياشلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەيتەل خىزمىتى بەختلىك ھاياتقا يولدۇر، چۈنكى سىز ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىڭ، ھەممىسىنى، يەھۋا ئۈچۈن قىلىسىز. بەيتەل ئائىلىسى ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشى ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب بىلەن ماتېرىياللارنى چىقىرىشقا ھەسسە قوشىدۇ. بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان داستىن مۇنداق دەيدۇ: «توققۇز يېشىمدا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلدىم ۋە مەكتەپنى پۈتۈرگەندىن كېيىن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مېنى بەيتەلگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە باسما ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى، ئاندىن كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنى يېزىشنى ئۆگەندىم. بەيتەلدە مەن دۇنيا يۈزلۈك شاگىرت تەييارلاش ئىشىنىڭ
نەتىجىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلەيمەن. بۇ يەردىكى خىزمەت ماڭا ئىنتايىن ياقىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئىشىمىز ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەملىشىدۇ».كېلەچەك ئۈچۈن قانداق پىلان تۈزىسىز؟
14. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتكە ھازىردىن باشلاپ تەييارلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
14 تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشقا قانداق تەييارلانسىڭىز بولىدۇ؟ يەھۋاغا ئەڭ ياخشى يول بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سىز مەسىھىيلەرگە خاس خىسلەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىڭىز ھاجەت. خۇدا سۆزىنى مۇنتىزىم ھالدا تەتقىق قىلىپ، مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ ۋە جامائەت ئۇچرىشىشلىرىدا ئۆز ئىشەنچىڭىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەندە، باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىش قابىلىيىتىڭىزنى راۋاجلاندۇرالايسىز. ئادەملەرنىڭ پىكىرلىرىنى سىلىق-سىپايىلىك بىلەن سوراپ، جاۋابىنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىڭ. شۇنىڭ بىلەن، جامائەتتە تازىلىق ئىشى ياكى ئىبادەت ئۆيىنى ئاسراشقا ئوخشاش ئىشلارغا ياردەم بەرسىڭىز بولىدۇ. يەھۋا كىچىك پېئىل ۋە ئىشقا تەييار ئادەملەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ (زەبۇر 110:3نى ئوقۇڭ؛ ئەلچىلەر 6:1—3). ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينى يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز قىلىش خىزمەتكە تەكلىپ قىلغان، سەۋەبى «ئۇ توغرىسىدا... بۇرادەرلەر ياخشى ئىنكاسلارنى بەردى» (ئەلچىلەر 16:1—5).
15. پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغان ئىشنى قانداق تېپىشقا بولىدۇ؟
15 تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ (ئەلچىلەر 18:2، 3). بەلكىم، مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەندە، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغان كەسىپنى ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ. پىلانىڭىز ھەققىدە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ۋە باشقا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئوي-پىكىرلىرىنى سوراپ كۆرۈڭ. ئاندىن مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك «قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، ئۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار» (پەندى-نەسىھەت 16:3؛ 20:18).
16. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قانداقلارچە سىزنى كېلەچەكتىكى ۋەزىپىلەرگە تەييارلايدۇ؟
16 يەھۋا سىزنىڭ بەختلىك كېلەچەكنى «مەھكەم تۇتۇشىڭىزنى» خالايدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 6:18، 19نى ئوقۇڭ). تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغاندا، سىز باشقا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بولالايسىز. شۇنىڭ بىلەن ياش چېغىدىن باشلاپ، تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان كۆپلىگەن قېرىنداشلار ئائىلە قۇرغاندىمۇ، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. توي قىلماي تۇرۇپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە قۇرغاندىن كېيىنمۇ پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى بىللە داۋاملاشتۇرىدۇ (رىملىقلارغا 16:3، 4).
17، 18. پىلان تۈزۈشنىڭ يۈرەك بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟
17 زەبۇر 20:4تە يەھۋا ھەققىدە مۇنداق ئېيتىلغان: «ساڭا كۆڭلۈڭدىكى تەشنالارنى ئاتا قىلغاي، بارلىق پۈككەنلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي». كېلەچىكىزنى پىلانلىغاندا، ھاياتىڭىزدا زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىشىغا قانداق ھەسسە قوشالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىڭ. ئاندىن ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلان قىلىڭ.
18 ھاياتىڭىزنى پۈتۈنلەي يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۇنى مەدھىيىلەشكە بېغىشلىسىڭىز، بەك خوشال بولىسىز. شۇ چاغدا يەھۋانى «خۇرسەنلىكىڭىز دەپ بىلىپ»، ئۇ «ئارزۇ-تىلەكلىرىڭىزنى» ئورۇنلايدۇ (زەبۇر 37:4).
^ 7-ئابزاس بۇ مەكتەپ پادىشاھلىق ۋەزچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ بىلەن قوشۇۋېتىلىدى.