قېرىندىشىمىز كۆرسەتكەن مېھرىبانلىق
بۇنىڭدىن ئاتمىش يىل بۇرۇن ھىندىستاندىكى گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك شەھەردە جوننىڭ ئاتىسى چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدى. لېكىن جون، ھەدىسى، ئىككى سىڭلىسى بىلەن ئىككى ئىنىسى ۋە ئانىسى كاتولىكلار ئىدى ۋە دىنىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئاتىسىنىڭ دىنىغا قارشى بولدى.
بىر كۈنى، ئاتىسى جوننى جامائەتتىكى بىر بۇرادەرگە كونۋېرت ئاپىرىپ بېرىشنى سورايدۇ. بىراق، ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە چوڭ بىر تۆمۈر تۇڭنى ئاچقاندا، بارمىغىنى قاتتىق كېسىۋالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئاتىسى ئېيتقاننى قىلىش ئۈچۈن، قان ئېقىۋاتقان بارمىقىنى لاتا بىلەن باغلاۋېلىپ، كونۋېرتنى ئېلىپ، ئۆيدىن چىقىدۇ.
بارىدىغان يېرىگە يېتىپ ئىشىكنى قاققاندا، بۇرادەرنىڭ ئايالى ئاچىدۇ. ئۇمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىدى. كونۋېرتنى ئالغاندا جوننىڭ يارىغانغان بارمىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسىنى ئېلىپ، يارىسىنى يۇيۇپ، بارمىغىنى دورىلاپ تېڭىپ قويىدۇ. كېيىن، ئۇنىڭغا ئىسسىق چاي قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ جونغا ئىللىق چىراي بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.
بۇ قېرىنداشنىڭ مېھرىبانلىقى تۈپەيلىدىن جوننىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى كۆزقارىشى ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇ بۇ قېرىنداشتىن يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كاتولىكلاردىن پەرقلىنىدىغان تەلىملىرى توغرىسىدا ئىككى سوئال سورايدۇ. ئۇ: «ئەيسا مەسىھ خۇدامۇ؟ مەسىھىيلەر مەرىيەمگە دۇئا قىلىشى كېرەكمۇ؟»— دەپ سورايدۇ. بۇ قېرىنداش گۇجاراتى تىلىنى ئۆگەنگەنىدى، شۇڭا جونغا ئۇنىڭ ئانا تىلىدا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ جاۋابلىرىنى مۇقەددەس كىتابتىن كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا «پادىشاھلىق ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر» ناملىق كىتابچىنى بېرىدۇ.
كېيىن كىتابچىنى ئوقۇۋاتقاندا، جون ئۇنىڭدا يېزىلغانلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ چىركاۋدىكى دىنىي خىزمەتچىگە بېرىپ، شۇ ئىككى سوئالنى ئۇنىڭغىمۇ قويىدۇ. شۇ چاغدا شۇ كىشى بەك ئاچچىقلىنىپ، مۇقەددەس كىتابنى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ: «سەن شەيتان بولۇپ كەتتىڭ! مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى يېرىدە ئەيسانىڭ خۇدا ئەمەسلىكى يېزىلغان؟! كۆرسەت! مەرىيەمگە سەجدە قىلماڭلار دەپ نەدە يېزىلغان؟ قېنى، نەدە يېزىلغان، كۆرسەت ماڭا!»— دەپ ۋاقىرايدۇ. جون روھانىينىڭ مۇنداق ھەرىكىتىنى كۆرگەندە، ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. ئۇ ئەمدى ھېچقاچان چىركاۋنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىمايمەن دەپ ئېيتىدۇ. ھەم ئۇ ئۆز سۆزىدە تۇرغان!
جون گۇۋاھچىلار بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدى ۋە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىدى. كۆپ ئۆتمەي، باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇ ۋەقەنىڭ بولغانلىقىغا 60 يىل ئۆتسىمۇ، بارمىغىدىكى تارتۇق جونغا ھازىرغىچە قېرىنداشنىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ پەقەت بىر مېھرىبان ئىشى جوننىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ، ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلماقتا (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:4، 6).