مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار»‏

‏«يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار»‏

‏«بىر-‏بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-‏بىرىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار» (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خەت 5:‏11‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 53،‏ 28

1،‏ 2.‏ يېقىنلىرىدىن ئايرىلغانلارغا قانداق تەسەللىي بېرىشىمىز مۇمكىنلىكىنى نېمىشقا مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.‏)‏

‏«ئوغلۇمىزنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بىر يىلدەك غەم-‏قايغۇغا پېتىپ،‏ زار-‏زار يىغلاپ،‏ دەردىمىزدىن باش كۆتەرمىدۇق»،‏—‏ دېدى سيۇزى.‏ تۇقۇيسىزلا ئايالى ۋاپات بولغان بىر بۇرادەر بولسا،‏ «قايغۇسىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەشكە بولمايدىغانلىقىنى» ئېيتقان.‏ بەك ئېچىنارلىقى،‏ مۇشۇنداق ئازابنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلار ئاز ئەمەس.‏ مەسىھىيلەر جامائىتىدىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارماگېدون كەلگىچە يېقىن ئادەملىرىدىن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ئويلىمىغاندۇ.‏ بەلكىم،‏ سىزمۇ ياخشى كۆرگەن كىشىڭىزدىن ئايرىلغانسىز،‏ يا بولمىسا،‏ شۇنداق ئادەمنى بىلىدىغانسىز.‏ ئۇنداقتا،‏ سىزدە:‏ «قايغۇغا پاتقان ئادەم قەيەردىن تەسەللىي ئالالايدۇ؟‏»—‏دېگەن سوئال پەيدا بولۇشى مۇمكىن.‏

2 بەزىلەر «ۋاقىت ئۆتۈشكە ئەگىشىپ ساقىيىپ كېتىدۇ» دېيىشىدۇ.‏ لېكىن ھەر ۋاقىت شۇنداق بولامدۇ؟‏ بىر تۇل ئايال:‏ «مېنىڭچە،‏ دەردىگە دەرمان تېپىشقا ئادەم شۇ ۋاقىتنى قانداق پايدىلانغانلىقى ياردەم بېرىدۇ دەپ ئېيتىش توغرىراق»،‏—‏ دەپ ئېيتتى.‏ بەدەندىكى يارا ساقىيىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن ياخشى كۈتىنىش ھاجەت.‏ قەلب يارىسىنى داۋالاش ئۈچۈنمۇ دەل شۇنداق.‏ قايغۇ-‏ھەسرەتنى يىنىكلىتىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟‏

يەھۋا «ھەرقانداق تەسەللىينىڭ پەرۋەردىگارى»‏

3،‏ 4.‏ يەھۋانىڭ قايغۇ-‏ھەسرىتىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىغا نېمىشقا ئىشەنچىمىز كامىل؟‏

3 شۈبھىسىزكى،‏ تەسەللىينىڭ ئاساسىي مەنبەسى —‏ رەھىمدىل ئاتىمىز يەھۋادۇر ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خەت 1:‏3،‏ 4نى ئوقۇڭ)‏.‏ ئۇ رەھىمدىلىكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسى ۋە ئۇ ئادەملەرگە:‏ «سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم»،‏—‏ دەپ ۋەدە قىلغان (‏يەشايا 51:‏12؛‏ زەبۇر 119:‏50،‏ 52،‏ 76‏)‏.‏

يەھۋا ساداقەتمەن ئادەملەرنى تىرىلدۈرىدىغان كۈنىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە

4 مېھىر-‏مۇھەببىتى مول ئاتىمىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم،‏ ئىسھاق،‏ ياقۇپ،‏ مۇسا ۋە داۋۇت پادىشاغا ئوخشاش ياخشى كۆرگەن خىزمەتچىلىرىدىن ئايرىلغان (‏سانلار 12:‏6—‏8؛‏ مەتتا 22:‏31،‏ 32؛‏ ئەلچىلەر 13:‏22‏)‏.‏ مۇقەددەس كىتابتىن كۆرگىنىمىزدەك،‏ يەھۋا شۇ ساداقەتمەن ئادەملەرنى تىرىلدۈرىدىغان كۈنىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە (‏ئايۇپ 14:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئىچى-‏ئىچىگە پاتماي،‏ سالامەتلىكىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.‏ يەھۋا تۇنجى ھەم سۆيۈملۈك ئوغلى ئەيسانىڭمۇ ئۆلۈمىنى كۆردى (‏مەتتا 3:‏17‏)‏.‏ ئوغلىنىڭ ئازابلىق ئۆلۈم بىلەن ئۆلگىنىنى كۆرگەندە يەھۋانىڭ يۈرىكى قانچىلىك ئاغرىغانلىقىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس (‏يوھان 5:‏20؛‏ 10:‏17‏)‏.‏

5،‏ 6.‏ يەھۋا بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟‏

5 يەھۋا بىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ھېچ گۇمانلانمايمىز.‏ ئۇنداقتا،‏ ئۇنىڭغا ھېچ تارتىنماستىن دۇئا قىلىپ،‏ ئىچ-‏باغرىمىزنى تۆكۈشىمىز كېرەك.‏ يەھۋانىڭ دەردىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە بىز مۇھتاج بولغاندا تەسەللىي بېرىدىغانلىقى بىلىش كۆڭلۈمىزگە ئارام بەرمەمدۇ؟‏ لېكىن ئۇ بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟‏

6 يەھۋا خۇدا بىزگە كۆپلىگەن ئۇسۇللار بىلەن تەسەللىي بېرىدۇ،‏ ئۇلارنىڭ بىرى —‏ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق (‏ئەلچىلەر 9:‏31‏)‏.‏ ئەيسا مەسىھ ئاتىمىزنىڭ ئۆزىدىن سورىغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇقەددەس روھ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (‏لۇقا 11:‏13‏)‏.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان سيۇزى مۇنداق دېدى:‏ «بىز كۆپ قېتىم تىزلىنىپ يەھۋادىن تەسەللىي سوراپ،‏ يالۋۇراتتۇق.‏ شۇنداق ۋاقىتنىڭ بىرىدە يەھۋانىڭ تىنچلىقى ھەقىقەتەنمۇ يۈرىكىمىز بىلەن ئەقلىمىزنى ساقلىغان ئىدى» ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7نى ئوقۇڭ)‏.‏

ئەيسامۇ بىزنىڭ ھېس-‏تۇيغۇمىزنى چۈشىنىدۇ

7،‏ 8.‏ نېمىشقا ئەيسا بىزگە تەسەللىي بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ؟‏

7 يەردە بولغان ۋاقتىدا ئەيسا سۆزى بىلەنمۇ،‏ ئىشى بىلەنمۇ ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ رەھىمدىللىقىنى مۇكەممەل ھالدا كۆرسەتكەن (‏يوھان 5:‏19‏)‏.‏ يەھۋا ئۇنى «سۇنۇق كۆڭۈللەرگە» ۋە «قايغۇ-‏ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە» يەرگە ئەۋەتكەن (‏يەشايا 61:‏1،‏ 2؛‏ لۇقا 4:‏17—‏21‏)‏.‏ ئادەملەر ئەيسا ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە چىن يۈرەكتىن ياردەم بېرىشنى خالىغانلىقىنى بىلگەن (‏ئىبرانىيلارغا 2:‏17‏)‏.‏

8 بالىلىق چېغىدا ئەيسا بەزى يېقىن دوستلىرى بىلەن تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندۇ.‏ مەسىلەن،‏ ئەيسا ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۆگەي ئاتىسى يۈسۈپتىن ئايرىلغان بولۇشى كېرەك * (‏ئىزاھەتكە قاراڭ.‏)‏.‏ مۇشۇنداق قايغۇغا دۇچ بولغان ۋاقىتتا ئەيساغا ئاپىسى بىلەن ئۇكا-‏سىڭىللىرىنىڭ قايغۇ-‏ھەسرىتىنى كۆرۈشنىڭ قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ.‏

9.‏ لازار ۋاپات بولغاندا،‏ ئەيسا رەھىملىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟‏

9 يەردىكى خىزمىتى داۋامىدا ئەيسا ئادەملەرنى ھەقىقەتەن چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ ئۇلارغا رەھىم كۆرسەتكەن.‏ مەسىلەن،‏ يېقىن دوستى لازار ۋاپات بولغاندا،‏ ئەيسا يۈرەكلىرى قايغۇ-‏ھەسرەتكە تولغان مەرىيەم بىلەن مارتانىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولغان.‏ ئەيسا لازارنى تىلدۈردىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي،‏ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ياش تۆككەن (‏يوھان 11:‏33—‏36‏)‏.‏

10.‏ نېمىشقا ئەيسا بىزنىڭ دەردىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچلىك بولىمىز؟‏

10 ئەيسانىڭ بۇرۇن ئېيتقان تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟‏ مۇقەددەس كىتابتا ئۇنىڭ ھېچ ئۆزگەرمىگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئېيتىلغان:‏ «ئەيسا مەسىھ يەنىلا شۇ —‏ تۈنۈگۈن ھەم بۈگۈن،‏ ھەم ئەبەدىي» (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏8‏)‏.‏ مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك بەرگەنلىكتىن،‏ ئۇ «ھاياتقا يېتەكلىگۈچى» دەپ ئاتالغان.‏ قايغۇ-‏ھەسرەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەيسا «سىناقتا بولۇۋاتقانلارغا ياردەم بېرىشكە قابىلدۇر» (‏ئەلچىلەر 3:‏15؛‏ ئىبرانىيلارغا 2:‏10،‏ 18‏)‏.‏ شۇڭا ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئەيسا قايغۇرۇۋاتقانلارغا رەھىم كۆرسىتىپ،‏ دەردىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ۋە ئۇلارغا «ئۆز ۋاقتىدا» تەسەللىي بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل ‏(‏ئىبرانىيلارغا 4:‏15،‏ 16نى ئوقۇڭ)‏.‏

‏«مۇقەددەس يازمىلاردىن تەسەللىي ئېلىش»‏

11.‏ قايسى ئايەتلەر سىزگە ئالاھىدە شىپا بولىدۇ؟‏

11 لازار ئۆلۈپ كەتكەندە ئەيسانىڭ قاتتىق قايغۇرغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقە يازمىلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن تەسەللىي بېرىدىغان ئايەتلەرنىڭ بىرىلا.‏ ئەلۋەتتە،‏ بۇنداق ئايەتلەر كۆپ،‏ سەۋەبى «ئاۋال يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردىن تەسەللى ئېلىش ھەم تەقابىللىقىمىز تۈپەيلىدىن ئۈمىدىمىز بولۇشى ئۈچۈن،‏ بىزنىڭ نەسىھەت قىلىنىشىمىزغا يېزىلغان ئىدى» (‏رىملىقلارغا 15:‏4‏)‏.‏ ئەگەر يېقىنلىرىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىز،‏ مونۇ ئايەتلەر كۆڭلۈڭىزگە شىپا بولالايدۇ:‏

  • «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،‏ روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» (‏زەبۇر 34:‏18،‏ 19‏)‏.‏

  • «ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-‏ئەندىشىلەر ئارىسىدا،‏ سېنىڭ [يەھۋا] تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈرىدۇ» (‏زەبۇر 94:‏19‏)‏.‏

  • «ئەيسا مەسىھ ۋە بىزنى سۆيگەن ھەم مول مېھىرلىگى تۈپەيلىدىن مەڭگۈ تەسەللى ۋە مېھرىبان ئۈمىد بەرگەن خۇدا ئاتىمىز قەلبلىرىڭلارنى خاتىرجەم قىلىپ،‏ سىلەرنى.‏.‏.‏ مۇستەھكەملىسۇن» (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خەت 2:‏16،‏ 17‏)‏.‏ *

جامائەت —‏ زور تەسەللىينىڭ مەنبەسى

12.‏ باشقىلارغا قانداق تەسەللىي بېرەلەيمىز؟‏

12 قايغۇرۇۋاتقان ئادەملەر جامائەتتىمۇ تەسەللى تاپالايدۇ ‏(‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خەت 5:‏11نى ئوقۇڭ)‏.‏ سىز «سۇنۇق روھ-‏دىللارنى» قانداق مۇستەھكەملەپ،‏ ئۇلارغا تەسەللىي بېرەلەيسىز؟‏ (‏پەندى-‏نەسىھەت 17:‏22‏)‏.‏ «سۈكۈت قىلىش ۋاقتى بار،‏ سۆز قىلىش ۋاقتى بار» ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇڭ (‏ۋەز 3:‏7‏)‏.‏ دالىن ئىسىملىك تۇل ئايال مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:‏ «يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئادەملەر ھېس-‏تۇيغۇلىرىنى ئوچۇق ئېيتىشقا مۇھتاج.‏ شۇنداق چاغلاردا قولۇمىزدىن كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە —‏ سۆزىنى بۆلمەي تىڭشاش».‏ ئاكىسى ئۆزۈنى ئۆلتۈرۈۋالغان يۇنىيا:‏ «مەيلى،‏ سىز ئۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك قايغۇرۋاتقانلىقىنى بىلمىسىڭىزمۇ،‏ ئۇنىڭ ھېس-‏تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشنى خالىغىنىڭىز بەك مۇھىم»،‏—‏ دەپ ئېيتقان.‏

13.‏ قايغۇرۇش ھەققىدە نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز لازىم؟‏

13 ئەسكە ئالىدىغان يەنە بىر نەرسە،‏ ھەركىمنىڭ دەردى ھەرخىل ۋە ھەربىر ئادەم قايغۇسىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا كۆرسىتىدۇ.‏ بەزىدە يۈرەك-‏باغرىمىز قانچىلىك سىقىلىۋاتقانلىقىنى سۆز بىلەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس.‏ خۇدا سۆزىدە:‏ «كۆڭۈلدىكى دەردنى،‏ پەقەت ئۆزىلا كۆتىرەلەر،‏ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس»،‏—‏ دەپ ئېيتىلغان (‏پەندى-‏نەسىھەت 14:‏10‏)‏.‏ بىرسى ئىچ-‏باغرىنى تۆككەندىمۇ،‏ باشقىلارغا ئۇ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىش دائىم ئاسان بولمايدۇ.‏

بىز بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ياردەم —‏ «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاش»‏

14.‏ يېقىنلىرىدىن ئايرىلغانلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن نېمە ئېيتساق بولىدۇ؟‏

14 يېقىنىدىن ئايرىلغان ئادەمگە نېمە دەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدىغان ۋاقىتلار بولۇشى مۈمكىن.‏ لېكىن مۇقەددەس كىتابتا «دانىشمەنلەرنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر» دەپ يېزىلغان (‏پەندى-‏نەسىھەت 12:‏18‏)‏.‏ كۆپىنچىسى «‏يېقىن ئادەمدىن ئايرىلغاندا‏» (‏رۇس)‏ كىتابچىسىدىن تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەرنى تاپتى * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏.‏ ئەمما كۆپ ۋەزىيەتتە بىز بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ياردەم —‏ «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاشتۇر» (‏رىملىقلارغا 12:‏15‏)‏.‏ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن گابى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بەزىدە ئۇ دەردىنى پەقەت يىغلاش ئارقىلىق تۆكەلەيدۇ.‏ ئۇ:‏ «دوستلىرىم ماڭا قوشۇلۇپ يىغلىغاندا،‏ مەن بىراز يىنىكلەپ قالىمەن.‏ شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆز دەردىم بىلەن يالغۇز قالمىغانلىقىمنى سېزىمەن»،‏—‏ دەيدۇ.‏

15.‏ ئادەم بىلەن يۈزمۇ-‏يۈز سۆزلىشىش قىيىن بولسا،‏ تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏«‏ دەردكە دەرمان بولىدىغان سۆزلەر‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏)‏

15 ئادەمگە شەخسىي تەسەللىي بېرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىشتا قىينالسىڭىز،‏ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت،‏ ئۇچۇر ياكى ئېلكترونلۇق خەت ئەۋەتسىڭىز ئاسان بولىدىغاندۇ.‏ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ قانداقتۇ بىر ئالاھىدە خىسلىتى ياكى ئېسىڭىزدا قالغان ۋەقە ھەققىدە يازسىڭىز،‏ يا بولمىسا تەسەللىي بېرىدىغان ئايەت بىلەن بۆلۈشسىڭىز بولىدۇ.‏ «تەسەللىي بېرىدىغان بىر پارچە خەت ئېلىش ياكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ماڭا زور ياردەم بېرىدۇ.‏ شۇ چاغدا ئۇلار مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەم ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن»،‏—‏ دەيدۇ يۇنىيا.‏

16.‏ باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇلى نېمە؟‏

16 ھەسرەت چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئالىرىمىزنىڭ پايدىسى زور.‏ ئۇلار ئۈچۈن ياكى ھەتتا ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلساق بولىدۇ.‏ دۇئا قىلىۋاتقاندا يىغلىۋېتىمەن دەپ قورقسىڭىزمۇ،‏ چىن يۈرەكتىن چىققان دۇئايىڭىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدىغانلىقى سۆزسىز.‏ دالىن مۇنداق دەپ ئېسىغا ئالىدۇ:‏ «بەزىدە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلاردىن دۇئا قىلىشىنى سوراتتىم.‏ دۇئا قىلىشنى باشلىغاندا ئاۋازى تىترەپ،‏ قىينىلىپ سۆز تاپالماتتى،‏ لېكىن ئاستا-‏ئاستا ئۈنى كۈچىيىپ،‏ چىن يۈرەكتىن چىقىرىپ بەك تەسىرلىك دۇئا قىلىدۇ.‏ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى،‏ مېھىر-‏مۇھەببىتى بىلەن غەمخورلۇقى ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەيدۇ».‏

قايغۇرغانلار تەسەللىيگە دائىم مۇھتاج

17—‏19.‏ نېمىشقا باشقىلارغا دائىم تەسەللىي بېرىپ تۇرىشىمىز كېرەك؟‏

17 ئادەمنىڭ قايغۇسى قانچىلىك ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق ئېيتالمايدۇ.‏ يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەندە،‏ دەسلەپتە كۆپ دوستلىرى بىلەن تۇغقانلىرى تەسەللىي بېرىشكە كېلىدۇ.‏ ئامما قايغۇرۇۋاتقانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ،‏ تەسەللىگە مۇھتاج.‏ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەمگە قول بېرىشكە تەييار بولۇڭ.‏ «ھەقىقىي دوست ھەر دائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر،‏ ھەقىقىي قېرىنداش بولسا،‏ يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇ» (‏پەندى-‏نەسىھەت 17:‏17‏)‏.‏ يېقىنلىرىدىن ئايرىلغانلارغا قانچە ۋاقىت كېرەك بولسا،‏ شۇنچە ۋاقىت ئۇلارنى قوللاپ،‏ ياردەم بەرگىنىمىز ياخشى ‏(‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خەت 3:‏7نى ئوقۇڭ)‏.‏

18 يۈرىكى يارىلانغان ئادەمنى ھەرقانداق ۋاقىتتا قايغۇ بېسىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.‏ بۇنىڭغا قانداقتۇ بىر ئالاھىدە كۈن،‏ مەلۇم بىر ناخشا-‏ساز،‏ رەسىملەر،‏ ئىشلار ياكى ھەتتا بىر پۇراق،‏ ئاۋاز ياكى پەسىل سەۋەب بولۇشى مۈمكىن.‏ سۆيۈملۈك يارىدىن ئايرىلغان ئەر ياكى ئايال كىشى بىرىنچى قېتىم يالغۇز ئۆزى بىر نەرسە قىلغاندا،‏ مەسىلەن چوڭ يىغىلىشقا ياكى خاتىرىلەش كېچىسىگە قاتناشقاندا،‏ بۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېغىر بولۇشى مۈمكىن.‏ بىر بۇرادەر مۇنداق دېدى:‏ «ئايالىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بىرىنچى يىلى توي خاتىرە كۈنى ئىنتايىن قايغۇلۇق بولىدۇ دەپ كۈتكەن ئىدىم.‏ ھەقىقەتەن،‏ بۇ ئاسان بولمىدى.‏ لېكىن بىرنەچچە قېرىنداش يالغۇز قالماسلىقىم ئۈچۈن ئەڭ يېقىن دوستلىرىمنى چاقىرىپ،‏ كىچىك ئولتۇرۇش ئۇيۇشتۇردى».‏

19 ئېسىڭىزدا بولسۇن،‏ قايغۇرۇۋاتقانلار تەسەللىيگە ئالاھىدە كۈنلەردىلا مۇھتاج ئەمەس.‏ «قانداقتۇ بىر ئالاھىدە كۈن بولمىسىمۇ،‏ ماڭا سۇنغان ياردەم قولى بىلەن دوستانە مۇئامىلىنىڭ پايدىسى كۆپ.‏ مۇشۇنداق كۈتمىگەن پەيتلەر بەك قىممەتلىك ۋە زور تەسەللىي بېرىدۇ»،‏—‏ دېدى يۇنىيا.‏ راست،‏ ئادەمنى قايغۇسى ۋە يالغۇزلۇقىدىن تولۇق ئازات قىلالمايمىز،‏ لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە قىلىش ئارقىلىق دەردىنى يېنىك قىلالايمىز (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 3:‏18‏)‏.‏ گيبى مۇنداق دەيدۇ:‏ «دەردىمگە دەرمان بولۇپ،‏ قىيىن ۋاقىتلاردا دائىم يېنىمدا بولغان كۆيۈمچان ئاقساقاللار ئۈچۈن يەھۋاغا چەكسىز مىننەتدارمەن.‏ ئۇلار يەھۋانىڭ مېنى باغرىغا باسقانلىقىنى ھېس قىلىشىمغا ياردەملەشتى».‏

20.‏ نېمىشقا يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى زور تەسەللىي بېرىدۇ؟‏

20 تەسەللىينىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋا خۇدايىمىزنىڭ تىرىلدۈرۈش بولغان چاغدا،‏ قايغۇ-‏ھەسرەتنى تامامەن يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش كۆڭلۈمىزگە ئارام بېرىدۇ (‏يوھان 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ۋەدىسىگە بىنائەن ئۇ «ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋالىدۇ!‏ رەب پەرۋەردىگار ھەممە يۈزلەردىن ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ» (‏يەشايا 25:‏8‏)‏.‏ شۇ چاغدا «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاشنىڭ» ئورنىغا،‏ ھەممىمىز «خوشال بولغانلار بىلەن بىللە خوشال بولىمىز» (‏رىملىقلارغا 12:‏15‏)‏.‏

^ ‏ 8-‏ئابزاس مۇقەددەس كىتابتىن ئەيسا 12 ياشتا بولغاندا،‏ يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.‏ لېكىن،‏ ئەيسا دەسلەپكى مۆجىزىنى قىلىپ،‏ سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈسۈپ ھەققىدە ھېچ نەرسە ئېيتىلمىغان.‏ ئۇنىڭدىن تاشقىرى،‏ ئەيسانى قىيناپ تۈۋرۈككە مىخلىغاندا،‏ ئانىسىنى ئەلچى يوھانناننىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا تاپشۇرۇغان.‏ يۈسۈپ ھايات بولغان بولسا،‏ مۇنداق ئۆتۈنۈشنىڭ ھاجىتى بولماس ئىدى (‏يوھان 19:‏26،‏ 27‏)‏.‏

^ ‏ 24-‏ئابزاس كۆپچىلىككە تەسەللىي بېرىدىغان باشقا ئايەتلەر:‏ زەبۇر 20:‏1،‏ 2؛‏ 31:‏7؛‏ 38:‏8،‏ 9،‏ 15؛‏ 55:‏22؛‏ 121:‏1،‏ 2؛‏ يەشايا 57:‏15؛‏ 66:‏13؛‏ فىلىپپىلىقلارغا 4:‏13؛‏ پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 5:‏7‏.‏

^ ‏ 14-‏ئابزاس ‏«كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (‏رۇس)‏ 2010-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر سانىدىكى «يېقىن ئادەمدىن ئايرىلغاندا» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏