مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

كىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشنى خالايسىز؟‏

كىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشنى خالايسىز؟‏

‏«ئۇنىڭ ئىسمىغا كۆرسىتىلگەن مېھىر-‏مۇھەببىتىڭلارنى ھەم.‏.‏.‏ ئەمگىگىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىدەك،‏ خۇدا ھەققانىيسىز ئەمەستۇر» (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 4،‏ 51

1.‏ بىز ھەممىمىز نېمىنى خالايمىز؟‏

سىز تونۇيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشى ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسا،‏ بولۇپمۇ سىزنى ئەسكە ئالالمىسا،‏ سىز قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟‏ ئەلۋەتتە،‏ بۇ كۆڭلۈڭىزنى بەك ئاغرىتىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى ھەممىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى تونۇشىنى ۋە ئېتىراپ قىلىشىنى خالايمىز.‏ ئەمما،‏ ئادەملەرنىڭ بىزنى پەقەت تونۇشىنىلا ئەمەس،‏ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئۇتۇقلىرىمىزنى بىلىشىنى خالايمىز (‏سانلار 11:‏16؛‏ ئايۇپ 31:‏6‏)‏.‏

2،‏ 3.‏ قوبۇل قىلىشقا ئېرىشىش ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىز قانداق قىلىپ ناتوغرا ئارزۇ-‏ھەۋەسكە ئايلىنىشى مۇمكىن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)‏.‏

2 ئەگەر بىز ئېھتىيات قىلمىساق،‏ بۇ ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىز ناتوغرا ھەۋەسكە ئايلىنىشى مۇمكىن.‏ شەيتاننىڭ دۇنياسى بىزنى نام-‏ئاتاق ۋە يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشكە ئۈندەيدۇ.‏ پەقەت ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا شان-‏شەرەپ ۋە ئىبادەتكە لايىق،‏ لېكىن بىز ناتوغرا ئارزۇ-‏ھەۋەسنىڭ تۇزىغىغا چۈشسەك،‏ ئۇنىڭغا لايىق ئىبادەت ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلمەيمىز (‏ۋەھىي 4:‏11‏)‏.‏

3 ئەيسانىڭ زامانىدا بەزى روھىي يېتەكچىلەر كىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش كېرەكلىكى ھەققىدە ناتوغرا كۆزقاراشتا بولغان.‏ ئەيسا شاگىرتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ:‏ «ئۇزۇن كىيىملەردە يۈرۈشنى خالايدىغان،‏ بازار مەيدانلىرىدا سالاملارنى،‏ يەھۇدىي ئىبادەتخانىلاردىكى ئالدىنقى ئورۇنلارنى ھەم زىياپەتلەردە ئەڭ تۆردىكى ئورۇنلارنى ياخشى كۆرىدىغان.‏.‏.‏ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار.‏ ئۇلار قاتتىغىراق ھۆكۈمگە تارتىلىدۇ»،‏—‏ دېگەن (‏لۇقا 20:‏46،‏ 47‏)‏.‏ ئىككى كىچىك تەڭگىنى سالغان نامرات تۇل ئايالنى ماختىغان.‏ بەلكىم،‏ بۇ ئايالنى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بايقىمىغان (‏لۇقا 21:‏1—‏4‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ قوبۇل قىلىشقا ئېرىشىش ھەققىدە ئەيسانىڭ كۆزقارىشى تامامەن باشقىچە بولغان.‏ مۇشۇ ماقالە يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى كۆزقارىشىنى چۈشىنىشىمىزگە ۋە بىزنىڭ ھەم شۇنداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.‏

كىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئەڭ مۇھىم؟‏

4.‏ كىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

4 كىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئەڭ مۇھىم؟‏ كۆپ ئادەملەر ئالىي بىلىم،‏ يۇقىرى مەنسەپ،‏ مال-‏دۇنيا ياكى نام-‏ئابرويغا ئىنتىلىپ،‏ بۇ دۇنيا كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ داڭقىنىڭ چىقىشىنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇس كىمنىڭ تونۇشى ياكى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ:‏ «ئەندى،‏ سىلەر خۇدانى تونۇغاندا،‏ ئېنىقراقى،‏ خۇدا سىلەرنى تونۇغاندا،‏ سىلەر قايتىدىن كۈچسىز ھەم ئەرزىمەس پرىنسىپلارغا قايتىپ،‏ ياڭلىۋاشتىن ئۇلارنىڭ قۇللۇغىغا بېرىلمەكچىمۇسىلەر؟‏»—‏ دېگەن (‏گالاتىلىقلارغا 4:‏9‏)‏.‏ ئالەمنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىنىڭ بىزنى تونۇغىنى نېمە دېگەن چوڭ شان-‏شەرەپ!‏ يەھۋا بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ،‏ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىزنى خالايدۇ.‏ يەھۋا بىزنى ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشىمىز ئۈچۈن ياراتقان (‏ۋەز 12:‏13،‏ 14‏)‏.‏

5.‏ خۇدانىڭ بىزنى تونۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

5 بىلگىنىمىزدەك،‏ مۇسا پەيغەمبەر يەھۋانىڭ دوستى بولغان.‏ ئۇ يەھۋادىن:‏ «ماڭا يوللىرىڭنى ئېچىپ بەرگەيسەن»،‏—‏ دەپ سورىغاندا،‏ يەھۋا ئۇنىڭغا:‏ «سەن ئېيتقان نەرسىنىمۇ مەن قىلىپ بېرىمەن،‏ چۈنكى سەن مېنىڭ كۆزۈمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭ بىلەن تونۇيمەن»،‏—‏ دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى (‏چىقىش 33:‏12—‏17‏)‏.‏ يەھۋا بىزگىمۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتالايدۇ.‏ مۇساغا ئوخشاش،‏ يەھۋانىڭ دوستى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟‏ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز خۇدانى سۆيۈشىمىز ۋە ئۆز ھاياتىمىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلىشىمىز لازىم ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خەت 8:‏3نى ئوقۇڭ)‏.‏

6،‏ 7.‏ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىز قانداق بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن؟‏

6 ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋا بىلەن دوست بولۇپلا قويماي،‏ شۇ قىممەتلىك دوستلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم.‏ گالاتىيادىكى دەسلەپكى ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ بۇ دۇنيادىكى «كۈچسىز ھەم ئەرزىمەس» نەرسىلەرنىڭ،‏ شۇ جۈملىدىن مال-‏دۇنيا ۋە نام-‏ئابروينىڭ،‏ قۇللىقىدىن ئازات بولۇشىمىز كېرەك (‏گالاتىلىقلارغا 4:‏9‏)‏.‏ گالاتىيادىكى ئېتىقادچىلار ئاللىقاچان يەھۋانى تونۇغان،‏ يەھۋا ھەم ئۇلارنى ياخشى تونۇغان.‏ ئەمما،‏ پاۋلۇس دەل شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەرزىمەس نەرسىلەرگە قايتقانلىقىنى ئېيتقان.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئۇ:‏ «ئەرزىمەس ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرگە قايتىپ،‏ يەنىلا شۇلارنىڭ قۇلى بولماقچىمۇسىلەر؟‏»—‏ دەپ سورىغان.‏

7 بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟‏ شۇنداق،‏ مۇمكىن.‏ پاۋلۇسقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ شەيتاننىڭ دۇنياسىدا بايلىق ياكى نام-‏ئاتاققا ئىگە بولۇشتىن ۋاز كەچكەندىمىز ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 3:‏7،‏ 8نى ئوقۇڭ)‏.‏ بەلكىم،‏ بىز ئالىي بىلىم ئېلىش،‏ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش ياكى كۆپ پۇل تېپىشتىن ۋاز كەچتۇق.‏ مۇزىكا ياكى تەن-‏تەربىيە جەھەتتە قابىلىيىتىمىز بولغاچقا،‏ چولپانغا ئايلىنىش ياكى باي بولۇش پۇرسىتىمىز بولسىمۇ،‏ شۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچكەندىمىز (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏24—‏27‏)‏.‏ شۇ پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قويمىغان بولسام،‏ مانا ھازىر ھاياتىم ياخشىراق بولاتتى دەپ،‏ بۇرۇن چىقارغان قارارلىرىمىزغا پۇشايمان قىلىش ئەخمەقلىقتۇر!‏ شۇنداق ئوي-‏خىياللارغا يول قويساق،‏ بۇ دۇنيادىكى «كۈچسىز ۋە ئەرزىمەس» نەرسىلەرگە قايتىشىمىز مۇمكىن * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئارزۇ-‏ئۈمىدىڭىزنى كۈچەيتىڭ

8.‏ يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟‏

8 بىز بۇ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئارزۇ-‏ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈمىزنى يىراق تۇتۇش ئۈچۈن،‏ يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.‏ بۇنى قانداق قىلالايمىز؟‏ ئىككى مۇھىم نەرسىنى ئەستە ساقلىشىمىز لازىم.‏ بىرىنچىسى،‏ يەھۋا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى ھەرقاچان تونۇيدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10نى ئوقۇڭ؛‏ 11:‏6‏)‏.‏ يەھۋا ھەربىر سادىق خىزمەتچىسىنى قەدىرلەيدۇ.‏ شۇڭا،‏ ئۇلارنىڭ بىرىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراشنى «ھەققانىيسىزلىق» دەپ ھېسابلايدۇ.‏ يەھۋا «ئۇنىڭغا مەنسۈپلەرنى بىلىدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خەت 2:‏19‏)‏.‏ ئۇ «ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن» ۋە ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ (‏زەبۇر 1:‏6؛‏ پېترۇسنىڭ 2-‏خېتى 2:‏9‏)‏.‏

9.‏ يەھۋا ئۆز خەلقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟‏ مىسال كەلتۈرۈڭ.‏

9 يەھۋا بەزىدە ئۆز خەلقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇسۇللاردا كۆرسەتكەن (‏تارىخنامە 2-‏يازما 20:‏20،‏ 29‏)‏.‏ مەسىلەن،‏ يەھۋانىڭ ئىسرائىللىقلارنى قىزىل دېڭىزدا فىرئەۋننىڭ كۈچلۈك قوشۇنىدىن قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسكە ئالايلى (‏چىقىش 14:‏21—‏30؛‏ زەبۇر 106:‏9—‏11‏)‏.‏ بۇ ھېكايىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى،‏ ئادەملەر 40 يىلدىن كېيىنمۇ شۇ ھەققىدە ئۇنتۇمىغان (‏يەشۇئا 2:‏9—‏11‏)‏.‏ پات-‏ئارىدا ماگوگ زېمىنىدىن چىققان گوگ،‏ يەنى يەجۈج بىلەن مەجۈج،‏ بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن،‏ يەھۋانىڭ بۇرۇن ئۆز خەلقىگە مېھىر-‏مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسكە ئېلىش بىزگە ئىلھام بېرىدۇ (‏ھەزەكىيال 38:‏8—‏12‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ بۇ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەمەس،‏ خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلگەنلىكىمىزگە بەك خۇشال بولىمىز.‏

10.‏ يەنە نېمىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك؟‏

10 ئېسىمىزدە تۇتىدىغان ئىككىنچى نەرسە —‏ يەھۋا بىزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا كۆرسىتىشى مۇمكىن.‏ باشقىلار كۆرسۇن دەپ،‏ ياخشىلىق قىلىدىغانلار يەھۋادىن ھېچقانداق مۇكاپات ئالمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سەۋەبى،‏ ئەيسا ئېيتقاندەك،‏ بۇ ئادەملەر باشقىلاردىن ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا مۇكاپاتلىرىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ بولغان ‏(‏مەتتا 6:‏1—‏5نى ئوقۇڭ)‏.‏ ‏«يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى» يەھۋا ياخشىلىق قىلغانلىرى ئۈچۈن شان-‏شەرەپكە ئېرىشمىگەن ئادەملەرنى كۆرىدۇ.‏ خۇدا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بايقاپ بەرىكەت بېرىدۇ.‏ بەزىدە يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى كۈتۈلمىگەن ئۇسۇللاردا مۇكاپاتلايدۇ.‏ بۇنىڭ بىرنەچچە مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يەھۋا كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى

11.‏ يەھۋا مەرىيەمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟‏

11 يەھۋا مەرىيەم ئىسىملىك كەمتەر قىزنى ئوغلى ئەيسانىڭ ئانىسى بولۇشقا تاللىغان.‏ مەرىيەم ناسىرە دېگەن كىچىك شەھەردە ياشىغان ئىدى.‏ بۇ شەھەر يېرۇسالىم ۋە شۇ يەردىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن يىراق ئىدى ‏(‏لۇقا 1:‏26—‏33نى ئوقۇڭ)‏.‏ يەھۋا نېمە ئۈچۈن بۇ قىزنى تاللىغان؟‏ پەرىشتە جەبرائىل كېلىپ،‏ مەرىيەمگە:‏ «سەن خۇدانىڭ كۆزىدە ئىلتىپات تاپتىڭ»،‏—‏ دېگەن.‏ تۇغقىنى ئېلىزابېتقا ئېيتقان سۆزلىرىدىن مەرىيەمنىڭ يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (‏لۇقا 1:‏46—‏55‏)‏.‏ يەھۋا خۇدا مەرىيمگە ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كەلگەن،‏ ئاخىرىدا ئۇنى كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا مۇكاپاتلىغان ئىدى.‏

12،‏ 13.‏ يېڭى تۇغۇلغان ئەيساغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن؟‏ مەرىيەم ئۇنى 40 كۈندىن كېيىن ئىبادەتخانىغا ئاپارغاندىچۇ؟‏

12 ئەيسا تۇغۇلغاندا،‏ يەھۋا ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدە كىمگە ئېيتقان؟‏ ئۇ بۇ توغرۇلۇق يېرۇسالىم ياكى بەيتلەھەمدىكى يۇقىرى مەنسەپكە ئىگە كىشىلەرگە ياكى ئەمالدارلارغا ئېيتمىغان.‏ ئەكسىچە،‏ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ،‏ بۇ خەۋەرنى بەيتلەھەمنىڭ ئەتراپىدىكى كەمتەر پادىچىلارغا يەتكۈزگەن (‏لۇقا 2:‏8—‏14‏)‏.‏ ئاندىن بۇ پادىچىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆرۈشكە بارغان (‏لۇقا 2:‏15—‏17‏)‏.‏ يۈسۈپ بىلەن مەرىيەم ئەيسانىڭ مۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىنىنى كۆرۈپ،‏ ھاڭ-‏تاڭ بولغان ئىدى.‏ يەھۋانىڭ ئىش-‏ھەرىكىتى،‏ شەيتاننىڭ ئىش-‏ھەرىكىتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.‏ شەيتان مۇنەججىملەرنى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەندە،‏ يېرۇسالىمدىكى ھەممە ئادەم ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ بۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغان ئىدى (‏مەتتا 2:‏3‏)‏.‏ نەتىجىدە نۇرغۇن بىگۇناھ‍ بوۋاقلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى (‏مەتتا 2:‏16‏)‏.‏

13 تەۋرات قانۇنى بويىچە،‏ ئايال كىشى ئوغۇل بوۋاقنى بوشىنىپ،‏ 40 كۈندىن كېيىن يەھۋاغا قۇربانلىق كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى.‏ مەرىيەم بىلەن يۈسۈپمۇ بۇ قانۇننى ئورۇنلاش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن چىقىپ،‏ تەخمىنەن 9 كىلومېتر يىراقلىقتا جايلاشقان يېرۇسالىمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا قاراپ ماڭغان (‏لۇقا 2:‏22—‏24‏)‏.‏ كېتىۋاتقاندا مەرىيەم:‏ «روھانىي ئەيساغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتەرمېكىن؟‏»—‏ دەپ ئويلىغاندۇ.‏ ئەيساغا ھۆرمەت كۆرسىتىلدى،‏ لېكىن مەرىيەم ئويلىغاندەك ئەمەس.‏ يەھۋا ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن «ھەققانىي ۋە خۇدادىن قورقىدىغان كىشى» شىمون ۋە ئايال پەيغەمبەر،‏ يەنى ھاننا ئىسىملىق 84 ياشتىكى تۇل ئايالنى تاللىغانىدى (‏لۇقا 2:‏25—‏38‏)‏.‏

14.‏ يەھۋا مەرىيەمنى قانداق مۇكاپاتلىغان؟‏

14 يەھۋا مەرىيەمنى ئەيسانى ساداقەتمەنلىك بىلەن تەربىيىلەپ چوڭ قىلغىنى ئۈچۈن داۋاملىق بەرىكەتلىدىمۇ؟‏ ھەئە.‏ خۇدا مەرىيەمنىڭ بەزى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان.‏ ئېھتىمال،‏ مەرىيەم ئەيسا ئۈچ يېرىم يىل ۋەز قىلغان چاغدا،‏ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپەر قىلالمىغان ئوخشايدۇ.‏ بەلكىم،‏ ئۇ تۇل ئايال بولغاچقا،‏ ناسىرە شەھىرىدە تۇرۇشى كېرەك بولغان.‏ شۇڭا،‏ ئۇ باشقىلار كۆرگەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرەلمىگەن.‏ ئەمما،‏ ئەيسا ئۆلگەندە،‏ ئۇ يېنىدا بولغان (‏يوھان 19:‏26‏)‏.‏ كېيىن،‏ يېرۇسالىمدا ئەللىكىنچى كۈن بايرىمى،‏ يەنى ھوسۇل يىغىش بايرىمىدا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا مۇقەددەس روھ چۈشكەندە،‏ مەرىيەممۇ شۇ يەردە بولغان ئىدى (‏ئەلچىلەر 1:‏13،‏ 14‏)‏.‏ دېمەك،‏ ئۇمۇ مايلانغان شاگىرتلارنىڭ ئارىسىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.‏ ئەگەر شۇنداق بولسا،‏ مەرىيەم ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.‏ بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ مۇكاپات!‏

يەھۋا ئوغلىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن

15.‏ ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ يەھۋا ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟‏

15 ئەيسا دىنىي ياكى سىياسىي يېتەكچىلەردىن ھۆرمەت كۈتمىگەن.‏ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان.‏ يەھۋا ئۈچ قېتىم ئاسماندىن ئوغلىغا بېۋاسىتە سۆزلەپ،‏ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.‏ بۇ ئەيسانى سۆزسىز ئىلھاملاندۇرغان!‏ ئۇ ئىئوردان دەرىياسىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە،‏ يەھۋا ئاسماندىن:‏ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم،‏ مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!‏»—‏ دېگەن (‏مەتتا 3:‏17،‏ ئۇم‌ك‌ج)‏.‏ بۇ سۆزلەرنى ئەيسادىن باشقا يەنە پەقەت يەھيا ئاڭلىغان ئوخشايدۇ.‏ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ئۈچ ئەلچى يەھۋانىڭ ئەيسا ھەققىدە:‏ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم.‏ مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن.‏ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!‏»—‏ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان (‏مەتتا 17:‏5،‏ ئۇم‌ك‌ج)‏.‏ ئاخىرىدا ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال يەھۋا يەنە بىر قېتىم ئاسماندىن ئوغلىغا سۆزلىگەنىدى (‏يوھان 12:‏28‏)‏.‏

يەھۋانىڭ ئۆز ئوغلىنى قانداق ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟‏ (‏15—‏17 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16،‏ 17.‏ يەھۋا ئەيسانى كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا قانداق مۇكاپاتلىغان؟‏

16 ئەيسا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ خۇدانى ھاقارەتلىگۈچى دەپ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ۋە مەسخىرە قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەن.‏ بۇنىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ:‏ «مەن خالىغاندەك ئەمەس،‏ بەلكى سەن خالىغاندەك بولسۇن»،‏—‏ دەپ دۇئا قىلغان (‏مەتتا 26:‏39،‏ 42‏)‏.‏ ئەيسا «شەرمەندىچىلىككە پىسەنت قىلماي» ئازاپ تۈۋرۈكىدە بەرداشلىق بەرگەن.‏ سەۋەبى،‏ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئەمەس،‏ ئاتىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش مۇھىمىراق بولغان (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏2‏)‏.‏ يەھۋا ئەيسانى قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟‏

17 ئەيسا يەردە بولغاندا مۇنداق دۇئا قىلغان:‏ «ئاتام،‏ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئاۋۋال سېنىڭ يېنىڭدا بولغان شان-‏شەرىپىم بىلەن مېنى مەدھىيىلىگىن» (‏يوھان 17:‏5‏)‏.‏ مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ بۇنىڭدىن باشقا كۆپرەك نەرسىنى سورىغانلىقى يېزىلمىغان.‏ ئۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى يەردە ئورۇنلىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى كۈتمىگەن.‏ بىراق،‏ يەھۋا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئەيسانى كۈتۈلمىگەن بىر ئۇسۇلدا مۇكاپاتلىغان.‏ ئەيسانى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن،‏ يەھۋا ئاسماندا «ئۇنى تېخىمۇ كۆتەردى».‏ ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئۆلمەس روھىي ھايات بەرگەن.‏ ئىلگىرى ھېچكىم مۇنداق ھاياتقا ئېرىشكەن ئەمەس!‏ * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏9؛‏ تىموتىيغا 1-‏خەت 6:‏16‏)‏.‏ ئەيسانىڭ سادىق خىزمىتى ئۈچۈن يەھۋا ئۇنىڭغا ئاجايىپ سوۋغات بەرگەن،‏ شۇنداق ئەمەسمۇ؟‏!‏

18.‏ بۇ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەمەس،‏ خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟‏

18 بۇ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئەمەس،‏ خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟‏ بىز تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك:‏ يەھۋا ئۆزىگە سادىق خىزمەت قىلغانلارنى ھەرقاچان تونۇيدۇ ۋە پات-‏پات كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا مۇكاپاتلايدۇ.‏ كېلەچەكتە يەھۋا بىزگە ئاجايىپ سوۋغاتلارنى بېرىدۇ.‏ ھازىر بىز بۇ رەزىل دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ،‏ بۇ دۇنيانىڭ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەك.‏ دېمەك،‏ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏17‏)‏.‏ مۇقەددەس كىتابتا ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا ئۇنىڭ ئىسمىغا كۆرسەتكەن مېھىر-‏مۇھەببىتىڭىزنى ۋە ئەمگىگىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ «خۇدا ھەققانىيسىز ئەمەستۇر» (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10‏)‏.‏ ئۇ بىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،‏ بەلكىم بۇنى كۈتۈلمىگەن ئۇسۇلدا قىلىدۇ.‏

^ ‏ 7-‏ئابزاس مۇقەددەس كىتابنىڭ باشقا تەرجىمىسىدە «ئەرزىمەس» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «كېرەكسىز» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن.‏

^ ‏ 17-‏ئابزاس ئىبرانىي يازمىلاردا ئۆلمەس ھايات ھەققىدە ھېچنەرسە يېزىلمىغان.‏ شۇڭا،‏ بۇ ئەيسا ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بەرىكەت بولغان بولۇشى مۇمكىن.‏