«ھەرقانداق ئادەملەرگە» ھېسداشلىق كۆرسىتەيلى
ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە خۇش خەۋەر ئېيتىشنى ئۆگەتكەندە، ئادەملەرنىڭ ھەردائىم ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشاشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (لۇقا 10:3، 5، 6). بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز ئېيتقان خەۋەرگە ئادەملەر ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بەزىلىرى قوپال سۆزلىسە، باشقىلىرى غەزەپلىنىدۇ. شۇنداق چاغلاردا، بىز ئۈچۈن ئادەملەرگە ھېسداشلىق كۆرسىتىش ياكى ۋەز قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم ئۆزگىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئەگەر ۋەز خىزمىتىدە ئۇچراتقان ئادەملەرگە ھېسداشلىق كۆرسەتمىسەك، نېمە ئىش بولىدۇ؟ ۋەز قىلىش قىزغىنلىقىمىز سوۋۇپ كېتىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر ئېيتىشنى خالىمايدىغان بولىمىز. شۇنداق بولسا، ئادەملەرگە ياردەم بېرەلمەيمىز. قىزغىنلىقنى ئوت بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئوت يالقۇنلاپ كۆيۈشى ئۈچۈن كۆپ ئوتۇن كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، ۋەز خىزمىتىدە قىزغىن بولۇش ئۈچۈن بىز ئادەملەرگە ئىچ ئاغرىتىشىمىز كېرەك (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:19).
ھەتتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە باشقىلارغا ھېسداشلىق كۆرسىتىشنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟ بىز يەھۋا خۇدا، ئەيسا مەسىھ ياكى ئەلچى پاۋلۇسلارنى ئۈلگە قىلالايمىز.
يەھۋانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئادەملەر يەھۋا ھەققىدە يالغان سۆزلەرنى ئېيتىپ كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا «شۈكۈر ئېيتمايدىغان ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىباندۇر» (لۇقا 6:35، يد). ئۇ مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ يەھۋا بارلىق ئىنسانلارغا سەۋرچان بولۇپ، «ھەرقانداق ئادەملەرنىڭ» قۇتقۇزۇلۇشىنى خالايدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 2:3، 4). خۇدا رەزىللىكنى ئۆچ كۆرسىمۇ، ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ۋە ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايدۇ (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9).
شەيتاننىڭ ئادەملەرنى ئۆز يالغانچىلىقلىرىغا ئىشەندۈرۈشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى يەھۋا ياخشى بىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 4:3، 4). كۆپ ئادەملەر كىچىكىدىن خۇدا ھەققىدە يالغان گەپلەرنى ئاڭلىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەمما يەھۋا ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تەشنا. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟
مەسىلەن، يەھۋانىڭ نىنەۋە شەھىرىدىكى ئادەملەر ھەققىدە قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. گەرچە ئۇلار زوراۋان بولسىمۇ، يەھۋا يۇنۇس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئوڭ قولىنى سول قولىدىن پەرق قىلالمايدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى تۇرغان... نىنەۋەدەك بۇ بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟» (يۇنۇس 4:11). يەھۋا ئۆزى ھەققىدە ھەقىقەتنى بىلمىگەن شۇ ئادەملەرگە ئىچ ئاغرىتقان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يۇنۇسنى ئەۋەتكەن.
بىزمۇ باشقىلارغا يەھۋادەك ھېسسىياتتا بولىمىز. ئادەملەر ناھايىتى قەدىرلىك. ھەتتا ئادەملەر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارغا خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا ياردەم بېرىشكە تەشنا.
ئەيسانىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
ئاتىسىغا ئوخشاش، ئەيسانىڭمۇ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىغان، «چۈنكى ئۇلار پادىچىسىز قالغان قويلاردەك قىينىلىپ ھەم تارىلىپ كەتكەن ئىدى» (مەتتا 9:36). ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى چۈشەنگەن. دىنىي رەھبەرلەر ئۇلارغا يامان مۇئامىلە قىلىپ، يالغان تەلىملەرنى ئۆگەتكەن ئىدى. گەرچە ئەيسا ئۆز تەلىملىرىنى ئاڭلاشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ شاگىرتى بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇلارغا كۆپ تەلىم بەرگەن (مارك 4:1—9).
ئەگەر بىرى دەسلەپتە قۇلاق سالمىسا، ئۈمىدسىزلەنمەڭ
ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر بولغاندا ھەقىقەتكە بولغان كۆزقارىشىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن
ئادەملەر خۇش خەۋەرگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولغاندا، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بەلكىم، ئۇلار ئۆزىنى مەسىھىي دەپ ئاتىغانلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، مۇقەددەس كىتاب ياكى مەسىھىيلەر ھەققىدە يامان ئوي-پىكىردە بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا بەزىلەر
ئېتىقادىمىز ھەققىدە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندۇ. يەنە بەزىلەر بىز بىلەن سۆزلەشسە، تۇغقانلىرى ۋە خولۇم-قوشنىلىرى ئۇلارنى زاڭلىق قىلىدۇ دەپ قورقۇشى مۇمكىن.بەلكىم، بىز ئۇچرىتىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، كۆڭلى سۇنغان. يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتىدىغان بىر ئايال قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋەز قىلىدىغان رايوندا ئۇرۇش سەۋەبلىك ئادەملەر ھەممە مال-مۈلكىدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ھېچقانداق ئۈمىدى يوق. ئۇلار قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ رايوندىكى ئادەملەر ھەردائىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ۋەز قىلىشىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان. بىر قېتىم بۇ قېرىندىشىمىز ۋەز قىلىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان.
ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا يامان مۇئامىلە قىلىشىغا قارىماستىن، بۇ قېرىنداش نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ھېسداشلىقنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ ھەردائىم پەندى-نەسىھەت 19:11دىكى: «دانىشمەنلىك ئېگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار»،— دېگەن سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. شۇ رايوندىكى ئادەملەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە ئويلاش ئۇنىڭ شۇ كىشىلەرگە ھېسداشلىق كۆرسىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا سوغۇق مۇئامىلە قىلمايدۇ. بۇ رايوندا ئۇنى ياخشى تىڭشايدىغان بەزى ئادەملەر بار.
بىزمۇ ئۆز-ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «ئەگەر ھەقىقەتنى بىلمىگەن بولسام، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ماڭا ۋەز قىلىپ كەلسە، قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتىم؟» مەسىلەن، بىز گۇۋاھچىلار ھەققىدە كۆپ يالغان گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساقچۇ؟ بەلكىم، بىزمۇ سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، بىزگە ھېسداشلىق كۆرسىتىلىشكە مۇھتاج بولاتتۇق. ئەيسا: «كىشىلەرنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار»،— دەپ ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن، ھەتتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، باشقىلارنىڭ ئوي-پىكرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ، سەۋرچان بولۇشىمىز لازىم (مەتتا 7:12).
ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ھېسداشلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
ئەلچى پاۋلۇس ۋەز قىلغاندا ھەتتا ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلغان ئادەملەرگە ھېسداشلىق كۆرسەتكەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولغانلىقىنى ئەسكە ئالغان. پاۋلۇس بۇ ھەققىدە: «مەن خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى، تەقىپلىگۈچى [زىيانكەشلىك قىلغۇچى] ھەم ھاكاۋۇر بولساممۇ، ماڭا رەھىملىك كۆرسىتىلدى، چۈنكى مەن نادان ئېدىم ۋە ئىشەنمىگەنلىكىمدىن مۇشۇنداق قىلغان ئېدىم»،— دەپ ئېيتقان (تىموتىيغا 1-خەت 1:13). پاۋلۇس ئۆزىگە يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ زور مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ ۋەز خىزمىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئادەملەرنى چۈشەنگەن، سەۋەبى ئىلگىرى ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى.
بەزىدە پاۋلۇس ساختا تەلىملەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئادەملەرنى ئۇچراتقان. ئۇ شۇلارغا قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟ ئەلچىلەر 17:16دە، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە بولغاندا، «شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بېئارام بولدى» دەپ تىلغا ئېلىنغان. بىراق، پاۋلۇس ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئادەملەرگە ياخشى گۇۋاھلىق بەرگەن (ئەلچىلەر 17:22، 23، ئۇمكج). «بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن» پاۋلۇس ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كېلىپ چىقىشى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرگە ھەرخىل ئۇسۇلدا سۆز قىلىشقا ئادەتلەنگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:20—23).
خۇش خەۋەر ئېيتقىنىمىزدا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان ياكى خاتا تەلىملەرگە ئىشىنىدىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلغاندا، پاۋلۇستىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ. شۇلار ھەققىدە بىلگەنلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەلەيمىز (يەشايا 52:7). دوروتى ئىسىملىق قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر «خۇدا تاش يۈرەك ۋە رەھىم-شەپقەتسىز» دەپ ئويلايدۇ. مەن مۇنداق ئادەملەرنى خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ماختايمەن. كېيىن يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە كېلەچەككە بولغان ۋەدىلىرى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن».
«يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار»
بۇ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسىرى، بەزى ئادەملەرنىڭ كۆزقارىشى «تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىدۇ» (تىموتىيغا 2-خەت 3:1، 13). بىراق، بىز باشقىلارنىڭ خۇش خەۋەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى سەۋەبلىك ھېسداشلىق ۋە شاد-خوراملىقىمىزنى يۈتەرمەسلىكىمىز كېرەك. يەھۋا بىزگە «يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىش» ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ (رىملىقلارغا 12:21). جېسسىكا ئىسىملىك بىر قېرىنداش يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ۋە خۇش خەۋەرنى زاڭلىق قىلىدىغان تەكەببۇر ئادەملەرنى دائىم ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە: «بۇ مېنى تېرىكتۈرىدۇ. بىراق بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى باشلىغاندا، ئىچىمدە يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، شۇ ئادەمگە ئۇنىڭ كۆزقارىشى بىلەن قاراشقا ياردەم سورايمەن»،— دەيدۇ. شۇنداق قىلىش جېسسىكاغا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماي، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
بىز ھەقىقەتنى تېپىشقا ئىنتىلىدىغانلارنى ھارماي-تالماي ئىزدەيمىز
ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بەزىلەر ياردەمنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتنى تونۇشى مۇمكىن
بىز بىللە ۋەز قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. جېسسىكا قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلغاندا بىرى قارشىلىق كۆرسەتسە، دىققىتىنى بۇنىڭغا ئاغدۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ دىققىتىنى ياخشى نەرسىلەرگە قارىتىدۇ، مەسىلەن، ئادەملەر تىڭشىمىغان بولسىمۇ، ۋەز خىزمەتتىكى ياخشى نەتىجىلەر ھەققىدە سۆزلەيدۇ.
ۋەز قىلىشنىڭ بەزىدە بىز ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنى يەھۋا خۇدا ياخشى بىلىدۇ. ئەمما، بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ! (لۇقا 6:36). ئەلۋەتتە، يەھۋانىڭ بۇ دۇنيا كىشىلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان مېھرىبانلىقى ۋە سەۋرچانلىقى مەڭگۈگە داۋاملاشمايدۇ. خۇدا ئۆزى بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەت كەلگەندە بۇ دۇنيانى ۋەيران قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. شۇ ۋاقىت كەلگىچە، بىز ۋەز خىزمىتىمىزنى جىددىي داۋاملاشتۇرىمىز (تىموتىيغا 2-خەت 4:2). ئۇنداقتا، كېلىڭلار، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىپ، «ھەرقانداق ئادەملەرگە» چىن يۈرەكتىن ھېسداشلىق كۆرسىتەيلى!