ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمىشقا مەتتا بىلەن لۇقا ئەيسا مەسىھنىڭ يەردىكى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنى ھەر تۈرلۈك تەسۋىرلىگەن؟
مەتتا يازغان خۇش خەۋەردە ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ھەققىدە يېزىلغانلار لۇقانىڭكىدىن باشقىچە، چۈنكى ھەربىر يازغۇچى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ ئويلىرى بىلەن تەجرىبىسىگە دىققەت قىلغان.
مەتتا كىتابىدا يۈسۈپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا يۈسۈپ مەرىيەمنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەندە نېمە قىلغانلىقى، پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا چۈشىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان (مەتتا 1:19—25). شۇنداقلا پەرىشتە يۈسۈپنى چۈشىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئائىلىسى بىلەن مىسىرغا قېچىش بۇيرۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئىتائەت قىلغانلىقى يېزىلغان. ئاندىن يەنە بىر چۈشىدە پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا ئىسرائىلغا قايتىشقا بۇيرىغانلىقى، يۈسۈپنىڭ قۇلاق سېلىپ قايتقىنى ۋە ئائىلىسى بىلەن ناسىرە شەھىرىدە ئورۇنلاشقانلىقىمۇ تەسۋىرلەنگەن (مەتتا 2:13، 14، 19—23). مەتتا يازغان خۇش خەۋەرنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى بابتا يۈسۈپنىڭ ئىسمى 8 قېتىم، مەرىيەمنىڭ بولسا 7 قېتىم ئۇچرايدۇ.
ئەمما لۇقانىڭ كىتابىدا مەرىيەمگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرۇلغان. ئۇنىڭدا مەرىيەمگە جەبرائىل پەرىشتىنىڭ كەلگەنلىگى، مەرىيەمنىڭ تۇغقىنى ئېلىزابېتقا بارغىنى ۋە يەھۋانى مەدھىيىلەپ ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغان (لۇقا 1:26—56). شۇنىڭ بىلەن سىمېئون ئەيسانىڭ كېلەچەكتە قانداق ئازابلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى مەرىيەمگە ئېيتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. كېيىن، لۇقا ئەيسانىڭ 12 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بارغان ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇ ۋەقەنى تەسۋىرلىگەندىمۇ لۇقا يۈسۈپنىڭ ئەمەس، مەرىيەمنىڭ سۆزلىرىنى كەلتۈرگەن ۋە بۇ ۋەقەنىڭ مەرىيەمگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنىمۇ يازغان (لۇقا 2:19، 34، 35، 48، 51). خۇش خەۋەرنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى بابىدا لۇقا مەرىيەمنىڭ ئىسمىنى 13 قېتىم، يۈسۈپنىڭ ئىسمىنى پەقەت 3 قېتىم تىلغا ئالغان. دېمەك، مەتتا كۆپىنچە يۈسۈپنىڭ ئويلىرى بىلەن ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېيتسا، لۇقا مەرىيەمگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرىدۇ.
بۇ ئىككى كىتابتا ئەيسانىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسەپنامىسىدىمۇ پەرق بار. مەتتا يۈسۈپنىڭ ئەجدادىنىڭ تىزىمىنى يېزىش ئارقىلىق يۈسۈپنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى سۈپىتىدە ئەيسادا داۋۇتنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قانۇنىي ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى يۈسۈپ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان، يەنى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ نەسلىدىن چىققان (مەتتا 1:6، 16). ئەمما، لۇقا مەرىيەمنىڭ نەسەپنامىسىنى كەلتۈرۈپ، ئەيسانىڭ «جىسمانىي جەھەتتىن» داۋۇتنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا تەبىئىي ھوقۇقى بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن (رىملىقلارغا 1:3). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مەرىيەم داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان، يەنى داۋۇتنىڭ ئوغلى ناتاننىڭ نەسلىدىن چىققان ئىدى (لۇقا 3:31). لېكىن، نېمە سەۋەبتىن لۇقا كىتابىدىكى تىزىمدا مەرىيەم دادىسى ئىلىينىڭ قىزى سۈپىتىدە ئاتالمىغان؟ رەسمىي ھۆججەتلەردە ئەسلى پەقەت ئائىلىدىكى ئەر كىشىلەر يېزىلغان. شۇ سەۋەبتىن لۇقا ئۆز تىزىمىدا يۈسۈپنى ئىلىينىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغاندا، ئادەملەر ئۇنىڭ كۈيئوغلى بولغانلىقىنى چۈشەنگەن (لۇقا 3:23).
مەتتا ۋە لۇقا يازغان خۇش خەۋەرلەردە كەلتۈرۈلگەن ئەيسانىڭ نەسەپنامىسى ئۇنىڭ خۇدا ۋەدە قىلغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەيسانىڭ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ۋە بۇنى ھەتتا پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار رەت قىلالمىغان. مەتتا ۋە لۇقا كىتابلىرىدىكى نەسەپنامىلەر بىزنىڭمۇ ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ھەم خۇدانىڭ باشقىمۇ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.