زەكەرىيا كۆرگەن ۋەھىيلەرنىڭ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
«مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» (زەكەرىيا 1:3).
ناخشىلار: 6، 20
1—3. ئا) زەكەرىيا بېشارەت قىلىشنى باشلىغاندا، خۇدا خەلقىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولغان؟ ئە) نېمىشقا يەھۋا ئىسرائىللىقلارغا: «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار»،— دېگەنىدى؟
ئۇچىدىغان ئورام يازما، سېۋەت ئىچىدىكى ئايال، شامالدا پەرۋاز قىلىۋاتقان لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئاياللار. بۇ زەكەرىيا كۆرگەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋەھىيلەرنىڭ بەزىلىرى (زەكەرىيا 5:1، 7—9). يەھۋا بۇ ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرگە نېمە ئۈچۈن بەرگەن؟ شۇ چاغدا ياشىغان ئىسرائىللىقلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولغان؟ شۇنىڭ بىلەن، بۇ ۋەھىيلەرنى قاراشتۇرۇشنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟
2 ب.م.ئى. 537-يىلى يەھۋانىڭ خەلقى ئىنتايىن خوشال بولغانىدى. چۈنكى، ئۇلار بابىلوندىكى 70 يىللىق ئەسىرلىكتىن ئازات بولغان! خەلق يېرۇسالىمغا قايتىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە شۇ يەردە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى خالىغان. بىر يىلدىن كېيىن ئىسرائىللىقلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سالغانىدى. خەلق خۇشاللىقىدىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتقان! ئۇلار «ئۇنداق ئۈنلۈك قىچقاردىكى، ئاۋازى يىراق يەرگە ئاڭلاندى» (ئەزرا 3:10—13). ئەمما، قۇرۇلۇشقا كۆرسىتىلگەن قارشىلىق بارغانسىرى كۈچەيگەنىدى. ئىسرائىللىقلار چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، قۇرۇلۇش ئىشىنى توختاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئەمدى ئۇلار دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزلىرىگە ئۆي سېلىپ، ئېتىزلىرىدا ئىشلەشكە ئاغدۇردى. 16 يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىچە پۈتمىگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا خەلقى يەھۋاغا قايتىش ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىنىلا ئويلىماسلىق ھەققىدە ئەسكەرتىشكە مۇھتاج ئىدى. يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىق ۋە جەسۇرلۇق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى خالىغان.
بىز ئەڭ ياخشىسىنى بەرگەن چاغدىلا، يەھۋا ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ
3 شۇڭا، ب.م.ئى. 520-يىلى يەھۋا خەلقىگە ئۇلارنى بابىلوندىن نېمە سەۋەبتىن ئازات قىلغانلىقىنى ئېسىگە سېلىش ئۈچۈن زەكەرىيا پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن. قىزىقارلىق يېرى، زەكەرىيانىڭ ئىسمى «يەھۋا ئېسىگە ئالدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خەلق يەھۋانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇنتۇمىغانىدى (زەكەرىيا 1:3، 4نى ئوقۇڭ). يەھۋا خۇدا ئۇلارغا پاك ئىبادەتنى تىكلەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. ئەمما، خەلق ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى بەرگەن ھالدىلا، يەھۋا ئىبادىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. كېلىڭلار، زەكەرىيا كۆرگەن ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ۋەھىينى قاراپ باقايلى. يەھۋا ئىسرائىللىقلارنى ھەرىكەتكە قانداق ئۈندىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىككى ۋەھىينىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئوغرىلىق جازاسىز قالمايدۇ
4. زەكەرىيا ئالتىنچى ۋەھىيدە نېمىنى كۆردى؟ نېمىشقا ئورام يازمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېزىق بولغان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى رەسىمگە قاراڭ.)
4 زەكەرىيا كىتابىنىڭ 5-بابى ئالاھىدە بىر ۋەھىي بىلەن باشلانغانىدى (زەكەرىيا 5:1، 2نى ئوقۇڭ). زەكەرىيا ھاۋادا ئۇچۇۋاتقان بىر ئورام يازمىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 9 مېتر، كەڭلىكى بولسا 5.4 مېتر بولغان. ئورام يازما ئوچۇق تۇرغانىدى ۋە ئۇنىڭدا بىر يېزىق بولغان (زەكەرىيا 5:3). ئۇنىڭدىكى خەۋەر جىددىي ھۆكۈم ئىدى. قەدىمدە ئادەملەر ئورام يازمىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىگە يازغان. ئەمما بۇ خەۋەر بەكمۇ مۇھىم بولغاچ، ئۇ ئورام يازمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېزىلغانىدى.
5، 6. يەھۋا ئوغرىلىققا قانداق قارايدۇ؟
5 زەكەرىيا 5:3، 4نى ئوقۇڭ. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ. يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك جاۋابكارلىققا ئىگە، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئوغرىلىق ئۇنىڭ ئىسمىغا داغ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 30:8، 9). بەزى ئادەملەر شۇنداق ئويلايدۇكى، زۆرۈر بولغان بىر ئەھۋالدا، ئوغرىلاشنىڭ ھېچبىر يامىنى يوق. بىراق، قانچىلىك زۆرۈر، مۇھىم سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوغرىلايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئاچكۆز ھەۋەسىنى يەھۋادىنمۇ، ئۇنىڭ ئىسمىدىنمۇ، ئۇنىڭ قانۇنىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6 زەكەرىيا 5:3، 4كە بىنائەن، خۇدانىڭ لەنىتى «ئوغرىنىڭ ئۆيىگە» كىرىپ، ئۇنى «ياغاچ-تاشلىرى بىلەن يەۋېتىدىغانلىقىنى» بايقىدىڭىزمۇ؟ دېمەك، خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ھەرقانداق گۇناھنى يەھۋا ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جازالايدۇ. ھەتتا، ئوغرى گۇناھىنى ساقچىلاردىن، باشلىقىدىن، ئاقساقاللاردىن ياكى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرالسىمۇ، يەھۋادىن يوشۇرالمايدۇ. خۇدا ئوغرىلىقنىڭ ھەرقانداق تۈرىنى چوقۇم ئاشكارىلايدۇ (ئىبرانىيلارغا 4:13). «ھەممە نەرسىدە» راستچىل بولغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بولۇش نېمە دېگەن ياخشى! (ئىبرانىيلارغا 13:18).
7. ئۇچۇۋاتقان ئورام يازمىدىكى لەنەتكە دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
7 ئوغرىلىقنىڭ ھەرقانداق تۈرى يەھۋانى رەنجىتىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى بىلەن يامانغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلىرىنى بىلىش ئۇلارغا قۇلاق سېلىش ۋە ئۇنىڭ ئىسمىغا داغ كەلتۈرمەي ھايات كەچۈرۈش بىز ئۈچۈن چوڭ ئىمتىياز. شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ بويسۇنمايدىغان ئادەملەرگە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىگە دۇچ كەلمەيمىز.
«ھەر كۈنى» ۋەدىڭىزگە لايىق ياشاڭ
8—10. ئا) قەسەم دېگەن نېمە؟ ئە) زەدەكىيا قايسى قەسىمىنى بۇزغان؟
8 ھېلىقى ئۇچىۋاتقان ئورام يازمىدا خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن «يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىلەرگىمۇ» ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلغان (زەكەرىيا 5:4). قەسەم — بىر نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ياكى بىر نەرسىنى قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا قەتئىي ۋەدە بېرىش.
9 يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم ئىچىش ناھايىتى جىددىي مەسىلە. بۇنى يېرۇسالىمدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاخىرقى پادىشاھ زەدەكىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كۆرىمىز. زەدەكىيا بابىلون پادىشاھىغا سادىق بولىمەن، دەپ يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم ئىچكەنىدى. ئەمما، ئۇ ئۆز سۆزىدە تۇرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا زەدەكىيا ھەققىدە: ئەزەكىيال 17:16).
«ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدا — ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلوننىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇ ئۆلىدۇ»،— دېگەن (10 زەدەكىيا يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم ئىچكەنلىكتىن، ئۇ پادىشاھنىڭ سۆزىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۈتكەن (تارىخنامە 2-يازما 36:13). بىراق، ئۇ ۋەدىسىدە تۇرماي، بابىلوننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئەركىن بولۇش ئۈچۈن مىسىردىن ياردەم سورىغان، لېكىن بۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىغانىدى (ئەزەكىيال 17:11—15، 17، 18).
11، 12. ئا) ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەدە نېمە؟ ئە) خۇداغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىز كۈندىلىك ھاياتىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
11 زەدەكىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنى قولاق سېلىپ ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ۋەدىمىزدە تۇرىشىمىز كېرەك (زەبۇر 76:11). ئىنسان بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەدە — يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش. ئۆزۈمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغاندا، بىز ھاياتىمىزدا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلىمىز.
12 بىز قانداق قىلىپ خۇداغا بەرگەن ۋەدىمىزگە لايىق ياشالايمىز؟ «ھەر كۈنى» چوڭ ياكى كىچىك سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز. شۇ سىناقلارنى يېڭىپ، يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قانچىلىك مەھكەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىز (زەبۇر 61:8). مەسىلەن، ئىشتا ياكى مەكتەپتە بىرسى سىزگە كۆز-قاش ئويناتسا، نېمە قىلىسىز؟ بۇنداق شاللاقلىقنى بىردىن رەت قىلىپ، يەھۋاغا بويسۇنۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتەمسىز؟ (پەندى-نەسىھەت 23:26). ئائىلىڭىزدىن يالغۇز سىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان بولسىڭىزچۇ؟ بۇنىڭغا قارىماستىن، مەسىھىيلەرگە لايىق ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سورامسىز؟ ئەھۋالىڭىز قانداق بولمىسۇن، يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھبەرلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى رەھمەت ئېيتامسىز؟ ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقىت بۆلەمسىز؟ يەھۋاغا ھاياتىمىزنى بېغىشلىغاندا، بىز بۇنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا ۋەدە قىلدۇق دېسەك بولىدۇ. خۇداغا بويسۇنۇپ، قىزغىن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلساق، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئىبادىتىمىز ھايات كەچۈرۈش يولىمىز بولۇشى، ھەرگىزمۇ شەكىل ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىز يەھۋاغا سادىق بولغانلىقتىن، ئۇ بىزگە ئاجايىپ كېلەچەكنى بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ (تەكرار قانۇن 10:12، 13).
يەھۋا سۆزۈمىزدە تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلەن كۆرسەتكەن
13. زەكەرىيا كۆرگەن ئالتىنچى ۋەھىيدىن نېمىنى بىلىمىز؟
13 زەكەرىيانىڭ ئالتىنچى ۋەھىيسىدىن بىلگىنىمىزدەك، يەھۋانى ياخشى كۆرسەك، بىز ئوغرىلىمايمىز ھەم ۋەدىمىزدە تۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللىقلار كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، يەھۋا سۆزىدە تۇرۇپ، خەلقىنى تاشلىمىغانىدى. دۈشمەنلىرى خەلقىنى قورشۇۋالغانلىقىتىن، ئۇلارنىڭ قىيىن ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى چۈشەنگەن. يەھۋا سۆزۈمىزدە تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلەن كۆرسەتتى. ئۇ بىزگە ۋەدىلىرىمىزنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. مەسىلەن، ئۇ بىزگە كېلەچەككە بولغان ئۈمىدنى بەرگەن. پات
ئارىدا، ئۇ يەردىكى ھەممە رەزىللىكنى يوق قىلىدۇ. زەكەرىيا كۆرگەن كېيىنكى ۋەھىيدىن بۇ ھەققىدە كۆپرەك بىلىمىز.يەھۋا رەزىللەرنى يوق قىلىدۇ
14، 15. ئا) زەكەرىيا يەتتىنچى ۋەھىيدە نېمە كۆردى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى ئىككىنچى رەسىمگە قاراڭ). ئە) سېۋەتنىڭ ئىچىدىكى ئايال كىم؟ پەرىشتە نېمىشقا سېۋەتنىڭ ئېغىزى قوغۇشۇن توۋاق بىلەن ئېتىپ قويۇلدى؟
14 زەكەرىيا ئۇچىۋاتقان ئورام يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئۇنىڭغا: «بېشىڭنى... كۆتەرگىن»،— دېدى. شۇ چاغدا ئۇ «ئەفاھ» دەپ ئاتالغان بىر سېۋەتنى كۆرىدۇ (زەكەرىيا 5:5—8نى ئوقۇڭ). بۇ سېۋەتنىڭ قوغۇشۇندىن ياسالغان تۇۋىقى بار ئىدى. سېۋەت ئېچىلغاندا، زەكەرىيا ئۇنىڭ «ئىچىدە ئولتارغان بىر ئايالنى» كۆرگەن. پەرىشتە ئۇنىڭغا بۇ ئايالنىڭ «رەزىللىك» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى بۇ ئايال سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، زەكەرىيانىڭ قانچىلىك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭە! ئەمما، پەرىشتە ئايالنى بەك تېز قايتا سېۋەتنىڭ ئىچىگە تاشلاپ، سېۋەتنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟
15 بۇ ۋەھىي يەھۋانىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھېچقانداق رەزىللىككە يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. يەھۋا رەزىللىكنى كۆرسە، ئۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىزدىن ھەرىكەت قىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:13). پەرىشتە سېۋەتنى ئېغىر تۇۋاق بىلەن ياپقاندا بۇنى كۆرسەتتى.
16. ئا) سېۋەتكە نېمە بولدى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى ئۈچىنچى رەسىمگە قاراڭ.) ئە) قانىتى بار ئاياللار سېۋەتنى نەگە ئېلىپ كەتتى؟
16 ئاندىن كېيىن زەكەرىيا لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىككى ئايالنى كۆردى (زەكەرىيا 5:9—11نى ئوقۇڭ). بۇ ئاياللار سېۋەتنىڭ ئىچىدىكى رەزىل ئايالدىن كۆپ پەرق قىلاتتى. ئۇلار كۈچلۈك قاناتلىرى بىلەن «رەزىللىك» ئولتارغان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلار نەگە ئۇچتى؟ بابىلوننى بىلدۈرىدىغان «شىنار زىمىنىغا»، يەنى بابىلونغا ئېلىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟
17، 18. ئا) نېمىشقا بابىلون «رەزىللىك» ئۈچۈن لايىق ئورۇن بولغان؟ ئە) سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
17 زەكەرىيانىڭ زامانىدا ياشىغان ئىسرائىللىقلار ئۈچۈن «رەزىللىكنىڭ» بابىلونغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولدى دېيىشكە بولىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق ۋە يالغان ئىبادەت تارقالغان رەزىل شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇ يەردە ياشىغان زەكەرىيا ۋە باشقا ئىسرائىللىقلارنىڭ ھەركۈنى بۇتقا چوقۇنىدىغانلارنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشىغا توغرا كەلگەنىدى. شۇڭا، بۇ ۋەھىي يەھۋانىڭ ھەقىقىي ئىبادەتنى پاك ساقلايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن.
18 شۇنداقلا بۇ ۋەھىي ئىسرائىللىقلارنىڭ ئىبادىتىنى پاك ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئەسلەتكەن. خۇدا خەلقى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا رەزىللىكنىڭ كىرىشىگە ۋە يىلتىز تارتىشىغا يول قويماسلىقى لازىم. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزنىمۇ ئۆزىنىڭ پاك تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىردى. بۇ چوڭ ئائىلىدە بىز ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ھىمايىسىنى ھېس قىلىمىز. تەشكىلاتنى پاك ساقلاشقا ھەسسە قوشۇش — ھەرقايسىمىزنىڭ بۇرچىمىز. خۇدا خەلقى ئارىسىدا رەزىللىك ئۈچۈن ئورۇن يوق.
پاك خەلق يەھۋانى مەدھىيىلەيدۇ
19. زەكەرىيا كۆرگەن ۋەھىيلەر بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
19 زەكەرىيانىڭ ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ۋەھىيسى رەزىللەرنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەھۋا رەزىللىكنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە بىز رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككى ۋەھىي بىزنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ: مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئاتىمىزنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشساق، ئۇنىڭ قارغىشىغا ئەمەس، ھىمايىسى ۋە بەرىكىتىگە ئىگە بولىمىز. بۇ رەزىل دۇنيادا پاكلىقنى ساقلاش قىيىن بولسىمۇ، بىز يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بۇنىڭغا قول يەتكۈزەلەيمىز! ئەمما، ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ ۋەيران قىلىنمايدىغانلىقىغا نېمىشقا ئىشەنچ قىلالايمىز؟ بۈيۈك ئاپەت يېقىنلاپ قالغاندا، بىز يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتىنى قوغدايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ بۇ سوئاللارغا كېيىنكى ماقالىدە قاراپ چىقىمىز.