«ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىقى»
«ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىقى يۈرەكلىرىڭلارنى ھەم ئەقىللىرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا ساقلايدۇ» (فىلىپپىلىقلارغا 4:7).
ناخشىلار: 39، 141
1، 2. فىلىپىدە پاۋلۇس ۋە سىلاس بىلەن نېمە ئىشقا دۇچ كەلدى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. يېرىم كېچىدە پاۋلۇس ۋە سىلاس دېگەن ئىككى ۋەز ئېيتقۇچى فىلىپى شەھىرىدىكى بىر تۈرمىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يېرىدە ئولتارماقتا. پۇتلىرى كىشەنلەنگەنلىكتىن، ئۇلار ھەتتا مىدىرلىيالمايدۇ ۋە دۈمبىسى قامچىلانغانلىقتىن قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ (ئەلچىلەر 16:23، 24). شۇ كۈنى كۈندۈزى بىر توپ ئادەم پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى بازار مەيدانىدىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە ئۇلار سوتلاندى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى تارتىپ سالدۇرۇپ، كالتەك بىلەن دۇمبالاندى بۇيرىدى (ئەلچىلەر 16:16—22). بۇ نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك! پاۋلۇس رىم پۇقراسى بولغانلىقتىن، باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىشقا لايىق بولغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ.).
2 تۈرمىدە ياتقاندا، پاۋلۇس شۇ كۈنى بولغان ۋەقەلەر ۋە فىلىپىنىڭ خەلقى ھەققىدە ئويلىغاندۇ. پاۋلۇس بارغان كۆپلىگەن ئەلچىلەر 16:13، 14). دېمەك، بۇ شەھەردە ئىبادەتخانىنىڭ بولۇشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ھەتتا ئون يەھۇدىي ئەر كىشى بولمىغانمىدۇ؟ فىلىپىنىڭ ئادەملىرى رىم پۇقرالىرى بولۇشتىن پەخىرلەنگەن (ئەلچىلەر 16:21). بەلكىم، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار يەھۇدىي بولغان پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى رىم پۇقراسى دەپ ئويلىمىغاندۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى دەل شۇنداق بولغان، دەپ ئېيتالمايمىز. لېكىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ تۈرمىگە ئادالەتسىزلىك بىلەن تاشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز.
شەھەرلەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بولغان، بۇ شەھەردە بولسا بۇمۇ يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار شەھەر سىرتىدىكى دەريانىڭ يېنىدا ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان (3. تۈرمىگە تاشلانغاندا پاۋلۇسنى قانداق ئويلار تەشۋىشلەندۈرۈشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇ قانداق كۆزقاراشتا بولدى؟
3 بۇنىڭدىن باشقا، پاۋلۇس فىلىپىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن ئۇ ئايجېيىن دېڭىزىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كىچىك ئاسىيادا بولغان. شۇ يەردە يۈرگەندە ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بەزى جايلارغا بېرىشقا بىرنەچچە قېتىم توسالغۇلۇق قىلغان. بۇ قېتىم بولسا، ئۇ پاۋلۇسنى بىرەر يەرگە بېرىشقا دەۋەت قىلغاندەك بولدى (ئەلچىلەر 16:6، 7). ئەمما قەيەرگە؟ ئۇ تروئادادا بولغاندا، ۋەھىي كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا: «ماكېدونىيەگە ئۆتۈڭ»،— دەپ ئېيتىلدى. بۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس دەرھال ماكېدونىيەگە ئاتلاندى (ئەلچىلەر 16:8—10نى ئوقۇڭ). ئاندىن كېيىن نېمە بولدى؟ ئۇ ماكېدونىيەگە كېلىشى بىلەنلا، تۈرمىگە قامالدى! نېمىشقا يەھۋا خۇدا بۇنىڭغا يول قويدى؟ ئۇ تۈرمىدە قانچە ۋاقىت بولىدۇ؟ پاۋلۇس بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسى ئاجىزلىمىدى ۋە ئۇ خۇشاللىقىنى يوقاتمىدى. سىلاس ئىككىسى «دۇئا قىلىپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ، ھەمدۇسانا ئېيتىشتى» (ئەلچىلەر 16:25). خۇدادىن كەلگەن تېنچلىق ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى بىلەن ئوي-پىكىرلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.
4، 5. ئا) بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىز قايسى جەھەتتىن پاۋلۇسنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن؟ ئە) پاۋلۇسنىڭ ۋەزىيىتى قانداق قىلىپ كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۆزگەردى؟
4 سىزمۇ پاۋلۇسغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولغانمۇ؟ بەلكىم، ھاياتىڭىزدا خۇدادىن قارار قىلىشقا ياردەم سورىغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھنىڭ رەھبەرلىكىگە ماس ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ئويلىغان ۋاقتىڭىز بولغاندۇ. ئەمما كېيىنرەك كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنسىز ياكى ھاياتىڭىزدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشقا توغرا كەلگەندۇ (ۋەز 9:11). ھازىر شۇ ۋەزىيەتلەر ھەققىدە ئويلىغاندا، يەھۋانىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنىڭغا يول قويغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانسىز. يەھۋا خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ، داۋاملىق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، كېلىڭ پاۋلۇس ۋە سىلاسلارغا كېيىن نېمە ئىش بولدى قاراپ چىقايلى.
5 پاۋلۇس بىلەن سىلاس ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئاۋۋال، يەر قاتتىق تەۋرەندى. شۇ چاغدا تۈرمىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ كىشەنلىرى چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن پاۋلۇس قاراۋۇلنى ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن ساقلاپ قالدى ۋە كېيىن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆي ئىچى چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى. ئەتىسى ئەتىگەنلىكى شەھەر باشلىقلىرى پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى شەھەردىن تېنچلىق بىلەن كېتىشىنى سورىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ رىم پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئەلچىلەر 16:26—40). ۋەزىيەت قانچىلىك تېز ئۆزگىرىپ كەتكەن-ھە!
بەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى باردى. لېكىن، كېتىشتىن ئاۋۋال پاۋلۇس بىلەن سىلاس ئۆز سۆزىدە تۇرۇۋېلىپ، يېقىندا چۆمدۈرۈلگەن لىدىيا ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن خوشلىشىپ قايتتى. شۇ يەردە فىلىپىدىكى باشقا قېرىنداشلارنىمۇ كۆرۈپ، ئۇلارغا كۈچ-مەدەت بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى («ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن»
6. ھازىر نېمىنى قاراشتۇرىمىز؟
6 بىز بۇ ۋاقەلەردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۋا خۇدا بىز كۈتمىگەن نەرسىنى قىلالايدۇ، شۇڭا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، غەم-تەشۋىشكە بېرىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى پاۋلۇسغا قاتتىق تەسىر قىلغان. بۇ پاۋلۇسنىڭ كېيىنرەك فىلىپىدىكى قېرىنداشلارغا غەم-ئەندىشە ۋە خۇدانىڭ تېنچلىقى ھەققىدە يازغان سۆزلىرىدىن كۆرۈنىدۇ. بۇ ماقالىدە پاۋلۇسنىڭ شۇ سۆزلىرىنى، يەنى فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7نى (ئوقۇڭ) كۆرۈپ چىقىمىز. ئاندىن كېيىن مۇقەددەس كىتابتىكى يەھۋانىڭ بىز كۈتمىگەن ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باشقىمۇ ۋاقەلەرنى قاراپ چىقىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا «تەڭرىنىڭ تېنچلىقى» قانداقلارچە يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىپ، قىيىنچىلىقلاردا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
يەھۋا خۇدا بىز كۈتمىگەن نەرسىنى قىلالايدۇ، شۇڭا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق
7. پاۋلۇس فىلىپىدىكى قېرىنداشلارغا يازغان خېتىدە نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولغان ۋە بىز قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
7 فىلىپىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ خېتىنى ئوقۇغاندا، ئويلىرىغا نېمە كەلدى؟ بەلكىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ۋاقەسىنى ۋە يەھۋانىڭ ئۇلارغا كۈتۈلمىگەن ئۇسۇل ياردەملەشكەنلىكىنى ئېسىگە ئالغاندۇ. پاۋلۇس خېتىدە ئۇلارغا نېمىنى ئۆگەتكەن؟ ئۇ «ھېچنەرسىدىن ئەندىشە قىلماڭلار»، بەلكى دۇئا قىلىڭلار، شۇ چاغدا «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولىسىلەر دېمەكچى بولغان. بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى نېمە؟ پاۋلۇس «تەڭرىنىڭ تېنچلىقى» بىز ئويلىغاندىنمۇ كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇسى كەلگەن. بەزىدە بېشىمىزغا چۈشكەن قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمىسەكمۇ، يەھۋا خۇدا بىلىدۇ. ئۇ بىز كۈتمىگەن نەرسىنى قىلالايدۇ (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 2:9نى ئوقۇڭ).
8، 9. ئا) پاۋلۇس فىلىپىدە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىسىمۇ، بۇنىڭ قانداق ياخشى نەتىجىسى بولدى؟ ئە) نېمىشقا فىلىپىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلالىغان؟
8 فىلىپىلىكلەر پاۋلۇس يازغان خەتنى ئوقۇغاندا، ئاخىرقى ئون يىل داۋامىدا يەھۋانىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ، مۇستەھكەملەنگەن بولسا كېرەك. ھەتتا يەھۋا خۇدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ ئازاب چېكىشىگە يول قويسىمۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە «خۇش خەۋەرنى ھىمايە قىلىپ، قانۇنىي ھالدا تەستىقلاش» مۇمكىن بولدى (فىلىپپىلىقلارغا 1:7). ئەمدى فىلىپىنىڭ شەھەر باشلىقلىرى يېڭىدىن پەيدا بولغان جامائەتكە قارشى تۇرۇشقا دەرھال پېتىنالمايدۇ. بەلكىم، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقتىن، لۇقا فىلىپى شەھىرىدە پاۋلۇس بىلەن سىلاس كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەركىن-ئازادە تۇرالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭىدىن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغانلارغا كۆپ ياردەم بېرەلىگەن.
9 قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ خېتىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ پەقەت ئۆز ئوي-پىكىرى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلگەن. پاۋلۇس ھەدىدىن زىيادە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. فىلىپپىلىقلارغا ئەۋەتكەن خېتىنى ئۇ رىمدىكى ئۆيىدە قاماقتا ئولتارغاندا يازغان. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ «تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن (فىلىپپىلىقلارغا 1:12—14؛ 4:7، 11، 22).
«ھېچنەرسىدىن ئەندىشە قىلماڭلار»
10، 11. قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنى ئويلاپ ئەنسىرىسەك، نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە بىز نېمىنى ئۈمىد بىلەن كۈتسەك بولىدۇ؟
10 «تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولۇپ، «ھېچنەرسىدىن ئەندىشە قىلماسلىققا» نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ پاۋلۇسنىڭ فىلىپپىلىقلارغا يازغان سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقنى ئويلاپ ئەنسىرىگىنىمىزدە ئەڭ ياخشىسى — دۇئا قىلىش. شۇڭا، ۋەھىمىگە چۈشكەندە، دۇئادا ئىچ-باغرىمىزنى يەھۋاغا تۆكەيلى (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:6، 7نى ئوقۇڭ). يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭ غېمىڭىزنى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. ئۇنىڭغا ھەربىر ياخشىلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىڭ. شۇنداقلا يەھۋا خۇدانىڭ «بىز ئىلتىماس قىلغىنىمىزدىن ياكى پەقەت ئويلىقىنىمىزدىنمۇ ئۆلچىگۈسىز ئارتۇق» بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېچقاچان ئۇنتۇماڭ (ئەفەسلىكلەرگە 3:20).
11 پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەيران قىلىشىمىز مۇمكىن. ئۇ بىزگە مۆجىزىلىك ئۇسۇلدا ياردەم بەرمىسىمۇ، ھەرقاچان بىزگە دەل ھاجەت بولغاننى بېرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:13). لېكىن بۇ يەھۋانىڭ ئەھۋالىمىزنى ئوڭشىشىنى ياكى مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشىنى «ئالما پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ كۆك ئاسماندىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز دۇئالىرىمىزغا ماس ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك (رىملىقلارغا 12:11). ھەرىكەتلىرىمىز بىزنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، يەھۋانىڭ بىزگە بەرىكەت بېرىشىگە ئاساس بولىدۇ. يەھۋانىڭ بىز سورىغاندىنمۇ، كۈتكەندىنمۇ كۆپرەك قىلالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى. بەزىدە ئۇ ھېچقاچان كۈتمىگەن نەرسىنى قىلىپ، بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. ھازىر يەھۋانىڭ بىز كۈتمىگەن نەرسىلەرنى قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدىغان بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋانىڭ ئادەم كۈتمىگەننى قىلغان چاغلىرى
12. ئا) سېنناخېرىب ھەزەقىيانى قورقاتقاندا ئۇ نېمە قىلدى؟ ئە) يەھۋانىڭ قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ ئادەم كۈتمىگەن نەرسىلەرنى قىلغانلىقىنىڭ كۆپ مىساللىرى بار. مەسىلەن، ھەزەقىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولغاندا، ئاسسۇر پادىشاھى سېنناخېرىب يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالىمدىن باشقا ھەممە شەھەرلەرنى بېسىۋالدى (پادىشاھلار 2-يازما 18:1—3، 13). ئاندىن كېيىن ئۇ يېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. شۇ چاغدا ھەزەقىيا نېمە قىلدى؟ ئاۋۋال ئۇ يەھۋادىن ياردەم سوراپ، دۇئا قىلدى ھەم يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋادىن مەسلىھەت سورىدى (پادىشاھلار 2-يازما 19:5، 15—20). كېيىن ئۇ سېنناخېرىب تەلەپ قىلغان ھەقنى تۆلەش ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى كۆرسەتتى (پادىشاھلار 2-يازما 18:14، 15). ئاخىرىدا ئۇ شەھەرنى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان قورشاۋغا تەييارلىدى (تارىخنامە 2-يازما 32:2—4). بۇ نېمە بىلەن ئاياقلاشتى؟ يەھۋا بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۇ بىر كېچىدىلا سېنناخېرىبنىڭ 185 000 ئەسكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. ھەتتا ھەزەقىيانىڭ ئۆزى مۇنداق بولىدىغانلىقىنى كۈتمىگەنىدى! (پادىشاھلار 2-يازما 19:35).
13. ئا) يۈسۈپنىڭ ۋاقەسىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئە) سارەنىڭ ھاياتىدا قانداق كۈتۈلمىگەن ۋاقەئە يۈز بەرگەن؟
13 يۈسۈپ ئىسىملىك ياش يىگىت ئۇچرىغان ۋەقەنى قاراپ چىقايلى. مىسىردا زىندانغا تاشلانغاندا، كېلەچەكتە شۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مەرتىۋىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئادىمى بولىدىغانلىقى ياكى يەھۋانىڭ ئۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنى ئاچارچىلىقتىن ئامان قالدۇرىدىغانىلىقىنى، يۈسۈپ ئۇخلىسىمۇ چۈشىگە كىرمىگەن بولغىيتى (يارىتىلىش 40:15؛ 41:39—43؛ 50:20). يەھۋانىڭ قىلغىنى يۈسۈپنىڭ كۈتكىنىدىن ئېشىپ چۈشكەنلىكى سۆزسىز. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ چوڭ مومىسى سارە ھەققىدىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ. ياشانغان سارە يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا پەقەت چاكار قىزى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزى پەرزەنت كۆرۈشىگە مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغانمۇ؟ ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى سارەنىڭ ئارمان قىلغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنىدى (يارىتىلىش 21:1—3، 6، 7).
14. يەھۋاغا قايسى جەھەتتىن ئىشەنسەك بولىدۇ؟
مالاكى 3:6نى ئوقۇڭ). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىمىز. ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە كېرەكلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 4:7—9). ھەزەقىيا، يۈسۈپ ۋە سارەنىڭ مىساللىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۋاغا سادىقلىقىمىزنى ساقلىساق، ئۇ بىزگە ھەتتا ئەڭ قىيىن ۋەزىيەتلەردىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
14 يەھۋا خۇدا يېڭى دۇنيا كەلمەي تۇرۇپ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى مۆجىزىلىك يول بىلەن يوق قىلىدۇ دەپ كۈتمەيمىز. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ھاياتىمىزدا ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسىلەرنى قىلىشىنى تەلەپ قىلمايمىز. لېكىن، قەدىمدە خۇدا ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرىگە ئاجايىپ ئۇسۇلدا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ ئۆزگەرمىدى (15. قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن قانداقلارچە «تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولالايمىز ۋە بۇ قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
15 قانداقلارچە قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن، «تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئىگە بولالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا بىلەن داۋاملىق زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز كېرەك. مۇنداق مۇناسىۋەتكە پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن. تۆلەم — يەھۋانىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىنىڭ بىرى. تۆلەم ئارقىلىق خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرەلەيدۇ ۋە بىز پاك ۋىجدانغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز (يوھاننا 14:6؛ ياقۇپ 4:8؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:21).
ئۇ يۈرەكلىرىمىز بىلەن ئەقىللىرىمىزنى ساقلايدۇ
16. «تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئېرىشكەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىقىغا» ئېرىشكىنىمىزدە نېمە بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، ئۇ يۈرەكلىرىمىز ھەم ئەقىللىرىمىزنى «ساقلايدۇ» (فىلىپپىلىقلارغا 4:7). بۇ يەردە «ساقلايدۇ»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئەسلى نۇسخا تىلىدا ئەسكەردە ئىشلىتىلگەن سۆز بولغان. بۇ سۆز شەھەرنى ھىمايە قىلىشقا تەيىنلەنگەن ئەسكەرلەرگە قارىتىلغان ئىدى. فىلىپىدىكىلەرنى شۇنداق بىر توپ قوغدىغان. شۇنى بىلگەنلىكتىن، شەھەر پۇقرالىرى كېچىسى خاتىرجەم ئۇخلىيالىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزدە «تەڭرىنىڭ تېنچلىقى» بولسا، بىز غەمسىز بولۇپ، يۈرەكلىرىمىز بىلەن ئوي-پىكىرىمىز خاتىرجەم بولىدۇ. چۈنكى يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:10). بۇ بىزنى غەم-قايغۇغا چۆكۈشتىن ۋە سەلبىي ھېس-تۇيغۇلاردىن ھىمايە قىلىدۇ.
17. بۈيۈك ئاپەتتە يەھۋاغا تايىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
17 پات-ئارىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بۈيۈك ئاپەت كېلىدۇ (مەتتا 24:21، 22). شۇ چاغدا شەخسەن ھەرقايسىمىز ئۆزىمىز نېمە ئىشقا يولۇقىمىز، بۇنى بىلمەيمىز. ئەمما شۇ ۋاقىت توغرۇلۇق ھەددىدىن تاشقىرى غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەتتا يەھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بىلمىسەكمۇ، بىز يەھۋانىڭ قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى ۋە قەدىمدىكى سادىق خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمىز. ۋەزىيەت قانداق بولمىسۇن، ئۇ ئۆز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۇق. ئۇ بۇنى ھېچكىم كۈتمىگەن ئۇسۇل بىلەن قىلالايدۇ! شۇڭا، يەھۋا بىز ئۈچۈن بىرەر نەرسە قىلغاندا، بىز «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تېنچلىقىنى» ھەر قېتىم ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلدا ھېس قىلىمىز.
^ 1-ئابزاس قارىماققا، سىلاسمۇ رىم پۇقراسى بولغان بولۇشى مۇمكىن (ئەلچىلەر 16:37).