تەرجىمىھال
يەھۋانىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مول بەرىكەتكە ئېرىشتىم
ھەمراھىم ئىككىمىزگە ۋە ئاكام بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ئالاھىدە بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلغانىدى. شۇ چاغدا بىز دەرھال: «بىز تەييارمىز!»— دېدۇق. نېمىشقا بۇ ۋەزىپىتى ئۆز ئۈسىتىمىزگە ئېلىشقا ماقۇل بولدۇق؟ ئاۋۋال ئۆزۈم ھەققىدە ئازىراق سۆزلەپ بېرەي.
مەن 1923-يىلى يوركشىردىكى (ئەنگلىيە) خيمسۋورس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىزدە ئىككى بالا ئىدۇق، مەن ۋە ئاكام. ئاكامنىڭ ئىسمى — بوب. مەن 9 ياشتا بولغاندا دادىمىز بىر كىتابلارنى ئوقۇشنى باشلىدى، ئۇ يەردە يالغان دىن ئادەملەرنى قانداقلارچە ئالدايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەنىدى. ئوقۇغانلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. دادام دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۆگەتكەنلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى ياقتۇرماتتى. بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ، ئۆيۈمىزگە بوب ئاتكىنسون ئىسىملىك كىشى كېلىپ، رۇتېرفورد بۇرادەرنىڭ بىر نۇتۇغىنى ئاڭلاتتى. شۇ چاغدا بىز بۇ نۇتۇق ۋە دادامنىڭ بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلارنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقىنى چۈشەندۇق. ئاتا-ئانام ئاتكىنسون بۇرادەرنى ھەركۈنى ئاخشىمى بىرگە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ، مۇقەددەس كىتابقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ سوئال قويغان. ئۇ بىزنى ئۆيۈمىزدىن بىرنەچچە كىلومېتر يىراقلىتىكى بىر بۇرادەرنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بىز شۇ يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشىدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، خيمسۋورستا بىر كىچىك جامائەت پەيدا بولدى. كۆپ ئۆتمەي بىزنىڭ ئۆيدە رايونلۇق خىزمەتچىلەر (ھازىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار دەپ ئاتىلىدۇ) كېلىپ قونۇپ تۇراتتى. شۇنداقلا، يېقىن ئەتراپتىكى جامائەتلەردىكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى مېھمانغا چاقىراتتۇق. شۇ قېرىنداشلار ماڭا بەك ياخشى تەسىر قىلغان.
شۇ ۋاقىتلىرى ئائىلىمىز شەخسىي تىجارەتنى باشلىغانىدى. ئەمما دادىمىز ئاكامغا: «ئەگەر سەن پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى خالىساڭ، بۇ تىجارەتنى ياپىمىز»،— دېدى. بوب ماقۇل بولدى ۋە 21 يېشىدا ئۆيدىن كېتىپ، پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، 16 ياشقا تولغىنىمدا، مەنمۇ پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقىلار بىلەن ۋەز قىلاتتىم، ئەمما، ئىش كۈنلىرى يالغۇز خىزمەت قىلاتتىم. مەن پاتېفون بىلەن گۇۋاھلىق كارتىلارنى، يەنى مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە قىسقا ۋە ئېنىق خەۋەر يېزىلغان كارتىلارنى ئىشلىتەتتىم. يەھۋا خۇدا مېنى بەرىكەتلەپ، مەن بىر ئايال بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلىدىم ۋە كېيىنىرەك ئۇ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى. كېيىنىرەك شۇ ئايالنىڭ كۆپ تۇغقانلىرىمۇ ھەقىقەتكە كەلدى. كېيىنكى يىلى ميرى خېنشېل ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندىم. بىزنى چېشىر ئۆلكىسىدىكى تېخى بەلگىلەپ بېرىلمىگەن تېررىتورىيىگە ئەۋەتتى.
يەشايا 41:10، 13).
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئاياللار ئۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى. بەزى باشقا دىن خىزمەتچىلىرى ئۇرۇشقا بېرىشتىن كەچۈرۈم قىلىغاندەك، بىزمۇ مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار سۈپىتىدە كەچۈرۈم قىلىنىمىز، دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدۇق. لېكىن، سوت بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى. شۇڭا، مېنى 31 كۈنگە تۈرمىگە قامىدى. كېيىنكى يىلى، 19 ياشقا تولۇپ، ۋىجدانىم ئۇرۇشنى قوللاشقا يول قويمىغانلىقتىن، يەنە 2 قېتىم سوتقا تاپشۇرۇلدۇرم. ئەمما، ئىككىلا قېتىم سوت ماڭا ھېچقانداق ھۆكۈم چىقارمىدى. بۇ ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، ماڭا مۇقەددەس روھنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە يەھۋا بۇ ئارقىلىق مېنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى بىلدىم (يېڭى ھەمكارىم
ئارتۇر مەتتېيۇۋس بىلەن 1946-يىلى تونۇشتۇم. ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 3 ئاي تۈرمىدە ئولتۇرۇپ ئەمدىلا چىققان ئىدى. تۈرمىدىن چىقىپلا، ئۇ خيمسۋورستا مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىنىسى دېننىسقا بارىدۇ. دادىسى ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ يەھۋا ھەققىدە تەلىم بەرگەن. شۇڭا، ئۇلار ئۆسمۈر چېغىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ، كېيىن ئىككىسى بىرگە پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. كۆپ ئۆتمەي دېننىس ئېرلاندىيىگە ئەۋەتىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئارتۇر ھەمكارسىز قالغانىدى. ئاتا-ئانام بۇ تىرىشچان پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۆرۈپ، ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنى ئۆيۈمىزدە تۇرۇشقا چاقىرغان ئېكەن. مەن ئۆيگە بارغاندا، تاماقتىن كېيىن، ئارتۇر ئىككىمىز قاچا-قومۇچ يۇياتتۇق. ئاخىرىدا، بىر-بىرىمىزگە خەت يېزىشقا باشلىدۇق. 1948-يىلى ئارتۇر يەنە ئۈچ ئايغا تۈرمىگە تاشلاندى. 1949-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بولسا، بىز توي قىلدۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇمكىنقەدەر تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى توختاتماسلىق ئىدى. بىز ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشتۇق ۋە ئازراق پۇل تېپىش ئۈچۈن، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزدە يەل-يېمىش يىغاتتۇق. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىدۇق.
توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، بىز شىمالىي ئېرلاندىيىگە ئەۋەتىلدۇق. ئاۋۋال ئارما دېگەن شەھەردە، كېيىن نيۇرى شەھىرىگە باردۇق. بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى كاتولىكلار بولۇپ، ئۇلار باشقا دىن ئادەملىرىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىن، ۋەز قىلغاندا ئاۋايلاپ، زېرەك بولۇشىمىزغا توغرا كېلەتتى. يىغىلىشلىرىمىز بىز تۇرغان يەردىن 16 كىلومېتر يىراققا جايلاشقان بىر بۇرادەرنىڭ ئۆيىدە بولالاتتى. بەزىدە ئۇنىڭ ئۆيىدە قوناتتۇق. بىز يەردە ئۇخلاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممىمىز يىغىلىپ، خوشال-خورام بىللە تاماق يەتتۇق. ھازىر شۇ يەردە گۇۋاھچىلارنىڭ سانى كۆپ. بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خۇشالمەن.
«بىز تەييارمىز!»
ئاكام بىلەن ئايالى لوتتى شىمالىي ئېرلاندىيەدە مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. 1952-يىلى تۆرتىمىز بەلفاستتا ئۆتكۈزىدىغان رايونلۇق چوڭ يىغىلىشقا قاتناشتۇق. بىر بۇرادەر مېھماندوستلۇق كۆرسىتىپ، تۆرتىمىزنى ۋە برىتانىيىدىكى بەيتئەل خىزمەتچىسى پرايس خييۇزنى ئۆز ئۆيىدە قوبۇل قىلغانىدى. بىر كەچتە «خۇدانىڭ يولى — مېھىر-مۇھەببەت» ناملىق يېڭى كىتابچىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بۇ كىتابچە ئالايتەن ئېرلاندىيەلىكلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىدى. خييۇز بۇرادەر ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى كاتولىكلارغا ۋەز قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇ يەردىكى قېرىنداشلارنى تۇرۇۋاتقان جايلىرىدىن كېتىشكە مەجبۇرلاپ، دىنىي خىزمەتچىلەر ئادەملەرنى قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى چىقارغانىدى. خييۇز بۇرادەر مۇنداق دېدى: «بىزگە ماشىنىسى بار ئەر-ئاياللار كېرەك، ئۇلار مۇشۇ دۆلەتتە كىتابچىنى تارقىتىش مەخسۇس پائالىيىتىگە قاتناشسا دەيمىز» * (ئىزاھاتقا قاراڭ). «بىز تەييارمىز!»— دەپ دەرھال جاۋاب بەرگەنىدۇق. بۇ دەل ھېكايىنىڭ بېشىنى باشلىغان سۆز!
پېدائىي ۋەز ئېتقۇچىلار دۇبىلىندا بولغاندا، نۇرغۇن يىللار خۇدا سادىق خىزمەت قىلغان رۇتلاند «ئاپىمىزنىڭ» ئۆيىدە تورغانىدى. بىز تۆتىمىز ھەم بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇردۇق. بەزى مال-مۈلكۈمىزنى سېتىپ، كېيىن تۆرتىمىز بوبنىڭ موتوسىكىلىتىغا ئولتۇرۇۋېلىپ، ماشىنا ئىزدەشكە چىقتۇق. بىز مۇۋاپىق بىر ماشىنىنى تېپىپ سېتىۋالدۇق. لېكىن، ھېچقايسىمىز ھەيدەشنى بىلمىگەنلىكتىن، ساتقان كىشىنى ئۇنى ئۆيۈمىزگىچە يەتكۈزۈپ بېرىشنى سورىدۇق. ئارتۇر شۇ كەچتە كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ، ماشىنا ھەيدىگەندەك مەشىق قىلىپ چىقتى. ئەتىسى ئەتىگەندە شۇ ماشىنىنى گاراژدىن چىقىرىمەن دەپ قىينىلىۋاتقاندا، مىلدرېد ۋىللېت (كېيىنىرەك جون بارر بۇرادەرگە تۇرمۇشقا چىققان) ئىسىملىك ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى كېلىپ قالدى. ئۇ ماشىنا ھەيدەشنى بىلگەنلىكتىن بىزگە ئانچە-مۇنچە ئۆگىتىپ، ئاندىن يولغا چىقىشقا تەييار بولدۇق.
ئەمدى بىزگە تۇرىدىغان جاي ئىزدەش كېرەك ئىدى. قېرىنداشلار بىزگە ساياھەت ماشىنىسىدا تۇرماسلىقنى مەسلىھەت بەردى. چۈنكى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا ئوت قويۇۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، بىز ئۆي ئىزدەشنى باشلىدۇق. بىراق، ھەممىسى بېكار بولدى. شۇ كۈنى تۆرتىمىز ماشىنىدا ئۇخلىدۇق. ئەتىسى تاپقىنىمىز پەقەت قولدا ياسالغان كىچىك ساياھەت ماشىنىسى بولدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيۈمىزگە ئايلاندى. كىشىنى خۇشال قىلىنارلىقى يېرى، بىزگە ئۇنى قويىدىغان يەرنى تېپىش بەك ئاسان بولدى، سەۋەبى يەرلىك دېھقانلار بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن ئۆز يېرىگە قويۇشقا رۇخسەت بەردى. بىز ساياھەت ماشىنىسىنى بىر ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن 16—24 كىلومېتر يىراق ئەتراپتىكى يەردە ۋەز قىلاتتۇق. باشقا يەرگە كۆچكەندە، بۇنىڭدىن ئاۋۋال تۇرغان يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەر ئېيتاتتۇق.
بىز ئانچە كۆپ قارشىلىققا دۇچ كەلمەي، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بارلىق ئۆيلەرنى ئارىلىدۇق. 20000 دىن كۆپرەك كىتابچە تارقاتتۇق ۋە قىزىقىش كۆرسەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىنى برىتانىيىدىكى بەيتئەلگە ئەۋەتتۇق. ھازىر ئىرلاندىيەدە نەچچە مىڭلىغان گۇۋاھلارنىڭ بولغانلىقى نېمە دېگەن زور بەرىكەت!
ئەنگلىيىگە قايتىپ، كېيىن شوتلاندىيىگە ئاتلاندۇق
بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىز جەنۇبىي لوندونغا ئەۋەتىلدۇق. بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن، برىتانىيە بەيتئەلدىكى بۇرادەرلەر ئارتۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەتىسى رايونغا مەسئۇل ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى سورىدى! بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تەييارلىقتىن ئۆتۈپ، شوتلاندىيىدىكى بەلگىلەنگەن رايونغا يولغا چىقتۇق. شۇ سەۋەبتىن، ئارتۇرنىڭ نۇتۇق تەييارلايدىغان ۋاقتى بەك ئاز بولدى! بىراق، ئۇ خۇداغا بولغان خىزمەتتىكى ھەرقانداق تاپشۇرۇقنى، قانچىلىك قىيىن بولمىسۇن، خۇشاللىق بىلەن قىلىشقا تەييار بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈلگىسى مېنى قاتتىق ئىلھاملاندۇردى. رايۇنلۇق خىزمىتىمىز ئىككىمىزگىمۇ خۇشاللىق ئەكەلدى. نەچچە يىل بەلگىلەنمىگەن تېررىتورىيىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، شۇنچىلىك كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىمىز، بىز ئۈچۈن چوڭ بەرىكەت بولدى.
ئارتۇر 1962-يىلى گىلىئاد مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنغاندا، بىزگە بەك مۇھىم قارار قىلىشقا توغرا كەلدى. مەكتەپ پروگراممىسى ئون ئايغا سوزولاتتى ۋە مېنى تەكلىپ قىلمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارالمايتتىم. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئارتۇرنىڭ مەكتەپكە بېرىشى ياخشىراق بولىدۇ، دەپ قارار قىلدۇق. پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ھەمراھسىز قالغانلىقتىن، بەيتئەل مېنى قايتا خيمسۋورسقا مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە تەيىنلىدى. بىر يىلدىن كېيىن ئارتۇر قايتىپ كەلگەندە، بىز دائىرىلىك خىزمەتكە تەيىنلەندۇق. بىزنىڭ
دائىرىمىزگە شوتلاندىيە، ئەنگلىيىنىڭ شىمالى ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە كىرگەنىدى.ئېرلاندىيىدىكى يېڭى ۋەزىپە
1964-يىلى ئارتۇر ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بەيتەلگە بەيتئەل خىزمەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. بېشىدا بەيتەلگە بېرىشتىن بەك ئەنسىرىدىم، چۈنكى، سەييارە يۈرۈپ قىلىدىغان خىزمەتنى قاتتىق ياخشى كۆرەتتىم. ئۆتكەن يىللارغا قاراپ، بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئىمتىيازى ئۈچۈن ناھايىتى مىننەتدارمەن. بېرىلگەن ۋەزىپىنى قىلىشنى ئانچە خالىمىساڭمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلساڭ، يەھۋا ھەرقاچان بەرىكىتىنى مول تۆكىدۇ. بەيتەلدە ئىشخانىدا ئىشلىدىم، ماتېرىياللارنى قاچىلىدىم، تاماق ئەتتىم ۋە تازالىق ئىشى بىلەن شۇغۇللاندىم. بەزىدە بىز يەنە دائىرىگە مەسئۇل خىزمەتنى قىلغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت بولدى. بىز بىلەن تەتقىق قىلىپ، روھىي ئۆسكەن ئادەملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمىز ئېرلاندىيىدىكى قېرىنداشلار بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى مۇستەھكەملىدى. بۇ — ئاجايىپ بەرىكەت!
ئېرلاندىيىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ۋەقە
ئېرلاندىيىدىكى بىرىنچى خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىش 1965-يىلى دۇبلىندا ئۆتكۈزۈلدى * (ئىزاھاتقا قاراڭ). قارشىلىق ئىنتايىن قاتتىق بولسىمۇ، چوڭ يىغىلىش بەك ياخشى ئۆتتى ۋە 3948 ئادەم كېلىپ، ئۇلارنىڭ 65 چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتتى. چەت ئەلدىن كەلگەن 3500 قېرىنداش دۇبلىندىكى ئۆيلەردە توردى. ھەر ئۆينىڭ ئېگىسىگە مىننەتدارلىق خەتلىرى ئەۋەتىلدى. ئۇلارمۇ ئۆيلىرىدە تۇرغان قېرىنداشلارنىڭ ئەدەبلىك يۈرۈش-تۇرۇشىنى ماختىدى. بۇ ئېرلاندىيىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە بىر ۋەقە بولغانىدى.
1966-يىلى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى پادىشاھلىق ۋەز ئېيتىش ئىشى بىرلىشىپ، دۇبلىندىكى بەيتەلنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى. بۇنداق ئىناقلىق پۈتۈن ئارالدىكى دىنىي ۋە سىياسىي بۆلگۈنچىلىكتىن قاتتىق پەرقلەنگەنىدى كاتولىكلارنىڭ ھەقىقەتكە كېلىپ، بۇرۇن پروتېستانت بولغان قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز ئىچىمىزگە پاتماي كەتتى.
تامامەن باشقا ۋەزىپە
2011-يىلى برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بەيتئەللىرى بىرلىشىپ، بىز لوندوندىكى بەيتئەلگە تەيىنلەنگەندە ھاياتىمىز تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەردى. شۇ ۋاقىتتا، مەن ئارتۇرنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئۇنىڭدا پاركىنسون كېسىلى (تىترەك كېسىلى) تېپىلدى. ئەپسۇسكى، 2015-يىلنىڭ 20-ماي كۈنى 66 يىل داۋامىدا جور بولۇپ كەلگەن ھەمرايىمدىن ئايرىلدىم.
ئۆتكەن نەچچە يىلدا، مەن قاتتىق قايغۇرۇپ، روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ھەسرەتكە كۆڭلۈم بەك ئازابلاندى. بۇرۇن ئارتۇر ھەرقاچان يېنىمدا ئىدى. ئۇنى شۇنچە بەك سېغىندىم! ئەمما، مۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز. ئادەملەرنىڭ ئارتۇرنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكىنى بىلگەندە، خوشال بولۇپ كەتتىم. ماڭا، ئېرلاندىيە، برىتانىيە، ھەتتا قوشما شتاتلاردىكى قېرىنداشلاردىن خەتلەر كەلدى. بۇ خەتلەر ۋە ئارتۇرنىڭ ئىنىسى دېننىس بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ميۋىس، ئۇلارنىڭ قىزلىرى رۇت بىلەن جۇدى ماڭا زور ياردەم بېرىپ كەلدى.
ماڭا يەشايا 30:18-ئايەتتىكى سۆزلەر تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ يەردە: «سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ يەھۋا كۈتىدۇ ۋە شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ، چۈنكى يەھۋا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر، ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!»— دەپ يېزىلغان. يەھۋا ھەممە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىتنى كۈتىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى دۇنيادا بىزگە ناھايىتى قىزىقارلىق تاپشۇرمىلارنى بېرىدىغانلىقى ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بېرىدۇ.
ئۆتمۈشكە قاراپ، يەھۋانىڭ ئېرلاندىيىدىكى ۋەز ئىشىغا رەھبەرلىك بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. بۇ ئىشقا ئۆز ھەسسەمنى قوشالىغىنىم مەن ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ. ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ دېگىنىنى قىلساق، ھەرقاچان بەرىكىتىنى كۆرىمىز!