سەۋر-تاقەت ئۈمىد ئۈزمەسلىككە ياردەم بېرىدۇ
مۇشۇ «ئاخىرقى كۈنلەردە»، تۇرمۇشىمىزدا بەك كۆپ قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇۋاتقاچقا، بىزگە ھازىر ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك سەۋر-تاقەتلىك بولۇش زۆرۈر (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—5). ئەتراپىمىزدىكى كۆپ ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتى يوق. ئۇلار شەخسىيەتچى، تالاش-تارتىشقا ئامراق، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەر. بىز ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سورىشىمىز لازىم: «مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە ئوخشاش سەۋر-تاقەتسىز بولۇپ كېتىۋاتىمەنمۇ؟ ھەقىقىي سەۋرچانلىق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ سەۋرچان كىشى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمەن؟»
سەۋر-تاقەت دېگەن نېمە؟
مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «سەۋر-تاقەت» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ خىسلەت پەقەت ئامالسىزلىق ئىچىدە بەرداشلىق بېرىشنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، سەۋرچان كىشى ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىشىگە ئۈمىد باغلاپ، بەرداشلىق بېرىدۇ. شۇنداق ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىماي، باشقىلارنىڭ، ھەتتا ئۇنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭمۇ، ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە ئويلايدۇ. سەۋرچان كىشى شۇ ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان كىشى سەۋرچانلىق كۆرسىتىدۇ دەيدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ)، (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4). سەۋر-تاقەت — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىدۇر (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). شۇڭا، ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
سەۋر-تاقەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
سەۋرچان بولۇشىمىز ئۈچۈن يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراپ، دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. خۇدا مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭغا تايىنىدىغان ئادەملەرگە بېرىدۇ (لۇقا 11:13). بۇ روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بەك زور، بىراق بىز دۇئالىرىمىزغا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 86:10، 11). بۇ بىز ھەر كۈنى بارچە كۈچىمىز بىلەن سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشىمىز ۋە ئۇنى ئۆز مىجەز-خۇلقىمىزغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز لازىم دېگەنلىكتۇر. بىراق، بەزىدە بۇ ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئەيسانىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى ھەققىدە كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس سەۋر-تاقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى شەخس ھەققىدە ئېيتقاندا، بىزنى: «ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن»،— دەپ ئۈندىگەن (كولوسىلىقلارغا 3:10، 12، 15، ئۇمكج). تىنچ-ئامانلىقنىڭ قەلبىمىزنى باشقۇرۇشى ئۈچۈن، بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە خۇدانىڭ چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز خۇداغا ئىشەنچ باغلىساق، مەيلى قانداق ۋەزىيەتتە بولسۇن، سەۋرچانلىق كۆرسىتەلەيمىز (يوھان 14:27؛ 16:33).
ھەممىمىز تاقەتسىزلىك بىلەن يېڭى دۇنيانى كۈتىمىز، يەھۋامۇ ئۇنىڭ تېزراق كېلىشىنى خالايدۇ. ئەمما، بىز يەھۋانىڭ بىزگە قانچىلىك سەۋر-تاقەت كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق، بىزمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىمىز. مۇقەددەس كىتابتا: «بەزى كىشىلەرگە كېچىكتۈرۈلۈۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، يەھۋا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كېچىكتۈرمەيدۇ، لېكىن سىلەرگە سەۋرلىك قىلماقتا، چۈنكى ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9). شۇڭا، يەھۋانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن سەۋر-تاقىتى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاندا، بىز ھەم باشقىلارغا تېخىمۇ سەۋرچان بولىمىز (رىملىقلارغا 2:4). قانداق ۋەزىيەتلەردە سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك؟
سەۋر-تاقەتنى تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىيەتلەر
ھەر كۈنى سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن، سىز بىرىگە مۇھىم بىر نەرسىنى ئېيتماقچى بولدىڭىز دەيلى، بىراق سىز سەۋرچان بولۇپ، باشقىلار سۆزىنى تۈگەتكىچە سۆزىنى بۆلمەي ئاڭلىشىڭىز كېرەك (ياقۇپ 1:19). بىرى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن سەۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىز باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرگەندە، سەۋر-تاقەتنى يوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا، يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزگە قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلايلى. يەھۋا ۋە ئەيسا ئۇششاق-چۈششەك خاتالىقلىرىمىزغا ھەددىدىن زىيادە دىققەت بۆلمەيدۇ. ئۇلار ياخشى تەرەپلىرىمىزگە دىققەت قىلىدۇ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن پىشىپ يېتىلىشىمىزگە ۋاقىت بېرىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 1:16؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:12).
باشقىلار يەنە بىزنىڭ ئېيتقان سۆزۈمىز ياكى قىلغان ئىشىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. بەلكىم، بىز دەرھال خاپا بولۇپ، ئۆزۈمىزنى ئاقلاشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق مەسلىھەت يېزىلغان: «سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر. روھۇڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما، چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلارنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ» (ۋەز 7:8، 9). بىرى بىزنى ھېچ ئاساسسىز ئەيىبلىسە، بىز سەۋرچان بولۇپ، دەرھال جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماي، ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئەيسانى باشقىلار يالغاندىن ئەيىبلىگەندە، ئۇ دەل شۇنداق ھەرىكەت قىلغان (مەتتا 11:19).
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى تۈزىتىشىگە ياكى يامان ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەندە، ئالاھىدە سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ياۋرۇپادىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان ماتتىئاسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا، ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئېتىقادى ئۈچۈن زاڭلىق قىلغان. دەسلەپتە ئاتا-ئانىسىنىڭ مەكتەپتە بولغان ئىشلاردىن خەۋىرى بولمىغان. لېكىن، كېيىنرەك ئۇلار ماتتىئاسنىڭ ھەقىقەتكە گۇمان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان. ماتتىئاسنىڭ دادىسى گىللىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالى ئىككىسى ئوغلىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بەكمۇ سەۋرچان بولۇشى كېرەك ئىدى. ماتتىئاس ئۇلاردىن: «خۇدا دېگەن كىم؟ مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ سۆزى بولمىسىچۇ؟ خۇدانىڭ بىزدىن ئۇنى ياكى بۇنى قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟»— دەپ سورىغان. ئۇ دادىسىغا يەنە مۇنداق سوئال قويغان: «ئەگەر مېنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىم ۋە ئىشەنچىم سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ئەيىبلىنىشىم كېرەك؟»
گىللىس مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە ئوغلۇم ئاچچىقلىنىپ سوئال قوياتتى، لېكىن ماڭا ياكى ئايالىمغا ئەمەس،
ھەقىقەتكە ئاچچىقلانغان ئىدى. سەۋەبى ئۇنىڭ ئويىچە، ھەقىقەت ئۇنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرغان». گىللىس بالىسىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ ئۇ ئوغلى بىلەن ئولتۇرۇپ ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندا نەچچە سائەتلەپ ۋاقتىنى سەرپ قىلغان. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گىللىس تىنچ ئولتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئارىلاپ-ئارىلاپ سوئاللارنى قويۇپ، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە كۆزقارىشىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە تىرىشقان. بەزىدە گىللىس ئوغلىغا بىرنەرسىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئويلىنىشىغا ۋاقىت بېرىپ، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە مۇشۇ ھەققىدە پاراڭلاشقان. يەنە بەزى چاغلاردا ئوغلى سوئال قويغاندا، گىللىسقىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە بىرنەچچە كۈن ئويلىنىشقا توغرا كەلگەن. مۇشۇنداق دائىم سۆھبەتلىشىشنىڭ ئارقىسىدا، ماتتىئاس ئاستا-ئاستا ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى ھەققىدە ئۈگەنگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشكە ۋە قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىدى. گىللىس يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ماتتىئاسنىڭ يۈرىكىدە يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كەتتى. ئايالىم ئىككىمىز ناھايىتى خۇشال، چۈنكى ئوغلىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن چىقارغان كۈچىمىزگە يارىشا مېۋىسىنى كۆردۇق.گىللىس بىلەن ئايالى ئوغلىغا سەۋر-تاقەت بىلەن ياردەم بەرگەندە، پۈتۈنلەي يەھۋاغا تايانغان. گىللىس: «مەن ماتتىئاسقا دائىم ئاپىسى ئىككىمىز ئۇنى بەكمۇ سۆيگەچكە، ھەردائىم يەھۋاغا ئۇنىڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىنى تىلەپ قىزغىن دۇئا قىلىمىز دەپ ئېيتاتتىم»،— دەيدۇ. ماتتىئاسنىڭ ئاتا-ئانىسى سەۋرچان بولۇپ، بەل قويۇۋەتمەي ئوغلىغا ياردەم بەرگىنىگە بەكمۇ خۇشال!
ئۇزۇن ۋاقىت كېسەلگە گىرىپتار بولغان تۇققىنىمىز ياكى دوستىمىزنىڭ كۈتۈنۈشىگە ياردەم بەرگەندىمۇ، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك. ياۋرۇپادا ياشايدىغان ئېللىننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى * (ئىزاھاتقا قاراڭ).
تەخمىنەن 8 يىل بۇرۇن، ھەمراھىنىڭ مېيە قان تومۇرى ئىككى قېتىم يېرىلىپ (ئىنسۇلت)، مېيىسى قاتتىق زەخىملەنگەن. شۇڭا ئۇ خۇشاللىق، قايغۇ ۋە ئىچ ئاغرىتىشنى ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئېللىن ئۈچۈن ئېغىر سىناق بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سەۋر-تاقەتلىك بولۇشۇم ۋە كۆپ دۇئا قىلىشىم كېرەك ئىدى. ماڭا فىلىپپىلىقلارغا 4:13 تەسەللىي بېرىدۇ، بۇ ئايەتنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ يەردە ماڭا كۈچ بەرگۈچىگە تايىنىپ، ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىم ئېيتىلغان». ئېللىن يەھۋانىڭ كۈچى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن سەۋرچان بولۇپ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ (زەبۇر 62:5، 6).
يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
يەھۋا خۇدا — سەۋر-تاقەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇر (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:15). مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋانىڭ بەكمۇ سەۋرچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (نەھەمىيا 9:30؛ يەشايا 30:18). ئىبراھىم يەھۋادىن سودومنى ۋەيران قىلىش قارارى ھەققىدە قايتا-قايتا سورىغاندا، ئۇنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ يەھۋا ئىبراھىمنىڭ سۆزىنى بۆلمىگەن. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ھەربىر سوئالى ۋە غەم-ئەندىشىسىنى سەۋر-تاقەت بىلەن تىڭشىغانىدى. كېيىن، يەھۋا ئىبراھىمنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سودومدا پەقەت ئون ھەققانىي كىشى تېپىلسا، شەھەرنى ۋەيران قىلماسلىققا ۋەدە قىلغان (يارىتىلىش 18:22—33). يەھۋا ھەرگىزمۇ بىر ئىشلارغا ئارتۇقچە چېچىلمايدۇ، ئەكسىچە ھەردائىم سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشايدۇ!
سەۋر-تاقەت — يېڭى شەخسنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ھەممە ئېتىقادچىلار ئۇنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. بىز ھەقىقىي سەۋر-تاقەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ۋە سەۋرچان ئاتىمىز يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈمىز. شۇنداقلا بىز «ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن» بولىمىز (ئىبرانىيلارغا 6:10—12).
^ 4-ئابزاس «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ بىرىنچىسىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇھاكىمە قىلىنغان.
^ 15-ئابزاس ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن.