«كىم يەھۋانىڭ تەرىپىدە؟»
«سەن بولساڭ تەڭرىڭ خۇداۋەندىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە چاپلىشىپ [تۇرغىن]»(تەكرار قانۇن 10:20).
ناخشىلار: 27، 26
1، 2. ئا) نېمە ئۈچۈن يەھۋا تەرەپتە تۇرۇش دانالىقتۇر؟ ئە) بۇ ماقالىدە، بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
يەھۋا بىلەن دوست بولۇش دانالىقتۇر. ھېچكىم ئۇنىڭدەك قۇدرەتلىك ھەم دانا ئەمەس، يەنە ھېچكىم ئۇنىڭدەك مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلمەيدۇ! ئەلۋەتتە، بىز ھەرقاچان خۇداغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشنى خالايمىز (زەبۇر 96:4—6). بىراق، خۇداغا ئىبادەت قىلغان بەزى ئادەملەر ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرالمىغان.
2 بۇ ماقالىدە، بىز يەھۋانىڭ تەرىپىدە تۇرىمەن، دەپ ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادەملەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇلارنىڭ مىسالىدىن ئالىدىغان مۇھىم ساۋاقلار يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
يەھۋا يۈرىكىمىزنى تەكشۈرىدۇ
3. يەھۋا نېمە ئۈچۈن قابىلغا ياردەم بېرىشكە تىرىشقان ۋە ئۇنىڭغا نېمە دېگەن؟
3 قابىلنىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئۇ ساختا ئىلاھلارغا سەجدە قىلمىغان، شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ياۋۇزلۇققا بولغان مايىللىقنى كۆرگەن (يوھاننىڭ 1-خېتى 3:12). يەھۋا قابىلنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭ، ياقتۇرماي قالىمەنمۇ؟ ئەگەر ياخشىلىق قىلمىساڭ، گۇناھ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرىدۇ ۋە ئۇ ساڭا ئىگە بولماقچى، لېكىن سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟» (يارىتىلىش 4:6، 7). يەھۋانىڭ سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئەگەر قابىل توۋا قىلىپ، خۇدا تەرەپتە تۇرغان بولسا، ئۇمۇ قابىل تەرەپتە تۇراتتى.
4. يەھۋا تەرەپتە تۇرۇش پۇرسىتى بولغاندا، قابىل نېمە ئىش قىلغان؟
4 قابىل كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، يەھۋا ئۇنىڭ ئىبادىتىنى قايتىدىن قوبۇل قىلاتتى. لېكىن، قابىل خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭ ناتوغرا ئوي-پىكىرى ھەم ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۇنى يامان يولغا باشلىغان (ياقۇپ 1:14، 15). ياش چېغىدا قابىل يەھۋاغا قارشى چىقىمەن دەپ ئويلىمىغاندۇ. ئەمما، ئۇ خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، خۇداغا قارشى چىقىپ، ھەتتا ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن.
5. قانداق ئوي-پىكىردە بولساق، يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئايرىلىشىمىز مۇمكىن؟
5 قابىلغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرەر مەسىھىي يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمەن، دەپ ئەمما ئەمەلىيەتتە يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن (يەھۇدا 11). ئۇ ۋەز خىزمىتىگە ۋە جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغا قاتناشسىمۇ، ئەخلاقسىز ئوي-خىياللارغا ھەم ئاچكۆز ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىشى ياكى ئۆچمەنلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئوي-پىكىرىنى باشقۇرۇشىغا يول قويۇشى مۇمكىن (يوھاننىڭ 1-خېتى 2:15—17؛ 3:15). شۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش گۇناھقا باشلالايدۇ. باشقىلار بىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ. ئەمما، يەھۋا بىلىدۇ. ئەگەر بىز چىن قەلبىمىزدىن يەھۋا تەرەپتە تۇرمىساق، ئۇ بۇنى كۆرىدۇ (يەرەمىيا 17:9، 10نى ئوقۇڭ).
6. يەھۋا يامان ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 بىز ھەتتا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەندە، يەھۋا بىزدىن ۋاز كېچىشكە ئالدىرىمايدۇ. ئەگەر بىز خەتەرلىك يولغا قاراپ ماڭساق، ئۇ بىزنى ئۆزى تەرەپكە چاقىرىدۇ: «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار ۋە مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن» (مالاكى 3:7). يەھۋا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ. لېكىن، ئۇ بىزنىڭ بېلىمىزنى بوشاتماي يامانلىققا قارشى تۇرىشىمىزنى خالايدۇ (يەشايا 55:7). ئەگەر شۇنداق قىلساق، ئۇ بىزگە يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ياردەمنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (يارىتىلىش 4:7).
ئالدانماڭلار
7. سۇلايمان يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقتىن قانداق ئايرىلغان؟
7 سۇلايمان ياش ۋاقتىدا يەھۋا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدى. يەھۋا سۇلايمانغا دانالىق بېرىپ، ئۇنىڭغا يېرۇسالىمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنى سېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئەمما، سۇلايمان يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىدىن ئايرىلغانىدى (پادىشاھلار 1-يازما 3:12؛ 11:1، 2). خۇدانىڭ قانۇنىدا پادىشاھ «ئۆزى تولا خوتۇن ئالمىسۇن»، «بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلىدۇ»، دەپ يېزىلغان (تەكرار قانۇن 17:17). سۇلايمان بۇ قانۇنغا بويسۇنمىغان. نەتىجىدە، ئۇ 700 ئايال ۋە 300 كېنىزەكنى ئالغان (پادىشاھلار 1-يازما 11:3). بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يات خەلقتىن بولۇپ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلغان. دېمەك، سۇلايمان يات خەلقتىن ئاياللارنى ئېلىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا قارشى چىققان (تەكرار قانۇن 7:3، 4).
8. سۇلايمان قانداق يامان ئىشلارنى قىلغان؟
8 سۇلايمان ئاستا-ئاستا يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ناھايىتى رەزىل ئىشنى قىلغان. ئۇ ئاشتاروت ۋە كېموش، پادىشاھلار 1-يازما 11:5—8؛ پادىشاھلار 2-يازما 23:13). بەلكىم، سۇلايمان ئىبادەتخانىدا قۇربانلىقلارنى قىلسا، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا كۆز يۇمىدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغان.
دېگەن يالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساپ، ئاياللىرى بىلەن بۇ ئىلاھلارغا سەجدە قىلغان. سۇلايمان شۇ قۇربانلىق سۇپىلارنى يېرۇسالىمدىكى يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تاغنىڭ ئۈستىگە سالغان! (9. سۇلايمان خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغاندا نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
9 يەھۋا گۇناھقا ھېچقاچان كۆز يۇممايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا: «[سۇلايمان] ئۆز كۆڭلىنى ئۇنىڭدىن ياندۇردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداۋەندىنىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا كەلدى»،— دەپ يېزىلغان. يەھۋا سۇلايمانغا ياردەم بېرىشكە ھەرىكەت قىلغان. يەھۋا «ئۆزىنى ئىككى مەرتىۋە ئاشكارە قىلغان... ھەم بۇ ئىشلار توغرىسىدىن ئۇنىڭغا: «باشقا تەڭرىلەرگە ئەگەشمىگىن»،— دەپ ئەمىر بەرگەنىدى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنى تۇتمىغان ئىدى». نەتىجىدە، سۇلايمان خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ھەم ياردىمىدىن ئايرىلغان. يەھۋا سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ۋە ئۇلار نەچچە يۈز يىل كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن (پادىشاھلار 1-يازما 11:9—13).
10. نېمە بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن؟
10 ئەگەر بىز خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغانلار بىلەن دوست بولساق، ئۇلار بىزنىڭ پىكىر
قىلىش ئۇسۇلىمىزغا تەسىر قىلىپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدۇ. شۇنداق دوستلار — جامائەتتىكى خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولمىغان كىشىلەر ياكى يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، خىزمەتداش ۋە سىنىپداشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىمايدىغان ئادەملەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، ئۇلار بىزگە شۇنداق قاتتىق تەسىر قىلالايدۇكى، ھەتتا بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.سىز ئارىلىشىدىغان كىشىلەر يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ (11-ئابزاسقا قاراڭ)
11. دوستلارنى تاللاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:33نى ئوقۇڭ. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى بار. بەلكىم، يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەمىشە يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئېھتىمال، سىز شۇنداق ئادەملەرنى تونۇيدىغانسىز. بۇ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش ياخشى دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ ئۇلار سىزنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ خۇداغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردەم بېرەمدۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم؟ ئۇلار نېمە ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ؟ داۋاملىق مودا كىيىم، پۇل، ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلار، ئويۇن-تاماشا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشامدۇ؟ ئۇلار ھەردائىم باشقىلارنى ئەيىبلەمدۇ؟ ئەدەبسىز چاقچاقلارنى قىلامدۇ؟ ئەيسا: «كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 12:34، ئۇمكج). ئەگەر سىز ئارىلىشىۋاتقان ئادەملەر سىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە يامان تەسىر قىلسا، دەرھال ھەرىكەت قىلىڭ! ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە چەك قويۇڭ، ئەگەر زۆرۈر بولسا ئۇلار بىلەن دوستلۇقنى ئۈزۈڭ (پەندى-نەسىھەت 13:20).
يەھۋا بىزنىڭ سادىق بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ
12. ئا) ئىسرائىللىقلار مىسىردىن ئازات قىلىنغاندىن كېيىن، يەھۋا ئۇلارغا نېمە دېگەن؟ ئە) خۇدا ئىسرائىللىقلارغا سادىق بولۇشنى ئېيتقاندا، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
12 يەھۋا ئىسرائىللىقلارنى مىسىردىن ئازات قىلغان ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ خەلق سىناي تېغىنىڭ ئالدىدا يىغىلغاندا، يەھۋا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا كۆرسەتكەن ئىدى! خەلق قارا بۇلۇت، چاقماق ۋە ئىسنى كۆرۈپ، گۈلدۈرمامىنىڭ ھەم كاناينىڭ ئاۋازىدەك قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغان (چىقىش 19:16—19). كېيىن، ئۇلار يەھۋانىڭ: «مەن سېنىڭ رەببىڭ يەھۋا — مۇتلەق ۋاپالىقنى تەلەپ قىلىدىغان خۇدادۇرمەن»،— دېگىنىنى ئاڭلىغان. ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغان ئادەملەرگە ساداقەتمەن بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى (چىقىش 20:1—6نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئىسرائىللىقلارغا، ئەگەر ئۇلار ئۇ تەرەپتە تۇرسا، ئۇ ھەم ئۇلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر سىز مۇشۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا بولسىڭىز، يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولاتتىڭىز؟ بەلكىم، سىزمۇ شۇ ئىسرائىللىقلارغا ئوخشاش: «يەھۋانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئورۇنلايمىز»،— دەپ ئېيتارسىز (چىقىش 24:3). لېكىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئىسرائىللىقلارنىڭ يەھۋاغا بولغان سادىقلىقى سىنالغان. ئۇلار قانداق سىناققا دۇچ كەلگەن؟
13. ئىسرائىللىقلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى قانداق سىنالغان؟
13 ئىسرائىللىقلار خۇدانىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلدا كۆرسەتكەن كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرگەندە قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، مۇسا سىناي تېغىغا چىقىپ، خەلق ئۈچۈن يەھۋاغا سۆز قىلغان (چىقىش 20:18—21). خەلق شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتسىمۇ، مۇسانىڭ تېخىغىچە تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى چۆلدە يولباشچىسىز قالىدىغاندەك سەزگەن ئوخشايدۇ. ئۇلار نېمە ئىش قىلغان؟ بەلكىم، ئۇلار ئىنسانىي يولباشچىسى مۇساغا ھەددىدىن زىيادە تايانغاچقا، قاتتىق ئەنسىرەپ، ھارۇنغا: «تۇرۇڭ! بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق»،— دېگەن (چىقىش 32:1، 2، ئۇمكج).
14. ئىسرائىللىقلار ئۆزىنى قانداق ئالدىغان ۋە يەھۋا نېمە ئىش قىلغان؟
14 ئىسرائىللىقلار بۇتلارغا سەجدە قىلىشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلگەن (چىقىش 20:3—5). ئەمما، ئۇلار تېزلا ئالتۇن موزايغا سەجدە قىلىپ كەتكەن! ئۇلار يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمىغاندىمۇ، ئۆزلىرىنى يەھۋا تەرەپتە تۇرۇۋاتىمىز دەپ ئالدىغان. ھارۇن موزايغا سەجدە قىلىشنى يەھۋاغا بېغىشلانغان بايرام دەپ ئاتىغان. شۇ چاغدا يەھۋا نېمە ئىش قىلغان؟ ئۇ مۇساغا خەلق «يىرگىنىچلىك ئىش قىلدى» ۋە «ئۇلارغا بۇيرىغان يولدىن قانچىلىك چاپسان ئۇلار چەتنەپ كەتكەن» دېگەن. يەھۋا شۇنچىلىك قاتتىق غەزەپلەنگەنكى، ھەتتا ئۇ پۈتكۈل خەلقنى يوق قىلىشنى ئويلىغان (چىقىش 32:5—10).
ئىسرائىللىقلارغا خۇدا ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىنى بەرگەن
15، 16. مۇسا بىلەن ھارۇن يەھۋا تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
15 يەھۋا — رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا. شۇڭا، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماسلىقنى قارار قىلغان. بۇنىڭ ئورنىغا، ئىسرائىللىقلارغا خۇدا ئۆزى تەرەپتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىنى بەرگەن (چىقىش 32:14). مۇسا خەلقنىڭ بۇتنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ۋە ۋاقىراپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئالتۇن موزاينى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئۇندەك ئېزىۋەتكەن. كېيىن، مۇسا يۇقىرى ئاۋازدا: «كىم يەھۋانىڭ تەرىپىدە؟ ماڭا كېلىڭلار»،— دېگەن ئىدى. لاۋىي ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلغان (چىقىش 32:17—20، 26).
16 ھارۇن ئالتۇن موزاينى ياسىغان بولسىمۇ، باشقا لاۋىيلاردەك توۋا قىلىپ، يەھۋا تەرەپكە ئۆتكەن. بۇ سادىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكارلار تەرەپتە ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەنىدى. بۇ دانا قارار بولغان، سەۋەبى شۇ كۈنى ئالتۇن موزايغا سەجدە قىلغان نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. بىراق، يەھۋا تەرەپتە بولغانلار ئامان قالغان ۋە خۇدا ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (چىقىش 32:27—29).
17. پاۋلۇسنىڭ ئالتۇن موزاي ھەققىدە يازغانلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
17 بىز بۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئەلچى پاۋلۇس: «بىز ئۇلاردەك يامانلىقنى خالىماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ بىزگە مىسال بولۇپ قالدى»،— دېگەن. ئۇ «بۇنىڭ ھەممىسى... بىز ئۈچۈن مىساللاردەك ئەسكەرتمە رېتىدە يېزىلغانلىقىنى» ئېيتقان. كېيىن: «كىم تۇرىمەن دەپ ئويلىسا، يىقىلىپ كېتىشىدىن بايقىسۇن»،— دەپ ئەسكەرتكەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:6، 7، 11، 12). پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇلار يەھۋا بىزنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمما، بىر كىشى خۇدا بىلەن دوست بولۇشنى خالايمەن ياكى مەن خۇداغا سادىق دەپ ئېيتسىلا، بۇ ھەرگىزمۇ يەھۋانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:1—5).
18. نېمە ئىش بىزنىڭ يەھۋادىن يىراقلىشىمىزغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن ۋە بۇ قانداق ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟
18 مۇسانىڭ تاغدىن ئۆزلىرى كۈتكەن ۋاقىتتا چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، خەلق ئەنسىرەشكە باشلىغانىدى. زاماننىڭ ئاخىرى ئۆزۈمىز كۈتكەن ۋاقىتتا كەلمىسە، بىزمۇ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. يەھۋانىڭ كېلەچەك ھەققىدىكى ۋەدىلىرى پات-ئارىدا ئەمەلگە ئاشمايدۇ ياكى بۇ بىز ئۈچۈن پەقەت ئارزۇ-ئارمان دەپ ئويلاپ، دىققىتىمىزنى يەھۋانىڭ خالىغىنىغا ئەمەس، ئۆزۈمىزنىڭ خالىغىنىغا قارىتىشنى باشلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر پەخەس بولمىساق، يەھۋادىن يىراقلىشىپ، بىز ھېچقاچان قىلىشنى ئويلىمىغان يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇمىز.
19. بىز ھەرقاچان نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 يەھۋا بىزنىڭ پەقەت ئۇنىڭغىلا پۈتۈنلەي بويسۇنۇشىمىزنى ۋە ئىبادەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ (چىقىش 20:5). نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ئۇ بىزنى سۆيىدۇ. ئەگەر بىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىمىساق، شەيتاننىڭ كۈتكىنىنى قىلىمىز ۋە بۇ بىزنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، پاۋلۇس: «يەھۋانىڭ قاچىسىدىن ھەم جىنلارنىڭ قاچىسىدىن ئىچەلمەيسىلەر، «يەھۋانىڭ داستىخىنىدىن» ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىدىن يەلەلمەيسىلەر»،— دەپ ئېيتقان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:21).
يەھۋاغا چىڭ چاپلىشىڭ!
20. بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرەيلەيدۇ؟
20 قابىل، سۇلايمان ۋە ئىسرائىللىقلارنىڭ توۋا قىلىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولغانى (ئەلچىلەر 3:19). يەھۋا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەمدىن دەرھال ۋاز كەچمەيدۇ. مەسىلەن، ھارۇننىڭ مىسالىنى ئالساق، خۇدا ئۇنى كەچۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزنى يامان ئىشلاردىن ساقلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب، ماتېرىياللار ۋە قېرىنداشلار ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا دىققىتىمىزنى قاراتساق، ئۇ بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز.
21. بىزنىڭ سادىقلىقىمىز سىنالغاندا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
21 يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبى بار (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:1). بۇ بىزگە «رەزىللىكنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا» پۇرسەت بېرىدۇ (تىتقا 2:11—14نى ئوقۇڭ). بۇ دۇنيادا يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىز ھەردائىم سىنىلىدۇ. خۇدا تەرەپتە تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن «قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە چاپلىشىشقا» بەل باغلاڭ (تەكرار قانۇن 10:20).