مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

بىزنىڭ ئارخىپتىن

‏«چوڭ يىغىلىش يەنە قاچان بولىدۇ؟‏»‏

‏«چوڭ يىغىلىش يەنە قاچان بولىدۇ؟‏»‏

1932-‏يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى.‏ ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئوشۇق مېكسىكا شەھىرىدە ئادەملەر مىغ-‏مىغ بولىۋاتىدۇ.‏ بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇنلا بۇ يەردە ئەڭ دەسلەپكى كوچا چىرىغى (‏قاتناش چىرىغى)‏ ئورنىتىلغان ئىدى.‏ لېكىن ئادەملەرنى باشقا بىر نەرسە ھاياجانلاندۇرماقتا.‏ فوتوئاپپاراتلىرىنى قولىدا تۇتقان مۇخبىرلار پويىز ئىستانسىدا تۇرۇپ،‏ ئالاھىدە بىر مېھماننى كۈتمەكتە.‏ قايسى مېھماننى؟‏ بۇ كۈزىتىش مۇنارى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى جوسىف ف.‏ رازېرفورد ئىدى.‏ يەرلىك گۇۋاھچىلارمۇ ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشقا كېلىۋاتقان رازېرفورد بۇرادەرنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىشقا تەييار.‏

‏«ئالتۇن دەۋر» ژۇرنىلدا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:‏ «شەك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور بىر ۋەقە سۈپىتىدە تارىختا ئۆز ئىزىنى قالدۇرىدۇ».‏ ئەمما بۇ پەقەت تەخمىنەن 150 ئادەم قاتناشقان كىچىك يىغىلىش ئىدى.‏ ئۇنداقتا،‏ بۇ يىغىلىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بولغان؟‏

بۇ يىغىلىشقىچە مېكسىكىدا ھەقىقەت ئانچە كەڭ تارقالمىغان ئىدى.‏ 1919-‏يىلدىن تارتىپ بۇ يەردە كىچىك يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلسىمۇ،‏ شۇ يىلىدىن كېيىن جامائەتلەرنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى.‏ 1929-‏يىلى مېكىسكىدا بەيتەلنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ۋەزىيەت ياخشىلىنىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،‏ يەنىلا بەزى توسالغۇلار بولغان.‏ مەسىلەن،‏ تەشكىلاتىمىز كىتاب تارقاتقۇچىلارغا (‏شۇ چاغدا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار شۇنداق ئاتالغان)‏ ۋەز قىلغان چاغدا سودا-‏سېتىق بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەندە،‏ بىر كىتاب تارقاتقۇچى ئاچچىقلىنىپ،‏ ئۇ ھەقىقەتنى تاشلاپ،‏ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئۇيۇشتۇرغان.‏ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇقەددەس كىتابقا قارشى ئىش-‏ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بەيتەل مەسئۇل ئاقساقالنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەنىدى.‏ ھەقىقەتەن،‏ مېكسىدىكى سادىق گۇۋاھچىلار تەسەللىيگە مۇھتاج بولغانىدى.‏

رازېرفورد بۇرادەر كەلگەندە ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ،‏ تەسىرلىك ئىككى نۇتۇق ۋە رادىئو ئارقىلىق ئاڭلىتىلغان بەش نۇتۇقنى ئېيتقان.‏ شۇ چاغدا قېرىنداشلار مېكسىكىدا خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن رادىئو ئىستانسىيىلىرىنى بىرىنچى قېتىم ئىشلەتكەن.‏ چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن ۋەز ئىشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بەيتەلنىڭ يېڭى مەسئۇل نازارەتچىسى تەيىنلەنگەنىدى.‏ ئەمدى قىزغىنلىققا چۆمگەن گۇۋاھچىلار كۈچكە تولۇپ يەھۋانىڭ بەرىكىتى بىلەن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.‏

1941-‏يىلى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىش،‏ مېكسىكا

1933-‏يىلى مېكسىكىدا ئىككى چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى:‏ بىرسى ۋېراكرۇس شەھىرىدە،‏ ئىككىنچىسى مېكسىكا شەھىرىدە.‏ قېرىنداشلار ھارماي-‏تالماي ۋەز قىلىپ،‏ بەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.‏ مەسىلەن،‏ 1931-‏يىلى بۇ يەردە 82 جاكارلىغۇچى بولدى،‏ 1941-‏يىلى بولسا ئۇلارنىڭ سانى ئون ھەسسە كۆپەيدى!‏ 1941-‏يىلى ئۆتكەن يىغىلىشقا 1000غا يېقىن ئادەم كەلدى.‏

‏«‏ئۇلار كوچىلارنى قاپلاۋالدى»‏

1943-‏يىلى گۇۋاھچىلار مېكسىكىنىڭ 12 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئازات بولغان خەلق» ناملىق يىغىلىشقا چاقىرىشنى باشلىدى * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار «ساندۋىچ» ئېلان تاختايلىرىنى ئېسىپ يۈردى.‏ گۇۋاھچىلار مۈرىسىدە بىرىكتۈرۈلگەن،‏ بىرى ئالدىغا،‏ ئىككىنچىسى كەينىگە چۈشۈپ تۇرغان مۇنداق ئېلان تاختىسىنى 1936-‏يىلىدىن باشلاپ ئادەملەرگە چوڭ يىغىلىشنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن.‏

1944-‏يىلنىڭ ژۇرنالىدىن ئېلىنغان گېزىت پارچىسى:‏ «ساندۋىچ» ئېلان تاختىسىنى ئېسىپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز

مېكسىكىدا ئېلان تاختايلىرىنى ئېسىپ چوڭ يىغىلىشنى ئېلان قىلىش ئىشىنىڭ نەتىجىسى ئۇتۇقلۇق بولدىكى،‏ بىر يەرلىك ژۇرنالدا چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان گۇۋاھچىلار ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان ئىدى:‏ «[چوڭ يىغىلىشتا] بىرىنچى كۈنى ئۇلارغا كۆپرەك ئادەمنى تەكلىپ قىلىش كېرەكلىكى ئېيتىلغان.‏ ئەتىسى بولسا،‏ ئۇلار يىغىلغان يەر ئادەملەرگە لىق تولدى» (‏«‏La Nación‏»)‏.‏ گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ ئۇتۇقى كاتولىك چىركوسىنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكتىن،‏ ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتتى.‏ بىراق قېرىنداشلار ھېچ قورقمىدى.‏ ئۇلار ئادەملەرنى چوڭ يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.‏ مەزكۈر ژۇرنالدىكى باشقا بىر ماقالىدە:‏ «ئۇلار پۈتكۈل شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كۆزىگە چۈشتى»،‏—‏ دەپ يېزىلىپ،‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «ئېلان «ساندۋىچلىرىغا» ئايلانغانلىقى» ئېيتىلغان.‏ شۇنداقلا شۇ ماقالىدە مېكسىكا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسىمى چىققان ئىدى.‏ رەسىمنىڭ ئاستىدا:‏ «ئۇلار كوچىلارنى قاپلاۋالدى»،‏—‏ دەپ يېزىلغان.‏

‏«بېتونلۇق يەردىن خېلىلا يۇمشاق»‏

شۇ يىللىرى مېكسىكىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ئاسان بولمىغان.‏ كۆپ قېرىنداشلار پويىز يوللىرى ۋە ھەتتا ماشىنا ماڭىدىغان يوللاردىن يىراقتا جايلاشقان يېزىلاردىن كەلگەن.‏ بىر جامائەت مۇنداق يازغان ئىدى:‏ «بۇ يەرلەردە تېلېگراف لىنىيەسىدىن باشقا ھېچ نېمە ئۆتمەيدۇ».‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ چوڭ يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇلارغا خېچىر ئېشەك بىلەن ياكى نەچچە كۈن پىيادە مېڭىشقا توغرا كەلگەنىدى.‏

قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى كەمبەغەل بولغانلىقتىن،‏ چوڭ يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈن پۇللىرى ئارانلا يېتەتتى.‏ ئۇ يەرگە يېتىۋالغاندىن كېيىن،‏ ئۇلار مېھىر-‏مۇھەببەت ۋە مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن يەرلىك گۇۋاھچىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان.‏ باشقىلىرى ئىبادەت ئۆيلىرىدە قونۇپ قالاتتى.‏ بىر قېتىم تەخمىنەن 90 قېرىنداش بەيتەلدە كىتاب يېشىكلىرى ئۈستىدە ئۇخلىغان.‏ «يىلنامىدا» يېزىلغاندەك،‏ قېرىنداشلار بۇنىڭغا مىننەتدار بولۇپ،‏ بۇ كوروبكىلارنىڭ «بېتونلۇق يەردىن خېلىلا يۇمشاق» بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏

بۇ گۇۋاھچىلار قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولۇش ھەممە كۈچنى چىقىرىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ھېسابلىغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە مېكسىكىدا 850000 يەھۋا گۇۋاھچىسى بار ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىننەتدارلىق روھىنى كۆرسىتىدۇ * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ 1949-‏يىلنىڭ «يىلنامە» كىتابىدا يېزىلغاندەك،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئىبادەتكە بولغان قىزغىنلىق ئوتىنى ھېچقانداق قىيىنچىلىقلار ئۆچۈرەلمىدى.‏ ھەربىر چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن «ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا كۆپىنچە شۇ چوڭ يىغىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ يۈرگەن».‏ قېرىنداشلار قايتا-‏قايتا:‏ «چوڭ يىغىلىش يەنە قاچان بولىدۇ؟‏»—‏ دەپ سورىشاتتى.‏ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئارخىپمىزدىن.‏

^ ‏ 9-‏ئابزاس ‏1944-‏يىلنىڭ «يىلنامىسىدا» ئېيتىلغاندەك،‏ بۇ چوڭ يىغىلىش يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى مېكسىكىدا ھەممىگە تونۇتتى.‏

^ ‏ 14-‏ئابزاس ‏2016-‏يىلى مېكسىكىدا خاتىرىلەش كېچىسىگە 2 262 646 ئادەم كەلدى.‏