يېڭى شەخسىيەتنى كىيىپ، ئۇنى قايتا يەشمەيلى
«يېڭى شەخسىيەتنى كىيىنىڭلار» (كولوسىلىقلارغا 3:10).
ناخشىلار: 43، 27
1، 2. ئا) يېڭى شەخسىيەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى نەدىن بىلىمىز؟ ئە) كولوسىلىقلارغا 3:10—14 ئايەتلەردە يېڭى شەخسىيەتكە كىرىدىغان قانداق خىسلەتلەر بار؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەفەسلىكلەرگە 4:24 ۋە كولوسىلىقلارغا 3:10 ئايەتلىرىدە «يېڭى شەخس» دېگەن ئىبارە ئىككى قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئايەتلەردە خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يارىتىلغان شەخس ھەققىدە ئېيتىلغان. بىز يېڭى شەخسىيەتكە ئىگە بولالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە. يەھۋا خۇدا بىزنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقانلىقتىن، بىز ئۇنىڭ ئاجايىپ خىسلەتلىرىنى ئۈلگە قىلالايمىز (يارىتىلىش 1:26، 27؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:1).
2 مۇكەممەلسىزلىكنى مىراس قىلغانلىقتىن، ئاندا-ساندا ھەممىمىزدىمۇ يامان ئىستەكلەر پەيدا بولىدىغانلىقى راست. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئەتراپىمىزدىكىلەرمۇ بىزگە تەسىر قىلىدۇ. لېكىن يەھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان ياردىمى ئارقىلىق بىز ئۇ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئادەم بولالايمىز. شۇ مەقسەتكە يېتىشكە بەل باغلىشىمىز ئۈچۈن، يېڭى شەخسىيەتكە كىرىدىغان بىرنەچچە خىسلەتنى قاراپ چىقايلى (كولوسىلىقلارغا 3:10—14نى ئوقۇڭ). كېيىن مۇشۇ خىسلەتلەرنى خىزمەتتە قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى قاراپ چىقىمىز.
ھەممىڭلار بىر شەخستەك
3. يېڭى شەخسىيەتكە كىرىدىغان بىر خىسلەت قانداق؟
3 پاۋلۇس ئادەملەرگە يۈز-خاتىر قىلماسلىق يېڭى شەخسنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۇپ، مۇنداق دېگەنىدى: «يا گرېكمۇ، يا يەھۇدىيمۇ، يا خەتنىلىكمۇ، يا خەتنىسىزلىكمۇ، يا چەتئەللىكمۇ، يا قۇلمۇ، يا ئەركىنلىكمۇ يوق». جامائەتتە ھېچكىم ئىرقى، مىللىتى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنى سەۋەبىدىن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرمەسلىكى كېرەك. نېمىشقا؟ سەۋەبى مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە ھەممىمىز «بىر شەخس» (كولوسىلىقلارغا 3:11؛ گالاتىلىقلارغا 3:28).
بىز ھېچكىمگە ئىرقى ۋە كېلىپ چىقىشىغا قاراپ يۈز-خاتىر قىلمايمىز
4. ئا) يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ ئە) قايسى ۋەزىيەتتە مەسىھىيلەرنىڭ ئىناقلىقى سىنىلىشى مۇمكىن؟
4 يېڭى شەخسىيەت بىلەن كىيىنگەندە بىز ئىرقى كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن، ھەممە ئادەملەرگە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز (رىملىقلارغا 2:11). دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا مۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر تۈرلۈك ئىرقتىن چىققان ئادەملەرنى ئايرىم تۇرغۇزغان. بۇ دۆلەتتىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى، شۇ جۈملىدىن يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ، تېخىچە مۇشۇ يەرلەردە ياشايدۇ. يېتەكچى رەھبىرى كېڭەش قېرىنداشلىرىمىزنى «پۈتۈن قېرىنداشلىچىلىقنى سۆيۈشكە» دەۋەت قىلىشنى خالىغانىدى. شۇڭا، 2013-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇلار مەخسۇس بىر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ چارە ھەرخىل ئىرقتىن چىققان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر-بىرىنى ياخشىراق تونۇشقا يول ئاچقان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:17).
5، 6. ئا) بىر دۆلەتتە خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى بىرلىكنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قانداق چارە ئۇيۇشتۇرۇلغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟
5 شۇ دۆلەتتىكى قېرىنداشلار مۇنداق چارە ئورۇنلاشتۇردى: بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرى تىلى ياكى ئىرقى ئوخشىمايدىغان ئىككى جامائەتنىڭ قېرىنداشلىرى بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېرىنداشلار بىللە ۋەز قىلىپ، جامائەت ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ۋە بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا باردى. بۇنىڭغا يۈزلىگەن جامائەتلەر قاتنىشىپ، بەيتەلگە كۆپلىگەن خەتلەر كەلدى. بۇ خەتلەردە ھەتتا گۇۋاھچى ئەمەس ئادەملەر ئۆز ئىجابىي پىكرىنى بىلدۈرگەنىدى. مەسىلەن، بىر دىنىي خىزمەتچى مۇنداق دىدى: «مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس. لېكىن، ۋەز پائالىيىتىڭلار ئاجايىپ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ۋە ھەرخىل ئىرق ئارىسىدىكى ئىناقلىقىڭلار ھەققىدە ئېيتمىسام بولمايدۇ». قېرىنداشلار بۇ چارىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟
6 كوسا تىلىدا سۆزلەيدىغان نوما ئىسىملىك قېرىندىشىمىز دەسلەپتە ئىنگلىز تىلىدىكى جامائەتتىن گۇۋاھچىلارنى ئۆزىنىڭ ئاددىي ئۆيىدە مېھمان قىلىشتىن خىجىل بولغانىدى. ئەمما، ئۇ ئاق تەنلىك گۇۋاھچىلار بىلەن ۋەز قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىشقا باشلىغان. «ئۇلارمۇ ئۆزۈمىزگە ئوخشاش ئاددىي ئادەملەر ئىكەنغۇ!»— دەپ بۆلۈشتى نورا. بىر قېتىم ئىنگلىز تىلىدىكى جامائەتتىن قېرىنداشلار كوسا تىلىدىكى جامائەت بىلەن خىزمەت قىلىشقا كەلگەندە، ئۇ بىرنەچچە قېرىنداشنى ئۆيىگە چاقىرىدۇ. نوما ئۆيىگە
كەلگەن بىر ئاق تەنلىك ئاقساقالنىڭ كىچىككىنە سۇلياۋ يېشىكتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالغان. ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بۇ چارە تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن قېرىنداشلار يېڭى دوستلارنى تېپىپ، كېلىپ چىقىشى ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن تونۇشماقتا.ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىققا كىيىنىڭلار
7. نېمىشقا بىز ھەرقاچان ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك؟
7 شەيتاننىڭ دۇنياسى ۋەيران قىلىنمىغىچە، يەھۋانىڭ خەلقى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئىشسىزلىق، جىددىي كېسەل، زىيانكەشلىك، تەبىئىي ئاپەتلەر، جىنايەتنىڭ كۆپىيىشىدىن مال-مۈلۈكتىن ئايرىلىش ۋە يەنە باشقا قىيىنچىلىقلار بېشىمىزغا چۈشۈشى مۇمكىن. قىيىن ۋاقىتلاردا بىر-بىرىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن ھېسداشلىق قىلىشىمىز لازىم. ھېسداشلىق باشقىلارغا مېھرىبان بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:32). بۇ خىسلەتلەر يېڭى شەخسيەتنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۇلار خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4).
8. جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھېسداشلىق قىلساق ۋە مېھرىبان بولساق، بۇنىڭ قانداق ياخشى نەتىجىسى بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 جامائىتىمىزدىكى باشقا دۆلەتتىن كۆچۈپ كەلگەن ياكى تۇرمۇشى ناچار قېرىنداشلارغا قانداقلارچە كۆپرەك مېھرىبانلىق كۆرسىتەلەيمىز؟ بىز ئۇلارنى ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ جامائەتكە كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 12:22، 25). مەسىلەن، داننىيكارل فىلىپپىندىن ياپونىيىگە كۆچۈپ بارغان. چەتئەللىك بولغانلىقتىن، ئىشىدا خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتمىگەنىدى. كېيىن، ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ياپونلۇقلار بولسىمۇ، مېنى بۇرۇندىن تونۇيدىغاندەك ئىللىق چىراي بىلەن قارشى ئالدى». قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھرىبانلىقى ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بەرگەنىدى. بىراز ۋاقىتتىن كېيىن داننىكارل چۆمدۈرۈلۈش مۇراسمىدىن ئۆتكەن ۋە ھازىر ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان ئاقساقاللار داننىكارل بىلەن ئايالى جېننىفېرغا ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ ئۇلارنىڭ جامائىتىدە بولغانلىقىدىن خوشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئۇلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار سۈپىتىدە بەك ئاددىي ھايات كەچۈرىدۇ ۋە پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ»،— دېگەن (لۇقا 12:31).
9، 10. خىزمەتتە ھېسداشلىق كۆرسەتكەنلىكىمىز ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مىساللارنى كەلتۈرۈڭ.
9 بىز پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغاندا، «ھەممىسىگە» ياخشىلىق قىلالايمىز (گالاتىلىقلارغا 6:10). كۆپ گۇۋاھچىلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن كۆچۈپ كەلگەنلەرگە ئىچى ئاغرىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:23). بۇ كۆپ بەرىكەت ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان تىففانى ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى برىسبېن شەھىرىدىكى سۋاخىلى تىلىدىكى جامائەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۇ تىلنى ئۆگىنىۋالغان. تىل ئۆگىنىش قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مەنىلىك ئۆتكەنىدى. تىففانى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىزمىتىڭىزنىڭ قىزىقارلىق بولۇشىنى خالىسىڭىز، باشقا تىلدىكى جامائەتكە ئۆتۈش ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. شۇ چاغدا ئۆز شەھىرىڭىزدىن كەتمەيلا سەياھەت قىلغاندەك ھېس قىلىسىز. دۇنيا يۈزلۈك قېرىنداشلىچىلىقىمىزنى سېزىپ، ئارىمىزدىكى ئاجايىپ بىرلىكنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلەن كۆرەلەيسىز».
10 ياپونىيىدىكى بىر ئائىلە مۇنداق قىلغان. قىزلىرى ساكىكو مۇنداق دەيدۇ: «ۋەز قىلغاندا پات-پات برازىلىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەملەرنى ئۇچرىتاتتۇق. ئۇلارغا پورتۇگال تىلىدىكى مۇقەددەس كىتابتىن ۋەھىي 21:3، 4 ياكى زەبۇر 37:10، 11، 29غا ئوخشاش ئايەتلەرنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار دىققەت بىلەن تىڭشايتى، بەزىلىرى ھەتتا كۆز يېشىمۇ قىلاتتى». بۇ ئائىلىنىڭ شۇ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىپ، ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىرگە پورتۇگال تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. كېيىنرەك پورتۇگال تىلىدىكى جامائەتنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم بەرگەن. يىللار داۋامىدا ئۇلار كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى بولۇشىغا ياردەملەشكەنىدى. ساكىكو مۇنداق دەيدۇ: «پورتۇگال تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكتۇق، ئەمما ئېرىشكەن بەرىكەتلەر ھەممىدىن ئېشىپ چۈشتى. يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىقىمىز چەكسىز» (ئەلچىلەر 10:34، 35نى ئوقۇڭ).
كەمتەرلىككە كىيىنىڭلار
11، 12. ئا) نېمىشقا يېڭى شەخسىيەتنى كىيىشكە نىيىتىمىز توغرا بولۇشى كېرەك؟ ئە) كەمتەر بولۇشقا بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 يېڭى شەخسىيەتكە كىيىنىشتىكى نىيىتىمىز — باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئەمەس، يەھۋانى مەدھىيىلەش بولۇش كېرەك. ھەتتا مۇكەممەل پەرىشتىنىڭ ئۆزى تەكەببۇر بولۇپ كەتكەنلىكتىن، گۇناھ قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ (ئەزەكىيال 28:17نى سېلىشتۇرۇڭ). بىز بولساق مۇكەممەلسىز، شۇڭا بىزگە تەكەببۇرلۇقتىن نېرى تۇرۇش تېخىمۇ قىيىن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۈستىمىزگە كەمتەرلىكنى كىيەلەيمىز. مۇنداق قىلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
12 بىزگە كەمتەر بولۇشقا خۇدا سۆزىنى ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ياردەم بېرىدۇ (تەكرار قانۇن 17:18—20). بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى بىلەن كەمتەرلىكنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك (مەتتا 20:28). ئەيسا شۇنداق كەمتەر بولغانكى، ئۇ ھەتتا شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيغانىدى (يوھاننا 13:12—17). يەھۋادىن دۇئادا مۇقەددەس روھنى سوراشمۇ كەمتەر بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ روھى ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلاشقا دەۋەت قىلىدىغان ھەرقانداق مايىللىقنى يېڭىشقا ياردەملىشىدۇ (گالاتىلىقلارغا 6:3، 4؛ فىلىپپىلىقلارغا 2:3).
13. كەمتەر بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
13 پەندى-نەسىھەت 22:4نى ئوقۇڭ. يەھۋا بىزدىن كەمتەر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەمتەرلىك كۆپلىگەن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. بىز كەمتەر بولساق، جامائەتنىڭ تېنچلىقى بىلەن ئىناقلىقى ئاشىدۇ. شۇنداقلا يەھۋا بىزگە مېھرىنى مول تۆكىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «بارلىقىڭلار بىر-بىرىڭلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئەقىل مۆمۈنلۈگىنىڭ بەلبېغىنى باغلاڭلار، چۈنكى خۇدا چوڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، مۆمۈنلەرگە بولسا، مول مېھرىنى نامايان قىلىدۇ» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:5).
مۇلايىملىق ۋە سەۋرگە كىيىنىڭلار
14. مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى كىم؟
14 مۇشۇ دۇنيادا كۆپ ئادەملەر مۇلايىم ۋە سەۋرچان ئادەمنى پات-پات ئاجىز دەپ ئويلايدۇ. لېكىن بۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ گۈزەل خىسلەت ئالەمدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك شەخس يەھۋادىن كەلگەن. ئۇ — مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇشنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسى (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9). مەسىلەن، يەھۋا خۇدا ئىبراھىم بىلەن لۇتنىڭ سوئاللىرىغا پەرىشتىلىرى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەندە، قانچىلىك سەۋرچان بولغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى (يارىتىلىش 18:22—33؛ 19:18—21). شۇنىڭ بىلەن، يەھۋانىڭ ئىتائەتسىز ئىسرائىللىقلارغا 1500 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت داۋامىدا كۆرسەتكەن سەۋر-تاقىتى ئېسىمىزدە بولسۇن (ھەزەكىيال 33:11).
15. ئەيسا مەسىھ مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇشنىڭ قانداق ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى؟
15 ئەيسا مەسىھمۇ «مۇلايىم» بولغان (مەتتا 11:29). شاگىرتلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولغان. يەردە خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا ئەيسانى پات-پات ئاساسسىز تەنقىد قىلىپ ئەيىبلىگەنىدى. بىراق، ئۇ تاكى ئۆلگىچە مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولغان. تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ قىينالغان بولسىمۇ، ئۇ ئاتىسىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلارنى كەچۈرۈشىنى سورىغان. ئەيسا: «ئۇلار نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ»،— دېگەن (لۇقا 23:34). ئۇ ھەتتا ئازاب چېكىپ، جېنى قىينالغان چاغدىمۇ دائىم مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21—23نى ئوقۇڭ).
16. مۇلايىملىق بىلەن سەۋرچانلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
16 پاۋلۇس مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇشنىڭ بىر يولىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «ھەتتا ئەگەر كىمدۇ-بىرسىنىڭ باشقىسىغا شىكايەت قىلىشىغا ئاساسى بولسىمۇ، بىر-بىرىڭلارغا چىداملىق بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ھىممەتلىك كەچۈرۈڭلار. يەھۋا سىلەرنى ھىممەتلەرچە كەچۈرگەندەك، سىلەرمۇ شۇنداق كەچۈرۈڭلار» (كولوسىلىقلارغا 3:13). كەچۈرۈمچان بولۇش ئۈچۈن بىزگە مۇلايىملىق بىلەن سەۋرچانلىق خىسلەتلىرى كېرەك. بۇ جامائەتنىڭ ئىناق بولۇشىغا تەسىر قىلىدۇ.
17. نېمىشقا مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇش مۇھىم؟
17 يەھۋا بىزدىن ئادەملەرگە مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن چوقۇم بىز بۇ خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز زۆرۈر (مەتتا 5:5؛ ياقۇپ 1:21). مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولساق، يەھۋانى مەدھىيىلەيمىز ۋە باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا دەۋەت قىلىمىز (گالاتىلىقلارغا 6:1؛ تىموتىيغا 2-خەت 2:24، 25).
مېھىر-مۇھەببەتكە كىيىنىڭلار
18. مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۈز-خاتىر قىلماسلىق قانداق باغلىنىشلىق؟
18 بىز يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلغان خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن زىچ ياقۇپ 2:8، 9). ئادەملەرنى ياخشى كۆرسەك، ھېچكىمنىڭ بىلىمىگە، ئىرقىغا ياكى جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايمىز. باشقىلارغا يۈز-خاتىر قىلمىغانلىقىمىز ساختا بولماسلىقى لازىم. ئۇ ھەقىقىي شەخسىيىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇشى كېرەك.
باغلىق. مەسىلەن، شاگىرت ياقۇپ، قېرىنداشلارنىڭ كەمبەغەللەرگە قارىغاندا بايلارغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارغا مەسلىھەت بەرگەن. ئۇ بۇنىڭ خۇدا بەرگەن «يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك، سۆيگىن» دېگەن ئەمرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاندىن: «يۈز-خاتىر قىلساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر»،— دەپ قوشۇپ قويغانىدى (19. نېمىشقا مېھىر-مۇھەببەتكە كىيىنگەنلىكىمىز مۇھىم؟
19 شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەت «سەۋرلىك ھەم مېھرىباندۇر» ۋە ئۇ «تەكەببۇرلانمايدۇ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4). ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز سەۋرچان، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 28:19). بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ خىسلەتلەر بىزگە جامائەتتىكى ھەممە قېرىنداشلار بىلەن ئالاقىدە بولۇشمىزغا ئاسانلىق يارىتىدۇ. ھەممىمىز مۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان بولساق، جامائىتىمىز ئىناق بولىدۇ ۋە بۇ يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىلار ئارىمىزدىكى بىرلىكنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ئۇلارنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىدۇ. يېڭى شەخسنىڭ تەسۋىرلىنىشى مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق ئاياقلاشقىنى ئورۇنلۇق: «ئۇنىڭدىن تاشقىرى، مېھىر-مۇھەببەتكە يۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇ — بىرلىكنىڭ مۇكەممەل رىشتىلىرىدۇر» (كولوسىلىقلارغا 3:14).
يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار
20. ئا) ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇشىمىز كېرەك ۋە نېمىشقا؟ ئە) بىز قانداق ئاجايىپ كېلەچەكنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمىز؟
20 ھەرقايسىمىز ئۆزۈمىزدىن: «كونا شەخسىيەتنى يېشىپ تاشلاپ، ئۇنى قايتىدىن كىيمەسلىك ئۈچۈن يەنە قايسى تەرەپتىن ئۆزگىرىشىم كېرەك؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ياردەم سوراپ يالۋۇرۇشىمىز كېرەك. «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىس» بولۇش ئۈچۈن، ناتوغرا ئويلار بىلەن ھەرىكەتلەردىن ئايرىلىشقا بارچە كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم (گالاتىلىقلارغا 5:19—21). شۇنىڭ بىلەن: «يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەنمۇ؟»— دەپ ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەرگە 4:23، 24). بىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، يېڭى شەخسىيەتنى كىيىپ، ئۇنى يەشمەسلىك ئۈچۈن تەر تۆكۈشىمىز كېرەك. بۇ — توختىمايدىغان جەريان. يەردىكى ھەربىر ئادەم يېڭى شەخسىيەتنى كىيىپ، يەھۋانىڭ ئاجايىپ خىسلەتلىرىنى مۇكەممەل دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرگەندە، ھاياتىمىزنىڭ قانچىلىك شاد-خۇراملىققا تولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ!