كۆزلىرىڭىزنى قەيەرگە تىكتىڭىز؟
«تەلمۈرۈپ ساڭا كۆزلىرىمنى تىكىمەن، ئەي، ئەرشتىكى تەختتە ئولتۇرغۇچى» (زەبۇر 123:1، ئۇمكج).
ناخشىلار: 32، 18
1، 2. كۆزنى يەھۋاغا تىكىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
بىز «ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتىمىز (تىموتىيغا 2-خەت 3:1). يەھۋا بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىپ، يەردە تىنچلىق ئورناتقىچە، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۆز-ئۆزۈمىزدىن: «كىمدىن ياردەم ۋە يېتەكچىلىك سورايمەن؟»— دەپ سورىشىمىز زۆرۈر. بەلكىم، بىز دەرھال: «يەھۋادىن»،— دەپ جاۋاب بېرىدىغاندىمىز. بۇ — بەك ياخشى جاۋاب.
2 كۆزنى يەھۋاغا تىكىش دېگىنىمىز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، كۆزۈمىزنى يەھۋاغا تىكىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قەدىمدە زەبۇر يازغۇچىسى ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىمىزدا كۆزلىرىمىزنى يەھۋاغا تىكىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن (زەبۇر 123:1—4نى ئوقۇڭ). ئۇ كۆزىنى يەھۋاغا تىكىدىغان ئادەمنى، خۇددى غوجايىنىغا كۆز تىكىدىغان قۇلغا ئوخشاتقان. بۇنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ قۇل پەقەت يېمەك-ئىچمەككە ۋە قوغداشقا مۇھتاج بولغاندىلا ئۆز غوجايىنىغا كۆز تىكمەستىن، بەلكى ھەردائىم غوجايىنىنىڭ ئۆزىدىن نېمە قىلىشىنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىش ۋە شۇ بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خۇدا سۆزىنى ھەر كۈنى پۇختا ئۆگىنىپ، بىلگەنلىرىمىزنى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىشىمىز لازىم. شۇندىلا، بىز ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا يەھۋانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز (ئەفەسلىكلەرگە 5:17).
3. كۆزۈمىزنى داۋاملىق يەھۋاغا تىكىشىمىزگە نېمە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن؟
3 بىز داۋاملىق يەھۋاغا كۆز ئۈزمەي قارىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلسەكمۇ، بەزىدە دىققىتىمىز چېچىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەيسانىڭ يېقىن دوستى مارتامۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. ئۇ كۆپ ئىشلار بىلەن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەنىدى (لۇقا 10:40—42). ئەيسا يېنىدا بولغاندا مارتادەك سادىق ئېتىقادچىنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن بولسا، بىزنىڭ ھەم شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز ھەيران قالارلىق ئەمەس. يەھۋاغا قاراتقان دىققىتىمىزنى نېمە بۆلۈۋېتىشى مۇمكىن؟ بۇ ماقالىدە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە بىز كۆزۈمىزنى يەھۋادىن ئۈزمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
ئىمتىيازدىن ئايرىلغان ساداقەتمەن كىشى
4. مۇسانىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرەلمىگەنلىكى نېمە ئۈچۈن بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن؟
4 مۇسا پەيغەمبەر يولباشچىلىق سوراپ، كۆزىنى يەھۋاغا تىككەن. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ «كۆرۈنمەيدىغاننى كۆرگەندەك مەھكەم ئىدى»، دەپ ئېيتىلغان (ئىبرانىيلارغا 11:24—27نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭدا يەنە «مۇسادەك خۇداۋەندە بىلەن يۈزمۇ يۈز سۆزلەشكەن بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قوپمىغانلىغى» يېزىلغان (تەكرار قانۇن 34:10). مۇسا يەھۋا خۇدانىڭ يېقىن دوستى بولسىمۇ، ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ قالغان (سانلار 20:12). نېمە ئۈچۈن؟
5—7. ئىسرائىللىقلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە مۇسا نېمە قىلغان؟
5 ئىسرائىللىقلارنىڭ مىسىردىن چىققىنىغا تېخى ئىككى ئاي بولماي، سىناي تېغىغا يېتىشكە ئاز قالغاندا بىر قىيىنچىلىق پەيدا بولغان ئىدى. خەلق ئىچىدىغان سۇ بولمىغاچقا، نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان. ئۇلار مۇساغا قارشى چىقىپ غەزەپلەنگەندە، مۇسا يەھۋاغا نالە-پەرياد قىلىپ: «بۇ خەلق بىلەن نېمە قىلاي؟ بىرازدىن كېيىن ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىۋېتىدۇ!»— دەپ ئېيتقان (چىقىش 17:4). يەھۋا مۇساغا ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇ مۇساغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ھورىب تېغىدىكى قورام تاشقا ئۇرۇشنى بۇيرۇق قىلغان. مۇقەددەس كىتابتا: «مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا دەل شۇنداق قىلدى»،— دەپ يېزىلغان. شۇ چاغدا قورام تاشتىن سۇ چىقىپ، ئۇسساپ كەتكەن خەلق قانغىچە سۇ ئىچكەن. شۇنداق قىلىپ خەلقنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنغانىدى (چىقىش 17:5، 6).
6 مۇقەددەس كىتابتا، مۇسا شۇ يەرنى ماسسا ھەم مەرىبا، دەپ ئاتىغانلىقى ئېيتىلغان. ماسسا — «سىناش» دېگەننى، مەرىبا — «جېدەل-ماجىرا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇ جاينى ماسسا ھەم مەرىبا، دەپ ئاتىغان؟ چۈنكى، شۇ جايغا كەلگەندە ئىسرائىللىقلار جېدەللىشىپ: ««ئارىمىزدا زادى يەھۋا بارمۇ ياكى يوقمۇ؟»— دەپ يەھۋانى سىنىغان ئىدى» (چىقىش 17:7).
7 يەھۋا مەرىبادا پەيدا بولغان قىيىنچىلىققا قانداق قارىغان؟ يەھۋا بۇنى ئىسرائىللىقلارنىڭ زەبۇر 95:8، 9نى ئوقۇڭ). خەلق چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن، ئەمما مۇسا بۇ ۋەزىيەتتە توغرا ئىش قىلغان ئىدى. ئۇ كۆزىنى يەھۋاغا تىكىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلىغان.
پەقەت مۇساغا ئەمەس، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققانلىقى دەپ ھېسابلىغان (8. ئىسرائىللىقلار چۆلدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئاز قالغاندا قانداق ۋەقە يۈز بەرگەن؟
8 تەخمىنەن 40 يىلدىن كېيىن، ئىلگىرىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق ۋەقە يۈز بەرگەن؟ بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللىقلار چۆلدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئازلا قالغانىدى. ئۇلار ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ چېگرىسىغا يېقىن قادېش، دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەن. بۇ يەر ھەم مەرىبا، دەپ ئاتالغان ئىدى * (ئىزاھاتقا قاراڭ.) نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئىچىدىغان سۇ بولمىغانلىقتىن، ئىسرائىللىقلار يەنە نارازىلىق بىلدۈرگەن (سانلار 20:1—5). لېكىن، مۇسا بۇ قېتىم چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن.
9. يەھۋا مۇساغا نېمە ئىش قىلىشنى بۇيرىغان، بىراق مۇسا نېمە ئىش قىلغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
9 خەلق ئىسىيان كۆتەرگەندە مۇسا نېمە ئىش قىلغان؟ ئۇ يەنە يەھۋادىن يولباشچىلىق سورىغان. لېكىن، بۇ قېتىم يەھۋا مۇسانى قورام تاشنى ئۇرۇشقا بۇيرىمىغان ئىدى. خۇدا مۇساغا قولىغا ھاسىنى ئېلىپ، ئادەملەرنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغىشنى، ئاندىن كېيىن قورام تاشقا قاراپ سۆزلەشنى بۇيرىغان (سانلار 20:6—8). مۇسا يەھۋا ئېيتقاندەك قىلدىمۇ؟ ياق، مۇسا قاتتىق غەزەپلەندى، ھەتتا خەلقكە ۋاقىراپ: «ئەي ئاسىيلار، ئاڭلاڭلار. بۇ قورام تاشتىن سىلەرگە سۇ چىقىرىمىزمۇ؟»— دېگەن. كېيىن، ئۇ قورام تاشنى بىر ئەمەس، ئىككى قېتىم ئۇرغان (سانلار 20:10، 11).
10. مۇسانىڭ قىلغان ئىشىغا خۇدا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
10 يەھۋا مۇساغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، غەزەپكە تولغان (تەكرار قانۇن 1:37؛ 3:26). نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، مۇسا يەھۋانىڭ يېڭى كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سالمىغان ئىدى.
11. مۇسا قورام تاشنى ئۇرغاندا، ئىسرائىللىقلار نېمە ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى يەھۋا قىلمىغان دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى؟
11 يەھۋانىڭ مۇساغا غەزەپلىنىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى مەرىبادىكى قورام تاشنىڭ تەركىۋى قاتتىق گرانىت بولغان. گرانىت تاشنى قانچە قاتتىق ئۇرغان بىلەنمۇ، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ، دەپ ھېچكىم كۈتمەيدۇ. ئىككىنچى مەرىبا، دەپ ئاتالغان جايدىكى تاشلارنىڭ تەركىۋى بىرىنچىسىگە قارىغاندا تامامەن باشقىچە بولغان. بۇ جايدىكى تاشلارنىڭ تەركىبى يۇمشاق ھاك تاش بولغان. ھاك تاش ئادەتتە ئۆزىگە سۇنى سىڭدۈرۈۋالىدۇ. ئەگەر ئادەملەر قورام تاشنى تەشسە، سۇ چىقىرالاتتى. شۇڭا، مۇسا قورام تاشقا قاراپ سۆزلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۇرغاندا، خەلق نېمە دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلار سۇ يەھۋا مۆجىزە كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس، ئۆزلىگىدىن تەبىئىي پەيدا بولدى، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). بىز بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز.
مۇسا خۇداغا بويسۇنمىغان
12. يەھۋانىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا غەزەپلەنگەنلىگىنىڭ يەنە قانداق سەۋەبى بولغان بولۇشى مۇمكىن؟
12 يەھۋانىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا غەزەپلەنگەنلىگىنىڭ باشقىمۇ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. مۇسا خەلقكە: «بۇ قورام تاشتىن سىلەرگە سۇ چىقىرىمىزمۇ؟»— دېگەن. بەلكىم، ئۇ «چىقىرىمىزمۇ» دېگەن سۆزنى ئۆزى ۋە ھارۇننى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن يەھۋاغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى كۆرۈنگەن، چۈنكى ئۇ شۇ مۆجىزىنى يەھۋانىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتمىغان. زەبۇر 106:32، 33تە: «ئۇلار يەنە مەرىبا سۇلىرى بويىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپكە كەلتۈردى، ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغا يامان بولدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بېخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى»،— دەپ يېزىلغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (سانلار 27:14). مۇسا يەھۋاغا لايىق شان-شەرەپنى كۆرسەتمىگەن. شۇڭا، يەھۋا مۇسا بىلەن ھارۇنغا: «مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى تۇتمىدىڭلار»،— دەپ ئېيتقان ئىدى (سانلار 20:24). بۇ ھەقىقەتەن بەك ئېغىر گۇناھ!
13. يەھۋانىڭ مۇسانى جازالىغانلىقى نېمە ئۈچۈن توغرا ۋە ئادىل بولغان؟
13 مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يەھۋانىڭ ئالدىدىكى جاۋابكارلىقى ئېغىر ئىدى، چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان (لۇقا 12:48). ئۆتمۈشتە، يەھۋا ئۆزىگە قارشى چىققان بىر ئەۋلاد ئىسرائىللىقلارنىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان (سانلار 14:26—30، 34). شۇ سەۋەبتىن، يەھۋاغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن مۇسانىڭمۇ ئوخشاشلا جازالانغانلىقى توغرا ۋە ئادىل بولغان. مۇسامۇ باشقا ئىسىيانچىلارغا ئوخشاش ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرەلمىگەن.
بويسۇنماسلىقىنىڭ سەۋەبى
14، 15. نېمە ئۈچۈن مۇسا يەھۋاغا بويسۇنمىغان؟
14 مۇسا نېمە سەۋەبتىن يەھۋاغا بويسۇنمىغان؟ يەنە بىر قېتىم زەبۇر 106:32، 33تىكى سۆزلەرگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرايلى: «ئۇلار يەنە مەرىبا سۇلىرى بويىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپكە كەلتۈردى، ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغا يامان بولدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بېخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى». ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىسىيان كۆتىرىپ، قارشى چىققىنى يەھۋا خۇدا بولسىمۇ، ئەمما مۇسا بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقلانغانىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغاچقا، ئاقىۋېتىنى ئويلىمايلا سۆزلىگەن.
15 مۇسا دىققىتىنى باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارىتىپ، كۆزىنى يەھۋاغا تىكمىگەن. خەلق ئىچىشكە سۇ يوق بولغىنى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەندە، مۇسا توغرا ئىش قىلغانىدى (چىقىش 7:6). ئەمما، خەلق نۇرغۇن يىل داۋاملىق قايتا-قايتا ئىسىيان كۆتەرگەنلىكتىن، مۇسا چارچىغان ۋە خەلقنىڭ ئىش-ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن تېرىككەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ بەلكىم يەھۋاغا شان-شەرەپ كۆرسىتىش ھەققىدە ئويلاشنىڭ ئورنىغا، پەقەت ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە ئويلىغان.
16. نېمە ئۈچۈن مۇسانىڭ ئىش-ھەرىكىتى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك؟
16 ھەتتا، مۇسادەك سادىق پەيغەمبەرنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، گۇناھ قىلغان بولسا، بىزمۇ ھەم شۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولۇشىمىز مۇمكىن. مۇسا ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى. بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە يېڭى دۇنيانىڭ پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:13). ئەلۋەتتە، بۇ ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمىز. شۇڭا، بىز بوسۇغىدىن ئاتلاپ، يېڭى دۇنياغا قەدەم قويۇش ئۈچۈن، كۆزۈمىزنى يەھۋاغا تىكىپ، دائىم ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (يوھاننىڭ 1-خېتى 2:17). بىز مۇسانىڭ خاتالىقىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز (باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى دىققىتىڭىزنى چاچمىسۇن
17. باشقىلار بىزنى تېرىكتۈرگەندە، ئۆزۈمىزنى قانداق تۇتۇۋالالايمىز؟
17 باشقىلار سىزنى تېرىكتۈرگەندە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ. بەزىدە بىز بىر قىيىنچىلىققا قايتا-قايتا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا: «ياخشىلىق قىلىپ ھارمايلى، چۈنكى ئەگەر ئاجىزلىشىپ قالمىساق، ئۆز ۋاقتىدا ھوسۇل ئالىمىز»،— دەپ يېزىلغان (گالاتىلىقلارغا 6:9؛ سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 3:13). ئەگەر بىر كىشى ياكى بىر ئىش بىزنى قايتا-قايتا تېرىكتۈرسە، سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئويلىنىمىزمۇ؟ بىز ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋالالايمىزمۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 10:19؛ 17:27؛ مەتتا 5:22). باشقىلار ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرگەندە، «خۇدانىڭ غەزىپىگە» يول بېرىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم (رىملىقلارغا 12:17—21نى ئوقۇڭ). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىز كۆزۈمىزنى يەھۋاغا تىكسەك، ئۇنىڭ غەزىپىگە يول بېرىش ئارقىلىق ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتىمىز ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى بىرتەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز كۆزۈمىزنى يەھۋاغا تىكمەي، ئۆزۈمىز ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساق، بۇ يەھۋاغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
18. كۆرسەتمىلەرگە ئەگىشىش ھەققىدە نېمىنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەك؟
18 ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىڭ. يەھۋا بەرگەن يېڭى كۆرسەتمىلەرگە ماس سادىق يول تۇتۇۋاتىمىزمۇ؟ بىز كۆرسەتمىلەر بويىچە يول تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە ئىلگىرى ئۆزۈمىز ئادەتلەنگەندەك ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئەكسىچە، يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق بەرگەن يېڭى كۆرسەتمىلىرى بويىچە دەرھال ھەرىكەت قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك (ئىبرانىيلارغا 13:17). شۇنداقلا، بىز ئېھتىياتچان بولۇپ، «يېزىلغاننىڭ چېكىدىن چىقماسلىقىمىز» زۆرۈر (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 4:6). بىز يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشسەك، كۆزۈمىزنى داۋاملىق ئۇنىڭغا تىكىمىز.
باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرى مۇساغا قانداق تەسىر قىلغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ (19-ئابزاسقا قاراڭ)
19. باشقىلارنىڭ خاتالىقى يەھۋا بىلەن دوستلىقىمىزنى بۇزماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
19 باشقىلارنىڭ خاتالىقى يەھۋا بىلەن دوستلىقىڭىزنى بۇزۇشىغا يول بەرمەڭ. كۆزۈمىزنى دائىم يەھۋاغا تىكىدىغان بولساق، باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزمايمىز ۋە ئاچچىقلانمايمىز. ئەگەر بىز خۇدا تەشكىلاتىدا مۇساغا ئوخشاش مۇھىم بىر ۋەزىپىگە ئىگە بولغان بولساق، مۇشۇنداق قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. ئەلۋەتتە، قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن ھەربىرىمىز تىرىشىپ، يەھۋاغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (فىلىپپىلىقلارغا 2:12). ئەمما يەھۋانىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيىتىمىز قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ (لۇقا 12:48). ئەگەر يەھۋانى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسەك، ھېچنەرسە بىزگە پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ ۋە ھېچنەرسە بىزنى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ (زەبۇر 119:165؛ رىملىقلارغا 8:37—39).
20. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
20 بىز ناھايىتى قىيىن بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ھەردائىم «ئەرشتىكى تەختتە ئولتۇرغۇچى» يەھۋاغا كۆز تىكىشىمىز بەك مۇھىم. شۇ چاغدىلا ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. بىز باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى بۇزۇشىغا ھەرگىز يول بەرمەسلىكىمىز لازىم. مۇسانىڭ مىسالىدىن قانداق مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز؟ باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا، يەھۋا «بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە»، ئۇنىڭغا كۆز تىكىشكە بەل باغلايلى (زەبۇر 123:1، 2، ئۇمكج).
^ 8-ئابزاس مەرىبا، دېگەن ئىككى جاي بولغان. بىرىنچى مەرىبا دېگەن جاي ماسسا دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، رەفىدىمغا يېقىن جايلاشقان. ئىككىنچى مەرىبا دەپ ئاتالغان جاي قادېش، دېگەن جايغا يېقىن بولغان. گەرچە، بۇ ئىككى جاي ئوخشاش بىر يەرنى كۆرسەتمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلا جاي مەرىبا، دەپ ئاتالغان. سەۋەبى، ئىسرائىللىقلار ئىككىلا جايدا جېدەل-ماجىرا چىقارغان («مۇقەددەس كىتاب. مەدھىيە تەرجىمىسىنىڭ» 7-قوشۇمچىسىدىكى خەرىتىنى قاراڭ).
^ 11-ئابزاس بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ھېكايىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىسىيانچىلار بۇنى مۆجىزە، دەپ قارىمىغان، سەۋەبى ئۇلار مۇسا بۇ قورام تاشتا سۇ بارلىقىنى بىلەتتى، دەپ ئويلىغان. شۇڭا، ئۇلار مۇسانىڭ باشقا قورام تاشنى ئۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم مۆجىزە قىلىشىنى سورىغان. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدىغان رىۋايەت.
^ 12-ئابزاس 1989-يىل، 1-يانۋار سانىنىڭ «كۈزىتىش مۇنارىدىكى» «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.