ھەقىقىي بايلىققا ئىنتىلايلى
«ناھەق بايلىق بىلەن ئۆزۈڭلارغا دوستلارنى تېپىڭلار» (لۇقا 16:9).
ناخشىلار: 32، 154
1، 2. نېمىشقا بۇ دۇنيادا گادايلار ھەرقاچان بولىدۇ؟
بۈگۈنكى زاماننىڭ ئىختىسادىي تۈزۈمى رەھىمسىز ۋە ئادالەتسىز. مەسىلەن، كۆپ ياشلار ئۈچۈن ئىش تېپىش ناھايىتى قىيىن. بەزىلىرى باي دۆلەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن ھەتتا ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. لېكىن، شۇ باي دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ كەمبەغەللەر ئاز ئەمەس. باي كەمبەغەللىك پەرقى بارغانسىرى چوڭ بولماقتا. يېقىندىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان باي ئادەملەرنىڭ بايلىقى دۇنيا يۈزىدىكى 99 پىرسەنت ئادەمنىڭ ئۇمۇمىي بايلىقىغا تەڭ كەلگەن. ئەۋەتتە، بۇ مەلۇماتنى دەلىللەش قىيىن بولسىمۇ، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيادا ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ بايلىقى نەچچە ئەۋلاد خەجلەپ تۈگەتكۈسىز، بىراق مىلياردلىغان ئادەملەر ناھايىتى كەمبەغەل. ئەيسا پەيغەمبەر بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى چۈشەنگەچ، شاگىرتلىرىغا: «گادايلار دائىم سىلەر بىلەن بولىدۇ»،— دېگەن (مارك 14:7). دۇنيادا نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئادالەتسىزلىك يۈز بەرمەكتە؟
2 ئەيسا مەسىھ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى خۇدا پادىشالىقى كەلمىگۈچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك ھەم، «سەياھەتچى سودىگەرلەر»، يەنى دۇنيانىڭ سودا-سېتىق تۈزۈمى، سىياسىي ۋە دىنىي تۈزۈملىرى — شەيتان دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى (ۋەھىي 18:3). خۇدانىڭ خەلقى ئۆزىنى سىياسىي ۋە يالغان دىندىن نېرى تۇتۇش بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەيتان دۇنياسىنىڭ سودا-سېتىق تۈزۈمىدىن پۈتۈنلەي بۆلۈنۈپ كېتەلمەيدۇ.
3. قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 خۇدا خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز مۇشۇ دۇنيانىڭ سودا-سېتىق تۈزۈمىگە بولغان كۆزقارىشىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى: «مال-دۇنيانى خۇداغا بولغان ۋاپادارلىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق پايدىلانسام بولىدۇ؟ سودا-سېتىق دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقەمنى ئازايتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي تايىنىدىغانلىقى قانداق ۋەقەلەردىن كۆرۈنىدۇ؟»
ھەققانىيسىز باشقۇرغۇچى ھەققىدىكى تەمسىل
4، 5. ئا) ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى باشقۇرغۇچى قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ بولغان؟ ئە) ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق مەسلىھەت بەردى؟
4 لۇقا 16:1—9نى ئوقۇڭ. ئەيسانىڭ ھەققانىيسىز باشقۇرغۇچى ھەققىدىكى تەمسىلى ھەممىمىزنى ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ خوجايىننىڭ مال-مۈلكىنى ئىسراپ قىلدى، دەپ ئەيىبلىنىپ، خۇجايىن ئۇنى ئىشتىن چىقارماقچى بولدى * (ئىزاھەتكە قاراڭ.). بىراق باشقۇرغۇچى «ئەمەلىي دانىشمەنلىك» بىلەن ھەرىكەت قىلدى: ئۇ ئىشتىن ئايرىلماي تۇرۇپ، كېيىنىرەك ئۆزىگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئادەملەر بىلەن دوستلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئەيسا شاگىرتلىرىنى كۈن كۆرۈش ئۈچۈن ھەققانىيسىز ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىمىگەن. مۇنداق قىلىش بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە خاس. ئەكسىچە، ئەيسا بۇ تەمسىل ئارقىلىق مۇھىم بىر نەرسىنى ئۆگەتمەكچى بولغان.
5 باشقۇرغۇچى قىيىنچىلىققا دۇچار بولغىنىدەك، ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگىمۇ بۇ ئادالەتسىز دۇنيادا پۇل تېپىش ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا: «بايلىقىڭلار تۈگىگەندە، ئۇلار [يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ] سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلىرىغا ئېلىشى ئۈچۈن ناھەق بايلىق بىلەن ئۆزۈڭلارغا دوستلارنى تېپىڭلار»،— دىدى. ئەيسانىڭ مەسلىھىتىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
6. بۈگۈنكى سودا-سېتىق تۈزۈمى خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسىمى ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟
6 ئەيسا مال-مۈلۈكنى نېمە ئۈچۈن «ناھەق» دەپ ئېيتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتىن سودا-سېتىق خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسىمى ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا خۇدا ئېرەم باغدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا كېرەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى مول بەرگەن (يارىتىلىش 2:15، 16). كېيىنىرەك بولسا، خۇدا مايلانغانلارغا مۇقەددەس روھنى بەرگەندە، «ھېچكىم ئۆزىنىڭ مۈلكىنى مېنىڭكى دېمەستىن، ئەكسىچە ھەممە نەرسىنى ئۇمۇمىي ھېسابلاشتى» (ئەلچىلەر 4:32). يەشايا پەيغەمبەر پۈتكۈل ئىنسانىيەت يەر-زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن مول ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقىت كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان (يەشايا 25:6—9؛ 65:21، 22). لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگىچە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «ئەمەلىي دانىشمەنلىك» بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىدى: ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ «ناھەق بايلىقىنى» ئىشلىتىپ كۈن كۆرگىنى بىلەن، خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك ئىدى.
ناھەق بايلىقنى دانالىق بىلەن قوللىنىش
7. لۇقا 16:10—13تىكى ئايەتلەردە ئەيسا قانداق مەسلىھەت بەرگەن؟
7 لۇقا 16:10—13نى ئوقۇڭ. ئەيسا ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىدىكى باشقۇرغۇچى ئۆز پايدىسىنى كۆزلەپ دوستلارنى تاپتى. ئامما ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ غەرەزسىز نىيەت بىلەن ئاسماندىن دوست تېپىشىنى خالىغان. ئۇ قولۇمىزدىكى «ناھەق بايلىقنى» قانداق پايدىلىنىشىمىز خۇداغا ساداقەتمەن بولغان-بولمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان. قانداقلارچە؟
8، 9. بەزىلەر ناھەق بايلىقنى ئىشلىتىشتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
8 مال-مۈلكۈمىزنى ئىشلىتىشتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — ئەيسا بېشارەت قىلغان دۇنياۋى ۋەز پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن خالىسانە ئىئانە قىلىش (مەتتا 24:14). ھىندىستاندا ياشايدىغان بىر كىچىك قىز پۇل يىغىدىغان ساندۇقچىسىغا بىر تالدىن تىيىن تاشلاپ يۈرگەن. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئويۇنچۇقمۇ سېتىۋالمىغان. ساندۇقچىسى توشقاندا، پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ۋەز ئىشىغا ئىئانە قىلغان. يەنە شۇ دۆلەتتە كوكوس ئۆستۈرىدىغان بىر بۇرادەرىمىز بار. ئۇ مالايالام تىلىدىكى يىراقتىن تەرجىمە خىزمىتى قىلىدىغان ئىشخانىلارغا كۆپ كوكۇس سوۋغات قىلغان. ئادەتتە ئۇلار كوكۇس سېتىۋالغانلىقتىن، بۇرادەر پۇلنىڭ ئورنىغا كوكۇسلارنى ئىئانە قىلىش كۆپرەك پايدا ئېلىپ كېلەر دېگەن ئوي-پىكىرگە كەلگەن. بۇنى ھەقىقىي «ئەمەلىي دانىشمەنلىك» دەيمىز! شۇنىڭغا ئوخشاش گرېتسىيەدىكى قېرىنداشلارمۇ بەيتەل ئائىلىسىگە زەيتۇن مېيىنى، ئىرىمچىك بىلەن باشقا ئوزۇق-تۈلۈكنى سوۋغات قىلىپ تۇرىدۇ.
9 باشقا بىر بۇرادەر سىرلانكىدىكى شەخسىي ئۆي-زېمىنىنى جامائەت ئۇچرىشىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەم تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان. بۇرادىرىمىز ئۈچۈن بۇ ماددىي تەرەپتىن قۇربانلىق بولسىمۇ، كەمبەغەل يەرلىك ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۈچۈن زور بىر ياردەم. پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەردە بولسا، قېرىنداشلىرىمىز ئۆيىنى ئىبادەت ئۆيى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئىجارە ئۈچۈن پۇل تۆلىمەي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بار.
10. كەڭ قورساق بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىمىز؟
10 مۇشۇ مىساللاردىن خۇدا خەلقىنىڭ «كىچىككىنە نەرسىدە سادىق» ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ (لۇقا 16:10). ئۇلار قولدا بار مال-دۇنياسىنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇنداق قۇربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يەھۋانىڭ دوستلىرى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ ئۇلار سېخىيلىق كۆرسىتىش «ھەقىقىي» بايلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ (لۇقا 16:11). پادىشاھلىق ئىشىغا دائىم ئىئانە قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئايال قېرىندىشىمىز مۇنداق دېگەن: «ماددىي تەرەپتىن سېخىي بولغىنىم ئۈچۈن، يىللار داۋامىدا قەلبىمدىكى بىر ئۆزگىرىشنى بايقىدىم: قولۇمدىكىنى ئايىماي بەرگەنسىرى، ئادەملەرگىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن قارايدىغان بولدۇم. كەچۈرۈشكە، سەۋرچان بولۇشقا بولۇشقا، باشقىلار كۆڭلۈمنى رەنجىتكەندە توغرا كۆزقاراشتا بولۇپ، مەسلىھەتنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بولدۇم». ھەقىقەتەن، كۆپلىرى مەرتلىك كىشىنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندى (زەبۇر 112:5؛ پەندى-نەسىھەت 22:9).
11. ئا) قانداقلارچە سېخىي بولغانلىقىمىز «ئەمەلىي دانىشمەنلىك» بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟ ئە) خۇدا خەلقى قانداق قىلىپ بۈگۈنمۇ مالىيەنى تەڭ بۆلۈشمەكتە؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
11 مال-مۈلكۈمىزنى باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن پايدىلىنىش ئارقىلىقمۇ «ئەمەلىي دانىشمەنلىك» بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ھەتتا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلالمايدىغان ياكى ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەرگە كۆچۈپ بارالمايدىغان بولساقمۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمىز (پەندى-نەسىھەت 19:17). مەسىلەن، خالىسانە ئىئانىمىز بىلەن روھىي ئۆسۈش زور بولۇۋاتقان كەمبەغەل دۆلەتلەردىكى ۋەز ئىشىنى قوللاپ، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە ھەسسە قوشالايمىز. كونگو، ماداغاسقار ۋە رۋاندادەك دۆلەتلەردە مۇقەددەس كىتاب ئىنتايىن قىممەت. گايىدا ئۇنىڭ باھاسى بىر ھەپتىلىك ياكى بىر ئايلىق مائاشقا تەڭ كېلىدۇ. قېرىنداشلارغا يا ئائىلىسىگە تاماق ئېلىش، يا مۇقەددەس كىتاب سېتىۋېلىشنى تاللاشقا توغرا كەلگەن. بۇ ۋەزىيەت كۆپ يىل ئۆزگەرمىگەن. ھازىر بولسا، باشقىلارنىڭ ئىئانىلىرى ۋە مالىيەنىڭ تەڭ بۆلۈنگەنلىكى تۈپەيلىدىن، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ھەربىر ئائىلە ئەزاسىغا ۋە تەتقىق قىلغۇچىغا ھەقسىز بەرمەكتە (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:13—15نى ئوقۇڭ). نەتىجىدە، بەرگەنلەرمۇ، ئالغانلارمۇ يەھۋا بىلەن دوست بولالايدۇ.
تۇرمۇشىڭىزنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ
12. ئىبراھىم پەيغەمبەر خۇداغا تايىنىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 يەھۋا بىلەن دوست بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى — سودا-سېتىق دۇنياسى بىلەن ئالاقىنى ئازايتىپ، «ھەقىقىي» بايلىققا ئىنتىلىش. قەدىمدە ياشىغان ساداقەتمەن ئىبراھىم پەيغەمبەر شۇنداق قىلغان. ئۇ يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولۇشنى خالىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇر دېگەن باي شەھەرنى تاشلاپ چېدىردا ياشىغان (ئىبرانىيلارغا 11:8—10). ئۇ مال-دۇنياغا ئەمەس، ھەقىقىي بايلىقنىڭ مەنبەسى بولغان خۇداغا تايانغان (يارىتىلىش 14:22، 23). ئەيسا مەسىھ شۇنداق ئىشەنچكە ئىگە بولۇشقا چاقىرىپ، بىر باي يىگىتكە: «ئەگەر مۇكەممەل بولغۇڭ كەلسە، بارغىن، ئۆز مال-مۈلكۈڭنى ساتقىن ۋە پۇلىنى گادايلارغا تارقىتىۋەتكىن، شۇندا سېنىڭ خەزىنەڭ ئاسماندا بولىدۇ، ئاندىن كېلىپ، مېنىڭ كەينىمدىن يۈرگىن»،— دېدى (مەتتا 19:21). بۇ يىگىتنىڭ ئىشەنچى ئىبراھىمنىڭكىدەك بولمىغان. ئەمما، يەھۋا خۇداغا پۈتۈنلەي تايانغان ئادەملەرمۇ بولغان.
13. ئا) ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا قانداق مەسلىھەت بەرگەن؟ ئە) پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىدىن قانداق پايدىلانساق بولىدۇ؟
13 تىموتىينىڭ ئىشەنچىسى مەھكەم بولغان. پاۋلۇس ئۇنى «مەسىھ ئەيسانىڭ شانلىق ئەسكىرى» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «ھېچقانداق ئەسكەر ئۇنى ھەربىي خىزمەتكە ئالغاننىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كىرىم ئەكېلىدىغان كۈندىلىك تىرىكچىلىك ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ»،— دېگەن (تىموتىيغا 2-خەت 2:3، 4). بۈگۈنمۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئوشۇق تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەر، پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىنى ئەمەلىيەتتە قوللانماقتا. ئۇلار «قەرزدار قەرز ئېگىسىنىڭ قۇلىدۇر» دېگەن پرىنسىپنى نەزەردە تۇتۇپ، ئېلانلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە بۇ ئاچكۆز دۇنيانىڭ بېسىمىغا قارشى تۇرماقتا (پەندى-نەسىھەت 22:7). شەيتان بار كۈچىمىز بىلەن ۋاقتىمىزنى مۇشۇ دۇنيانىڭ سودا-سېتىقىغا سەرپ قىلىشىمىزنى خالايدۇ. بەزىلىرى ئۆي، ماشىنا ياكى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، ھەتتا توي قىلىش ئۈچۈن چوڭ قەرزگە پاتىدۇ. پەخەس بولمىساق، بۇنىڭ كاساپىتىدىن يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇ قەرزنىڭ قۇلى بولۇپ قالىمىز. ئەكسىچە، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنسۇپ، قەرزگە پاتماي، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرسەك، دانالىق بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولىمىز. شۇ چاغدا بۈگۈنكى سودا-سېتىق تۈزۈمىگە قۇل بولماي، خۇداغا ئەركىن-ئازادە خىزمەت قىلالايمىز (تىموتىيغا 1-خەت 6:10).
14. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
14 ئاددىي ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن خۇدا پادىشالىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم. بىر ئەر-ئايالنىڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان شەخسىي تىجارىتى بولغان. لېكىن ئۇلار قايتىدىن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى خالىغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تىجارىتى، ماتورلۇق قېيىقىنى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى سېتىۋېتىدۇ. كېيىن ۋورۋىكتىكى (نيۇ-يورك) دۇنياۋىي باش ئىدارىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پىدائىي خىزمەتچى سۈپىتىدە بارىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە بىر ۋەقە بولدى. سەۋەبى بەيتەلدە خىزمەت قىلغان قىزى بىلەن كۈيئوغلى ۋە يەنە بىرنەچچە ھەپتە جەريانىدا ۋورۋىكتىكى لايىھىگە قاتناشقان كۈيئوغلىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە خىزمەت قىلالىغان. كولورادو شتاتىدا (ئاقش) ياشايدىغان بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولسا، بانكىغا تولۇق ئەمەس ۋاقىتقا ئىشقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئەمگىگىگە رازى بولغان باشلىقلىرى بۇ ئايال قېرىنداشقا تولۇق ۋاقىت ئىشنى بېرىپ، مائاشىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتمەكچى بولغان. بۇ ۋەز خىزمىتىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقتىن، قېرىندىشىمىز بۇ قىزىقتۇرىدىغان ئىشنى رەت قىلدى. بۇ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قىلىۋاتقان سان-ساناقسىز قۇربانلىقلارنىڭ پەقەت بىر مىسالى. پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا بەل باغلىغانلىقىمىز خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى ۋە ھەقىقىي بايلىقنى مال-دۇنيادىنمۇ ئۈستۈن قويىدىغانلىقىمىزنى روشەن كۆرسىتىدۇ.
بايلىق تۈگىگەندە
15. قانداق بايلىق ئەڭ زور قانائەت ئاتا قىلىدۇ؟
15 بايلىققا ئىگە بولغانلىقىمىز چوقۇم يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. يەھۋا خۇدا «خەيرىخاھلىق ئىشلار بىلەن بېيىغان» كىشىلەرگە مول بەرىكەت تۆكىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 6:17—19نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، لۇسىيا ئىسىملىق قېرىنداش ئالبانىيادە ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، 1993-يىلى ئىتالىيادىن شۇ يەرگە كۆچۈپ بارىدۇ * (ئىزاھەتكە قاراڭ.). ئۇنىڭ ئىشى بولمىسىمۇ، ئۇ يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايانغان. ئۇ ئالبان تىلىنى ئۆگىنىپ، 60تىن ئوشۇق ئادەمنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. بەلكىم، ھەممىمىز ۋەز قىلىدىغان تېررىتورىيىدە مۇنداق نەتىجە كۆرمەيدىغاندىمىز. شۇنداقتىمۇ، ئادەملەرگە يەھۋا خۇدا ھەققىدە تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتىمىز ئۆزۈمىزگە ۋە باشقىلارغا مەڭگۈ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بايلىق بولىدۇ (مەتتا 6:20).
16. ئا) مۇشۇ دۇنيانىڭ سودا-سېتىق تۈزۈمى بىلەن نېمە بولىدۇ؟ ئە) بۇ بىزنىڭ مال-دۇنياغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
لۇقا 16:9). بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، كۆپلىگەن بانكىلار ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. لېكىن پات ئارىدا ئەھۋال تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. شەيتان دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان سىياسىي، دىنىي ۋە سودا-سېتىق تۈزۈمى سۆزسىز يوق قىلىنىدۇ. ھەزەقىيال بىلەن سەفەنىيا پەيغەمبەرلەر سودا-سېتىق دۇنياسىنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلگەن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان (ھەزەقىيال 7:19؛ سەفەنىيا 1:18). ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ يالغان دۇنيانىڭ ناھەق بايلىقىغا قاراپ، ھەقىقىي بايلىقنى قۇربان قىلغانلىقىمىزنى چۈشەنسەك، ئۆزۈمىزنى قانداق ھېس قىلاتتۇق؟ ئېھتىمال، پۇل يىغىش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن، ئەمما ئاخىرىدا يىغقاننىڭ ھەممىسى ساختا پۇل ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئادەمگە ئوخشاش ھېس قىلىدىغاندىمىز (پەندى-نەسىھەت 18:11). ھە، بۇ دۇنيانىڭ بايلىقى ئەڭ ئاخىرى تۈگەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئەرىشتە دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن پايدىلىنايلى. يەھۋا خۇدا بىلەن ئۇنىڭ پادىشالىقى ئۈچۈن قىلغانلىرىمىز بىزنى ھەقىقىي بەختلىك قىلىدۇ.
16 ئەيسا بۈگۈنكى سودا-سېتىق تۈزۈمىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۇ ناھەق بايلىق «تۈگىسە» ئەمەس، «تۈگىگەندە» دېگەن (17، 18. خۇدانىڭ دوستلىرى نېمىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە؟
17 خۇدا پادىشالىقى كەلگەندە، ئىجارە پۇلى ۋە قەرز دېگەنلەر بولمايدۇ. ئوزۇق-تۈلۈك ھەقسىز ۋە مول بولىدۇ. دوختۇرلار بىلەن تىبابەتنىڭ كېرىكى بولمايدۇ. يەھۋانىڭ دوستلىرى يەر-زېمىننىڭ بايلىقىدىن ھوزۇر ئېلىپ راھەت كۆرىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈچ بىلەن ئېسىل تاشلار باي بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ زېنەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك ياغاچلار، تاشلار بىلەن مېتاللار چىرايلىق ئۆيلەرنى سېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. دوستلىرىمىز پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزى خالاپ چىن يۈرەكتىن ياردەم بېرىدۇ. بىز يەر-زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن ھەممىمىز بىردەك پايدىلىنىپ ياشايمىز.
18 بۇ — ئەرشتىن دوستلار تاپقانلار ئېرىشىدىغان بىباھا سوۋغاتلارنىڭ بىر قىسمى خالاس. يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرى، ئەيسانىڭ: «كېلىڭلار، ئاتام بەرىكەتلىگەنلەر، ئادەمزات تۆرەلگەندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىقنىڭ مىراسخورلىرى بولۇڭلار»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتمايدۇ (مەتتا 25:34).
^ 4-ئابزاس ئەيسا بۇ يالغان-ياۋداقنىڭ راست-يالغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە ئېيتمىغان. ئەمەلىيەتتە، لۇقا 16:1دىكى «ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپتۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى بىرسى ئۇنىڭغا يالغان تۆھمەت چاپلىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۈمكىن. ئامما ئەيسا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشىدىن نېمە سەۋەبتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرغان.
^ 15-ئابزاس لۇسىيا مۇسسانېت قېرىنداشنىڭ تەرجىمىھالىنى «ئويغىنىڭلار!» (رۇس) ژۇرنالىنىڭ 2003-يىل، 22-ئىيۇن سانىنىڭ 18—22 بەتلىرىدىن ئوقالايسىز.