«ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى»
«بىر-بىرىمىزگە پەقەت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى» (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:18).
ناخشىلار: 3، 50
1. مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئالىي بىر تۈرى قايسى ۋە سىز ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈپ بېرەتتىڭىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
يەھۋا خۇدا — مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:7). ئادالەتلىك پرىنسىپلارغا ئاساسلانغان مېھىر-مۇھەببەت يەھۋانىڭ سوۋغىسى. مۇقەددەس كىتابتا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بۇ ئالىي تۈرىنى گرېكچە ئاگاپى دەپ ئاتالغان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە يەنە ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىللىق سېزىممۇ كىرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ پەقەت ھېس-تۇيغۇ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ئادەمنىڭ مۇنداق مېھىر-مۇھەببىتى ئۆزىنىڭ ئەمەس، باشقىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، غەرەزسىز ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن كۆرۈنىدۇ. مۇنداق خىسلەت بىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بۇ تۈرى بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ ۋە ھاياتىمىزنى مەنىلىك قىلىدۇ.
2، 3. يەھۋا ئىنسانىيەتكە بولغان غەرەزسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتتى؟
2 يەھۋا خۇدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى ياراتماستىن ئاۋۋال، ئىنسانىيەتكە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن. ئۇ يەرنى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان. ئەمما يەھۋا يەرنى پەقەتلا ياشايدىغان جاي سۈپىتىدە ئەمەس، ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغان ئۆي-ماكان قىلدى. يەھۋا بۇنى
ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بىز ئۈچۈن قىلدى. ئۆي-ماكان تەييار بولغاندا، ئۇ ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭغا يەردىكى جەننەتتە مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتىنى بەردى.3 ئاندىن كېيىن يەھۋا ئىنسانىيەتكە بولغان غەرەزسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەڭ ئۇبدان ئۇسۇلدا كۆرسەتتى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا خۇداغا قارشى چىقسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىقىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە يەرگە ئەۋەتتى (يارىتىلىش 3:15؛ يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:10). تۆلەم ۋەدە قىلىنغاندىن باشلاپ، يەھۋا ئۇنى تۆلەپ بولۇنغاندەك قاراپ كەلدى. تەخمىنەن 4000 يىل ئۆتۈپ، ئۇ يالغۇز ئوغلىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن پىدا قىلدى (يوھاننا 3:16). يەھۋانىڭ مۇنداق مېھىر-مۇھەببىتى ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمىز!
4. نامۇكەممەل ئادەملەرنىڭ غەرەزسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
4 نامۇكەممەل بولساقمۇ، بىز غەرەزسىز مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتەلەيمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە! چۈنكى يەھۋا بىزنى ئۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان، يەنى بىز ئۇنىڭغا تەقلىت قىلالايمىز. سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ھەرقاچان ئاسان ئەمەس، بىراق بۇ قولۇمىزدىن كېلىدۇ. مەسىلەن، ھابىل خۇداغا ئۆزىدە بار ئەڭ ياخشىسىنى غەرەزسىز تەغدىم قىلغاندا، ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتتى (يارىتىلىش 4:3، 4). نۇھنى ئادەملەر تىڭشىمىسىمۇ، ئۇ خۇدانىڭ خەۋىرىنى نەچچە ئون يىل ھارىماي-تالماي ۋەز قىلىشى بىلەن غەرەزسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 2:5). ئىبراھىم سۆيۈملۈك ئوغلى ئىسھاقنى قۇربان قىلىشقا تەييارلىق كۆرسىتىشى بىلەن خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى بەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى (ياقۇپ 2:21). خۇدانىڭ بۇ سادىق خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش، بىزمۇ ھەتتا ئاسان بولمىغاندىمۇ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈمىز كېلىدۇ.
ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
5. ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
5 مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى «سۆزۈمىز ياكى تىلىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە» كۆرسىتىش كېرەكلىكى ئېيتىلغان (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:18). ئەلۋەتتە، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى سۆزۈمىز بىلەنمۇ كۆرسىتەلەيمىز (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 4:18). بىراق، بەزىدە «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ ئېيتىشلا يېتەرلىك ئەمەس. بىز مۇشۇ سۆزلەرنى ئىش-ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەيدىغان تامىغى بىلەن كىيىدىغان كىيىمى يوق بولسا، ئۇلارغا پەقەت ياخشى سۆز ئېيتىش يېتەرلىك ئەمەس (ياقۇپ 2:15، 16). شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانى ۋە ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، بىز ۋەز قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشىنى سوراپ دۇئا قىلىپلا قويماي، ئۆزۈمىزمۇ بارچە كۈچىمىز بىلەن ۋەز ئىشىغا قاتنىشىمىز (مەتتا 9:38).
6، 7. ئا) «ساختىسىز» مېھىر-مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ ئە) ساختا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بەزى مىساللىرى قانداق؟
6 ئەلچى يوھاننانىڭ سۆزلىرىگە ماس، بىز بىر-بىرىمىزنى «ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە» سۆيۈشىمىز كېرەك. شۇڭا، بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز «ئىككى يۈزلۈك» ئەمەس، «ساختىسىز» بولۇشى كېرەك (رىملىقلارغا 12:9؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:6). بەزىدە ئادەم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى سەمىمىي ھەم ھەقىقىيمۇ؟ ئۇنىڭ نىيىتى قانداق؟ ساختا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، سەۋەبى ئىككى يۈزلۈك مېھىر-مۇھەببەت دېگەن خىسلەت يوق.
7 ساختا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بەزى مىساللىرىنى قاراشتۇرايلى. ئېرەم باغدا ھاۋا ئانا بىلەن سۆزلەشكەندە، شەيتان ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەيدىغاندەك كۆرۈندى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئىككى يۈزلۈك ھەرىكەت قىلغان (يارىتىلىش 3:4، 5). داۋۇت پادىشا بولغاندا، ئاخىتوفېل ئىسىملىك بىر دوستى بولغانىدى. لېكىن ئۇ ئۆز پايدىسىنى ئويلاپ، داۋۇتقا ساتقۇنلۇق قىلغان. ئۇنىڭ ئىشى ھەقىقىي دوست ئەمەسلىكىنى دەلىللىگەن (سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 15:31). بۈگۈنكى كۈندە، مۇناپىقلار ۋە جامائەتتە بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولىدىغان كىشىلەر «سىلىق-سىپايە ۋە خوشامەت سۆزلىرىنى» ئىشلىتىدۇ (رىملىقلارغا 16:17، 18). ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارنى سۆيىدىغاندەك كۆرسەتكىنى بىلەن، ئەسلىدە ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدۇ.
8. قانداق سوئاللار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك؟
8 ساختا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەر ئۆزىنى ئۇياتقا قالدۇرىدۇ، چۈنكى مۇنداق مېھىر-مۇھەببەت باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئادەملەرنى ئالدىساقمۇ، يەھۋانى ئالداش مۇمكىن ئەمەس. ئەيسا ئىككى يۈزلۈمچىلىك ھەرىكەت قىلغانلار «ئىنتايىن قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى» ئېيتقان (مەتتا 24:51). يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز ھېچقاچان ئىككى يۈز بولۇشنى خالىمايمىز. شۇڭا، تۆۋەندىكى سوئاللار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ: «مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىم ھەقىقىيمۇ؟ ياكى بولمىسا ئىككى يۈزلۈك ۋەياكى ساختىمۇ؟» ھازىر ئىككى يۈزلۈك ئەمەس، «ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتنى» كۆرسىتىشنىڭ توققۇز يولىنى قاراپ چىقايلى.
ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرى
9. ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
9 ھېچكىم كۆرمىسىمۇ، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭ. بىز باشقىلارغا ھېچكىم كۆرمەيدىغاندەك ياخشىلىق قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 6:1—4نى ئوقۇڭ). ھانانىيا بىلەن سافىرا مۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مۈلكىنى سېتىپ، قانچە پۇل ئىئانە تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە يالغان ئېيتقان ۋە ئىككى يۈزلۈمچىلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانىدى (ئەلچىلەر 5:1—10). ئەمما بىز قېرىنداشلىرىمىزنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرسەك، ئادەملەرگە داۋراڭ سالماي، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقىمىزدىن خوشال بولىمىز. بىز رەھبەرلىك كېڭەشكە روھىي ئوزۇق تەييارلاشقا ياردەم بېرىدىغان بۇرادەرلەردىن ئۆگىنەلەيمىز. ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئاغدۇرمايدۇ ۋە قانداق لايىھە ئۈستىدىن ئىشلىگەنلىكىنى باشقىلارغا ئېيتمايدۇ.
10. باشقىلارغا قانداقلارچە ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز؟
10 ھۆرمەت كۆرسىتىڭ (رىملىقلارغا 12:10نى ئوقۇڭ). ئەيسا ئەلچىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيغاندا، ھۆرمەت كۆرسىتىشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى (يوھاننا 13:3—5، 12—15). بىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش كەمتەر بولۇپ، باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرەك. ئەلچىلەر ئەيسانىڭ بۇ ئىشى بىلەن قانداق ئۈلگە قالدۇرماقچى بولغانلىقىنى بىردىن چۈشەنمىسىمۇ، كېيىن مۇقەددەس روھقا ئېرىشكەندە بۇنى چۈشەنگەنىدى (يوھاننا 13:7). بىز بىلىملىك ياكى باي بولغانلىقتىن ياكى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەنلىكتىن، ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويمىساق، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز (رىملىقلارغا 12:3). بىرسىنى ماختىسا، كۆرەلمەسلىك قىلماسلىقىمىز ۋە ھەتتا بىزمۇ شۇ ماختاشقا لايىق دەپ ئويلىساقمۇ، شۇ كىشىنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك.
11. نېمىشقا چىن يۈرەكتىن ماختىشىمىز كېرەك؟
11 چىن يۈرەكتىن ماختاڭ. باشقىلارنى ماختاش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكنى ئىزدەڭ. ماختاش سۆزلەر ئادەملەرنى مۇستەھكەملەيدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:29). بىراق بىز سۆزلىرىمىزنىڭ سەمىمىي بولۇشىنى خالايمىز ۋە باشقىلارغا خوشامەت قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. بىز كۆڭۈلدە يوق نەرسىنى ئېيتماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا كېرەكلىك مەسلىھەتنى بېرىشتىن تارتىنماسلىقىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 29:5). مەسىلەن، ئەگەر ئادەمنى ماختاپ، لېكىن كەينىدىن ئۇنى يامانلىساق، بۇ ئىككى يۈزلۈك بولىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرگەن. كورىنت شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خەت يازغاندا، ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ماختىغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:2). ئەمما ئۇلارغا مەسلىھەت كېرەك بولغاندا، سەۋەبىنى ئېنىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەنىدى (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:20—22).
ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش بىلەن مېھىر-مۇھەببەت ھەم مەردلىك كۆرسىتىمىز (12-ئابزايسقا قاراڭ)
12. مېھماندوست بولۇپ، ھەقىقىي مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
12 مېھماندوست بولۇڭ. يەھۋا بىزدىن قېرىنداشلارغا مەرتلىك كۆرسىتىشكە تەلەپ قىلىدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 3:17نى ئوقۇڭ). لېكىن، بىز توغرا نىيەت بىلەن مېھماندوست بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «ئۆيۈمگە پەقەت يېقىن دوستلىرىمنى ياكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ ھېسابلايدىغان قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىمەنمۇ؟ ياخشىلىقىمنى قايتۇرالايدىغان ئادەملەرنىلا چاقىرىمەنمۇ؟ ياكى بولمىسا تونۇمايدىغان ياكى ھېچنېمە قايتۇرالمايدىغان قېرىنداشلارغا سېخىي بولىمەنمۇ؟» (لۇقا 14:12—14). قېرىندىشىمىز ئەقىلسىز بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ ئاقىۋېتىدە ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالسا، نېمە قىلىمىز؟ ياكى بولمىسا چاقىرغان مېھمىنىمىز بىزگە رەھمەت ئېيتمىسىچۇ؟ يەھۋا بىزگە شۇنداق دەيدۇ: «نالە قىلماي، ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:9). ئەگەر قولۇمىزدا بارىنى توغرا نىيەت بىلەن بۆلۈشسەك، بۇ ئۆزۈمىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ (ئەلچىلەر 20:35).
13. ئا) قايسى ۋەزىيەتتە كۆپرەك سەۋرچانلىق كۆرسىتىش كېرەك؟ ئە) ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
13 ئاجىزلارغا ياردەم بېرىڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى «ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار، بارلىقىغا ئۇزاق سەۋرلىك كۆرسىتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىڭ ھەقىقىي بولغان-بولمىغانلىقىنى سىنايدۇ (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:14). بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز بولغان قېرىنداشلار كېيىن ئىشەنچىدە مەھكەم تۇرغان. بەزىلىرى بولسا، بىزنىڭ سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياردەم بېرىشىمىزگە مۇھتاج. ئۇلارغا قانداقلارچە ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرالايمىز، بىرگە ۋەز قىلىشقا چاقىرالايمىز ياكى ئۇلارنى دىققەت قويۇپ تىڭشىيالايمىز. شۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلارنى «كۈچلۈك» ياكى «ئاجىز» دەپ ئايرىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا، ھەرقايسىمىزنىڭ ھەم كۈچلۈك، ھەم ئاجىز تەرەپلىرىمىز بار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشىمىز كېرەك. ھەتتا ئەلچى پاۋلۇسمۇ ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغان (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 12:9، 10). ھەممىمىز ئۆز-ئارا ياردەم ۋە تەسەللىگە مۇھتاج.
14. قېرىنداشلار بىلەن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
14 تىنچلىقپەرۋەر بولۇڭ. قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تىنچلىق ناھايىتى قەدىر-قىممەتلىك. ئەگەر بىرسى بىزنى چۈشەنمەي قالسا ياكى رەنجىتىپ قويسا، تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك (رىملىقلارغا 12:17، 18نى ئوقۇڭ). بىرسىنى خاپا قىلىپ قويساق، كەچۈرۈم سورىساقلا بولدى دەپ ئويلايدىغاندىمىز. ئەمما، بىز سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، «كەچۈرۈۋەتكىنە» دەپ ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، خاتالىقنى بوينىمىزغا ئېلىپ، «سىزنى سۆزلىرىم بىلەن رەنجىتكىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ» دېسەك ياخشىراق بولىدۇ. نىكاھتا تىنچلىقنى ساقلاش ئالاھىدە مۇھىم. ئەر-ئايال باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنى سۆيىدىغاندەك، ئەمما يالغۇز قالغاندا بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشمەي، رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىشى ياكى ھەتتا قول كۆتۈرۈشى ناتوغرا.
15. چىن يۈرەكتىن كەچۈرگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
15 چىن كۆڭۈلدىن كەچۈرۈڭ. بىرسى بىزنى خاپا قىلسا، بىز ئۇنى كەچۈرۈپ، ئاداۋەت ساقلىمايمىز. ھەتتا شۇ ئادەم بىزنى رەنجىتكەتلىكىنى بىلمىسىمۇ، شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق بولۇپ، تىنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇرىدىغان رىشتىلىرىدە روھنىڭ بىرلىگىنى ساقلاشقا ئىنتىلىڭلار»،— دېگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سالساق، باشقىلارنى چىن كۆڭۈلدىن كەچۈرىمىز (ئەفەسلىكلەرگە 4:2، 3). ئادەمنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى ئۇنتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت «ئاداۋەت ساقلىمايدۇ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4، 5). كۆڭلۈمىزدە ئادەۋەت ساقلىساق، پەقەت قېرىندىشىمىز بىلەن ئەمەس، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان كەلتۈرىمىز (مەتتا 6:14، 15). بىزنى رەنجىتكەن ئادەم ئۈچۈن دۇئا قىلساق، ئۇنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز (لۇقا 6:27، 28).
16. يەھۋاغا قىلىدىغان خىزمىتىمىزدە ۋەزىپىلەرگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
16 ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى كۆزلىمەڭ. ئەگەر سىز ئالاھىدە ۋەزىپىگە ئېرىشسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەس، باشقىسىنىڭ پايدىسىنى ئىزدەش ئارقىلىق ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتەلەيسىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:24). مەسىلەن، چوڭ يىغىلىشتا خىزمەت قىلىدىغان بۇرادەرلەر شۇ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرگە ھەممىسىدىن ئاۋۋال بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە ياكى ئائىلە ئەزالىرىغا ئەڭ ياخشى ئورۇنلارنى ئېگەللەشنى خالايدىغاندۇ. ئەمما، مۇنداق بۇرادەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئانچە قولايلىق بولمىغان ئورۇنلارنى تاللايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. ئۇلارغا قانداق تەقلىت قىلالايسىز؟
17. بىر قېرىنداش ئېغىر گۇناھ قىلسا، ھەقىقىي مۇھەببەت ئۇنى نېمىگە دەۋەت قىلىدۇ؟
17 يوشۇرۇن گۇناھنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىڭ. ئېغىر گۇناھ قىلغان بەزى قېرىنداشلار ئۇنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇلار خىجالەت بولغانلىقتىن ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇ (پەندى-نەسىھەت 28:13). ئەمما گۇناھنى يوشۇرۇش مېھىر-مۇھەببەتكە ياتمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زىيان كەلتۈرىدۇ. قانداقلارچە؟ يەھۋا خۇدا جامائەتكە ئۆز مۇقەددەس روھىنى بەرمەي قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە جامائەتتە تىنچلىق بولمايدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:30). شۇڭا، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت ئېغىر گۇناھ قىلغان ئېتىقادچىنى ئاقساقاللارغا بېرىپ، تېگىشلىك ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (ياقۇپ 5:14، 15).
18. ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت قانچىلىك مۇھىم؟
18 مېھىر-مۇھەببەت — ھەممە خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:13). بۇ خىسلەت كىملەرنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋانى ھەقىقىي ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 5:1، 2). پاۋلۇسنىڭ ئېيتىشىچە، مېھىر-مۇھەببىتى بولمىسا، ئۇ «ھېچنەرسە ئەمەس» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:2). ئۇنداقتا، ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە «پەقەت سۆزۈمىز ياكى تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىشىمىز ھەم ھەقىقەت بويىچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى»!