كونا شەخسىيەتنى يېشىپ تاشلاپ، قايتىدىن كىيمەيلى
«ئۆزۈڭلاردىن كونا شەخسنى ئۇنىڭ ئىشلىرى بىلەن يېشىڭلار» (كولوسىلىقلارغا 3:9).
ناخشىلار: 52، 54
1، 2. ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە نېمىنى بايقايدۇ؟
كۆپ ئادەم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. مەسىلەن، ئانتون گىل ئىسىملىك يازغۇچى گۇۋاھچىلارنىڭ ناتسىست گېرمانىيىسىدە ياخشى خىسلەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ماختىغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ناتسىستلار بولۇپمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئۆچ كۆرگەن... 1939-يىلى تەخمىنەن 6000 گۇۋاھچى [مەھبۇسلار لاگېرىغا] چۈشكەنىدى». ئۇ يەنە، گۇۋاھچىلار شىدەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىسىمۇ، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان، بېسىم ئاستىدىمۇ خاتىرجەملىك ساقلايدىغان، خۇداغا ۋاپادار ۋە ئىناق بولغانلىقى بىلەن ھەممىگە مەلۇم بولغان، دەپ ئېيتقان.
2 جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ئادەملەرمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىر ۋاقىتتا ئۇ يەردە ھەر خىل ئىرقتىن چىققان ئادەملەرگە، جۈملىدىن گۇۋاھچىلارغىمۇ، جەم بولۇشقا مەنئىي قىلىنغان. ئەمما 2011-يىلى 18-دېكابىر كۈنى جەنۇبىي ئافرىكا بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەرخىل ئىرقلاردىن بولغان 78000دىن ئوشۇق گۇۋاھچى يوھاننېسبورگنىڭ ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا بىر مەخسۇس پروگرامما
ئۈچۈن يىغىلدى. شۇ چاغدا مەيداننىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى ئۇلار ھەققىدە: «بۇ مەيداندا ھازىرغىچە يىغىلغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىچىدىكى ئەڭ ئۈلگىلىك سىلەر. ھەممىڭلار بىردەك يارىشىملىق كىيىنگەن. شۇنداقلا سىلەر مەيداننى بەك ياخشى تازىلىدىڭلار. ئەڭ مۇھىمى، ھەقىقەتەن كۆپ مىللەتلىك تەشكىلات ئىكەنسىلەر»،— دىدى.3. نېمە تەشكىلاتىمىزنى ئۆزگىچە قىلغان؟
3 شۇڭا، ھەتتا گۇۋاھچى ئەمەس كىشىلەر بىزنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتىمىزنىڭ باشقا تەشكىلاتلاردىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:9). نېمىشقا بىز ھەرقانداق باشقا تەشكىلاتتىن پەرقلىنىمىز؟ سەۋەبى خۇدا سۆزى بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىدە بىز يەھۋاغا ياقمايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئايرىلىشقا بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز. بىز «كونا شەخسنى يېشىپ»، «يېڭى شەخسكە كىيىنىمىز» (كولوسىلىقلارغا 3:9، 10).
ھاياتنى تامامەن ئۆزگەرتىش مۇمكىن
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز ۋە نېمىشقا؟
4 كونا شەخسىيەتنى يەشكەندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كىيمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە بىز كونا شەخسىيەتنى قانداقلارچە ھەل قىلىشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نېمىشقا شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى قاراپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بۇرۇن يامان ئىشلارغا بىرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاندىن كۆپ يىل داۋامىدا ھەقىقەتنى بىلگەنلەر كونا شەخسىيەتنى قايتىدىن كىيمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ بەك ئەپسۇسكى، بۇرۇن يەھۋاغا خىزمەت قىلغانلار پەخەس بولماي، يەھۋانى بىلمەي تۇرۇپ قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئويلىرىغا قايتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىرىمىز: «كىم تۇرىمەن دەپ ئويلىسا، يىقىلىپ كېتىشىدىن بايقىسۇن»،— دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:12).
ھەرقانداق ئەخلاقسىز جىنسىي ھەۋەستىن نېرى تۇرايلى
5. ئا) نېمىشقا كونا شەخسىيەتىن دەرھال ئايرىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ). ئە) كولوسىلىقلارغا 3:5—9 ئايەتلەردە كونا شەخسىيەتكە خاس قانداق ئىشلار تىلغا ئېلىنغان؟
5 كىيىمىمىزنىڭ پاسكىنا ۋە يېقىمسىز پۇرىغانلىقىنى سەزسىڭىز، نېمە قىلىسىز؟ ئۇنى مۇمكىنقەدەر تېز ھەل قىلىشكە ئالدىرايتىڭىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمىزنى چۈشەنسەك، دەرھال ئۆزگىرىشىمىز كېرەك. پاۋلۇس مۇنداق يامان ھەرىكەتلەر توغرىسىدا: «ئۆزۈڭلاردىن مۇشۇنىڭ ھەممىسىنى... نېرى قىلىڭلار»،— دەپ يازغان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككىسىگە، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ناپاكلىققا، دىققەت ئاغدۇرايلى (كولوسىلىقلارغا 3:5—9نى ئوقۇڭ).
6، 7. ئا) پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى كونا شەخسىيەتىن ئايرىلىش ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ ئە) ساكۇرا قانداق ھايات كەچۈرگەن؟ ئۇ ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۈچنى نەدىن ئالدى؟
6 جىنسىي ئەخلاقسىزلىق. مۇقەددەس كىتابقا بىنائەن، «جىنسىي ئەخلاقسىزلىق» — قانۇنىي نىكاھھتا بولمىغانلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت. پاۋلۇس مەسىھىيلەرنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا باغلىق «يەرلىك ئەزالىرىنى» «ئۆلتۈرۈشى» كېرەكلىكى ھەققىدە ئېيتقان. بۇ — ناتوغرا ھەۋەسلىرىمىزدىن ئايرىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنى قىلىش ئاسان ئەمەس، لېكىن بۇ قولۇمىزدىن كېلىدۇ!7 ياپونىيىدە ياشايدىغان ساكۇرا ئىسىملىك قېرىنداش قانداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى * (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا پات-پات ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ، كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى كەلگەن. يالغۇزلۇقنى ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇشنى باشلىغان. ئۇ ئۈچ قېتىم بالا چۈشۈرگەن. ساكۇرا مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ بېشىدا، ئەخلاقسىزلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزۈمنى خاتىرجەم سېزىپ، بىرسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما قانچە كۆپ جىنسىي ئالاقىدە بولسام، شۇنچىلىك ئۆزۈمنى خەۋپ ئاستىدا ھېس قىلىدىغان بولدۇم». ساكۇرا 23 ياشقىچە مۇشۇنداق ھايات كەچۈرگەن. كېيىن، ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇ ئالغان بىلىمىنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ساكۇرا ئەخلاقسىز ھايات يولىنى تاشلاپ، ئۇنى ئازابلىغان گۇناھ ۋە نۇمۇس ھېس-تۇيغۇسىدىن ئۆزىنى ئازات قىلالىغان. بۈگۈن ساكۇرا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كۈنى يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ نۇرىغا چۆمۈپ يۈرگىنىم مېنى بەكمۇ خوشال قىلىدۇ».
ناپاك ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش ئۇسۇللىرى
8. خۇدانىڭ ئالدىدا بىزنى ناپاك قىلىدىغان بەزى ئىشلار قانداق؟
8 ناپاكلىق. مۇقەددەس كىتابتا «ناپاكلىققا» جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا يەنە كۆپرەك نەرسە كىرىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭغا تاماكا چېكىش ۋە تېتىقسىز چاكىنا چاقچاقلارنى قىلىشتەك ئىشلار كىرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 7:1؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:3، 4). شۇنىڭ بىلەن، شەھۋانىي نەپسىنى قوزغىتىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش ياكى شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئوخشاش يالغۇز قالغاندا قىلىدىغان يامان ئىشلارمۇ كىرىدۇ. مۇنداق ئىشلار قولدا زىنا قىلىش دېگەن ناپاك ئادەتكە ئەكېلىشى مۇمكىن (كولوسىلىقلارغا 3:5) * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
9. ئادەم كونتورۇل قىلىش تەس «شەھۋەتنى» يېتىلدۈرسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
9 شەھۋانىيلىق تەرغىپ قىلىنغان نەرسىلەرنى دائىم كۆرىدىغان ئادەم كونتورول قىلىش تەس بولىدىغان «شەھۋەتنى» يېتىلدۈرۈپ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە خۇمار بولۇپ قالىدۇ. تەتقىقاتچىلار شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىگە بولغان خۇمارلىق ھاراق ياكى زەھەرلىك بۇيۇملارغا بولغان خۇمارلىققا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ يامان ئادەتنىڭ ۋىجدان ئازابىغا، ئىشىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەشكە، ئائىلىنىڭ بەختسىز بولۇشىغا ياكى ئاجرىشىشقا، ھەتتا ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى ئەكېلىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. مەسىلەن، بىر يىل داۋامىدا شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇمارى بىلەن كۈرەش قىلىپ، شۇ ئادىتىدىن ئايرىلغان بىر ئەر كىشى ئۆز-ئۆزىنى قايتىدىن ھۆرمەتلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
10. رىبېيرو شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۇزىقىدىن قانداق ئازات بولدى؟
10 كۆپ ئادەم ئۈچۈن شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنىڭ تۇزىقىدىن ئازات بولۇش ناھايىتى قىيىن. لېكىن، بۇ كۈرەشتە غەلىبە قازىنىش بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى ئوقۇپ چىقان. ئاندىن ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. ئەمما شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىنى كۆرۈش ئادىتىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەردى؟ ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ۋە بىلىۋالغىنىم ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ خىسلەتلىرىگە بولغان مىننەتدارلىقىم ئۆسۈۋەردى. نەتىجىدە يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىم شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىنى كۆرۈشكە بولغان ھەۋەسىمدىن ئېشىپ چۈشتى». مۇقەددەس كىتاب بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن رىبېيرو ھاياتىنى ئۆزگەرتىپ، چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن ۋە ھازىر ئۇ جامائەتتە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
مۇمكىن. برازىلىيىدە ياشايدىغان رىبېيرونىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۆيىدىن كېتىپ، قەغەزنى قايتا ئىشلىتىش زاۋۇتىغا ئىشقا كىرگەن. شۇ يەردە ئۇ شەھۋانىي مەزمۇندىكى ژۇرناللارنى كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاستا-ئاستا مەن خۇمار بولدۇم. ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتتىمكى، شەھۋانىي فىلىملارنى كۆرۈش ئۈچۈن، بىللە ياشىغان ئايال ئۆيدىن قاچان چىقار دەپ كۈتۈپ ئولتۇراتتىم». كېيىن بىر كۈنى رىبېيرو ئىشىدا دۈگلىنىپ تۇرغان كىتابلارنىڭ ئارىسىدا «11. شەھۋانىي نەرسىلەرنىڭ تۇزىقىدىن ئازات بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 بايقىسىڭىز، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇش ئۈچۈن رىبېيرو پەقەت مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپلا قويمىدى. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن بىلگىنى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، خۇدا سۆزىنىڭ يۈرۈكىگە تەسىر قىلىشىغا يول قويغان. يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ياردەم سوراپ يالۋۇرغان. بۇلار ئارقىلىق خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى كۈچىيىپ، شەھۋانىي نەرسىلەرگە بولغان خۇمارىدىن ئازات بولغان. شەھۋانىي نەرسىلەرنىڭ تۇزىقىدىن ئازات بولۇش ئۈچۈن بىزمۇ يەھۋانى قاتتىق ياخشى كۆرۈشىمىز ۋە يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشىمىز كېرەك (زەبۇر 97:10نى ئوقۇڭ).
غەزەب، ھاقارەتلىك ۋە يالغان سۆزلەردىن نېرى تۇرايلى
12. ستىۋېنغا غەزەب ۋە ھاقارەتلىك سۆزلەردىن ئايرىلىشقا نېمە ياردەم بەردى؟
12 بەزى ئادەملەرنىڭ ئاچچىقى تېزلا كېلىدۇ ۋە ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن پۈتكۈل ئائىلە ئازاب چېكىدۇ. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان ستىۋېن ئىسىملىك بىر ئەر كىشى بۇرۇن ئاغزىنى بۇزۇپ، يوقلا نەرسىگە ئاچچىقلىناتتى. ئۇ: «ئايالىم ئىككىمىز ئۈچ قېتىم ئايرىم ياشاپ، ئەمدى ئاجراشماقچى ئىدۇق»،— دەيدۇ. كېيىن، ئۇلار گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، ستىۋېن بىلگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا تىرىشقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەھۋانى بىلمەي تۇرغاندا بىر نەرسە ئۇنىڭ جېنىغا تەگسە، شۇنداق غەزەبلىنەتتىكى، ئۇ خۇددى بىر پارتىلاشقا ئاز قالغان بومبىغا ئوخشاپ قالاتتى. بىراق مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغاندا، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ بۆلۈشتى: «ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى تۈپ يىلتىزى بىلەن ئۆزگەردى. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن مەن تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە بولدۇم». ھازىر ستىۋېن خىزمەت ياردەمچىسى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ئايالى بولسا بىرنەچچە يىلدىن بېرى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. جامائەتتىكى ئاقساقاللار ستىۋېن ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ستىۋېن بەك ئەمگەكچان، ئېغىر-بېسىق ۋە كەمتەر بۇرادەر».
ئۇلار ئۇنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى ھېچقاچان كۆرمەپتۇ. ستىۋېن ئۆز كۈچۈم بىلەن ئۆزگەردىم دەپ ھېسابلىمايدۇ. ئۇ: «ئەگەر يەھۋانىڭ شەخسىيىتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىنى رەت قىلسام، ھاياتىمدىكى ئاجايىپ بەرىكەتلەرنىڭ ھېچقايسىنى كۆرەلمەتتىم»،— دەيدۇ.13. نېمىشقا غەزەب خەۋپلىك؟ مۇقەددەس كىتابتا قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بار؟
13 مۇقەددەس كىتاب بىزنى غەزەب، جېدەل ھەم ئاھانەتتىن نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:31). بۇلار ئادەتتە زورلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئادەم غەزەب ۋە زوراۋانلىقنى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما مۇنداق يۈرۈش-تۇرۇش، ئەمەلىيەتتە، ياراتقۇچىمىزنى شەرمەندە قىلىدۇ. كۆپ قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە توغرا كەلگەن ۋە شۇنداق قىلىپ ئۇلار يېڭى شەخسىيەتكە ئىگە بولغان (زەبۇر 37:8—11نى ئوقۇڭ).
14. زوراۋان ئادەمنىڭ مۇلايىم ئادەمگە ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ؟
14 خانس ئىسىملىك بۇرادەر ئاۋسترالىيىدىكى بىر جامائەتتە ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. شۇ جامائەتنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى خانس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ مەن كۆرگەن ئەڭ كەمتەر ۋە مۇلايىم بۇرادەر». بىراق بۇرۇن ئۇنداق بولمىغان. خانس ئۆسمۈرلۈك چىقىغىدا ئىچىملىككە بېرىلىپ، زوراۋان بولۇپ كەتكەن. بىر قېتىم ئۇ مەست بولۇپ، قىز دوستىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 20 يىل تۈرمىگە قامالغان. ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ئۆزگىرىشكە ھېچ ياردەم بېرەلمىگەنىدى. كېيىن، ئاپىسى بىر ئاقساقالنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خانس مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: «كونا شەخسىيەتىن ئايرىلىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولدى. يەشايا 55:7دىكى «رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى... تاشلىسۇن» دېگەن سۆزلەر ۋە كورىنتلىقلارغا 1-خەت 6:11دىكى گۇناھ يولىنى تاشلىغان ئادەملەر ھەققىدىكى «بەزىلىرىڭلار شۇنداق بولغاندىڭلار» دېگەن سۆزلەر ماڭا مەدەت بەردى. مۇقەددەس روھى ئارقىلىق يېڭى شەخسىيەتكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا ماڭا يىللار داۋامىدا سەۋر-تاقەت بىلەن ياردەم بېرىپ كەلدى»،— دېگەن. خانس تۈرمىدە بولغاندا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى ۋە ئون يەتتە يېرىم يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقتى. ئۇ: «يەھۋانىڭ چەكسىز مېھرىبانلىقى ۋە كەچۈرۈمچانلىقى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمەن»،— دەيدۇ.
15. كونا شەخسىيەتنىڭ يەنە بىر قىسمى قانداق؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ ھەققىدە نېمە يېزىلغان؟
15 كونا شەخسىيەتكە خاس يەنە بىر ئادەت — يالغان ئېيتىش. مەسىلەن، كۆپ ئادەم باج تۆلىمەسلىك ياكى قىلغانلىرىغا جاۋابكار بولماسلىق ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىدۇ. لېكىن يەھۋا خۇدا — ھەقىقەتنىڭ خۇداسى (زەبۇر 31:5). شۇڭا ئۇ خىزمەتچىلىرىدىن «يالغان سۆزلىمەي»، ئەكسىچە «ھەقىقەتنى سۆزلەشنى» تەلەپ قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:25؛ كولوسىلىقلارغا 3:9). ئېنىقكى، بىز ھەتتا ئېيتىشقا ئۇيات ياكى قىيىن بولغان چاغدىمۇ راستىنى ئېيتىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 6:16—19).
ئۇلار قانداق قىلىپ غەلبە قىلدى؟
16. كونا شەخسىيەتىن ئايرىلىشقا بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 ئۆز كۈچىمىز بىلەن كونا شەخسىيەتىن ئايرىلىش مۇمكىن ئەمەس. ساكۇرا، رىبېيرو، ستىۋېن ۋە خانس كونا ھايات كەچۈرۈش يولىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، كۈرەش قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارغا خۇدا سۆزىنىڭ كۈچى بىلەن مۇقەددەس روھ ياردەم بەردى (لۇقا 11:13؛ ئىبرانىيلارغا 4:12). شۇ كۈچنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئۇ ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئۈچۈن دانالىق ھەم كۈچ سوراپ دائىم دۇئا قىلىشىمىز زۆرۈر (يەشۇئا 1:8؛ زەبۇر 119:97؛ سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:17). جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغا تەييارلىنىش ھەم ئۇلارغا قاتنىشىشمۇ خۇدا سۆزىنىڭ ۋە مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (ئىبرانىيلارغا 10:24، 25). ئۇنىڭدىن تاشقىرى، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان باشقىمۇ كۆپلىگەن قۇراللارنى قوللانغانلىقىمىز ياخشى. مەسىلەن، ژۇرناللىرىمىز، JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسى، «JW Library» پروگراممىسى ۋە org.jw تور بېكىتى (لۇقا 12:42).
كونا شەخسىيەتىن ئايرىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى (16-ئابزايسقا قاراڭ)
17. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 بۇ ماقالىدە بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئايرىلىپ، قايتىدىن قىلماسلىقى كېرەك بەزى يامان ئىشلارنى قاراپ چىقتۇق. لېكىن، بۇنى قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. بىز يېڭى شەخسىيەتكە ئېرىشىپ، ئۇنى ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىشىمىز كېرەك. كېلەركى ماقالىدە بۇنى قانداق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
^ 7-ئابزاس بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
^ 8-ئابزاس «ياشلارنىڭ سوئاللىرى» (1-توم) (رۇس) كىتابىنىڭ 25-بابىغا قاراڭ. شۇنداقلا «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابىنىڭ 218-بېتىدىكى «قولدا زىنا قىلىش ئادىتىنى تاشلاڭ» ناملىق قوشۇمچىنى ئوقۇڭ.