مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىزدە ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلار بارمۇ؟‏

سىزدە ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلار بارمۇ؟‏

‏«سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن،‏ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىغان،‏ ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرار» (‏پەندى-‏نەسىھەت 18:‏13‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 137

1،‏ 2.‏ ئا)‏ قانداق مۇھىم قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

ھەممىمىز مەلۇماتنىڭ ساختا ياكى ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە توغرا خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك (‏پەندى-‏نەسىھەت 3:‏21—‏23؛‏ 8:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ئەگەر شۇنداق قىلمىساق،‏ شەيتان ۋە ئۇنىڭ دۇنياسى ئوي-‏پىكرىمىزنى ئاسانلا بۇرمىلىۋېتىدۇ (‏ئەفەسلىكلەرگە 5:‏6؛‏ كولوسىلىقلارغا 2:‏8‏)‏.‏ شۇڭا،‏ بىز توغرا خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.‏ پەندى-‏نەسىھەت 18:‏13تە‏:‏ «سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن،‏ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىغان،‏ ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرار»،‏—‏ دەپ يېزىلغان.‏

2 بۇ ماقالىدە دەلىل-‏ئىسپاتقا ئىگە بولۇشقا ۋە توغرا خۇلاسىگە كېلىشكە نېمىنىڭ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز يەنە مەلۇماتلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار ۋە مىساللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.‏

‏«ھەممە گەپكە» ئىشەنمەڭ

3.‏ پەندى-‏نەسىھەت 14:‏15تىكى پرىنسىپنى نېمە ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىمىز كېرەك؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.‏)‏

3 بۈگۈنكى كۈندە مەلۇماتلار ھەر تۈرلۈك مەنبەلەردىن كېلىدۇ.‏ مەسىلەن،‏ مەلۇماتنى توردىن،‏ تېلېۋىزوردىن ۋە باشقا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىشقا بولىدۇ.‏ بۇنىڭدىن باشقا،‏ بىزگە يەنە كۆپلىگەن ئېلىكترونلۇق خەتلەر،‏ ئۇچۇرلار كېلىشى ياكى دوستلىرىمىزدىن ھەر تۈرلۈك ھېكايە ۋە يېڭىلىقلارنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىن.‏ بەزىدە شۇ مەلۇماتلارنىڭ كۆپلىكىدىن،‏ ئۇنىڭغا چۆكۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىمىز.‏ شۇڭا،‏ بىز پەخەس بولۇشىمىز كېرەك.‏ ئەلۋەتتە،‏ دوستلىرىمىزنىڭ نىيىتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن،‏ بىراق يەنە يالغان سۆزلەرنى ئەتەي تارقىتىدىغان ياكى ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان باشقا كىشىلەر بار.‏ ئۇنداقتا،‏ مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى پرىنسىپ ئاڭلىغانلىرىمىزنى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟‏ پەندى-‏نەسىھەت 14:‏15تە‏:‏ «ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر،‏ لېكىن ئەقىل-‏پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار»،‏—‏ دەپ يېزىلغان.‏

4.‏ فىلىپپىلىقلارغا 4:‏8،‏ 9دە،‏ قانداق مەلۇماتنى ئوقۇشنى تاللاش ھەققىدە قانداق مەسلىھەت بار؟‏ توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟‏ (‏«‏ ئىشەنچلىك مەلۇمات مەنبەلىرى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏)‏

4 بىز توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ نېمىلەرنى ئوقۇشنى تاللىغاندا،‏ چوقۇم بەكمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىمىز لازىم ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏8،‏ 9نى ئوقۇڭ)‏.‏ شۇڭا،‏ بىز ئىشەنچلىك ئەمەس ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ ياكى سۆز-‏چۆچەك تارقىتىدىغان ئېلىكترونلۇق خەتلەرنى ئوقۇپ،‏ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەك.‏ بولۇپمۇ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان تور بەتلەردىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك.‏ ئۇلارنىڭ مەقسىتى —‏ خۇدا خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش.‏ ئىشەنچسىز مەلۇماتلار خاتا قارار چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ.‏ ھەرگىزمۇ يالغان مەلۇمات ماڭا تەسىر قىلالمايدۇ،‏ دەپ ئويلىماڭ (‏تىموتىيغا 1-‏خەت 6:‏20،‏ 21‏)‏.‏

5.‏ ئىسرائىللىقلار قانداق يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە بۇ ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟‏

5 يالغان سۆزلەر پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.‏ مۇسانىڭ كۈنلىرىدە 12 پايلاقچى ۋەدە قىلىنغان يەرگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.‏ 10 پايلاقچى ئۇ يەر ھەققىدە سەلبىي خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلگەن (‏سانلار 13:‏25—‏33‏)‏.‏ ئۇلار تۈگمىدەك نەرسىنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ،‏ خەلقنىڭ روھىنى چۈشەرگەن (‏سانلار 14:‏1—‏4‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن خەلق شۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان؟‏ بەلكىم،‏ خەلق پايلاقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش سەلبىي خەۋەرنى ئېيتقانلىقتىن،‏ ئۇلارغا ئىشىنىپ قالغان.‏ شۇڭا،‏ خەلق قالغان ئىككى پايلاقچىنىڭ شۇ يەر توغرىسىدا ئېيتقان ياخشى گەپلىرىگە ئىشەنمىگەن (‏سانلار 14:‏6—‏10‏)‏.‏ خەلق ئاڭلىغان مەلۇماتلار ھەققىدە ئېنىق دەلىل-‏ئىسپاتقا ئىگە بولماي تۇرۇپلا،‏ يەھۋاغا ئىشەنچ كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا ئەخمەقلىق قىلىپ،‏ سەلبىي خەۋەرگە ئىشەنگەن.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە غەلىتە ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندا ھەيران بولمايمىز؟‏

6 بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە قانداقتۇ بىر گەپ-‏سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا،‏ ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.‏ دۈشمىنىمىز شەيتاننىڭ «قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-‏كۈندۈز ئەيىپلىگۈچى» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئەستە تۇتۇڭ (‏ۋەھىي 12:‏10،‏ ئۇم‌ك‌ج)‏.‏ ئەيسا بىزنى قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھەرخىل يالغان-‏ياۋداقلىرى بىلەن تۆھمىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (‏مەتتا 5:‏11‏)‏.‏ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالساق،‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە غەلىتە ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندا ھەيران بولمايمىز.‏

7.‏ يلېكترونلۇق خەتلەرنى ياكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن نېمە ھەققىدە ئويلىشىمىز كېرەك؟‏

7 دوستلىرىڭىزغا ئېلىكترونلۇق خەتلەرنى ياكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟‏ قىزىقارلىق ھېكايە ياكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ياكى كۆرگەندە،‏ سىز خۇددى مۇخبىرلاردەك دەرھال باشقىلارغا بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتامسىز؟‏ ئېلىكترونلۇق خەتلەرنى ياكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مونۇ سوئاللارنى سوراڭ:‏ «بۇ ھېكايە راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟‏ مېنىڭدە دەلىل-‏ئىسپاتلار بارمۇ؟‏» ئەگەر سىزدە دەلىل-‏ئىسپات يوق تۇرۇپ،‏ شۇلارنى ئەۋەتسىڭىز،‏ سىز يالغاننى تارقىتىشىڭىز مۇمكىن.‏ شۇڭا،‏ بىر خەۋەرنىڭ راست-‏يالغانلىقىنى بىلمىسىڭىز،‏ ئۇنى باشقىلارغا ئەۋەتمەي ئۆچۈرۈۋېتىڭ.‏

8.‏ بەزى دۆلەتلەردە قارشى چىققۇچىلار نېمە قىلغان؟‏ بىز ئۆزۈمىز بىلمەي ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىشىمىز مۇمكىن؟‏

8 ئېلىكترونلۇق خەتلەرنى ياكى ئۇچۇرلارنى ئويلىماي ئەۋەتىشنىڭ يەنە بىر خەتىرى بار.‏ بەزى دۆلەتلەردە بىزنىڭ پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن،‏ ھەتتا مەنئىي قىلىنغان.‏ قارشى چىققۇچىلار بىزنى قورقۇتۇش ياكى بىر-‏بىرىمىزدىن گۇمان قىلىشنى باشلىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئەتەي يالغان گەپ-‏سۆزلەرنى تارقىتىشى مۇمكىن.‏ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە نەزەر سالايلى.‏ ك‌گ‌ب مەخپىي ساقچىلىرى بەزى مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەر يەھۋانىڭ خەلقىگە ساتقۇنلۇق قىلدى،‏ دەپ سۆز-‏چۆچەك تارقاتقان * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بەكمۇ ئەپسۇس،‏ نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ يالغان گەپكە ئىشىنىپ،‏ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن كېتىپ قالغان ئىدى.‏ كېيىنىرەك،‏ كۆپىنچىلىرى قايتىدىن ھەقىقەتكە قايتىپ كەلگەن،‏ بىراق بەزىلىرى شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن.‏ ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ،‏ ئېتىقادىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول بەرگەن (‏تىموتىيغا 1-‏خەت 1:‏19‏)‏.‏ شۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟‏ سەلبىي ياكى دەلىل-‏ئىسپاتى يوق خەۋەرلەرنى تارقاتماڭ.‏ ئاڭلىغان ھەممە نەرسىلەرگە ئىشىنىۋەرمەڭ.‏ ئەكسىچە،‏ قولۇڭىزدا دەلىل-‏ئىسپات بار-‏يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈڭ.‏

يېرىم-‏يارتا مەلۇمات

9.‏ توغرا مەلۇماتقا ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟‏

9 بەزى ۋاقىتلاردا راست-‏يالغان ئارىلاش ياكى يېرىم-‏يارتا ھېكايىلەرنى ئاڭلايمىز.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ بىزنىڭ توغرا خۇلاسە چىقىرىشىمىز قىيىن بولۇشى مۇمكىن.‏ راست-‏يالغان ئارىلاش ھېكايىلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ!‏ شۇڭا،‏ بۇنداق ھېكايىلەرگە ئىشىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟‏ (‏ئەفەسلىكلەرگە 4:‏14‏)‏.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىسرائىللىقلار قېرىنداشلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا تاسلا قالغان ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا،‏ ئۇلارغا نېمە ياردەم بەرگەن؟‏

10 يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە ئىئوردان دەرىياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە ياشىغان ئىسرائىللىقلار بىلەن بولغان ۋەقەدىن ساۋاق ئالالايمىز (‏يەشۇئا 22:‏9—‏34‏)‏.‏ ئۇلار ئىئورداننىڭ شەرقىي تەرىپىدە ياشاۋاتقان ئىسرائىللىقلارنىڭ دەريانىڭ يېنىدا يوغان بىر قۇربانگاھ ياسىغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى راست ئىدى،‏ ئەمما ئۇلار ھەممە تەپسىلاتلىرىنى بىلمىگەن.‏ شۇڭا،‏ غەرب تەرەپتە ياشىغان ئىسرائىللىقلار شەرق تەرەپتىكى قېرىنداشلىرى يەھۋادىن يۈز ئۆرگەن دەپ ئويلاپ،‏ ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ‏(‏يەشۇئا 22:‏9—‏12نى ئوقۇڭ)‏.‏ لېكىن ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن،‏ غەرب تەرەپتىكى ئىسرائىللىقلار دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرنەچچە ئەر كىشىنى ئەۋەتكەن.‏ بۇ ئەر كىشىلەر قانداق دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن؟‏ شەرق تەرەپتىكى ئىسرائىللىقلار قۇربانگاھنى ساختا ئىلاھلار ئۈچۈن قۇرمىغان.‏ ئۇلار بۇنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.‏ ئىسرائىللىقلار ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن دەرھال جەڭ قىلماي،‏ ئاۋۋال بارلىق دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئېرىشكىنى ئۈچۈن چوقۇم بەكمۇ خۇشال بولۇشقان.‏

11.‏ ئا)‏ مېفىبوشەت قانداق ئادالەتسىزلىكە ئۇچرىغان؟‏ ئە)‏ داۋۇت قانداق قىلغان بولسا مېفىبوشەتكە ئادالەتلىك مۇئامىلىدە بولغان بولاتتى؟‏

11 بەزىدە باشقىلار سۆزگە سۆز قوشۇپ بىز ھەققىدە يېرىم-‏يارتا مەلۇمات تارقىتىپ،‏ بىزگە زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن.‏ مېفىبوشەت شۇنداق ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەن.‏ داۋۇت پادىشاھ مېفىبوشەتكە بوۋىسى سائۇلنىڭ ھەممە يېرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن (‏سامۇئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 9:‏6،‏ 7‏)‏.‏ بىراق،‏ كېيىنىرەك داۋۇت مېفىبوشەت ھەققىدە يالغان گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدى.‏ ئۇ گەپ-‏سۆزلەرنىڭ راست-‏يالغانلىقىنى تەكشۈرمەيلا،‏ مېفىبوشەتنىڭ ھەممە مال-‏مۈلكىنى تارتىۋالغان (‏سامۇئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 16:‏1—‏4‏)‏.‏ داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن،‏ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.‏ شۇڭا،‏ ئۇ مېفىبوشەتنىڭ مال-‏مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بەرگەن (‏سامۇئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 19:‏24—‏29‏)‏.‏ ئەگەر داۋۇت ئالدىراقسانلىق قىلماي،‏ دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن بولسا،‏ مېفىبوشەت ھېچقانداق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىمىغان بولاتتى.‏

12،‏ 13.‏ ئا)‏ ئادەملەر ئەيسا ھەققىدە يالغان سۆز تارقاتقاندا،‏ ئۇ نېمە قىلغان؟‏ ئە)‏ ئادەملەر بىز ھەققىدە سۆز-‏چۆچەك قىلسا،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

12 بىرسى سىز توغرۇلۇق سۆز-‏چۆچەك قىلسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ ئەيسا ۋە چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ‏(‏مەتتا 11:‏18،‏ 19نى ئوقۇڭ)‏.‏ ئەيسا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟‏ ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن پۈتۈن ۋاقتى بىلەن كۈچىنى سەرپ قىلىشقا تىرىشمىغان.‏ ئەكسىچە،‏ ئۇ ئادەملەرنى دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئىگە بولۇشقا ئۈندىگەن.‏ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە سۆزلەپ،‏ نېمە قىلغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇشىنى خالىغان.‏ شۇڭا ئەيسا:‏ «دانالىقنىڭ ھەققانىيلىقى ئىشلىرى بىلەن تەستىقلىنىدۇ»،‏—‏ دەپ ئېيتقان (‏مەتتا 11:‏19‏)‏.‏

13 ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز.‏ بەزىدە ئادەملەر بىز ھەققىدە ناھەق ياكى يامان گەپ-‏سۆزلەرنى ئېيتسا،‏ بىز ئابرويىمىز چۈشۈپ كېتىدۇ،‏ دەپ غەم قىلىشىمىز مۇمكىن.‏ بىراق،‏ بىز ئادەملەرگە ئۆزۈمىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى يۈرۈش-‏تۇرۇشىمىز بىلەن كۆرسىتەلەيمىز.‏ ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن كۆرگىنىمىزدەك،‏ ئۆز يۈرۈش-‏تۇرۇشىمىز بىلەن بىز ھەققىدە ئېيتىلغان يېرىم-‏يارتا يالغان مەلۇماتلارنى ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز.‏

ئۆز ئەقلىڭىزگە ئىشىنەمسىز؟‏

14،‏ 15.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئەقلىمىزگە تايانماسلىقىمىز كېرەك؟‏

14 بىز كۆرۈپ چىققىنىمىزدەك،‏ ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلارغا ئىگە بولۇش قىيىن.‏ يەنە بىر توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسە —‏ نامۇكەممەللىكىمىز.‏ بەلكىم،‏ بىز ئۇزۇن يىللار داۋامىدا يەھۋاغا خىزمەت قىلدۇق،‏ شۇڭا بەزى تەرەپتىن دانالىققا ئىگە بولدۇق.‏ ئېھتىمال،‏ بىز ساغلام ئوي-‏پىكىر قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلار بىزنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ بىزگە تۇزاق بولامدۇ؟‏

15 ھەئە،‏،‏ چۈنكى بىز ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن.‏ بىز ئۆز ھېس-‏تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئىدىيەلىرىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىشىمىزنى تىزگىنلىشىگە يول قويۇشىمىز مۇمكىن.‏ بۇ بەك خەتەرلىك!‏ مۇقەددەس كىتاب ئۆز ئەقلىمىزگە تايانماسلىقىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق ئاگاھلاندۇرىدۇ (‏پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5،‏ 6؛‏ 28:‏26‏)‏.‏

16.‏ بۇ مىسالدا رېستوراندا نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟‏ تۇرسۇننىڭ ئويىغا دەرھاللا نېمە كەلگەن؟‏

16 بىر مىسالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى:‏ بىر كۈنى كەچتە ئۇزۇن يىل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان تۇرسۇن ئىسىملىك قېرىنداش رېستورانغا بارغان.‏ شۇ يەردە ئۇ جاپپار ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ ئۆز ئايالى ئەمەس،‏ باشقا بىر ئايال كىشى بىلەن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قالغان.‏ تۇرسۇن ئۇلارنىڭ كۈلۈشۈپ،‏ قۇچاقلاشقانلىقىنى كۆرگەن.‏ ئۇ دەرھاللا مۇنداق ئويلايدۇ:‏ «جاپپار ئەمدى ئايالى بىلەن ئاجرىشارمۇ؟‏ بالىلىرىغا نېمە بولار؟‏» تۇرسۇن شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆرگەن ئىدى.‏ ئەگەر سىز تۇرسۇننىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز نېمە ئويلايتىڭىز؟‏

17.‏ تۇرسۇن كېيىنرەك نېمىنى بىلىۋالغان ۋە بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

17 ئالدىرىماي ئويلىنىپ كۆرەيلى:‏ تۇرسۇن،‏ «جاپپار ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ يۈرىدۇ» دەپ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ ۋەزىيەتنى ئېنىق بىلگەنمۇ؟‏ كېيىنرەك،‏ تۇرسۇن جاپپارغا تېلېفون قىلىپ،‏ ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ بىر قوساق قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.‏ ئۇ يىراق يەردىن كەلگەن ئىكەن.‏ بىر-‏بىرىنى كۆرمىگەنلىكىگە خېلى يىل بولغان ئىدى.‏ قېرىندىشى پەقەت بىرنەچچە سائەتكە كەلگەنلىكتىن،‏ جاپپارنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ۋاقتى بولمىغان ھەم ئايالى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەلمىگەنىدى.‏ تۇرسۇن «جاپپار توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتمىغانلىقىم ياخشى بولدى» دەپ ئويلىغان.‏ بۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ يەھۋاغا مەيلى قانچە ۋاقىت خىزمەت قىلايلى،‏ بىز توغرا خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك.‏

18.‏ نېمە سەۋەبتىن قېرىندىشىمىز ھەققىدە ناتوغرا خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن؟‏

18 بىز بىر قېرىنداش بىلەن تىل تېپىشالماي يۈرسەك،‏ ۋەزىيەتكە توغرا باھا بېرىش قىيىن بولىدۇ.‏ ئەگەر ئارىمىزدىكى پەرق توغرىسىدا دائىم ئويلاۋەرسەك،‏ قېرىندىشىمىزدىن گۇمان قىلىشىمىز مۇمكىن.‏ كېيىنرەك ئۇ ھەققىدە يامان بىر نەرسە ئاڭلاپ،‏ راست-‏يالغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ،‏ شۇ گەپكە ئىشەنگۈمىز كېلىشى مۇمكىن.‏ بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئەگەر قېرىندىشىمىز ھەققىدە يامان ئويلارغا يۈرىكىمىزدە ئورۇن بەرسەك،‏ نەتىجىدە ئۇ توغرىسىدا دەلىللەرگە ئاساسلانمىغان خاتا خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن (‏تىموتىيغا 1-‏خەت 6:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ئىچى تارلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا ئوخشاش يامان ئىللەتلەرنىڭ يۈرىكىمىزدە يىلتىز تارتىشىغا يول بەرمەيمىز.‏ يەھۋا قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىزنى ۋە ئۇلارنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ ‏(‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12—‏14نى ئوقۇڭ)‏.‏

مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بىزنى قوغدايدۇ

19،‏ 20.‏ ئا)‏ مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى پرىنسىپلار مەلۇماتقا توغرا باھا بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ كېلەركى ماقالىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

19 بۈگۈنكى كۈندە ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلارنى تېپىش ۋە ئۇلارغا توغرا باھا بېرىش ناھايىتى قىيىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسى تولۇق ئەمەس ياكى يالغان ئارىلاشقان.‏ نامۇكەممەللىكىمىزمۇ بىزگە تەسىر قىلىدۇ.‏ بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏ ئەلۋەتتە،‏ خۇدا سۆزىدىكى پرىنسىپلار!‏ مەسىلەن،‏ شۇنداق بىر پرىنسىپتا.‏ سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا جاۋاب بەرگەن كىشى ئەخمەق،‏ دەپ سانىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن (‏پەندى-‏نەسىھەت 18:‏13‏)‏.‏ يەنە بىر پرىنسىپ،‏ مەلۇماتنىڭ راست-‏يالغانلىقىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ،‏ دەرھال ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏پەندى-‏نەسىھەت 14:‏15‏)‏.‏ مەيلى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت يەھۋاغا خىزمەت قىلايلى،‏ ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنالمايمىز (‏پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئەگەر بىز ئىشەنچلىك دەلىل-‏ئىسپاتلارنى ئىشلەتسەك،‏ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بىزنى قوغدايدۇ.‏ بىز شۇندىلا توغرا خۇلاسىگە كېلىپ،‏ دانا قارارلارنى چىقىرالايمىز.‏

20 بىزگە مەلۇم بىر ۋەزىيەتتە ئاق-‏قارىنى پەرق قىلىش قىيىن بولىدىغان يەنە بىر سەۋەپ بار.‏ نامۇكەممەل بولغانلىقتىن،‏ بىز ئىشلارغا پەقەت تاشقى كۆرۈنىشىگە قاراپلا باھا بېرىمىز.‏ كېلەركى ماقالىدە،‏ بىز قايسى ۋەزىيەتتە بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشىمىز ۋە شۇنداق خاتالىقتىن قانداق ساقلىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

^ ‏ 8-‏ئابزاس ‏«يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىلنامىسى» (‏ئىنگىلىزچە)‏ كىتابىنىڭ 2004-‏يىل،‏ 111،‏ 112-‏بەتلىرى ۋە 2008-‏يىل،‏ 133—‏135 بەتلىرىگە قاراڭ.‏