مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

شەخسىي ئۆگىنىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم قىزىقارلىق بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

شەخسىي ئۆگىنىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم قىزىقارلىق بولۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

يەشۇئا ئىسرائىل خەلقىنى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا باشلاپ كىرىشى كېرەك ئىدى.‏ بۇ ۋەزىپە ئاسان بولمىغان.‏ ئەمما،‏ يەھۋا ئۇنىڭغا:‏ «جۈرئەتلىك بولۇپ،‏ قورقما»،‏—‏ دەپ كۈچ-‏مەدەت بەرگەن.‏ ئاندىن خۇدا يەشۇئاغا ئەگەر ئۇ قانۇننى ئوقۇپ،‏ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا،‏ يەشۇئانىڭ دانا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ ئۇتۇققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يەشۇئا 1:‏7،‏ 8‏)‏.‏

بىز «ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلاردا» ياشىۋاتقاچقا،‏ بىزنىڭمۇ تۇرمۇشىمىز قىيىن بولۇشى مۇمكىن (‏تىموتىيغا 2-‏خەت 3:‏1‏)‏.‏ ئەگەر بىزمۇ يەشۇئاغا ئوخشاش ئۇتۇققا ئېرىشىشنى خالىساق،‏ يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك.‏ بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ،‏ ئۈگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىق دانا قارار چىقىرىشىمىز كېرەك.‏

بەلكىم،‏ بەزىلىرىمىز قانداق تەتقىق قىلىشنى بىلمەسلىكىمىز ياكى ئىزدىنىشنى ئانچە ياخشى كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن.‏ لېكىن،‏ شەخسىي ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم.‏ سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈنۈملۈك ھەم قىزىقارلىق قىلىشىڭىزغا «‏ پايدىلىق مەسلىھەتلەر‏»،‏ دېگەن رامكا ياردەم بېرىدۇ.‏

زەبۇر يازغۇچىسى مۇنداق دېگەن:‏ «مېنى ئەمىرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن،‏ چۈنكى مەن ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن» ‏(‏زەبۇر 119:‏35‏)‏.‏ سىزمۇ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىپ،‏ نۇرغۇن روھىي غەزنىلەرنى توپلىيالايسىز.‏

گەرچە سىز يەشۇئاغا ئوخشاش خەلقكە يولباشچىلىق قىلمىسىڭىزمۇ،‏ ئەمما ئۆزىڭىز دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار بار.‏ شۇڭا،‏ يەشۇئاغا ئوخشاش خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ،‏ ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭ.‏ شۇنداق قىلسىڭىز،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ ئۇتۇققا ئېرىشىسىز.‏