مەرد ئىنسانلار بەختلىك
«ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك» (ئەلچىلەر 20:35).
ناخشىلار: 153، 14
1. يەھۋانىڭ سېخىيلىقىنى نېمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟
يەھۋا خۇدا يارىتىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال يالغۇز ئۆزىلا مەۋجۇت ئىدى. كېيىن، ئۇ يەردە ۋە ئاسماندا ئاڭ-سېزىمى بار مەۋجۇداتلارنى يارىتىشنى قارار قىلغان. «بەختلىك خۇدايىمىز» يەھۋا سوۋغاتلارنى بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 1:11؛ ياقۇپ 1:17). ئۇ بىزنىڭمۇ بەختلىك بولۇشىمىزنى خالىغانلىقتىن، بىزنى مەرد-سېخىي بولۇشقا ئۆگىتىدۇ (رىملىقلارغا 1:20).
2، 3. ئا) سېخىي بولۇش نېمە ئۈچۈن بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئە) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 خۇدا ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان (يارىتىلىش 1:27). دېمەك، ئادەملەردىمۇ خۇداغا خاس ئېسىل پەزىلەتلەر بار. ھەقىقىي بەختكە ئىگە بولۇش ۋە يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. بىز باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، سېخىي بەرگۈچى بولۇشىمىز لازىم (فىلىپپىلىقلارغا 2:3، 4؛ ياقۇپ 1:5). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يەھۋا بىزنى شۇنداق قىلىپ ياراتقان. بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ مەرد بولالايمىز.
3 ھازىر بىز مۇقەددەس كىتابتا مەرد ياكى سېخىي بولۇش
ھەققىدە قانداق مىساللار بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. مەرد بولۇش نېمە ئۈچۈن يەھۋانى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. يەھۋا بىزگە تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى ئورۇنلىشىمىزغا مەردلىك قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە مەرد بولۇش نېمە ئۈچۈن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. ھەمدە نېمە ئۈچۈن داۋاملىق سېخىي بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.مەرد بولساق يەھۋا خۇشال بولىدۇ
4، 5. يەھۋا بىلەن ئەيسا مەرتلىكنى قانداق كۆرسەتكەن ۋە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك؟
4 يەھۋا بىزنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىزنى خالايدۇ. شۇڭا، مەرد-سېخىي بولساق، ئۇ خۇشال بولىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 5:1). يەھۋا ئادەمزاتنىڭمۇ خۇشال بولۇشىنى خالايدۇ. بۇنى ئۇنىڭ بىزنى ئاجايىپ ئۇسۇلدا ياراتقانلىقىدىن ۋە گۈزەل بىر يەرنى بەرپا قىلىپ، بىزگە خۇشاللىق بېرىدىغان نەرسىلەرگە تولدۇرغانلىقىدىن بىلىمىز (زەبۇر 104:24؛ 139:13—16). شۇڭا، بىز باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا ھەرىكەت قىلغاندا، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز.
5 بىز مەردلىكنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئەيسانى ئۈلگە قىلىمىز. ئۇ: «ئىنسان ئوغلىمۇ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسۇن دەپ كەلمىدى، لېكىن ئۆزى خىزمەت قىلىپ، كۆپلىرى ئۈچۈن جېنىنى تۆلەمگە پىدا قىلغىلى كەلدى»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 20:28). ئەلچى پاۋلۇس بولسا، مەسىھىيلەرنى: «مەسىھ ئەيسا ئويلىغاندەك، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلاڭلار... ئۇ ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىپ،... قۇلنىڭ قىياپىتىنى قوبۇل قىلدى»،— دەپ ئۈندىگەنىدى (فىلىپپىلىقلارغا 2:5، 7). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزۈمىزدىن: «مەن ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزىغا تېخىمۇ يېقىن ئەگىشىپ ماڭالايمەنمۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21نى ئوقۇڭ).
6. ئەيسا مېھرىبان سامارىيەلىك ھەققىدىكى تەمسىلنى ئېيتقاندا، قانداق تەلىم بەرگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
6 يەھۋانىڭ ۋە ئەيسانىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلسەك ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش يوللىرىنى ئىزدىسەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىمىز. ئەيسا مېھرىبان سامارىيەلىك كىشى ھەققىدىكى تەمسىلنى ئېيتقاندا، بۇنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەنىدى (لۇقا 10:29—37نى ئوقۇڭ). ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىگە باشقىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن، ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. ئەيسا نېمە ئۈچۈن بۇ تەمسىلنى ئېيتقان؟ سەۋەبى، بىر يەھۇدىي كىشى ئۇنىڭدىن: «مېنىڭ يېنىمدىكى كىشى كىم؟»— دەپ سورىغان. يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ئەيسا سامارىيەلىك ئادەمنى ئۈلگە قىلىپ، مەرد بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەنىدى.
7. يەھۋانىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتۇش ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
7 سېخىي بولۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئېرەم بېغىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شەيتاننىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋاغا قۇلاق سالماي، ئۆز مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسا، خۇشاللىق تاپالايتتى. ھاۋا-ئانا شەخسىيەتچى بولۇپ، خۇداغا ئوخشاش بولۇشنى خالىغان. ئادەم-ئاتىمۇ شەخسىيەتچى بولۇپ، يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قارىغاندا، ئۆز ئايالىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشنى بەكرەك خالىغان (يارىتىلىش 3:4—6). بۇنىڭ نەتىجىسى بەك ئېچىنىشلىق بولغان. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر ئىنسان شەخسىيەتچى بولۇپ، خۇشاللىق تاپالمايدۇ. لېكىن، بىز شەخسىيەتچى بولماي، مەرد-سېخىي بولساق، يەھۋانىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
خۇدا تاپشۇرغان ئىشنى قىلىڭ
8. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا، نېمە ئۈچۈن باشقىلار ھەققىدە ئويلىشى كېرەك ئىدى؟
8 ئېرەم بېغىدا پەقەت ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئىككىسىلا بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلار ھەققىدە ئويلىشى كېرەك ئىدى. يەھۋا ئۇلارغا: «ئەۋلات كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار»،— دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن (يارىتىلىش 1:28). تۇنجى ئەر-ئايال يەھۋا خۇداغا ئوخشاش ئۆز بالىلىرىنىڭ بەختلىك كېلەچىكى ھەققىدە ئويلىشى كېرەك ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە چوڭ بىر ئىش، يەنى يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئىشىنى قىلالايتتى!
9. يەرنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقىنىدا، ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن خۇشال-خوراملىققا ئېرىشەلەيتتى؟
9 يەرنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مۇكەممەل ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىدى. كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ ئىش كىشىنى قانچىلىك قانائەت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلىگەن! ئىنسانلار شەخسىيەتچى بولماي، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېگەن بولسا، يەھۋا ئۇلارنى نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن بولاتتى.
10، 11. ۋەز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
10 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزگە ئالاھىدە ئىشنى تاپشۇرغان. ئۇ ۋەز قىلىشىمىزنى ۋە شاگىرتلارنى تەييارلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاشنى خالىساق، بىز سەمىمىيلىك بىلەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈمىز. مۇشۇ ئىشنى پەقەت توغرا نىيىتىمىز بولغاندىلا داۋاملاشتۇرالايمىز، يەنى خۇداغا ۋە ئادەملەرگە بولغان
مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك.11 بىرىنچى ئەسىردە، ئەلچى پاۋلۇس ئۆزىنى ۋە باشقا مەسىھىيلەرنى «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» دەپ ئاتىغان. سەۋەبى، ئۇلار ۋەز قىلىپ، ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:6، 9). بىزمۇ «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» بولالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا تاپشۇرغان ۋەز ئىشىنى قىلىشقا ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە پۇلىمىزنى سېخىيلىق بىلەن چىقىرىمىز. بۇ — بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ!
12، 13. شاگىرت تەييارلاش ئىشى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
12 ئادەملەر بىلەن تەتقىق دەرىسلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان قېرىنداشلار ۋاقتى بىلەن كۈچىنى ئايىماي ۋەز قىلغاندا ۋە شاگىرتلارنى تەييارلىغاندا، خۇشاللىق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى تەلىملەرنى چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئېتىقادنى يېتىلدۈرگەندە ۋە ھاياتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى باشلىغاندا، خۇشاللىقىمىز ئىچىمىزگە پاتمايدۇ. ئەيسا ۋەز قىلىشقا ئەۋەتكەن 70 شاگىرت، ۋەز خىزمىتىدە ياخشى ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، «خۇشال-خورام قايتىپ كەلگەندە»، ئۇمۇ خۇرسەن بولغانىدى (لۇقا 10:17—21).
13 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلار خۇش خەۋەر ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ناھايىتى خۇشال بولۇشىدۇ. مەسىلەن، توي قىلمىغان ئاننا ئىسىملىك ياش قېرىندىشىمىز يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇڭا، ئۇ شەرقىي ياۋرۇپادىكى جاكالىغۇچىلار ئاز رايونغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادەملەر نۇرغۇن ۋە مەن بۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. خىزمىتىمدىن كۆپ خۇشاللىق تاپىمەن. خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۆز قىيىنچىلىقلىرىمنى ئويلاپ ئەنسىرەشكە ۋاقتىم يوق. چۈنكى، مەن ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە غەم-ئەندىشىلىرى ھەققىدە ئويلىنىمەن. مەن ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە تىرىشىمەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەن «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك» ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ قىلدىم» (ئەلچىلەر 20:35).
ئادەملەر مەيلى قانداق ئىنكاس قايتۇرسۇن، يەھۋا چىقارغان كۈچىمىزنى قەدىرلەيدۇ
14. ئادەملەر سىزنى تىڭشىمىسىمۇ، ۋەز ئىشىدىن قانداق خۇشاللىق تاپالايسىز؟
14 ئادەملەرگە ۋەز قىلغاندا ئۇلار بىزنى تىڭشىمىسىمۇ، بۇ ئىشىمىزدىن خۇشاللىق تاپالايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز. بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە ھەزەكىيال پەيغەمبەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ. يەھۋا ئۇنىڭغا: «سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز»،— دېگەن (ھەزەكىيال 2:7؛ يەشايا 43:10). شۇڭا، ئادەملەر مەيلى قانداق ئىنكاس قايتۇرسۇن، يەھۋا چىقارغان كۈچىمىزنى قەدىرلەيدۇ (ئىبرانىيلارغا 6:10نى ئوقۇڭ). بىر قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ ۋەز خىزمىتى ھەققىدە: «بىز خۇش خەۋەر ئۇرۇقىنى تېرىدۇق، سۇغاردۇق ھەمدە ئۈمىد بىلەن يەھۋا ئۇنى ئۆستۈرسۇن دەپ دۇئا قىلدۇق»،— دېگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:6).
بىز بەختكە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟
15. پەقەت باشقىلار مىننەتدار بولغاندىلا سېخىي بولۇشىمىز كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
15 ئەيسا بىزنىڭ مەرد-سېخىي بولۇشىمىزنى خالايدۇ، چۈنكى سېخىيلىق بىزنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ. سېخىي بولساق، كۆپ ئادەملەر بىزگىمۇ سېخىيلىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بېرىڭلار، سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ. سىلەرنىڭ قوينۇڭلارغا چىڭدالغان ھەم ئېشىپ-تاشقان تولۇق ئۆلچەمنى سېلىپ بېرىدۇ. چۈنكى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىنىدۇ» (لۇقا 6:38). ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەملەر بىز كۆرسەتكەن سېخىيلىق ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ سېخىي بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. كىم بىلىدۇ، بەلكىم بىر قېتىم مەردلىك بىلەن قىلغان ئىشىمىز كۆپ مېۋىلەرنى ئەكېلەر!
16. بىز كىملەرگە سېخىيلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
16 ھەقىقىي مەرد ئادەملەر ھەردائىم سېخىيلىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ باشقىلارمۇ ماڭا قايتۇرسىكەن دەپ ئۈمىد قىلمايدۇ. ئەيسا بۇ ھەققىدە: «زىياپەت بەرگەندە، گادايلارنى، ناكالارنى، ئاقساق-چولاقلارنى، قارغۇلارنى چاقىرىڭ ۋە بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇلار سىزگە ھېچنەرسە قايتۇرالمايدۇ»، دېگەنىدى (لۇقا 14:13، 14). مۇقەددەس كىتابتا يەنە «سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار» ۋە «غېرىپ-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك»، دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 22:9؛ زەبۇر 41:1). ئادەملەرگە چىن يۈرىكىمىزدىن ياردەم بېرىشنى خالىغاچقا، بىز مەرد بولۇشىمىز كېرەك.
17. بىز مەردلىكنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
17 ئەلچى پاۋلۇس، ئەيسانىڭ «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك»، دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندە، پەقەت ماددىي نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتمىغان. بىز ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابتىن نەسىھەت ۋە ئەمەلىي ياردەم بېرىش ئارقىلىقمۇ تەسەللىي بېرەلەيمىز (ئەلچىلەر 20:31—35). پاۋلۇس سۆزلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا سېخىي بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ۋاقتىمىز، كۈچىمىز، دىققەت-ئېتىبارىمىز ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئايىماي، سېخىي بولۇشىمىز كېرەك.
18. تەتقىقاتچىلار مەرد بولۇش ھەققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟
18 ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارمۇ، باشقىلارغا بېرىشنىڭ خۇشاللىق ئەكېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىر ماقالىدە يېزىلغاندەك، ئادەملەر باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندا ئۆزىنى خۇشال-خورام سېزىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ھاياتىمىزنىڭ مەقسىتى ۋە مەنىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ياخشىراق بولۇشى ۋە خۇشال-خورام ياشىشى ئۈچۈن جەمئىيەتتە پىدائىي خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئۈندىگەن. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ، چۈنكى كۆيۈمچان ياراتقۇچىمىز يەھۋا مەرد بولۇش بىزنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17).
داۋاملىق مەرد بولۇڭ
19، 20. سىز نېمە ئۈچۈن سېخىي بولۇشنى خالايسىز؟
19 ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، سېخىيلىق كۆرسىتىش قىيىن بولىدۇ. بىراق، ئەيسا ئەڭ مۇھىم ئىككى ئەمىرنى ئېسىمىزگە سالغان: يەھۋانى پۈتۈن قەلبىمىز، پۈتۈن جېنىمىز، پۈتۈن ئەقلىمىز ھەم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سۆيۈش ۋە يېقىنىمىزنى ئۆزۈمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈش (مارك 12:28—31). بۇ ماقالىدە ئۈگەنگىنىمىزدەك، يەھۋانى سۆيىدىغان ئادەملەر ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ. يەھۋا ۋە ئەيسا ھەر ئىككىلىسى مەرد-سېخىلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بىزنىمۇ مەرد بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلاردەك مەرد بولساق، ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. ئەگەر ياراتقۇچىمىز ۋە باشقىلارغا سېخىيلىق كۆرسەتسەك، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز ۋە بۇ ئۆزۈمىزگە ھەم ئۆزگىلەرگە پايدا ئەكېلىدۇ.
20 شۈبھىسىزكى، سىز باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا مەردلىك كۆرسىتىپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتىسىز (گالاتىلىقلارغا 6:10). داۋاملىق شۇنداق يول تۇتسىڭىز، باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن مىننەتدارلىقىغا ئېرىشىسىز ۋە خۇشاللىق تاپالايسىز. خۇدا سۆزىدە: «مەرت ئادەم راۋاج تاپار، باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 11:25). كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ۋە ۋەز خىزمىتىمىزدە باشقىلارغا سېخىيلىقنى كۆرسىتىشنىڭ ھەرخىل يوللىرى بار. كېيىنكى ماقالىدە مۇشۇ يوللارنى كۆرۈپ چىقىمىز.
^ 13-ئابزاس ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن.