مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى

ئەگەر ئېتىقادچى ئۆزىنىڭ نىكاھلىق جورىسى ئەمەس يات جىنسلىق كىشى بىلەن زۆرۈر ئەمەس ئەھۋالدا كېچىدە بىرگە قونۇپ قالسا،‏ بۇ ئۇلار گۇناھ قىلغانلىق ھېسابلىنىپ،‏ سوت كومىتېتىنى تەشكىللەش كېرەكمۇ؟‏

زۆرۈر ئەمەس ئەھۋالدا پەقەت شۇ ئىككىسى بىرگە قونۇپ قالغانلىقى ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغانلىقىغا كۈچلۈك ئىسپات بولالايدۇ.‏ شۇ سەۋەبتىن،‏ ئەگەر ھېچقانداق بىر مۇھىم سەۋەبى بولمىسا،‏ سوت كومىتېتىنى تەشكىللەش لازىم (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خەت 6:‏18‏)‏.‏

ئاقساقاللار كېڭىشى سوت كومىتېتىنى تەشكىللەشنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى قارار قىلىش ئۈچۈن ھەربىر ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىدۇ.‏ مەسىلەن،‏ ئۇلار تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەرنى ئېنىقلايدۇ:‏ ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنمۇ؟‏ ئاقساقاللار بۇرۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇلارغا مەسلىھەت بەرگەنمۇ؟‏ ئۇلار نېمە سەۋەبتىن كېچىدە بىرگە قونۇپ قالغان؟‏ شۇنداق قىلىشنى ئالدىن-‏ئالا پىلان قىلغانمۇ؟‏ ئۇلارنىڭ بىرگە قونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن باشقا ئاماللار تېپىلاتتىمۇ؟‏ ياكى بولمىسا كۈتۈلمىگەن ۋەقە ياكى جىددىي ئەھۋال تۈپەيلىدىن بىرگە قونۇپ قېلىشتىن باشقا ئاماللىرى يوق بولغانمۇ؟‏ (‏ۋەز 9:‏11‏)‏.‏ ئۇلار قەيەردە ئۇخلىدى؟‏ ھەربىر ۋەزىيەت بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدۇ،‏ شۇڭا ئاقساقاللارنىڭ قارارىغا تەسىر قىلىدىغان باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن.‏

ئاقساقاللار كېڭىشى ھەممە تەپسىلاتلارنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن،‏ سوت كومىتېتىنى تەشكىللەشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ.‏