سىز بىلەمسىز؟
نېمىشقا ئەيسا قەسەم ئىچىشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؟
مۇسا قانۇنى بويىچە، ئادەملەر «مەن ساڭا يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئېيتىپ قەسەم بېرەتتى. لېكىن، ئەيسانىڭ زامانىدا قەسەم بېرىش شۇنچىلىك كەڭ تارقالغان ئىدى. يەھۇدىيلار ھەتتا ئاددىي سۆزلەردە قەسەم ئىچىپ، ئادەملەرنى ئىشەندۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇغان ئىدى. ئەيسا بۇ يوقۇلاڭ ئەھمىيەتسىز ئادەتنى ئىككى قېتىم ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق تەلىم بەرگەن: ««ھە» دېگەن سۆزۈڭلار «ھە» بولسۇن ۋە «ياق» — «ياق» بولسۇن» (مەتتا 5:33—37؛ 23:16—22).
«يېڭى ئەھدىنىڭ ئىلاھشۇناسلىق لۇغىتىگە» بىنائەن، تالمۇدقا قاراپ، بىز ئىسرائىللىقلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم بېرىشنىڭ قانچىلىك كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرىمىز («Theological Dictionary of the New Testament»). سەۋەبى تالمۇدتا قانداق قەسەملەرنى ئورۇنلاش كېرەكلىكى ۋە قانداق قەسەمنى بۇزۇشقا بولىدىغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
قەسەم بېرىش ئادىتىنى پەقەت ئەيسا ئەيىبلىمىگەن. مەسىلەن، يەھۇدىي تارىخچى يوسېفاس فلاۋىي بىر يەھۇدىي مەزھەپ ھەققىدە يازغان. ئۇلار قەسەم ئىچمىگەن ۋە قەسەم بېرىش يالغان ئېيتىشتىنمۇ يامان دەپ ھېسابلىغان. ئۇلارنىڭ ئويىچە، قانداقتۇ بىر كىشى باشقىلارنى سۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بەرسە، ئۇ يالغانچى. يەھۇدىيلارنىڭ «سىراھنىڭ ھېكمىتى» دەپ ئاتالغان ئويدۇرما مەزمۇندىكى كىتابىمۇ: «قەسەم ئىچىشكە خۇمار كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. ئەيسا ئويلىماستىن قەسەم قىلغانلارغا ھۆكۈم چىقارغان. ئەگەر دائىم ھەقىقەتنى ئېيتىدىغان بولساق، سۆزۈمىزگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بېرىشنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايدۇ.