بىز يەھۋا خۇداغا مەنسۈپ
«پەرۋەردىگارنى ئۆز خۇدائىمىز دەپ بىلگەن ئىسرائىل بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلىق بەختلىكتۇر» (زەبۇر 33:12، ئۇمكج)
ناخشىلار: 31، 48
1. نېمە ئۈچۈن ھەممە نەرسە يەھۋاغا مەنسۈپ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
ھەممە نەرسە يەھۋاغا مەنسۈپ! «ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى، يەر يۈزى بىلەن پۈتۈن بارلىقى تەڭرىڭ خۇداۋەندىنىڭكىدۇر» (تەكرار قانۇن 10:14؛ ۋەھىي 4:11). يەھۋا ئادەملەرنى ياراتقاچقا، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا مەنسۈپ (زەبۇر 100:3). خۇدا ئىنسانىيەت تارىخىدا ھايات كەچۈرگەن پۈتكۈل خەلىقلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە ئالاھىدە مەنسۈپ كىشىلەرنى تاللىۋالغان.
2. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا كىملەر يەھۋاغا ئالاھىدە مەنسۈپ؟
2 مەسىلەن، زەبۇرنىڭ 135-بابىدا يەھۋانىڭ قەدىمكى زاماندىكى سادىق خىزمەتچىلىرى خۇدانىڭ «مىراسى» ياكى ئالاھىدە مۈلكى دەپ ئاتالغان (زەبۇر 135، 4). ھوشىيا پەيغەمبەر بېشارەت قىلغاندەك، ئىسرائىللار ئەمەس بەزى ئادەملەر يەھۋانىڭ خەلقى قاتارىغا كىرەلىگەن (ھوشىيا 2:23). بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەر، خۇدا ئىسرائىللار ئەمەس كىشىلەرنى مەسىھ بىلەن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تاللاشقا باشلىغاندا ئورۇنلانغان (ئەلچىلەر 10:45؛ رىملىقلارغا 9:23—26). مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئادەملەر «مۇقەددەس خەلق» دەپ ئاتالغان. ئۇلار يەھۋانىڭ «ئالاھىدە مۈلكى» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:9، 10). يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار سادىق ئېتىقادچىلار ھەققىدە نېمە ئېيتىلغان؟ يەھۋا ئۇلارنى «خەلقىم» دەپ ئاتىغان (يەشايا 65:22).
3. ئا) بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە؟ ئە) بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۈگۈنكى كۈندە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار «كىچىك پادا»، يەردە ياشاش ئۈمىدى بار «باشقا قويلار» بىلەن يەھۋاغا بىللە «بىر پادا» بولۇپ خىزمەت قىلماقتا (لۇقا 12:32؛ يوھان 10:16). بىز يەھۋا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. بۇ ماقالىدە يەھۋا بىزگە بەرگەن بۇ ئالاھىدە ئىمتىياز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش
4. يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز ۋە ئەيسا ئۇنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇ چاغدىلا، يەھۋاغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ھەممىسى كۆرەلەيدۇ (ئىبرانىيلارغا 12:9). ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە شۇنداق قىلغان. ئەيسا يەھۋاغا مەنسۈپ خەلقتىن چىققان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇنداق ئېيتقاندەك بولغان: «خۇدايىم، ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر» (زەبۇر 40:7، 8).
5، 6. ئا) ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە يەھۋا نېمە دېگەن؟ ئە) بىز ئۆزۈمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا ئۇنىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىنى قانداق مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ؟
5 ئەيسا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە يەھۋا قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن دەرھال سۇدىن چىقتى. شۇ مەزگىلدە ئاسمان ئېچىلىپ، ئەيساغا كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ كېلىۋاتقان خۇدانىڭ روھىنى يەھىيا كۆردى. ھەم ئاسماندىن بىر ئاۋاز: «بۇ مەن ماقۇللايدىغان مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم»،— دېدى» (مەتتا 3:16، 17). ئەيسا ئاللىقاچان يەھۋاغا مەنسۈپ بولغان. لېكىن، يەھۋا ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا ئەيسانىڭ ئۆز ھاياتىنى بېغىشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولغان ئىدى. بىزمۇ ئۆزۈمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئۇ ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ ۋە بىزگە بەرىكەت بېرىدۇ (زەبۇر 149:4).
6 ھەممە نەرسە ئاللىقاچان يەھۋاغا مەنسۈپ بولسا، بىز ئۇنىڭغا يەنە نېمە بېرەلەيمىز؟ مەسىلەن، بىر كىشى بېغىدا چىرايلىق گۈللەرنى ئۆستۈردى دەيلى. بىر كۈنى ئۇنىڭ كىچىك قىزى شۇ گۈللەر ئارىسىدىن بىرىنى ئۈزۈپ، دادىسىغا سوۋغا قىلىدۇ. باغدىكى گۈللەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭكى بولسىمۇ، كۆيۈمچان ئاتا قىزىنىڭ شۇ سوۋغىسىدىن خۇرسەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن قىزنىڭ ئۆز ئاتىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ. ئاتىسى ئۈچۈن ئەمدى بۇ گۈل باغدىكى باشقا گۈللەردىن قىممەتلىك. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ھاياتىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇشال بولىدۇ (چىقىش 34:14).
7. يەھۋانىڭ ئۆزىگە خىزمەت قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى مالاكى قانداق تەسۋىرلىگەن؟
7 مالاكى 3:16نى ئوقۇڭ. ئۆزۈمىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم؟ بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا تۆرەلگەندىن باشلاپ ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىمىز راست. ئەمما، يەھۋا سىزنىڭ ئۇنى ھۆكۈمران سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرگەندە، قەلبى قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە! (پەندى-نەسىھەت 23:15). يەھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى «ھاياتلىق كىتابىغا» يېزىپ قويىدۇ.
8، 9. ئىسىملىرى «ھاياتلىق كىتابىدا» يېزىلغان ئادەملەردىن يەھۋا نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
8 بىز ئىسمىمىزنىڭ داۋاملىق يەھۋانىڭ «ھاياتلىق كىتابىدا» بولۇشىنى خالىساق، بەزى تەلەپلەرنى ئورۇنلىشىمىز لازىم. مالاكى بىزنىڭ يەھۋادىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەگەر بىز يەھۋادىن باشقا بىرىگە ياكى بىرەر نەرسىگە چوقۇنساق، ئىسمىمىز يەھۋانىڭ كىتابىدىن ئۆچۈرىدۇ! (چىقىش 32:33؛ ۋەھىي 3:5).
بىز ھەر كۈنى يەھۋاغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىش-ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز كېرەك
9 دېمەك، يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋەدە بېرىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش يېتەرلىك ئەمەس. بۇ ئىشلارنى ھاياتىمىزدا پەقەت بىرلا قېتىم قىلىمىز. بىراق يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش — بىزنىڭ ھايات تەرزىمىز. بىز ھەر كۈنى يەھۋاغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىش-ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز كېرەك (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:1، 2).
بۇ دۇنياغا خاس ھەۋەسلەرنى رەت قىلىش
10. خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلار ئارىسىدا قانداق پەرق ئېنىق كۆرۈنۈشى كېرەك؟
10 ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، قابىل، سۇلايمان ۋە ئىسرائىل خەلقى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىۋاتىمىز دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا سادىق بولمىغان. بۇ مىساللاردىن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمەن دەپ قويۇشنىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز رەزىللىكنى ئۆچ كۆرۈپ، ياخشىلىقنى سۆيۈشىمىز كېرەك (رىملىقلارغا 12:9). يەھۋا «ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتىش» ئاسان بولىدۇ دەپ ئېيتقان (مالاكى 3:18).
11. بىزنىڭ پەقەت يەھۋاغىلا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىز نېمە ئۈچۈن روشەن كۆرۈنۈشى كېرەك؟
11 يەھۋا بىزنى ئۆز خەلقى سۈپىتىدە تاللىغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى ھەممىسى روشەن كۆرەلىشى زۆرۈر (مەتتا 5:16؛ تىموتىيغا 1-خەت 4:15). ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «باشقىلار مېنىڭ يەھۋاغا پۈتۈنلەي سادىق ئىكەنلىكىمنى كۆرەلەمدۇ؟ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەنمۇ؟» بىز ئۆزۈمىزنىڭ يەھۋاغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن ئۇيالساق، يەھۋانىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! (زەبۇر 119:46؛ مارك 8:38نى ئوقۇڭ).
12، 13. نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىش قىيىن؟
12 بەك ئەپسۇسكى، بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بۇ «دۇنيانىڭ روھىنى» ئۈلگە قىلىدۇ. كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:12). «دۇنيانىڭ روھى» ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىلا ئويلاشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 2:3). مەسىلەن، مۇۋاپىق كىيىنىش ھەققىدە قايتا-قايتا مەسلىھەت بېرىلسىمۇ، بەزىلەر بۇ مەسلىھەتكە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان، يېرىم ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىدۇ، ھەتتا جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغىمۇ شۇنداق كىيىنىپ كېلىدۇ. ياكى بولمىسا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېزلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان چاچ فاسونىنى تاللايدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 2:9، 10). نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ياكى ئەمەسلىكىنى باشقىلارنىڭ پەرق ئېتىشى قىيىن بولىدۇ (ياقۇپ 4:4).
شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان ئادەملەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ (13 بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەردىن ئانچە چوڭ پەرق قىلمايدىغانلىقى يەنە باشقا تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئولتۇرۇشلىرىدا بەزىلەرنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇللىرى ياكى قىلغان قىلىقلىرى خۇدا خىزمەتچىلىرىگە ماس كەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقارغان سۈرەتلىرى ياكى يازغان ئىزاھاتلىرى ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇلار ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنلىكتىن، يەنىلا جامائەتنىڭ ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇلار بۇ دۇنيا كىشىلىرىدىن پەرقلىنىپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان باشقا ئېتىقادچىلارغا يامان تەسىر قىلالايدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:11، 12نى ئوقۇڭ).
14. يەھۋا بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
14 بۇ «دۇنيادىكى ھەممە بار نەرسە» تەننىڭ ھەۋەسلىرى ۋە كۆزنىڭ ھەۋەسلىرىنى كۈچەيتىپ، مال-دۇنيا بىلەن ماختىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ (يوھاننىڭ 1-خېتى 2:16). بىز يەھۋاغا مەنسۈپ بولغانلىقتىن، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەردىن پەرقلىنىمىز. بىز «رەزىللىكنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ»، «ساغلام پىكىرلىكنى، ھەققانىيلىقنى ھەم ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشايمىز» (تىتقا 2:12). بىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىمىز، يەپ-ئىچىش ئادەتلىرىمىز، كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز ھەم ئىشلىگەن ئىشىمىز قاتارلىق ھاياتنىڭ ھەربىر ساھەسىدە يەھۋاغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېنىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:31، 32نى ئوقۇڭ).
بىر-بىرىمىزنى قىزغىن سۆيۈش
15. بىز قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 قېرىنداشلارغا قىلغان مۇئامىلىمىزدىن يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمىز كۆرۈنىدۇ. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش يەھۋانىڭ مۈلكى. ئەگەر بۇنى ئەستە تۇتساق، بىز ھەردائىم ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:15). بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولساڭلار، سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ھەممىسى تونۇيدۇ» (يوھان 13:35).
16. تەۋرات قانۇنىدىن يەھۋانىڭ خەلقىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالىمىز؟
16 تەۋرات قانۇنىدىكى بىر مىسال جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىسىدا پەقەت ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئەسۋاپلار بولغان. قانۇندا لاۋىيلار بۇ ئەسۋاپلارنى قانداق ئىشلىتىشى كېرەكلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇلارنى بۇ كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىشلەتمىگەن كىشىلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (سانلار 1:50، 51). ئەگەر يەھۋا ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان جانسىز ئەسۋاپلارغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنداقتا ئۆزىگە بېغىشلانغان سادىق خىزمەتچىلىرىگە باشقىلارنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىغا ئۇ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەمدۇ؟ بىز تۆۋەندىكى سۆزلەردىن ئۆزۈمىزنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلىۋالىمىز: «كىم سىلەرگە قول تەككۈزسە، مېنىڭ كۆز قارىچۇقۇمغا تېگىدۇ» (زەكەرىيا 2:8، يد).
17. يەھۋا نېمىنى نەزەرىگە ئالىدۇ؟
17 مالاكى پەيغەمبەر ئېيتقاندەك، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى «نەزەرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى» (مالاكى 3:16). «يەھۋا ئۇنىڭغا مەنسۈپلەرنى بىلىدۇ» (تىموتىيغا 2-خەت 2:19). ئۇ بىزنىڭ نېمە ئېيتقان ۋە قىلغانلىقىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ (ئىبرانىيلارغا 4:13). بىز قېرىنداشلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسەك، يەھۋا بۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇ. ئەمما، بىز مېھماندوست، مەرت، مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان بولساق، يەھۋا بۇنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ (ئىبرانىيلارغا 13:16؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:8، 9).
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ
18. بىزنى ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقى ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟
18 بىز يەھۋاغا ئۇنىڭ خەلقى سۈپىتىدە مەنسۈپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. ئۆز ھاياتىمىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغانلىقىمىزنىڭ ئەڭ دانا قارار بولغانلىقىنى بىلىمىز. «بۇ بۇزۇلۇپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا» ياشىساقمۇ، «كەمچىلىكسىز» بولۇپ، «دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ» پارلىيالايمىز (فىلىپپىلىقلارغا 2:15). شۇڭا، بىز يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشقا بەل باغلىدۇق (ياقۇپ 4:7). بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز، ئۇلارنىڭمۇ خۇداغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايمىز (رىملىقلارغا 12:10).
19. يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟
19 مۇقەددەس كىتابتا: «يەھۋا ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ»،— دېگەن ۋەدە بار (زەبۇر 94:14، ي د). نېمە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سۆزلەر يەھۋا بىز بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىدۇ. شۇڭا، ھاياتىمىزدىن ئايرىلساقمۇ، ئۇ بىزنى ئۇنتۇمايدۇ (رىملىقلارغا 8:38، 39). «ئەگەر ياشىساق، يەھۋا ئۈچۈن ياشايمىز ھەم ئەگەر ئۆلسەك، يەھۋا ئۈچۈن ئۆلىمىز» (رىملىقلارغا 14:8). يەھۋانىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ھەممە سادىق دوستلىرىنى تىرىلدۈرىدىغان ۋاقىت-سائىتىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز (مەتتا 22:32). ھەتتا، ھازىر بىزدە ئاتىمىز بەرگەن ئاجايىپ سوۋغاتلار ئاز ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، «پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر» (زەبۇر 33:12).