سىز سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە تەييارمۇ؟
«شۇنىڭدەك سىلەرمۇ سەۋرچانلىق كۆرسىتىڭلار» (ياقۇپ 5:8).
ناخشىلار: 35، 139
1، 2. ئا) بىز نېمىشقا «قاچانغىچە؟» دەپ سورىشىمىز مۇمكىن؟ ئە) نېمىشقا خۇدانىڭ قەدىمدىكى سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟
«قاچانغىچە؟»، بۇ سوئالنى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان يەشايا ۋە ھاباقۇق پەيغەمبەرلەر قويغان (يەشايا 6:11؛ ھاباككۇك 1:2). داۋۇت پادىشاھ زەبۇر كىتابىنىڭ 13-بابىنى يازغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش سوئالنى تۆت قېتىم قويغان (زەبۇر 13: 1، 2). ئەيسا مەسىھمۇ ئېتىقادسىزلارنىڭ ئارىسىدا بولغاندا، «سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بولۇمەن، ھە؟»— دەپ سورىغان (مەتتا 17:17). بۈگۈنكى كۈندە بىزدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سوئال پەيدا بولىدىغاندۇ.
2 بۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟ بەلكىم، بىز قانداقتۇ بىر ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندىمىز. كېسەل ياكى قېرىلىق سەۋەبلىك قىيىنىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، «ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلاردا» ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقتىن، پات-پات بېسىم ئاستىدا بولىدىغاندىمىز (تىموتىيغا 2-خەت 3:1). ياكى ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ ناتوغرا كۆزقارىشى بىزنى چارچىتىپ ھالىمىزنى قويماسلىقى ئېھتىمال. مەزكۈر سوئالنى قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ۋاقتىدا مۇنداق سورىغان قەدىمقى سادىق خىزمەتچىلىرىنى يەھۋانىڭ ئەيىبلىمىگەنلىكى بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
3. قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
3 بەداشلىق بېرىش قىيىن ئەھۋالدا، بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئەيسانىڭ قېرىندىشى ياقۇپ مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن: «قېرىنداشلىرىم، ھاكىمدارىمىزنىڭ ھازىرلىنىشىغىچە چىداملىق كۆرسىتىڭلار» (ياقۇپ 5:7). ئۇنداقتا، ھەرقايسىمىزغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇش كېرەك. سەۋر-تاقەت دېگەن نېمە ۋە بۇ گۆزەل پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
سەۋر-تاقەت دېگەن نېمە؟
4، 5. ئا) سەۋر-تاقەت دېگەن نېمە ۋە بىز قانداقلارچە سەۋرچان بولالايمىز؟ ئە) ياقۇپ سەۋرچان بولۇشنى مىسال بىلەن قانداق چۈشەندۈردى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
4 مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، سەۋر-تاقەت — مۇقەددەس روھنىڭ بىر مېۋىسى. خۇدانىڭ ياردىمىسىز نامۇكەممەل ئادەملەر بەك قىيىن ئەھۋالدا بۇ خىسلەتنى كۆرسىتەلمەيدۇ. سەۋرچانلىق — خۇدادىن كەلگەن سوۋغا ۋە بۇ خىسلەتنى كۆرسەتكەندە، يەھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز. ئەمما سەۋر-تاقەتسىز بولساق، ئارىمىزدىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4؛ گالاتىلىقلارغا 5:22). شۇنىڭ بىلەن، سەۋر-تاقەت قىيىن ۋەزىيەتلەردە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ، سەۋرچان بولۇشنى بىلدۈرىدۇ (كولوسىلىقلارغا 1:11؛ ياقۇپ 1:3، 4). بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، بۇ خىسلەت يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى گۇناھ قىلىنغاندا، ئۆچ ئېلىشتىن ساقلايدۇ. مۇقەددەس كىتاب بىزنى تەييارلىق بىلەن كۈتۈشكە ئۈندەيدۇ. بۇ مۇھىم ساۋاقنى ياقۇپ 5:7، 8دىن (ئوقۇڭ) بىلىمىز.
5 نېمىشقا يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنى ئورۇنلايدىغان چاغنى كۈتۈشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟ ئەلچى ياقۇپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى دېھقاننىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغان. گەرچە دېھقان زىرائەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلىسىمۇ، ئۇ ھاۋا-رايىنى ياكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى باشقۇرالمايدۇ. ئۇنىڭغا «يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى» سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش ھاجەت. (ماركۇس 13:32، 33؛ ئەلچىلەر 1:7). دېھقانغا ئوخشاش بىزمۇ سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتىشىمىز كېرەك.
6. مىكا پەيغەمبەردىن قانداق ئۈلگە ئالساق بولىدۇ؟
6 مىكا پەيغەمبەر دەل بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدىكىدەك قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇ ئاھاز پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا ياشىغان. ئاھاز ناھايىتى رەزىل پادىشاھ بولغان. نەتىجىدە، خەلق ئىنتايىن چىرىكلەشكەن ئىدى. ۋەزىيەت شۇنداق يامان بولغانكى، مۇقەددەس كىتابتا ئۇلارنىڭ «ئىككى قولى رەزىللىككە تەييارلانغانلىقى» يېزىلغان (مىكا 7:1—3نى ئوقۇڭ.) مىكا بۇ ئەھۋالنى ھېچ ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. شۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلالايتى؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمۈت باغلايمەن، نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن، مېنىڭ خۇدايىم مېنى ئاڭلايدۇ»،— دېگەن (مىكا 7:7). مىكا پەيغەمبەردىن ئۈلگە ئېلىپ، بىزمۇ سەۋرچانلىق بىلەن يەھۋانى كۈتىشىمىز كېرەك.
7. نېمىشقا بىزدىن يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقتنى كۈتۈشتىن كۆپىرەك نەرسە تەلەپ قىلىنىدۇ؟
كولوسىلىقلارغا 1:11، 12). شۇ كۈتكەن چاغدا، يەھۋا خۇدا نېمىشقا كېچىكىۋاتىدۇ، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن پەخەس بولىمىز. ئەگەر نارازىلىق بىلدۈرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشەلمەيمىز (كولوسىلىقلارغا 3:12).
7 مىكا پەيغەمبەردەك ئىشەنچىمىز بولسا، بىز يەھۋانى كۈتۈشكە تەييار بولىمىز. بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىز ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاۋاتقان مەھبۇسنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ شۇ كۈننى كۈتۈشكە مەجبۇر، بىراق ئۇنىڭ تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەيدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئەمما بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىز تامامەن باشقىچە! بىز يەھۋانى تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز. چۈنكى ئۇ ۋاقتى كەلگەندە مەڭگۈ ھايات سوۋغا قىلىمەن، دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىغىنى بىلىمىز. ھە، بىز «ئاخىرىغىچە تۇرۇپ قېلىشقا ھەم خۇرسەنلىك بىلەن ئۇزاق سەۋىرچان» بولۇپ كۈتىمىز (سەۋر-تاقەتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرى
8. قەدىمدە ياشىغان سادىق ئادەملەردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
8 كۈتۈشكە تەييار بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن قەدىمدىكى سادىق ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئۈلگىلىرى ھەققىدە ئويلانساق بولىدۇ (رىملىقلارغا 15:4). ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كەلگىنى، نېمىشقا كۈتۈشكە تەييار بولغانلىقى ۋە سەۋر-تاقىتى ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئۇلارغا قانداق بەرىكەت بەرگەنلىگى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىبراھىم پەيغەمبەرگە نەۋرىلىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تۇغۇلغىچە ئۇزۇن ۋاقىت كۈتۈش كېرەك ئىدى (9، 10-ئابزاسلارغا قاراڭ)
9، 10. ئىبراھىم بىلەن سارە يەھۋا خۇدانى قانچىلىك ئۇزۇن كۈتكەن؟
9 ئىبراھىم بىلەن سارەنىڭ مىسالىنى قاراشتۇرايلى. ئۇلار «ئېتىقادى ھەم سەۋرچانلىقى بىلەن ۋەدىلەرگە مىراسخور بولغان». مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، «ئىبراھىم سەرچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن» يەھۋا ئۇنىڭغا بەرىكەت تۆكۈدىغانلىغىنى ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بىر خەلقنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (ئىبرانىيلارغا 6:12، 15). نېمىشقا ئىبراھىمغا سەۋىر-تاقەت ھاجەت بولغان؟ سەۋەبى خۇدانىڭ ۋەدىسى ئورۇنلىنىدىغان ۋاقىتقىچە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. م.ئى. 1943-يىلىنىڭ 14-نىسان كۈنىدە ئىبراھىم بىلەن سارە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىسى فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىردى. لېكىن، ئىبراھىمغا ئوغلى ئىسھاق دۇنياغا كەلگىچە 25 يىل، نەۋرىلىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تۇغۇلغىچە يەنە 60 يىل كۈتۈشكە توغرا كەلگەن (ئىبرانىيلارغا 11:9).
10 ئىبراھىم پەيغەمبەر ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ئالدى؟ مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا خۇدانىڭ «ئۇنىڭغا بۇ يەردىن ھەتتا بىر غېرىچ كەڭلىگىدە ھېچقانداق مىراسلىق جاي بەرمىدى، لېكىن ئۇ يەرنى ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادىغا، گەرچە ئۇ چاغدا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولمىسىمۇ، ئىگە بولۇشقا ۋەدە بەرگەنلىگى يېزىلغان» (ئەلچىلەر 7:5). ئىبراھىم پەقەت 430 يىلدىن كېيىن فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شۇ زېمىندا ياشايدىغان بىر خەلقكە ئايلاندى (چىقىش 12:40—42؛ گالاتىلىقلارغا 3:17).
11. نېمىشقا ئىبراھىم كۈتۈشكە تەييار بولغان ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتى؟
11 ئىبراھىم يەھۋا خۇدانىڭ چوقۇم سۆزىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنى كۈتۈشكە تەييار بولغان. ئۇ يەھۋا خۇداغا ئىشەنگەن (ئىبرانىيلارغا 11:8—12نى ئوقۇڭ). ئىبراھىم خۇدا بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىسىمۇ، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن. ئەمما ئىبراھىم يەردىكى جەننەتتە قايتا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگەندە، قانچىلىك خوشال بولىدىغانلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئوقۇغاندا، ھەيران قالىدىغاندۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ.). ئۇ ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك ئىرادىسىدە ئەھمىيەتلىك رولغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلگەندە، قانچىلىك شاد-خوراملىققا چۆمىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ! ئۇنىڭ بۇ بەرىكەتلەرنى كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش بولدى، دەپ ئويلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
12، 13. نېمىشقا يۈسۈپكە سەۋرچان بولۇش كېرەك ئىدى ۋە ئۇ قانداقلارچە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىغان؟
12 ئىبراھىمنىڭ چەۋرىسى يۈسۈپمۇ سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە تەييار بولدى. ئۇ قەبىھ ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولدى. ئاۋۋال، ئۇ تەخمىنەن 17 ياشقا كىرگەندە، قېرىنداشلىرى ئۇنى قۇللۇققا سېتىۋەتتى، كېيىن ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ نومۇسىغا تەگمەكچى بولدى، دەپ قارا چاپلىنىپ زىندانغا تاشلانغانىدى (يارىتىلىش 39:11—20؛ زەبۇر 105:17، 18). خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى سۈپىتىدە، بەرىكەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇ جازالانغان. ئەمما 13 يىلدىن كېيىن ھەممىسى ئۆزگەردى. يۈسۈپ زىنداندىن ئازات قىلىنىپ، مىسىرنىڭ ئىككىنچى ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى بولدى (يارىتىلىش 41:14، 37—43؛ ئەلچىلەر 7:9، 10).
يۈسۈپ يەھۋانىڭ ھەممىنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭ بەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن كۈتۈشكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن
13 مۇنداق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن ئۇ غەزەپلىنىپ كەتتىمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى يەھۋا تاشلاپ كەتكەندەك ھىس قىلدىمۇ؟ ياق. يۈسۈپ سەۋىر-تاقەت بىلەن كۈتكەن. ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەردى؟ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچ. يۈسۈپ يەھۋانىڭ ھەممىنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن. بۇ ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرىدىن كۆرىنىدۇ: «قورقماڭلار، مەن خۇدامىدىم؟ سىلەر ماڭا قارشى يامان نىيەت قىلغاندىڭلار، لېكىن خۇدا ئۆزۈڭلار ھازىر كۆرۈۋاتقاندەك، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى» (يارىتىلىش 50:19، 20). يۈسۈپ يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن كۈتۈشكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
14، 15. ئا) نېمىشقا داۋۇتنىڭ سەۋر-تاقىتى ھەيران قالدۇرىدۇ؟ ئە) داۋۇتقا سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟
14 داۋۇت پادىشاھمۇ كۆپ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان. يەھۋا ئۇنى ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە مايلىغان. لېكىن ئۇ ھەتتا ئۆز قەبىلىسىدە پادىشاھ بولۇپ تاللانغانغىچە 15 يىل كۈتۈشكە توغرا كەلگەن (سامۇىلنىڭ 2-يازمىسى 2:3، 4). شۇ يىللار داۋامىدا ئۇ سائۇل پادىشاھدىن قېچىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، چۈنكى شاۇل ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىمۇ بولمىغان. ئۇ يات دۆلەتتە ياشاپ، چۆلدىكى ئۆڭكۈرلەردە تۇرغان. ئاخىرىدا، سائۇل ئۇرۇشتا ھالاك بولسىمۇ، داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن يەنە يەتتە يىل كۈتكەن (سامۇىلنىڭ 2-يازمىسى 5:4، 5).
15 داۋۇت نېمىشقا سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە تەييار بولغان؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئۇ «قاچانغىچە؟» دەپ تۆت قېتىم سورىغان زەبۇرنىڭ 13-بابىدا يازغان. داۋۇت مۇنداق دېگەن: «مەن بولسام، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم، يۈرۈكۈم سېنىڭ نىجاتىڭدا شاتلىنىدۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى» (زەبۇر 13:5، 6). داۋۇت يەھۋانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ يەھۋانىڭ بۇرۇن ئۆزىگە قانداقلارچە ياردەم قولىنى بەرگىنى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغان ھەم قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىدىغان ۋاقىتنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن. داۋۇت يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن كۈتۈشكە ئەرزىدىيغانلىقىنى چۈشەنگەن.
يەھۋا ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى بىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ
16، 17. قانداقلارچە يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ كۈتۈشكە تەييار بولۇشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى؟
16 يەھۋا ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ئېرەم بېغىدا شەيتان يەھۋاغا قارا چاپلاپ، ئۇنى ئادالەتسىز دەپ ئاتىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن يەھۋا ئۆز ئىسمىنىڭ پۈتۈنلەي مۇقەددەس قىلىنىدىغان چاغنى «سەۋىر-تاقەت بىلەن كۈتىدۇ». بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاجايىپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ (يەشايا 30:18، ئىزاھات).
نەرسىلەرنى بىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى (17 ئەيسا مەسىھمۇ كۈتۈشكە تەييار بولغان. ئۇ يەر يۈزىدە بولغاندا، تاكى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ قالغان. مىلادى 33-يىلى ئەيسا ئاسماندا قۇربانلىقنىڭ ھەققىنى يەھۋاغا بەردى. لېكىن، ئۇ 1914-يىل ھۆكۈمرانلىقىنى باشلايدىغان ۋاقىت كەلگىچە كۈتۈش كېرەك بولدى (ئەلچىلەر 2:33—35؛ ئىبرانىيلارغا 10:12، 13). شۇنداقلا ھەم، ئەيسا مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى پۈتكىچە ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقىتنى يەنە كۈتۈش كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:25). بۇ راستىنلا ئۇزۇن ۋاقىت. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ!
بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18، 19. سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە تەييار بولۇشقا بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 يەھۋا بىزنىڭ سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ كۈتۈشكە تەييار بولغانلىقىمىزنى خالايدۇ. بۇ جەھەتتە بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ خۇدادىن مۇقەددەس روھنى سوراپ، دۇئا قىلىش كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سەۋر-تاقەتنى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق يېتىلدۈرەلەيمىز (ئەفەسلىكلەرگە 3:16؛ 6:18؛ سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:17—19). شۇنداق ئىكەن، سەۋر-تاقەت بىلەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن يەھۋادىن يالۋۇرۇپ ياردەم سوراڭ!
19 ئىبراھىم پەيغەمبەرگە، يۈسۈپكە ۋە داۋۇت پادىشاغا يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە نېمىنىڭ ياردەم بەرگىنىنى ھەم ئەستىن چىقارمايلى. ئۇلار يەھۋاغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانىدى. ئۇلار ئوي-خىيالىنى ئۆزلىرى ياكى ئارزۇ-ئارمانلىرىغا مەركەزلەشتۈرمىگەنىدى. شۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەنلىگى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلساق، سەۋر-تاقەت بىلەن تەييار بولالايمىز.
20. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
20 بۈگۈنكى كۈندە بىز قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈشكە بەل باغلىدۇق. راست، بەزىدە بىز يەھۋادىن: «بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟»— دەپ سورىشىمىز مۇمكىن (يەشايا 6:11). بىراق خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بىلەن بىز يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلالايمىز: يەھۋا «مېنىڭ نېسىۋەمدۇر، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمۈت باغلايمەن» (يەرەمىيانىڭ يىغىسى 3:21، 24).
^ 11-ئابزاس يارىتىلىش كىتابىنىڭ تەخمىنەن 15 بابى ئىبراھىمنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەيدۇ. شۇنداقلا گرېك يازمىلارنىڭ يازغۇچىلىرى ئىبراھىمنى 70تىن ئوشۇق قېتىم تىلغا ئالىدۇ.
^ 14-ئابزاس سائۇل ئىككى يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن يەھۋا ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ سائۇل ئۆلگىچە يەنە 38 يىل پادىشاھ بولۇشىغا يول قويغان (سامۇىلنىڭ 1-يازمىسى 13:1؛ ئەلچىلەر 13:21).