ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان ماتېرىياللارنى باشقا توربەتلەرگە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقىرىش مەنئىي قىلىنغان؟
بىز نەشىر قىلغان ماتېرىياللار ھەقسىز بولغانلىقتىن، بەزى ئادەملەر ئۇلارنى كۆچۈرۈپ، باشقا توربەتلەردە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان دەپ ئويلايدۇ. بىراق، بۇ تور بەتلىرىمىزدىكى «پايدىلىنىش شەرتلىرىگە» زىت ئىش-ھەرىكەت بولۇپ، ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلالايدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). «پايدىلىنىش شەرتلىرىدە»، بۇ توربەتتىكى «رەسىملەرنى، ئېلىكترونلۇق ماتېرىياللارنى، مۇزىكا، سۈرەتلەرنى، تېكسىتنى ۋە فىلىملارنى ... ئىنتېرنېتقا (ھەرقانداق توربەتكە، تارقىتىش تور بېكىتىگە ياكى ئىجتىمائىي تورغا)» چىقىرىش مەنئىي قىلىنغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. نېمە ئۈچۈن مۇنداق شەرتلەر بەلگۈلەنگەن؟
تور بېكىتىمىزدىكى ھەممە مەلۇماتلار نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە، يەنى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى نەشىرىي ماتېرىياللىرىمىزدىن ناتوغرا پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇناپىقلار ۋە پائالىيىتىمىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان كىشىلەر، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋە باشقا ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ماتېرىياللىرىمىزنى ئۆز توربەتلىرىگە چىقىرىدۇ. يەنە ئۇلار شۇ توربەتلەرگە ئادەملەردە گۇمان پەيدا قىلىدىغان ماتېرىياللارنىمۇ چىقىرىدۇ (زەبۇر 26:4؛ پەندى-نەسىھەت 22:5). يەنە بەزىلەر بىزنىڭ ماتېرىياللارنى ياكى jw.org دېگەن بەلگۈنى ئېلانلاردا، پروگراممىلاردا ۋە ئۆزى ساتىدىغان مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىدۇ. نەشىرىي ماتېرىياللىرىمىز ۋە بەلگۈمىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقتىن، بىز ئۇلارنى رۇخسەتسىز ئىشلەتكەنلەرنى سوتقا ئەرزز قىلالايمىز (پەندى-نەسىھەت 27:12). بىراق، بەزى ئادەملەرگە، ھەتتا قېرىنداشلىرىمىزغا، نەشىرىي ماتېرىياللىرىمىزنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا ياكى jw.org بەلگۈسىنى سودا-سېتىق ئۈچۈن قوللىنىشقا رۇخسەت قىلساق، بىز سوتقا بارغاندا، ئۇلار بىزنى قوللىماسلىقى مۇمكىن.
نەشىرىي ماتېرىياللىرىمىزنى jw.org تور بېكىتىدىن ئەمەس، باشقا توربەتلەردىن كۆچۈرۈش خەتەرلىك. يەھۋا روھىي ئوزۇقنى پەقەت «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ (مەتتا 24:45). بۇ «قۇل» روھىي ئوزۇقلۇقنى پەقەت رەسمىي توربەتلىرىمىز ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ. ئۇلار: www.pr418.com، tv.pr418.com ۋە wol.pr418.com. ئېلىكترونلۇق قۇرۇلمىلار ئۈچۈن تەشكىلاتىمىز پەقەت ئۈچ رەسمىي پروگراممىنى نەشىر قىلغان: «®JW Language»، «®JW Library»، ۋە «®JW Library Sign Language». بۇ توربەتلەر بىلەن پروگراممىلاردا ئېلانلار ياكى شەيتان دۇنياسىغا تەۋە ھېچقانداق نەرسە تېپىلمايدۇ. ماتېرىياللىرىمىزنى باشقا توربەتتىن ياكى پروگراممىلاردىن كۆچۈرۈش خەتەرلىك، سەۋەبى ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەن ياكى بۇرمىلانغان بولۇشى مۇمكىن (زەبۇر 18:26؛ 19:8).
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر نەشىرىي ماتېرىياللىرىمىز ئادەملەر ئۆز ئوي-پىكىرىنى يازالايدىغان توربەتلەرگە چىقىرىلسا، ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەر ياكى باشقا ئادەملەر ئۈچۈن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى تەنقىت قىلىشقا يول ئېچىلىشى مۇمكىن. بەزى قېرىنداشلار شۇنداق ئادەملەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، نەتىجىدە يەھۋانىڭ ئىسمىغا تېخىمۇ كۆپ داغ كەلتۈرىدۇ. توردا تالاش-تارتىش قىلىش ئادەملەرنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە «ھەقىقەتنى توغرا چۈشىنىشىگە» ياردەم بېرىشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى ئەمەس (تىموتىيغا 1-خەت 6:3—5؛ تىموتىيغا 2-خەت 2:23—25). بەزى ئادەملەر تەشكىلاتنىڭ نامى ياكى رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ نامىدىن توربەتلەرنى ياسايدۇ ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئەزا بولۇپ تىزىملىتىدۇ. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا. رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ ھېچبىر ئەزاسىنىڭ شەخسىي تور بېكىتى يوق ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئەزا بولمىغان.
بىز ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى jw.org تور بېكىتىگە ئاغدۇرغاندا، «خۇش خەۋەرنى» جاكارلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇمىز (مەتتا 24:14). تەشكىلاتىمىز نەشىر قىلغان پروگراممىلار بىلەن توربەتلەر بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز ھەممە ئادەملەرنىڭ شۇلاردىن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى خالايمىز. شۇڭا، ماتېرىياللىرىمىزنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ياكى توربەتنىڭ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىشىمىزگە رۇخسەت. بىز قىزىققۇچىلارغا رەسمىي تور بېكىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز، چۈنكى «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» تەمىنلىگەن ماتېرىئاللار — روھىي ئوزۇقلۇقنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسى.
^ 1-ئابزاس «پايدىلىنىش شەرتلىرىنىڭ» ئۇلانمىسىنى jw.org باش بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىدا تاپالايسىز. بۇ شەرتلەر تور بېكىتىمىزدىكى ھەممە نەشىرىي ماتېرىياللارغا قارىتىلغان.