ئاقساقاللار ۋە خىزمەت ياردەمچىلىرى، تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭلار
ئۆتكەن يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدىكى مىڭلىغان ئەر كىشىلەر ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى بولۇشقا تەيىنلەنگەن. سىزمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولسىڭىز، يەھۋاغا ۋە قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ بۇ پۇرسىتى ئۈچۈن خۇشال بولغانلىقىڭىز سۆزسىز.
ئەمما، ئازىراق ئەنسىرىسىڭىز، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. جونسون ئىسىملىك ياش ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «مېنى ئاقساقال قىلىپ تەيىنلىگەندە، يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغاندا، قاتتىق بېسىم ئاستىدا بولغاندەك ھېس قىلدىم». مۇسا ھەم يەرەمىيا يەھۋادىن يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۆزلىرىنى بۇ ئىشقا لايىق ئەمەستەك ھېس قىلىشقان ئىدى (چىقىش 4:10؛ يەرەمىيا 1:6). سىزمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يېتىلدۈرۈپ، داۋاملىق ئالغا بېسىشىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ تىموتىينىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى (ئەلچىلەر 16:1—3).
تىموتىيدىن ئۈلگە ئېلىڭ
تىموتىي ئەلچى پاۋلۇس بىلەن دەسلەپكى قېتىم سەپەرگە ئاتلانغاندا، تەخمىنەن 20 ياشلاردا بولغان. ئۇ سەپەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا بەك ياش بولغاچقا، ئۆزىنى باشقىلارغا تەلىم ۋە مەسلىھەت بېرىشكە لايىق كەلمەيمەن دەپ ئويلىغاندۇ (تىموتىيغا 1-خەت 4:11، 12؛ تىموتىيغا 2-خەت 1:1، 2، 7). ئەمما، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەشنى توختاتمىغانىدى. بۇنىڭدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس فىلىپپىلىقلارغا يازغان خېتىدە: «رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن»،— دەپ يازغان. پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى بولغان؟ ئۇ: «مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق»،— دەپ چۈشەندۈرگەن (فىلىپپىلىقلارغا 2:19، 20، ئۇمكج).
تىموتىي نېمە سەۋەبتىن ئاقساقاللار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگە؟ كېلىڭلار، بۇنىڭ ئالتە سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى.
1. ئۇ ئادەملەرگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغان. پاۋلۇس فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا تىموتىينىڭ ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (فىلىپپىلىقلارغا 2:20). تىموتىي قېرىنداشلارنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى خالىغان. شۇڭا، ئۇ قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى بىلەن كۈچىنى سەرپ قىلىشقا تەييار بولغان.
ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەرلەر خۇددى يولوچىلارنى ئېلىپ كېتىشنى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا بېكەتلەرگە يېتىپ بېرىۋېلىشنىلا ئويلايدىغان ئاپتۇبۇس شوپۇرلىرىغا ئوخشىماسلىقى كېرەك. 20 يىلدىن كۆپرەك ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋېليام يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاقساقال ۋە خىزمەت ياردەمچىلىرىگە دائىم مۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ: «قېرىنداشلارنى سۆيۈڭلار. دىققىتىڭلارنى پەقەت جامائەتنى تەشكىللەش ئىشلىرىغا قارىتىپلا قويماي، قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆپرەك قارىتىڭلار».
2. ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. پاۋلۇس ئېيتقاندەك، تىموتىي «مەسىھ ئەيساغا ياقىدىغىنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان» كىشىلەردىن پەرقلەنگەن (فىلىپپىلىقلارغا 2:21). پاۋلۇس ئەتراپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن بەنت بولغانلىقىنى بايقىغان. بەزىدە ئۇلار ئۆز مەنپەئىتىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىنمۇ ئۈستۈن قويغان. بىراق، تىموتىي ئۇنداق قىلمىغان! كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى پەيدا بولغاندا، ئۇ «مانا مەن! ئەۋەتكەيسەن، مېنى!» دېگەن يەشاياغا ئوخشاش تەييارلىق روھىنى كۆرسەتكەن (يەشايا 6:8، 9).
شەخسىي ئېھتىياجلار ۋە جامائەتنىڭ ئېھتىياجلىرىغا غەمخورلۇق قىلغاندا قانداق قىلىپ تەڭپۇڭ كۆزقاراشنى ساقلىيالايسىز؟ بىرىنچى، پاۋلۇسنىڭ «مۇھىمىراق نەرسىگە» كۆز يەتكۈزۈڭلار دېگەن مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلىڭ (فىلىپپىلىقلارغا 1:10). يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. ئىككىنچى، كۆپ ۋاقتىڭىز بىلەن كۈچىڭىزنى ئالىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ. پاۋلۇس تىموتىيغا: «ياشلىققا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن قاچقىن، ئەكسىچە... تىنچلىققا، مېھىر-مۇھەببەتكە، ئېتىقادقا، ھەققانىيلىققا ئىنتىلگىن»،— دېگەن (تىموتىيغا 2-خەت 2:22).
فىلىپپىلىقلارغا 2:22). تىموتىي ھورۇن بولمىغان. ئۇ پاۋلۇس بىلەن بار كۈچىنى چىقىرىپ خىزمەت قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ دوستلىقىنى مۇستەھكەملىگەن.
3. ئۇ يەھۋاغا تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلغان. پاۋلۇس، تىموتىي ھەققىدە: «ئۇ مېنىڭ بىلەن ئاتا-بالىدەك خۇش خەۋەرنى تارقىتىشتا قۇل بولدى»،— دەپ ئېيتقان (بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ ئىشلارغا قاتنىشىش سىزنى ھەقىقىي قانائەتكە ئېرىشتۈرۈپ، قېرىنداشلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، «ھەردائىم پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە كۆپ ئىشلەڭ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:58).
4. ئۇ ئۈگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللانغان. پاۋلۇس، تىموتىيغا مۇنداق يازغان: «سەن تەلىمدە، ھايات تەرزىڭدە، مەقسەتتە، ئېتىقادتا، ئۇزاق سەۋرلىكتە، مېھىر-مۇھەببەتتە، تەقابىللىقتا [بەرداشلىق بېرىشتە] ماڭا تەقلىت قىلدىڭ» (تىموتىيغا 2-خەت 3:10). تىموتىي بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكەنلىكتىن، تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 4:17).
سىزمۇ تەجرىبىلىك ئاقساقاللاردىن ئۆگىنىشنى خالامسىز؟ توم ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىر تەجرىبىلىك ئاقساقال ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلىگەن. توم مۇنداق دەيدۇ: «مەن دائىم ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ئىش قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئاستا-ئاستا ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم كۈچەيدى».
5. ئۇ پىشىپ يېتىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. پاۋلۇس تىموتىيغا: «ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن»،— دېگەن مەسلىھەت بەرگەن (تىموتىيغا 1-خەت 4:7، ئۇمكج). تەنھەرىكەتچىنىڭ ترېنېرى بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى ھەم چىنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. پاۋلۇس تىموتىينى يەنە مۇنداق ئۈندىگەن: «ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلار ئوقۇپ بېرىش، نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن... بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق بېغىشلىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن» (تىموتىيغا 1-خەت 4:13—15).
سىزمۇ ئۆز قابىلىيەتلىرىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىڭىز كېرەك. روھىي جەھەتتىن بىر ئورۇندا توختاپ قالماي، داۋاملىق تەشكىلاتنىڭ جامائەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن بەرگەن ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا تىرىشىڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمەڭ. ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تەجرىبەم يېتەرلىك، ئىزدىنىش قىلمىساممۇ بولىدۇ، دەپ ئويلاشتىن پەخەس بولۇڭ. «ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر»،— دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالغان تىموتىينى ئۈلگە قىلىڭ (تىموتىيغا 1-خەت 4:16، ئۇمكج).
6. ئۇ يەھۋانىڭ روھىغا تايانغان. پاۋلۇس، تىموتىينىڭ خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئامانەت قىلىنغان شۇ ئاجايىپ ياخشىلىقنى، بىزدە ياشاۋاتقان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلىغىن»،— دېگەن (تىموتىيغا 2-خەت 1:14). تىموتىي خۇدانىڭ روھىغا تايىنىشى كېرەك ئىدى.
كۆپ يىل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دونالد مۇنداق دەيدۇ: «تەيىنلەنگەن ئەر كىشىلەر خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قەدىرلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغان قېرىنداشلار «كۈچنى-كۈچكە ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ». خۇدانىڭ روھىنى سوراپ دۇئا قىلسا ۋە مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرسە، ئۇلار قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەقىقىي بەرىكەت بولىدۇ» (زەبۇر 84:7؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:11).
ۋەزىپىڭىزنى قەدىرلەڭ
سىلەرگە ئوخشاش يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاقساقاللار بىلەن خىزمەت ياردەمچىلىرىنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن چوڭ ئىلھام. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جونسون مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندىن بۇيان، مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەندىم، ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىممۇ كۈچەيدى. ھازىر مەن بۇ ۋەزىپەمدىن بەكمۇ خۇشالمەن، بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ئىمتىياز!»
سىز داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتامسىز؟ ئەگەر سىزمۇ تىموتىينى ئۈلگە قىلسىڭىز، ئەزىز قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن ھەقىقىي بەرىكەت بولىسىز!