ھەردائىم يەھۋا بىلەن خىزمەت قىلايلى
«بىز — خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:9).
ناخشىلار: 44، 28
1. بىز قانداق قىلىپ يەھۋاغا خىزمەتداش بولالايمىز؟
يەھۋا ئادەملەرنى ياراتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خىزمەتداش بولۇشىنى خالىغان. گەرچە ھازىر ئادەملەر نامۇكەممەل بولسىمۇ، سادىق ئادەملەر يەنىلا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن بىرگە خىزمەت قىلالايدۇ. مەسىلەن، پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېيتقاندا ۋە شاگىرتلارنى تەييارلىغاندا، بىز «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» بولالايمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:5—9). ھەممىگە قادىر خۇدايىمىزنىڭ بىزگە بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغانلىقى، نېمە دېگەن چوڭ ئىمتىياز-ھە! ئەمما، ۋەز ئىشى يەھۋاغا خىزمەتداش بولۇشنىڭ يالغۇز ئۇسۇلى ئەمەس. بۇ ماقالىدە بىز يەنە ئۆيۈمىزدىكىلەر ۋە جامائەتتىكىلەرگە ياردەم بېرىش، مېھماندوست بولۇش، تەشكىلاتىمىزنىڭ دۇنياۋىي ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋە خىزمەت دائىرىسىنى كەڭەيتىش ئارقىلىقمۇ يەھۋاغا خىزمەتداش بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز (كولوسىلىقلارغا 3:23).
2. نېمە ئۈچۈن بىز ھەرگىزمۇ ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىقىمىز كېرەك؟
2 مۇشۇ ماقالىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ھەممىمىز بىر-بىرىمىزدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇمايلى. بىزنىڭ يېشىمىز، سالامەتلىكىمىز، شارائىتىمىز ھەم قابىلىيەتلىرىمىز ھەر تۈرلۈك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ يەھۋا ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن» (گالاتىلىقلارغا 6:4).
ئۆيىڭىزدىكىلەر ۋە جامائەتتىكىلەرگە ياردەم بېرىڭ
3. نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئادەمنى خۇدا بىلەن خىزمەتداش بولۇۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ؟
3 يەھۋا بىزدىن ئائىلىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىڭىزنى تەمىنلەش ئۈچۈن پۇل تېپىشىڭىز كېرەك. كۆپلىگەن ئانىلار كىچىك بالىلىرىغا قاراش ئۈچۈن ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ھەمدە ياشانغان ئاتا-ئانىمىز ياردەمگە مۇھتاج بولسا، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەر. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «كىمدەكىم يېقىنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆز ئۆيدىكىلىرىنىڭ، ئېھتىياجلىرى ھەققىدە غەمخورلۇق قىلمىسا، ئۇ ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكەن، ھەتتا ئىشەنچىسى يوق ئادەمدىنمۇ يامان بولىدۇ» (تىموتىيغا 1-خەت 5:8). سىز ئائىلىدە شۇنداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىڭىزگە ئالغان بولسىڭىز، يەھۋاغا ئۆزىڭىز خالىغاندەك كۆپ خىزمەت قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ! چۈنكى، يەھۋا ئۆز ئائىلىڭىزدىن خەۋەر ئالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ خۇرسەن بولىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:31).
4. ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىپ پادىشاھلىق ئىشلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالايدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
4 ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ روھىي مەقسەتلەر قويۇشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق خۇدا بىلەن خىزمەتداش بولالايدۇ. كۆپ ئاتا-ئانىلار شۇنداق قىلغان. نەتىجىدە بالىلىرى كېيىنىرەك يەھۋاغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ، ھەتتا ئۆيىدىن يىراق جايلاردا خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، يەنە بەزىلىرى جاكالىغۇچىلار ئاز يەرلەرگە بېرىپ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. يەنە بەزىلىرى بەيتەلدە خىزمەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلىرى يىراقتا بولغاچقا، ئاتا-ئانىلىرى ئۇلار بىلەن ئۆزى خالىغاندەك كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەيدۇ. لېكىن، بالىلىرى قەيەردە بولسۇن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى داۋاملىق خۇداغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ يەھۋانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولىدۇ (يوھاننىڭ 3-خېتى 4). بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى خۇددى ئۆز ئوغلى سامۇئىلنى يەھۋاغا تەغدىم قىلغان ھانناغا ئوخشاش ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار يەھۋا بىلەن خىزمەتداش بولۇش ئىمتىيازىنى بەك قەدىرلەيدۇ (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 1:28).
5. سىز جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
5 ئەگەر سىز ئائىلىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىڭىزگە ئالمىغان بولسىڭىز، ئاغرىق، ياشانغان ياكى باشقا مۇھتاجلىقتا بولغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرەلەمسىز؟ ۋە ياكى شۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ قولىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالامسىز؟ جامائىتىڭىزدە شۇنداق ياردەمگە كىمنىڭ مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. مەسىلەن، ياشانغان ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىر قېرىنداش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن، سىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئولتۇرۇپ تۇرالامسىز؟ ياكى بولمىسا، بىرسىنى جامائەت ئۇچرىشىشىغا ياكى بازارغا ئاپىرىپ ئەكېلەلەيدىغانسىز ياكى دوختۇرخانىدا ياتقان قېرىنداشنى يوقلالايدىغانسىز. سىز شۇنداق قىلغاندا، يەھۋا سىز ئارقىلىق بىر قېرىنداشنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن. دېمەك، بۇ ئۇسۇلدا خۇداغا خىزمەتداش بولالايسىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:24نى ئوقۇڭ).
مېھماندوست بولۇڭ
6. بىز مېھماندوستلۇقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
6 خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى مېھماندوستلۇقى بىلەن تونۇلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ئىبرانىيلارغا 13:2). مۇقەددەس يازمىلاردا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ مىساللىرى بار. ئۇلاردىن باشقىلارغا مېھرىبان بولۇشنى ئۆگىنەلەيمىز (يارىتىلىش 18:1—5). «ئېتىقادداشلىرىمىزغا» ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىش پۇرسىتى كەلگەندە، بىز ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز ۋە چوقۇم سۇنۇشىمىز كېرەك (گالاتىلىقلارغا 6:10).
«مېھماندوستلۇق»، دېگەن گرېك سۆزى «ناتونۇش ئادەمگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ (7. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرگە مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
7 تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرگە ۋاقتىنچە تۇرىدىغان قونالغۇ جاي كېرەك بولسا، ئۇلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسىتىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ خىزمەتدىشى بولالامسىز؟ (يوھاننىڭ 3-خېتى 5، 8نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلساق، بۇنىڭ پايدىسىنى ئۇلارمۇ، بىزمۇ كۆرىمىز. مۇقەددەس كىتابتا بۇ «ئۆزئارا ئىلھام» دەپ ئاتالغان (رىملىقلارغا 1:11، 12). ئولاف ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئولاف ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ جامائىتىنى بىر بويتاق رايونغا مەسئۇل ئاقساقال زىيارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قونالغۇ جاي كېرەك بولغان. ئەمما، جامائەتتە ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچكىم تېپىلمىغانىدى. شۇ چاغدا، ئولاف گۇۋاھچى ئەمەس ئاتا-ئانىسىدىن رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشىغا رۇخسەت سورىغان. ئۇلار رۇخسەت بەرگەن، بىراق ئولافنىڭ دىۋاندا يېتىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئولاف شۇنىڭغا كېلىشىپ، قۇربانلىق بەرگىنىگە ھېچ ئۆكۈنمىگەن. سەۋەبى، ئۇ رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن بۇ ھەپتىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە تۇرۇپ تاماق يېگەندە، ھەرخىل قىزىقارلىق ماۋزۇلار ھەققىدە پاراڭلاشقان. رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ئولافقا كۆپ ئىلھام بەرگەن، كېيىن ئۇ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلاشنى قارار قىلغان. ئۇ 40 يىل جەريانىدا، بىرنەچچە دۆلەتتە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
8. ئەگەر بەزىلەر دەسلەپتە مىننەتدارلىق بىلدۈرمىسىمۇ، نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇم مېھرىبان بولۇشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 بىز ناتونۇش كىشىلەرگە ھەرخىل يوللار بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ھەققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئىسپانىيىدىكى بىر قېرىنداش ئېكىۋاتۇردىن كۆچۈپ كەلگەن يېسىكا ئىسىملىك ئايال بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان. بىر كۈنى ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا، ھېلىقى ئايال يىغلاپ كۆز يېشىنى تۇتالمىغان. قېرىنداش ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن يىغلاۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ تېخى ئىسپانىيىگە كەلمىگەندە ئۆزىنىڭ ناھايىتى كەمبەغەل بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. بىر كۈنى ھەتتا قىزىغا قۇرۇق سۇدىن باشقا بېرىدىغان ھېچقانداق نەرسىسى بولمىغان ئىكەن. يېسىكا كىچىك قىزىنى ئۇخلىتىۋاتقاندا، دۇئا قىلىپ خۇدادىن ياردەم سوراپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغا ئىككى يەھۋا گۇۋاھچىسى كېلىپ، ژۇرنال بەرگەن. لېكىن، يېسىكا ئۇنى يىرتىۋېتىپ، ئۇلارغا: «بۇ ژۇرنال بىلەن قىزىمنىڭ قوسىقى توياتتىمۇ؟»— دەپ ۋاقىرىغان ئىكەن. قېرىنداشلار ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە تىرىشسىمۇ، يېسىكا تىڭشىمىغان ئىدى. كېيىنرەك قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر سېۋەت ئوزۇق-تۈلۈك قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇ چاغدا ئۇ دۇئاسىغا خۇدانىڭ جاۋاب بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىگەنىدى. ئەمدى شۇ ئىشلار ئېسىگە كېلىپ، كۆز ياش قىلغان. كېيىن، يېسىكا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ سېخىيلىقى ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلگەن (ۋەز 11:1، 6).
تەشكىلاتنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ
9، 10. ئا) ئىسرائىللىقلار قانداق قىلىپ پىدائىي خىزمەت قىلالىغان؟ ئە) بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلار جامائەتتە قانداق خىزمەت قىلالايدۇ؟
9 قەدىمدە، ئىسرائىللىقلاردا پىدائىي خىزمەت قىلىشنىڭ ھەرخىل پۇرسەتلىرى بولغان (چىقىش 36:2؛ تارىخنامە 1-يازما 29:5؛ نەھەمىيا 11:2). بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، مال-مۈلكىڭىز ۋە قابىلىيەتلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئېتىقادداشلارغا پىدائىي ياردەم بېرىدىغان كۆپ پۇرسەتلىرىڭىز بار. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، سىز شاد-خوراملىققا چۆمىسىز ۋە خۇدا سىزنى بەرىكەتلەيدۇ.
10 خۇدا سۆزى جامائەتتىكى ئەر كىشىلەرنى خىزمەت ياردەمچىسى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار يەھۋاغا خىزمەتداش بولالايدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 3:1، 8، 9؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:2، 3). بۇ ئەر كىشىلەر باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم قولىنى سۇنۇپ قالماستىن، روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ (ئەلچىلەر 6:1—4). جامائەتتە ئاقساقاللار سىزدىن ياردەمچى بولۇپ، ماتېرىياللارغا، ۋەز قىلىش رايونلىرىغا، ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى ئاسراپ-تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ياردەم بېرىشنى سورىغانمۇ؟ ياكى بولمىسا باشقا ئىشلاردا ياردەم سورىغانمۇ؟ شۇنداق ئىشلارغا قاتناشقان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىشقان.
11. بىر قېرىنداش قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، قانداق پايدا ئالغان؟
11 قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان قېرىنداشلار ھەردائىم يېڭى دوستلارنى تاپىدۇ. مارگى ئىسىملىك ئايال قېرىنداش 18 يىل ئىبادەت زاللىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ئۇ قۇرۇلۇشلارغا قاتناشقان ياش قىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئۆگەتكەن. مارگى ئېيتقاندەك، قۇرۇلۇشتا پىدائىي خىزمەتچىلەر بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ (رىملىقلارغا 1:12). ماردژى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە، قۇرۇلۇشتا تونۇشقان دوستلىرى ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. سىز قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتنىشىپ كۆرگەنمۇ؟ ھەتتا ئالاھىدە بىر قابىلىيىتىڭىز بولمىسىمۇ، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشالايسىز.
12. تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
12 يەھۋاغا خىزمەتداش بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى — تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش. مەسىلەن، ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە پۇللىرىنى بېرەلەيمىز (يوھان 13:34، 35؛ ئەلچىلەر 11:27—30). ياكى ئاپەت بولغان يەرنى تازىلاش ياكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشالايمىز. پولشادا ياشايدىغان گەبرېللا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيى كەلكۈن سۈيىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن. قوشنا جامائەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ بەك خۇشال بولغانىدى. گەبرېللا بۇ ۋەقە ھەققىدە ئويلىغاندا، شۇ ئاپەتتە يوقاتقان مال-مۈلكى ھەققىدە غەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئېرىشكەن بەرىكەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كەلكۈندىن كېيىن جامائەتنىڭ ئەزاسى بولۇش چوڭ شان-شەرەپ ۋە خۇشاللىق ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى». ئاپەتتىن كېيىن شۇنداق ياردەمگە ئېرىشكەن باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولغان. يەھۋا بىلەن خىزمەتداش بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ياردەم بەرگەن شۇ پىدائىي خىزمەتچىلەرمۇ خۇشاللىققا ئېرىشىپ، قانائەت تېپىشقان (ئەلچىلەر 20:35؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 9:6، 7نى ئوقۇڭ).
13. پىدائىي خىزمەت قىلغاندا يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
13 ستېفانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر رايوندىكى ئېتىقادچىلار يەھۋاغا باشقا بىر ئۇسۇلدا خىزمەتداش بولغان. ئۇلار ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىن قوشما شتاتلارغا قېچىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرالغۇ جاي ۋە ئۆي-جاھازلىرىنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەن. ستېفانى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلارنىڭ دۇنياۋىي قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتى ئۈچۈن بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىنى كۆرگەندە، بەكمۇ تەسىرلەندۇق. قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلار، بىزنى ئۇلارغا ياردەم بەردى دەپ ئويلايدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا بىز ئەمەس، ئۇلار بىزگە ياردەم بەردى. بىز ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، ئىناقلىقى، ئېتىقادى ۋە يەھۋاغا تايانغانلىقىنى كۆرگەندە، يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز كۈچەيدى. بۇ ئارقىلىق خۇدا تەشكىلاتى تەمىنلەپ بەرگەن بارچە نەرسە ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتدار بولدۇق».
خىزمەت دائىرىسىنى كەڭەيتىڭ
14، 15. ئا) يەشايا پەيغەمبەر تەييارلىق روھىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ ئە) مەسىھىيلەر يەشايادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
14 يەھۋاغا خىزمەتداش بولۇپ تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالامسىز؟ ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج يەرلەرگە كۆچۈپ بارالامسىز؟ ئەلۋەتتە، سېخىيلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يىراق يەرلەرگە كۆچۈش شەرت ئەمەس. لېكىن، بەزى قېرىنداشلارنىڭ كۆچۈشكە مۇمكىنچىلىكى بار. ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە ئوخشاش تەييارلىق يەشايا 6:8، 9). يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى قوللاشنى خالامسىز؟ خالىسىڭىز، مۇمكىنچىلىكىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
روھىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا: «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن ۋە كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟»— دەپ سورىغاندا، يەشايا: «مانا مەن! ئەۋەتكەيسەن، مېنى!»— دەپ جاۋاب بەرگەنىدى (15 ئەيسا ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ھوسۇل مول، لېكىن ئىشچىلار ئاز. شۇڭلاشقا ھوسۇل ئېگىسىدىن ئورمىغا ئىشچىلارنى ئەۋەتىشنى سوراڭلار» (مەتتا 9:37، 38). سىز ۋەز ئېتقۇچىلارغا مۇھتاج يەرلەردە، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلالامسىز؟ ئۆزىڭىز بارالمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ بېرىشىغا ياردەم قولۇڭىزنى سۇنالامسىز؟ نۇرغۇن قېرىنداشلار، خۇداغا ھەم يېقىنلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج يەرلەردە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشتۇر، دەپ ئويلايدۇ. ئۆز خىزمەت دائىرىسىنى كەڭەيتىشنىڭ باشقا يوللىرى ھەققىدە ئويلاپ باققانمۇسىز؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، كۆپ خۇشاللىققا ئېرىشىسىز.
16، 17. يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە قانداق ئېرىشەلەيسىز؟
16 سىز بەيتەلدە ياكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ۋاقىتلىق ياكى ھەپتىسىگە بىر نەچچە كۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارمۇ؟ يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ھەتتا بىرەر ئىشتا تەجرىبىسى يوق بولسىمۇ، بىراق ھەردائىم ئەۋەتىلىدىغان يەردە خىزمەت قىلىشقا ۋە تاپشۇرۇلغان ئىشنى ئورۇنلاشقا تەييار خىزمەتچىلەرگە مۇھتاج. يەھۋا ياردەمگە مۇھتاج بولغان جايلاردا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە تەييار بولغان ھەربىر ئادەمنى قەدىرلەيدۇ (زەبۇر 110:3).
17 يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، پادىشاھلىق خەۋىرى يەتكۈزگۈچىلەرنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ مەكتەپتە، ئاللىقاچان يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان يېتىلگەن ئېتىقادچىلار تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ. كېيىن ئۇلار يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا كۆپرەك خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنى قەيەرگە ئەۋەتسە، ئۇلار شۇ يەرگە بېرىشقا تەييار بولۇشى شەرت. سىز شۇنداق تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولۇپ، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى خالامسىز؟ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:23).
18. ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن خىزمەتداش بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
18 بىز يەھۋانىڭ خەلقى بولغانلىقتىن، مەردلىك، مېھرىبانلىق ھەم سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن باشقىلارغا ھەر كۈنى كۆڭۈل بۆلىمىز. بۇ بىزگە خۇشاللىق، تىنچلىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). شارائىتىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋانىڭ سېخىيلىقىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى بولساق كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز (پەندى-نەسىھەت 3:9، 10).