تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ باھا بەرمەڭ
«تۈرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار، ھۆكۈمىڭلار ئادىل بولسۇن» (يوھان 7:24).
ناخشىلار: 54، 43
1. يەشايا ئەيسا ھەققىدە نېمىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟
يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئەيسا ھەققىدىكى ئالدىن-ئالا ئېيتقان سۆزلىرى بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ. يەشايا ئەيسا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىقىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ» (يەشايا 11:3، 4). بۇ سۆزلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟ چۈنكى، بىز ئادەملەر بىر-بىرىنى كەمسىتىدىغان ۋە تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ سوتلىمايدىغان مۇكەممەل سوتچى ئەيساغا بەكمۇ مۇھتاج!
2. ئەيسا بىزگە قانداق بۇيرۇق بەرگەن ۋە بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 ھەر كۈنى بىز باشقىلار ھەققىدە ئوي-پىكىرلەرنى يەكۈنلەيمىز. بىراق، بىز ئەيساغا ئوخشاش مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا باشقا ئادەملەرگە نىسبەتەن مۇكەممەل ئوي-پىكىردە بولالمايمىز. كۆرگەنلىرىمىز بىزگە ئاسانلا تەسىر قىلىدۇ. بىراق، ئەيسا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: «تۈرىگە [تاشقى كۆرۈنۈشىگە] قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار، ھۆكۈمىڭلار ئادىل بولسۇن» (يوھان 7:24). شۇڭا، ئەيسا بىزنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىزنى ۋە باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىزنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە ئوي-پىكرىمىزگە تەسىر قىلىدىغان ئۈچ نەرسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز: ئادەمنىڭ ئىرقى ياكى مىللىتى، بايلىقى ۋە يېشى. شۇ ھەربىر ۋەزىيەتتە ئەيسانىڭ بۇيرۇغىغا قانداق قۇلاق سېلىپ، باشقىلارنى تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماسلىقنى ئۆگىنىمىز.
مىللىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
3، 4. ئا) نېمە سەۋەبتىن پېترۇس يات خەلقلەرگە بولغان كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتكەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) يەھۋا پېترۇسقا قانداق يېڭى ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەن؟
3 ئەلچى پېترۇس قەيسەرىيەدە باشقا مىللەتتىن بولغان كورنىلىينىڭ ئۆيىگە چاقىرىلغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (ئەلچىلەر 10:17—29). پېترۇس كىچىكىدىن باشقا مىللەتلەرنى ناپاك دەپ ھېسابلىغان. ئەمما، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتكەن. خۇدا پېترۇسقا غەلىتە بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسەتكەن (ئەلچىلەر 10:9—16). پېترۇس ئاسماندىن يوغان ناپاك جانىۋارلارغا تولغان داستىخاننىڭ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. كېيىن، ئۇ ئاسماندىن: «پېترۇس، بۇلارنى سويۇپ يە!»، دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان. لېكىن، پېترۇس بۇنى رەت قىلغان. بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېگەن: «خۇدا تازىلاپ، ھالال قىلغان نەرسىنى، ئەمدى ھارام دېمە». پېترۇس كۆرگەنلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ئويلىنىپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن. شۇ چاغدا مۇقەددەس روھ پېترۇسقا كورنىلىينىڭ ئۆيىگە بېرىشنى بۇيرىغان، شۇڭا پېترۇس شۇ كىشىلەر بىلەن بىللە يولغا چىققان.
4 ئەگەر پېترۇس تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغان بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كورنىلىينىڭ ئۆيىگە بارمايتتى. سەۋەبى، يەھۇدىيلار يات خەلقلەرنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىمايتتى. ئۇنداقتا، پېترۇس نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان؟ گەرچە پېترۇس يات خەلقلەرنى كەمسىتكەن بولسىمۇ، كۆرگەن غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە مۇقەددەس روھنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىسىدا ئۇ ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتكەنىدى. كورنىلىينىڭ سۆزىنى تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن، پېترۇس: «خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم»،— دەپ ئېيتقان (ئەلچىلەر 10:34، 35، ئۇمكج). مۇشۇ يېڭى كۆرسەتمە پېترۇسنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرغانىدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بارلىق مەسىھىيلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
5. ئا) يەھۋا بارلىق مەسىھىيلەرنىڭ نېمىنى چۈشىنىشىنى خالايدۇ؟ ئە) بىز ھەقىقەتنى بىلسەكمۇ، قەلبىمىزدە قانداق ھېس-تۇيغۇلارنىڭ يىلتىزى قالغان بولۇشى مۇمكىن؟
5 يەھۋا پېترۇسنىڭ مىسالى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەممە كىشىنى تەڭ كۆرىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى بارلىق مەسىھىيلەرگە چۈشەندۈرگەن. يەھۋا ئادەملەرگە ئۇلارنىڭ ئىرقى، مىللىتى، قەبىلىسى ياكى تىلىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىز يەھۋادىن ئەيمىنسەك ۋە ئۇنىڭ نەزەرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلساق، ئۇ بىزنى قوبۇل قىلىدۇ (گالاتىلىقلارغا 3:26—28؛ ۋەھىي 7:9، 10). بەلكىم، سىز بۇنى ئاللىقاچان بىلىسىز. بىراق، سىز باشقىلارنى كەمسىتىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئائىلىدە ياكى دۆلەتتە چوڭ بولغان بولسىڭىزچۇ؟ گەرچە سىز ھەممىسىنى تەڭ كۆرىمەن، دەپ ئويلىسىڭىزمۇ، باشقىلارنى كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇسى قەلبىڭىزدە يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي قومۇرۇلماي قالدىمۇ؟ ھەتتا پېترۇس باشقىلارغا خۇدانىڭ ھەممە كىشىنى تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى يەنىلا باشقىلارنى كەمسىتكەن (گالاتىلىقلارغا 2:11—14). شۇڭا، باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشنى توختىتىپ، ئەيسانىڭ بۇيرۇغىغا قانداق بويسۇنالايمىز؟
6. ئا) كەمسىتىشنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئە) ئاقساقالنىڭ خېتى ئۇ ھەققىدە نېمىنى ئاشكارىلىغان؟
زەبۇر 119:105). بىز ئۆزۈمىز ھېس قىلالمىغان قانداقتۇ بىر كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرى بىزدە بار-يوقلىقىنى يېقىن بىر دوستلىرىمىزدىن سوراپ كۆرسەك بولىدۇ (گالاتىلىقلارغا 2:11، 14). بۇ يامان ئىللەت قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈمىزمۇ بايقىماي قېلىشىمىز مۇمكىن. بىر ئاقساقال شۇنداق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇ بەيتەلگە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئەر-ئايال ھەققىدە خەت ئەۋەتكەن. ئائىلە بېشى نۇرغۇن ئادەملەر تۆۋەن كۆرىدىغان قەبىلىدىن چىققانىدى. بۇ ئاقساقال شۇ قېرىنداش ھەققىدە كۆپ ياخشى سۆزلەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ قوشۇپ قويغان: «گەرچە بۇ قېرىنداش [مۇشۇ مىللەتتىن] چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھايات تەرزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىدىن باشقىلار شۇنى كۆرۈۋېلىشى مۇمكىنكى، [مۇشۇ مىللەتكە] تەۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى پاسكىنا مۇھىتتا ياكى ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا ياشىمايدۇ». بۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا مەيلى قانچە كۆپ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالمايلى، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا قانداقتۇ بىر كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ قېلىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بىز ئۆز-ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈشكە ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك. يەنە نېمە ئىش قىلالايمىز؟
6 بىزدە كەمسىتىش ھېس-تۇيغۇلىرى ئازىراق بولسىمۇ بار-يوقلىقىنى بايقاش ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. خۇدا سۆزىدىن ئالغان بىلىمىمىز بىلەن ئۆزۈمىزنىڭ كۆزقارىشىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىمىز لازىم (7. «باغرىمىزنى كەڭ» ئاچقانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
7 ئەگەر «باغرىمىزنى كەڭ ئاچساق»، كەمسىتىشنىڭ ئورنىنى مېھىر-مۇھەببەت ئىگەللەيدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:11—13). سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئىرق، مىللەت، قەبىلە ياكى تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟ شۇنداق بولسا، قۇچاق ئېچىپ، ھەرخىل مىللەتتىن چىققان قېرىنداشلار بىلەن خىزمەت قىلسىڭىز ياكى ئۇلارنى مېھمانغا چاقىرسىڭىز بولىدۇ (ئەلچىلەر 16:14، 15). شۇنداق قىلسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە قەلبىڭىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولۇپ، كەمسىتىشنىڭ ئىزىمۇ قالمايدۇ. ھازىر تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ، ھۆكۈم قىلىشنىڭ يەنە باشقا تەرىپىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
8. لاۋىيلار 19:15تىن بايلىق ياكى كەمبەغەللىك ئادەملەرگە بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالالايمىز؟
8 ئادەملەرنىڭ باي ياكى كەمبەغەل بولۇشى بىزنىڭ باشقىلارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن. لاۋىيلار 19:15تە: «سەن بولساڭ كەمبەغەلگە يان باسماي، بايغا يۈز-خاتىرىمۇ قىلماي، بەلكى راستلىق بىلەن ئۆز قوشناڭغا ھۆكۈم قىلغىن»،— دەپ يېزىلغان.
9. سۇلايمان قانداق ئاچچىق ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
9 بىر كىشىنىڭ باي ياكى كەمبەغەل بولۇشى باشقىلارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ سۇلايمان مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن مونۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن: «نامرات كىشى ھەتتا ئۆز قوشنىسىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا، كۆپتۇر» (پەندى-نەسىھەت 14:20). بۇ تەمسىل بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ ئەگەر بىز ئېھتىياتچان بولمىساق، كەمبەغەل قېرىنداشلىرىمىزدىن قېچىپ، باي قېرىنداشلار بىلەن دوست بولۇشقا تىرىشىمىز. نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ باي ياكى كەمبەغەللىكىگە قاراپ، ھۆكۈم چىقىرىش بەكمۇ خەتەرلىك؟
10. ياقۇپ مەسىھىيلەرنى نېمە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان؟
ياقۇپ 2:1—4نى ئوقۇڭ). جامائەتتە بۆلگۈنچىلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟
10 بىز قېرىنداشلىرىمىزنى باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلساق، جامائەتتە بۆلگۈنچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىمىز. بىرىنچى ئەسىردە، بەزى جامائەتلەردە شۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن. شۇڭا، ياقۇپ مەسىھىيلەرنى بۇ ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (11. كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسى ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
11 بىز چوقۇم قېرىنداشلىرىمىزغا يەھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك. يەھۋا بىر ئادەمگە ئۇنىڭ باي ياكى كەمبەغەللىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. پۇلىمىزنىڭ ياكى مال-مۈلكىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. راست، ئەيسا مونۇ سۆزلەرنى ئېيتقان: «باي ئادەمگە ئاسمان پادىشاھلىقىغا كىرمەك تەس بولىدۇ». بىراق، ئۇ بايلار ھەرگىزمۇ كىرەلمەيدۇ دېمىگەن (مەتتا 19:23). ئەيسا يەنە: «كەمبەغەللەر، بەختلىكسىلەر، چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە مەنسۈپ»،— دەپ ئېيتقان ئىدى (لۇقا 6:20). لېكىن، بۇ كەمبەغەل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئالاھىدە بەرىكەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەيساغا ئەگەشمىگەن كەمبەغەل ئادەملەرمۇ نۇرغۇن بولغان. شۇڭا ناھايىتى ئېنىقكى، بىر كىشىنىڭ مال-دۇنياسىغا قاراپ، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلالمايمىز.
12. يازمىلار باي-كەمبەغەل ھەر ئىككىسىگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟
12 يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا بايلارمۇ، كەمبەغەللەرمۇ بار. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن خىزمەت قىلىدۇ. يازمىلاردا باي ئادەملەرگە مونۇ نەسىھەت يېزىلغان: «ئۆزگىرىدىغان بايلىققا تايانماي، بەلكى... خۇداغا تايىنىڭ» (تىموتىيغا 1-خەت 6:17—19نى ئوقۈڭ). خۇدا سۆزى يەنە ئۇنىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرىنى، مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، پۇلپەرەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 6:9، 10). بىز قېرىنداشلىرىمىزغا يەھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولساق، ئۇلارنىڭ باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايمىز. ئەمما، ئادەمنىڭ يېشىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش توغرىمۇ؟ بۇنى ھازىر كۆرۈپ چىقىمىز.
ئادەمنىڭ يېشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
13. مۇقەددەس كىتابتا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە نېمە ئېيتىلغان؟
13 مۇقەددەس كىتابتا ياشانغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش دائىم تىلغا ئېلىنغان. لاۋىيلار 19:32دە: «ئاق چاچلىق كىشىنىڭ ئالدىدا قوپۇپ تۇرۇپ، قېرى كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ، تەڭرىڭدىن قورقۇپ تۇرغىن»،— دەپ يېزىلغان. پەندى-نەسىھەت 16:31دە بولسا: «ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر»،— دېيىلگەن. شۇنداقلا ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا ياشانغان قېرىنداشلارغا قوپال سۆزلىمەسلىكنى ۋە ئۇلارنى ئۆز ئاتىسىدەك كۆرۈشنى ئېيتقانىدى (تىموتىيغا 1-خەت 5:1، 2). گەرچە تىموتىي يېشى چوڭ قېرىنداشلارغا مەلۇم دەرىجىدە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇلارغا ھەردائىم مېھرىبانلىق بىلەن ھۆرمەت كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى.
14. قانداق ۋەزىيەتتە ئۆزۈمىزدىن چوڭ كىشىنى تۈزىتىش ئورۇنلۇق بولىدۇ؟
14 ئەگەر ياشانغان بىر ئېتىقادچى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلسا ياكى يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان بىر ئىشنى تەرغىپ قىلسىچۇ؟ بىرى ياشانغان ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولسىمۇ، ئەگەر ئۇلار قەستەن گۇناھ قىلسا، يەھۋا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىغا كۆز يۇممايدۇ. يەشايا 65:20دىكى (يد) پرىنسىپقا دىققەت قىلايلى: «گۇناھكار يۈز ياشقا كىرسىمۇ، لەنەتكە ئۇچرايدۇ». ھەزەكىيال پەيغەمبەر كۆرگەن ۋەھىيدىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پرىنسىپنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (ھەزەكىيال 9:5—7). بىرىنچىدىن، بىز «ئەزەلدىن بولغۇچى» يەھۋاغا ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز لازىم (دانىيال 7:9، 10، 13، 14). شۇنداق قىلساق، جەسۇرلۇق بىلەن نەسىھەتكە مۇھتاج ئادەمنى، ھەتتا ئۇ ياشتا چوڭ بولسىمۇ، تۈزىتىشتىن قورقمايمىز (گالاتىلىقلارغا 6:1).
ياش بۇرادەرلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتەمسىز؟ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. پاۋلۇسنىڭ ياش قېرىنداشلارغا كۆرسەتكەن ھۆرمىتىدىن بىز قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
15 ئەگەر بىر قېرىنداش تېخى ياش بولسىچۇ؟ ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەرمۇ؟ ئەلۋەتتە. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا: «ھېچكىم سېنى ياش دەپ كەمسىتمىسۇن. ئەمما، سادىقلار ئۈچۈن گېپىڭدە، يۈرۈش-تۇرۇشىڭدا، مېھىر-مۇھەببىتىڭدە، ئېتىقادىڭدا ۋە پاكلىقىڭدا ئۈلگە-ئىبرەت بولغىن»،— دەپ ئېيتقان (تىموتىيغا 1-خەت 4:12). پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى تىموتىيغا يازغاندا، ئۇ تەخمىنەن 30 ياشتا ئىدى. تىموتىينىڭ يېشىغا قارىماستىن، پاۋلۇس ئۇنىڭغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ياش قېرىنداشلارنىڭ يېشى ئۇلارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا تەسىر قىلماسلىقى كېرەك. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەيسا 33 ياشقا كىرگىچە قانچىلىك كۆپ ئىشلارنى قىلغان!
16، 17. ئا) ئەگەر بىر قېرىنداش خىزمەت ياردەمچىسى ياكى ئاقساقال بولۇشقا لايىق بولسا، ئاقساقاللار بۇنى قانداق قارار قىلىدۇ؟ ئە) قانداق ئەھۋالدا شەخسىي كۆزقاراش ۋە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەر مۇقەددەس يازمىلارغا قارشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؟
تىموتىيغا 1-خەت 3:1—10، 12، 13؛ تىتقا 1:5—9). ئەگەر ئاقساقال ئۆز مەدەنىيىتىگە قاراپ، بۇ ھەققىدە قائىدە-ئۆلچەملەرنى ئورناتسا، ئۇ خۇدا سۆزى بويىچە ئىش تۇتمىغان بولىدۇ. ئاقساقاللار ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا ياكى يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن ياشلارغا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك (تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17).
16 بەزى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە يىگىتلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بەزى ئاقساقاللار ھەتتا تەلەپلەرگە ماس بولغان ياشلارنىڭ خىزمەت ياردەمچىسى ياكى ئاقساقال بولۇشىغا يول بەرمەيدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا قانچە ياشتىن باشلاپ خىزمەت ياردەمچىسى ياكى ئاقساقال بولۇش ھەققىدە ھېچنەرسە ئېيتىلمىغان (17 ئەگەر ئاقساقاللار خىزمەت ياردەمچىسى ياكى ئاقساقاللارنى تەيىنلەشتە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرىگە تايانمىسا، تەيىنلىنىشكە لايىق بولغان بۇرادەرلەر تەيىنلەنمەي قېلىشى مۇمكىن. بىر دۆلەتتە خىزمەت ياردەمچىسى ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنلىغان. جامائىتىدىكى ئاقساقاللار بۇ ياش بۇرادەر ئاقساقال بولۇش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى تەلەپلەرگە ماس كېلىدۇ دەپ ماقۇل كۆرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاقساقال بولۇشىنى تەۋسىيە قىلمىغان. چۈنكى، جامائەتتىكى ياشتا چوڭ ئاقساقاللار بۇ بۇرادەر ئاقساقال بولۇش ئۈچۈن بەك ياش كۆرۈنىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بەكمۇ ئەپسۇس، بۇ بۇرادەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ، ئۇنى ۋەزىپىگە تەيىنلىمىگەنىدى. ئۆزۈمىزنىڭ كۆزقارىشىغا ياكى يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەس، مۇقەددەس كىتابقا تايىنىش بەك مۇھىم. شۇڭا، ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشتىن قەتئىي نېرى بولۇشىمىز كېرەك.
ئادىل ھۆكۈم قىلىڭ
18، 19. قېرىنداشلارغا يەھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قاراشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارنى كەمسىتمەسلىكنى ئۆگىنەلەيمىز (ئەلچىلەر 10:34، 35). شۇڭا، بىز ھەردائىم خۇدا سۆزىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئەستە تۇتۇشىمىز مۇھىم. شۇ نەسىھەتلەرگە ماس ھەرىكەت قىلساق، ئەيسانىڭ: «تۈرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار»،— دېگەن بۇيرۇغىغا ئىتائەت قىلىمىز (يوھان 7:24).
19 پات-يېقىندا پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئادەمزات ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا «ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە... ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىقىنىغا ئاساسەن» ئەمەس، خۇدانىڭ ئادىل تەلەپلىرىگە ماس ھۆكۈم چىقىرىدۇ (يەشايا 11:3، 4). بىز بۇ ئاجايىپ ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمىز!