مېھىر-مۇھەببەت — ئېسىل پەزىلەت
يەھۋا خۇدا ئەلچى پاۋلۇسنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدىغان توققۇز خىسلەت ھەققىدە يېزىشقا روھلاندۇرغان (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). بۇ گۈزەل خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىللە «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» دەپ ئاتىلىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇنداقلا بۇ مېۋە — مەسىھىيلەر ئىگە بولىدىغان «يېڭى شەخسنىڭ» بىر قىسمى (كولوسىلىقلارغا 3:10). ياخشى سۇغۇرۇلغان دەرەخ مېۋە بەرگەندەك، ھاياتىغا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىر قىلىشىغا يول قويىدىغان ئادەمدىمۇ مۇنداق ئېسىل خىسلەتلەر بولىدۇ (زەبۇر 1:1—3).
پاۋلۇس يازغان بىرىنچى خىسلەت — مېھىر-مۇھەببەت. بۇ خىسلەت قانچىلىك ئېسىل؟ پاۋلۇسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ «مېھىر-مۇھەببىتى بولمىسا»، ئۇ — «ھېچنەرسە ئەمەس» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:2). ئامما مېھىر-مۇھەببەت دېگىنىمىز نېمە ۋە بىز ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆرسىتەلەيمىز؟
مېھىر-مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
مېھىر-مۇھەببەتكە نەق ئېنىقلىما بېرىش قىيىن بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قانداق ئويلىنىپ، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، سۆيىدىغان ئادەم «سەۋرلىك ھەم مېھرىبان» ۋە «ھەقىقەتكە شاتلىنىدۇ». مېھىر-مۇھەببىتى بار ئادەم «ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشىنىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئۈمىدلىنىدۇ، ھەممىنى تاقابىل چىدايدۇ». شۇنداق كىشى ئەتراپىدىكىلەرگە كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇلارنىڭ غېمىنى چىن يۈرەكتىن ئويلايدۇ ۋە ۋاپادار دوست بولىدۇ. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتى يوق ئادەم قىزغانچۇق، ماختانچاق، ئەدەبسىز، شەخسىيەتچى ۋە باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان بولىدۇ. مۇنداق يامان ئىللەتلەرنىڭ ئورنىغا بىز ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈمىز كېلىدۇ ۋە مۇنداق مۇھەببەت «ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدۇ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4—8).
يەھۋا بىلەن ئەيسا — مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىلىرى
«خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر» (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:8). ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. خۇدا ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ زور ئىپادىسى — ئەيسا مەسىھنى بىز ئۈچۈن ئازابلىنىپ ئۆلۈش ئۈچۈن يەرگە ئەۋەتكەنلىكى. ئەلچى يوھاننا بۇ ھەققىدە: «تەڭرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزگە شۇنىڭدا كۆرۈندىكى، خۇدا ئوغلى ئارقىلىق بىز ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىزدە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىزنى سۆيۈپ، ئۆز ئوغلىنى گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن شەپقەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەۋەتىپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىدە»،— دەپ يازغان (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:9، 10). خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈلىدۇ ۋە بىز ئۈمىد بىلەن ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز.
ئەيسامۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشى بىلەن ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ «ئىرادە» بويىچە بىر قېتىم ھەم مەڭگۈگە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ھەدىيەسى ئارقىلىق بىز مۇقەددەسلەندۇق» (ئىبرانىيلارغا 10:9، 10). بۇنىڭدىن ئارتۇق مېھىر-مۇھەببەتنى باشقا ھېچقانداق ئادەم كۆرسىتەلمەيتى. ئەيسا ئېيتقاندەك، بىرەر كىشى «ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلسا، ئۇنىڭدىن ئارتۇق مېھىر-مۇھەببەت يوق» (يوھاننا 15:13). نامۇكەممەل ئىنسان يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىگە ئۈلگە قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە! كېلىڭلار، ئۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلىنى قاراپ باقايلى.
«مېھىر-مۇھەببەتتە يۈرۈڭلار»
پاۋلۇس بىزنى مۇنداق ئۈندىگەن: «رەببىمىزگە تەقلىت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى. مەسىھ سىلەرنى سۆيۈپ، ئۆزىنى سىلەر ئۈچۈن خۇداغا تاتلىق خۇشپۇراق سۈپىتىدە قۇربان قىلغىنىدەك، مېھىر-مۇھەببەتتە يۈرۈڭلار» (ئەفەسلىكلەرگە 5:1، 2). «مېھىر-مۇھەببەتتە يۈرۈش» دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى ھەردائىم كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىز باشقىلارغا «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپلا قويماي، بۇنى ئىشىمىز بىلەن ئىسپاتلايمىز. يوھاننا مۇنداق يازغان: «بالىلىرىم، بىر-بىرىمىزگە پەقەت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى» (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:18). مەسىلەن، بىز يەھۋا خۇدا ھەم باشقا ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، «پادىشاھلىق ھەققىدىكى» خۇش خەۋەرنى جاكالايمىز (مەتتا 24:14؛ لۇقا 10:27). شۇنداقلا سەۋرچان، مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان بولساق، «مېھىر-مۇھەببەتتە يۈرىمىز». بىز مۇقەددەس كىتابتىكى: «يەھۋا سىلەرنى ھىممەتلەرچە كەچۈرگەندەك، سىلەرمۇ شۇنداق كەچۈرۈڭلار»،— دېگەن مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىمىز (كولوسىلىقلارغا 3:13).
بىراق، بىز بىرسىگە مەسلىھەت بەرسەك ياكى ئۇنى تۈزەتسەك، بۇ بىزدە مېھىر-مۇھەببەت يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، بالىسى يىغلىمىسۇن دەپ بەزى ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ دېگىنىنى قىلىدۇ. ئەمما بالىسىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانا كېرەك چاغدا قاتتىقراق تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ئۆزى مېھىر-مۇھەببەت بولغىنى بىلەن، ئۇ «كىمنى سۆيسە، شۇنى جازالايدۇ» (ئىبرانىيلارغا 12:6). ئۇنداقتا، بىرسىنى ھاجەت بولغان چاغدا تۈزەتسەك، بۇ — مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسىدۇر (پەندى-نەسىھەت 3:11، 12). لېكىن، ھەممىمىزنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى ۋە پات-پات مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇمايلى. شۇڭا، ھەممىمىز مېھىر-مۇھەببەتنى ياخشىراق كۆرسىتەلەيمىز. قانداقلارچە؟ بۇنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى.
مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
بىرىنچىدىن، مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خۇدادىن مۇقەددەس روھنى سوراڭ. ئەيسا مەسىھ يەھۋانىڭ «مۇقەددەس روھنى سورىغانلارغا بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتقان (لۇقا 11:13). شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇئادا مۇقەددەس روھنى سوراپ، ئۇنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىگە يول قويساق، مېھىر-مۇھەببىتىمىز بارغانسىرى كۆپ بولىدىغانلىقى سۆزسىز (گالاتىلىقلارغا 5:16). مەسىلەن، ئاقساقال بولسىڭىز، باشقىلارغا مۇقەددەس كىتابتىن مەسلىھەت بەرگەندە، بۇنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھ سورىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولسىڭىز، بالىلىرىڭىزنى ئاچچىقلىنىپ ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تۈزىتىش ئۈچۈن خۇدادىن مۇقەددەس روھنى سوراپ، دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئەيسانىڭ ئۆزىنى ئازابلىغانلارغا قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21، 23). سىزنى بىرسى رەنجىتكەندە ياكى سىز ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، ئۆزىڭىزدىن: «مۇنداق ۋەزىيەتتە ئەيسا نېمە قىلاتتى؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ. لى ئىسىملىق قېرىنداشنىڭ ۋەقەسىدە كۆرۈنگەندەك، بۇ ئىش-ھەرىكەت قىلىشتىن ئاۋۋال ياخشىلاپ ئويلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ بۆلۈشكەن: «بىر قېتىم مەن بىلەن ئىشلەيدىغان بىر ئايال خىزمەتداشلىرىمغا مەن ۋە قىلغان ئىشىم توغرىسىدا ناتوغرا نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ. بۇنى بىلگەندە، ئىنتايىن خاپا بولدۇم. بىراق، كېيىن «بۇ ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدە ئەيسانى قانداق دورالايمەن؟» دەپ ئويلاندىم. ئەيسانىڭ مېنىڭ ئورنۇمدا نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىراز ئويلىنىپ، تۈگمىدەك نەرسىنى تۆگىدەك قىلماي، ھەممىسىنى شۇنداق قالدۇرۇشقا قارار قىلدىم. كېيىنرەك شۇ خىزمەتدىشىمنىڭ ئېغىر كېسەل بىلەن كۈرەش قىۋاتقانلىقىنى ۋە كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا بولغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا يازغان ئۇچۇرى بىلەن ئۇ مېنى رەنجىتكىسى كەلمىگەندۇ دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ئەيسا ھەتتا ئاچچىقىنى كەلتۈرمەكچى بولغان ئادەملەرگىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئۈلگىسى خىزمەتدىشىمغا مۇنداق مۇھەببەتنى كۆرسىتىشكە ياردەم بەردى». ئەگەر بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلساق، باشقىلارغا ھەردائىم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز.
ئۈچىنچىدىن، جان پىدا قىلىدىغان مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگىنىڭ. ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنى شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت پەرقلەندۈرىدۇ (يوھاننا 13:34، 35). ئەيسانىڭ ئۆزى جان پىدا قىلىپ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى قالغان. قانداقلارچە؟ ئۇ بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن، «تاكى ئۆلۈمىگىچە»، «ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىپ»، جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلدى (فىلىپپىلىقلارغا 2:5—8). ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، پىداكارلىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، ئويىمىز بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ ۋە بىز باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزۈمىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويىدىغان بولىمىز.
مېھىر-مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەر
مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىش كۆپ بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى قاراپ چىقايلى.
-
خەلقئارالىق قېرىنداشلىق. بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، دۇنيانىڭ قايسى جايىدىكى جامائەتكە بارمايلى، قېرىنداشلارنىڭ بىزنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز. «دۇنيادىكى ئېتىقادداشلىرىڭىز» سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە دېگەن زور بەرىكەت! (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:9). مۇنداق مېھىر-مۇھەببەتنى پەقەت خۇدا خەلقنىڭ ئارىسىدا تاپالايمىز.
-
ئىناقلىق. «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن بىر-بىرىمىزگە كەڭ قورساقلىق بولۇش» ئارقىلىق ئارىمىزدىكى «تېنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇرىدىغان رىشتىسىنى» ساقلالايمىز (ئەفەسلىكلەرگە 4:2، 3). جامائەت ئۇچرىشىشلىرىمىز بىلەن چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا جەم بولغاندا، بىز مۇنداق ئىناقلىقنى ھېس قىلىمىز. بۆلگۈنچىلىككە تولغان بۇ دۇنيادا ئارىمىزدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ بار بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟ (زەبۇر 119:165؛ يەشايا 54:13). بىز باشقىلار بىلەن ئىناق بولۇشقا كۈچ چىقارساق، ئۇلارنى ھەقىقەتەن سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز ۋە ئەرشتىكى ئاتىمىزنى خۇرسەن قىلىمىز (زەبۇر 133:1—3؛ مەتتا 5:9).
«مېھىر-مۇھەببەت مۇستەھكەملەيدۇ»
پاۋلۇس: «مېھىر-مۇھەببەت... مۇستەھكەملەيدۇ»،— دېگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:1). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ كورىنتلىقلارغا 1-خەتنىڭ 13-بابىدا پاۋلۇس مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئادەمنى قانچىلىك مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. مېھىر-مۇھەببەت باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ ۋە ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:24؛ 13:5). مېھىر-مۇھەببەت غەمخورچان، باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىناۋەتكە ئالىدىغان، سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولغانلىقتىن، ئۇ ئائىلىلەرگە مەھكەم ئاساس سېلىپ، جامائەتتە ئىناقلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە تەسىر قىلىدۇ (كولوسىلىقلارغا 3:14).
قېشىمىزدىكى ئادەملەرگە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇلى بار، ئامما ئەڭ قىممەت-باھالىق ۋە مۇستەھكەملەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت—خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتتۇر. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ. كېلىپ چىقىشى، ئىرقى ۋە تىلى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر يەھۋاغا «بىر جان بىر تەن بولۇپ»، ئىناقلىقتا ئىبادەت قىلىدۇ (سەفانىيا 3:9). ئۇنداقتا، ھەر كۈنى مۇقەددەس روھ مېۋىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ ئېسىل پەزىلەتنى كۆرسىتىشكە بەل باغلايلى.
^ 2-ئابزاس بۇ — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى بولغان خىسلەتلەرنىڭ ھەربىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان توققۇز قىسىملىق بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ بىرىنچىسى.