جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تاج بىزنى قوغدايدۇ
«ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» (زەكەرىيا 6:15).
ناخشىلار: 17، 136
1، 2. زەكەرىيا يەتتىنچى ۋەھىينى كۆرۈپ بولغاندا، يېرۇسالىمدىكى ئىسرائىللىقلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولغان؟
زەكەرىيا يەتتىنچى ۋەھىينى كۆرگەندىن كېيىن، كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىغاندۇ. يەھۋانىڭ رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلىش ۋەدىسى ئۇنىڭغا كۈچ بەرگەندۇ. لېكىن، ئەھۋال ئۆزگەرمىگەنىدى. رەزىللىك قىلىدىغان ئادەملەر يەنىلا كۆپ بولغان ۋە يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىغىچە پۈتمىگەنىدى. نېمىشقا ئىسرائىللىقلار يەھۋادىن ئالغان تاپشۇرۇقىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان؟ ئۇلار يېرۇسالىمغا پەقەت تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا قايتىپ كەلدىمۇ؟
2 زەكەرىيا يېرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللىقلارنىڭ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. «خۇدا روھىنى قوپۇرغان» بۇ كىشىلەر بابىلوندىكى ئۆيلىرى بىلەن تىجارىتىنى تاشلاپ كەتكەنىدى (ئەزرا 1:2، 3، 5). كۆپىنچىسى ھېچقاچان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن يەرگە كۆچۈش ئۈچۈن، ياخشى تونۇيدىغان يېرىنى تاشلىغان. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇھىم دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەتتا تەخمىنەن 1600 كىلومېترغا سوزۇلغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول بىلەن خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغانىدى.
3، 4. يېرۇسالىمغا قايتقان ئىسرائىللىقلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدى؟
3 ئىسرائىللىقلارنىڭ بابىلوندىن يېرۇسالىمغا بولغان ئۇزۇن سەپىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. يولدا ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقتى بولغان. يېشى چوڭلار يېرۇسالىم ۋە ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇن قانچىلىك گۈزەل بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن (ئەزرا 3:12). سىز ئۇلار بىلەن سەپەر قىلسىڭىز، يېرۇسالىمنى بىرىنچى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟ كۈكۈم-تالقان بولغان، ياۋا ئوت-چۆپ بېسىپ كەتكەن ئۆيلەرنى كۆرگەندە، كۆڭلۈڭىز يېرىم بولامتى؟ شەھەر تاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، دەرۋازلىرى بىلەن مۇنارلىرىدىكى چوڭ تۆشۈكلەرنى كۆرۈپ، قايغۇراتتىڭىزمۇ؟ بۇ بۇزۇلغان شەھەر تاملىرىنى بابىلوننىڭ ئېگىز ۋە مۇستەھكەم تاملىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغانسىز. لېكىن، ئىسرائىللىقلار چۈشكۈنلۈككە چۈشمىگەنىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇزۇن يول داۋامىدا يەھۋا ئۇلارغا كۈچ-مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى ھىمايە قىلغانىدى. يېرۇسالىمغا كېلىپلا، ئۇلار ئىبادەتخانا تۇرغان يەردە قۇربانگاھنى ياساپ، يەھۋاغا ھەركۈنى ئۇنىڭدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغان (ئەزرا 3:1، 2). ئۇلار غەيرەتكە تولۇپ، ئىشقا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەنىدى. قارىماققا، ئۇلارنىڭ روھىنى ھېچنېمە سۇندۇرالمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
4 ئىسرائىللىقلار ئىبادەتخانىدىن باشقا، ئۆز شەھەرلىرى بىلەن ئۆيلىرىنىمۇ سېلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا يەنە، ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئېتىزدا ئىشلىشى كېرەك بولغان (ئەزرا 2:70). ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئىشلار قارىماققا نۇرغۇن ئىدى. ئەمما، دۈشمەنلىرى كېلىپ، ئۇلارغا قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ قارشىلىق 15 يىل داۋاملىشىپ، ئىسرائىللىقلارنى ئاستا-ئاستا چۈشكۈنلۈككە چۈشۈردى (ئەزرا 4:1—4). ب.م.ئى. 522-يىلى پارس پادىشاھى يېرۇسالىمدىكى قۇرۇلۇشنى توختىتىپ، ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك بولدى. شەھەر ئەمدى ھېچقاچان ئەكسىگە كەلتۈرۈلمەيدىغاندەك كۆرۈندى (ئەزرا 4:21—24).
5. يەھۋا ئۆز خەلقىگە قانداق كۈچ-مەدەت بەرگەن؟
5 يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ كۈچ-مەدەت ۋە باتۇرلۇققا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇ زەكەرىياغا ئاخىرقى ۋەھىي كۆرسەتكەنىدى. بۇ ۋەھىي ئارقىلىق يەھۋا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھەمدە خەلق تاپشۇرۇلغان ئىشنى قايتىدىن باشلىسا، يەھۋا ئۇلارنى چوقۇم ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگۈسى كەلگەن. يەھۋا ئىبادەتخانىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ھەققىدە: «ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ»،— دېگەن (زەكەرىيا 6:15).
پەرىشتىلەر قوشۇنى
6. ئا) زەكەرىيانىڭ سەككىزىنچى ۋەھىيسى نېمە بىلەن باشلانغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) نېمىشقا ئاتلارنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولغان؟
6 زەكەرىيانىڭ ئاخىرقى سەككىزىنچى ۋەھىيسى باشقىلىرىغا قارىغاندا، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدىغان ئەڭ تەسىرلىك ۋەھىي بولغان (زەكەرىيا 6:1—3نى ئوقۇڭ). پەيغەمبەرنىڭ نېمە كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: ئىككى مىس «تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆرت جەڭ ھارۋۇسى چىقىپتۇ». ھارۋىلارغا قوشۇلغان ئاتلارنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولغانلىقتىن، بىرىنى باشقىسىدىن پەرق قىلىش ئاسان بولغان. شۇ چاغدا زەكەرىيا: «بۇلار نېمە؟»— دەپ سورىدى (زەكەرىيا 6:4). بۇ ۋەھىي بىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىزمۇ بىلىشنى خالايمىز.
7، 8. ئا) بۇ ئىككى تاغ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئە) نېمىشقا بۇ تاغلار مىستىن ياسالغان؟
7 مۇقەددەس كىتابتا تاغلار بەزىدە پادىشاھلىقلارنى ياكى ھۆكۈمەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى. زەكەرىيا كۆرگەن تاغلار دانىيالنىڭ بېشارىتىدە تەسۋىرلەنگەن ئىككى تاغقا ئوخشاش. بۇ تاغلارنىڭ بىرى يەھۋانىڭ كائىناتتىكى مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىقىنى، ئىككىنچىسى مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (دانىيال 2:35، 45). 1914-يىل كۈزدە، ئەيسا مەسىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ، مەزكۈر ئىككى تاغ بىرلىشىپ، خۇدانىڭ يەر يۈزى ئۈستىدىن قىلغان ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئالاھىدە رول ئوينىماقتا.
يەھۋا خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىرمۇ پەرىشتىلەرنى ئىشلىتىدۇ
8 نېمىشقا بۇ تاغلار مىستىن ياسالغان؟ مىس — ئالتۇنغا ئوخشاشلا قىممەت باھا ۋە پارقىراق مېتال. يەھۋا ئىسرائىللىقلارغا مۇقەددەس چېدىرنىڭ ۋە كېيىنىرەك يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مىسنى ئىشلىتىشنى ئېيتقانىدى (چىقىش 27:1—3؛ پادىشاھلار 1-يازما 7:13—16). بۇ تاغلارنىڭ مىستىن ياسالغانلىقى، يەھۋانىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتكە تىنچ-خاتىرجەملىك بىلەن مول بەرىكەت ئەكېلىدىغان مەسىھ پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
9. جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئۇلارنى ھەيدىغانلار كىملەرنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇلارغا قانداق تاپشۇرۇق بېرىلگەن؟
9 جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئۇلارنى ھەيدىغانلار كىملەرنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇلار پەرىشتىلەر، بەلكىم پەرىشتىلەرنىڭ ھەر خىل تۈردىكى توپلىرى (زەكەرىيا 6:5—8نى ئوقۇڭ). ئۇلار «بارلىق زىمىن ئېگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن» مەخسۇس تاپشۇرۇق بىلەن يولغا ئاتلانغانىدى. بۇ پەرىشتىلەر خۇدا خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن، بولۇپمۇ «شىمالىي زېمىن»، يەنى بابىلوندىن قوغداش ئۈچۈن، بەلگەنگەن يەرلەرگە ئەۋەتىلگەن. بۇ ۋەھىي ئارقىلىق يەھۋا ئۆز خەلقىنى ئەمدى ھېچقاچان بابىلوننىڭ قۇللىرى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ زەكەرىيانىڭ زامانىدىكى ئىبادەتخانىنى سېلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلارغا قانچىلىك چوڭ كۈچ-مەدەت ۋە تەسەللىي بەرگەن ھە! ئەمدى دۈشمەنلىرى ئۇلارغا توسالغۇ قىلالمايتتى!
10. زەكەرىيانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇلارنى ھەيدىغانلار ھەققىدىكى بېشارىتى بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
10 يەھۋا خۇدا بۈگۈنمۇ ئۆز خەلقىنى قوغداپ، مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئىشلىتىدۇ (مالاكى 3:6؛ ئىبرانىيلارغا 1:7، 14). 1919-يىلى خۇدا خەلقى بۈيۈك بابىلنىڭ سىمۋوللۇق قۇللىقىدىن ئازات قىلىنغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ قىلىشقا تىرىشماقتا (ۋەھىي 18:4). ئەمما پەرىشتىلەر يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقتىن، بىز قايتىدىن يالغان دىننىڭ قۇللىقىغا چۈشىمىز، دەپ قورقمايمىز (زەبۇر 34:7). ئەكسىچە، بىز يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن ھارىماي-تالماي خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. زەكەرىيانىڭ بېشارىتىدىن بىز ئىككى تاغنىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.
11. نېمىشقا بىز خۇدانىڭ خەلقىگە قىلىنىدىغان كېلەچەكتىكى ھۇجۇمدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟
ئەزەكىيال 38:2، 10—12؛ دانىيال 11:40، 44، 45؛ ۋەھىي 19:19). ھەزەكىيالنىڭ بېشارىتىدە بۇ كۈچلەر خۇددى يەر يۈزىنى قاپلاۋاتقان بۇتلاردەك تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار ئاتلارغا مىنىپ، غەزەپكە تولۇپ، خۇدانىڭ خەلقىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چېپىپ كەلمەكتە (ھەزەكىيال 38:15، 16) * (ئىزاھاتقا قاراڭ). بىز ئۇلاردىن قورقۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق! سەۋەبى، بىز تەرەپتە يەھۋانىڭ قوشۇنى بار. بۈيۈك ئاپەت ۋاقتىدا پەرىشتىلەر يەھۋانىڭ خەلقىنى قوغداپ، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان بارلىق كۈچنى يوقۇتىدۇ (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 1:7، 8). بۇ قانداق خۇشاللىق كۈن بولار، ھە! ئەمما، يەھۋانىڭ قوشۇنىغا كىم باشچىلىق قىلىدۇ؟
11 پات-ئارىدا شەيتان دۇنياسىنىڭ سىياسىي كۈچلىرى خۇدا خەلقىنى يوق قىلىش مەقسىتىدە بىرلىشىدۇ (يەھۋا روھانىينى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى
12، 13. ئا) يەھۋا زەكەرىياگە يەنە قانداق تاپشۇرۇق بەرگەن؟ ئە) نوتا ئىسىملىك كىشىنىڭ مەسىھنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
12 بۇ سەككىز ۋەھىينى پەقەت زەكەرىيا كۆرگەنىدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نېمە قىلغانلىقىنى باشقىلارمۇ كۆرگەن، شۇڭا ئىبادەتخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلەر ئىلھاملانغانىدى (زەكەرىيا 6:9—12نى ئوقۇڭ). خەلداي، توبىيا ۋە يەدىيا ئىسىملىك ئۈچ كىشى بابىلوندىن كەلگەن. يەھۋا زەكەرىياغا بۇ ئۈچ كىشى ئەكەلگەن كۈمۈش ۋە ئالتۇنلارنى ئېلىپ، «بىر تاجنى» ياساشقا بۇيرىدى (زەكەرىيا 6:11). بۇ تاج يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققان داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان ھۆكۈمران زېرۇبابىل ئۈچۈن ياسالغانمۇ؟ ياق. يەھۋا زەكەرىياغا بۇ تاجنى ئالىي روھانىي يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزۈشنى بۇيرۇغانىدى. بەلكىم، بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر بەكمۇ ھەيران بولغاندۇ.
13 ئالىي روھانىي يەشۇئا تاجنى كىيگەندىن كېيىن پادىشاھ بولدىمۇ؟ ياق. يەشۇئا داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن چىقمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ پادىشاھ بولۇش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئۇنىڭغا تاجنىڭ كىيگۈزۈلگەنلىكى، كېلەچەكتە نوتا شاخ دېگەن كىشىنىڭ مەڭگۈ پادىشاھ ۋە روھانىي سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. مۇقەددەس كىتابتا بۇ نوتا، يەنى يېڭى ئۆسكەن شاخنىڭ ئەيسا مەسىھ ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن (يەشايا 11:1؛ مەتتا 2:23).
14. پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي سۈپىتىدە ئەيسا نېمە قىلىدۇ؟
14 ئەيسا — پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي. ئۇ يەھۋانىڭ قوشۇنىنى باشلاپ، خۇدا خەلقى بۇ رەزىل دۇنيادا بېخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن تەر تۆكىدۇ (يەرەمىيا 23:5، 6). پات-ئارىدا مەسىھ خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن خەلقلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىدۇ (ۋەھىي 17:12—14؛ 19:11، 14، 15). لېكىن، شۇ كۈن كەلگىچە، ئەيسا يەنى نوتا شاخنىڭ قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىشى بار.
ئۇ ئىبادەتخانىنى سالىدۇ
15، 16. ئا) بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خەلقى قانداقلارچە قايتا تەشكىللىنىپ تازىلانماقتا ۋە بۇنى كىم قىلماقتا؟ ئە) مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ؟
15 پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي بولۇش سۈپىتىدە، ئەيساغا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش» تاپشۇرۇلغانىدى (زەكەرىيا 6:13نى ئوقۇڭ). بۇ قۇرۇلۇش ئىشىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇ 1919-يىلى خۇدا خەلقىنى بۈيۈك بابىلدىن، يەنى يالغان دىننىڭ تەسىرىدىن، ئازات قىلدى. شۇنداقلا ئەيسا مەسىھىي جامائەتنى قايتا تەشكىللەپ، «سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى» تەيىنلىگەن. مايلانغان مەسىھىيلەردىن ئىبارەت بۇ بىر توپ ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىنىڭ يەردىكى قىسمىدا ئورۇنداش مۇھىم بولۇۋاتقان ئىشقا يېتەكچىلىك قىلماقتا (مەتتا 24:45). بۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا خۇدانىڭ خەلقىنى تازىلاپ، خۇداغا مەقبۇل بولىدىغان ئىبادەتنى قىلىشقا ياردەم بەرمەكتە (مالاكى 3:1—3).
16 كېلەچەكتە ئەيسا بىلەن 144000 پادىشاھ ۋە روھانىيلار مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار سادىق ئادەملەرنىڭ مۇكەممەللىككە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشنى
پۈتۈرگەندە، يەر يۈزىدە پەقەت يەھۋانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى ياشايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەقىقىي ئىبادەت پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ!قۇرۇلۇش ئىشىغا قاتنىشىڭ
17. يەھۋا ئىسرائىللىقلارغا قانداق ۋەدە بەرگەنىدى ۋە بۇ ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟
17 زەكەرىيانىڭ خەۋىرى شۇ چاغدا ياشىغان ئىسرائىللىقلارغا قانداق تەسىر قىلغانىدى؟ يەھۋا ئىبادەتخانىنى قۇرۇپ پۈتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ ۋەدە ئۇلارغا ئۈمىد بەرگەنىدى. لېكىن، ئۇلار شۇنچە كۆپ ئىشنى ئازلا ئادەم قانداق قىلالايدۇ، دەپ ئەنسىرىگەندۇ. شۇ چاغدا زەكەرىيا ئۇلارنىڭ قورقۇنچى ۋە گۇمانىنى يوق قىلىدىغان بىر نەرسە ئېيتتى. ياردەم قولىنى بەرگەن خەلەم، توبىيا، يەدىيادىن باشقا، خۇدا يەنە كۆپ ئادەملەرنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى» ئېيتتى (زەكەرىيا 6:15نى ئوقۇڭ). ئىسرائىللىقلار يەھۋانىڭ ئىشىنى قوللىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار پارس پادىشاھى قۇرۇلۇش قىلىشنى رەسمىي تۈردە مەنئىي قىلغانلىقىغا قارىماستىن، باتۇرلۇق بىلەن ئىبادەتخانىنى سېلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ يولىدىكى چوڭ بىر تاغدەك بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنى ئېلىپ تاشلىغان. ئاخىرىدا، ئىبادەتخانا ب.م.ئى. 515-يىلى قۇرۇلۇپ بولدى (ئەزرا 6:22؛ زەكەرىيا 4:6، 7). ئەمما يەھۋانىڭ يۇقارقى سۆزلىرى بىزنىڭ زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ بىر ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
18. قانداق قىلىپ زەكەرىيا 6:15تىكى سۆزلەر بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشماقتا؟
18 بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادەم يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز ۋاقتى، كۈچ-قۇۋىتى ۋە مال-دۇنياسى دېگەنگە ئوخشاش «ھەدىيىلەرنى» بېرىپ خۇشال بولىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلار يەھۋانىڭ ئۇلۇق روھىي ئىبادەتخانىسىنى قوللايدۇ (پەندى-نەسىھەت 3:9). يەھۋا بىزنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن قوللىشىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. خەلەم، توبىيا ۋە يەدىيانىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىپ كېلىپ، زەكەرىيانىڭ ئۇنىڭدىن تاج ياسىغانلىقىنى ئەسكە ئالايلى. بۇ تاج ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىبادەتكە قوشقان ھەسسىسى توغرىسىدا «بىر ئەسلەتمە» بولغان (زەكەرىيا 6:14). يەھۋا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايدۇ (ئىبرانىيلارغا 6:10).
بىز مۇستەھكەم، بېخەتەر ۋە مەڭگۈ بار بولىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشتىن بەك خۇشالمىز
19. زەكەرىيا كۆرگەن ۋەھىيلەر بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
19 بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە يەھۋانىڭ خەلقى ناھايىتى چوڭ بىر ئىشنى قىلماقتا. بۇ ئىش يەھۋانىڭ بەرىكىتى ۋە ئەيسانىڭ يولباشچىلىقى ئارقىلىق چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىز مۇستەھكەم، بېخەتەر ۋە مەڭگۈ بار بولىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشقا بەك خۇشالمىز. شۇنىڭ بىلەن، بىز يەھۋانىڭ پاك ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدىكى ئۆز ئورنۇڭىزنى چۈشۈنۇپ يېتىپ، خۇدايىمىزنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ. شۇ چاغدا پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي بىلەن پەرىشتىلەر سىزنى ھىمايە قىلىدۇ. پاك ئىبادەتنى قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە قوللاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە ۋە ئەبەدىل-ئەبەد ئامان ساقلايدۇ!
^ 11-ئابزاس كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (خەنزۇ تىلى، 2015-يىل، 15-ماي سانىنىڭ 29، 30-بەتلىرىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» سەھىپىسىگە قاراڭ.