ياشلار،«ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىشكە» ئىنتىلىڭلار
«سىلەر ھېمىشەم بېقىنغاندەك... كەلگۈسىدىمۇ قورقۇنۇچ ھالدا، ئەيمىنىش بىلەن ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» (فىلىپپىلىقلارغا 2:12).
ناخشىلار: 41، 11
1. نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلۈش ناھايىتى مۇھىم قارار؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
ھەر يىلى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلەر ياكى بالىلار. بەزىلىرى ھەقىقەتنى كىچىكىدىن بىلىدۇ. سىزمۇ ئۇلارنىڭ بىرسى بولسىڭىز، ناھايىتى توغرا قارار قىلدىڭىز. ھەربىر مەسىھكە ئەگەشكەن كىشى چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشى شەرت. چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمى — قۇتقۇزۇلۇش ۋە مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەم (مەتتا 28:19، 20؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:21).
2. يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشتىن نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىڭىز كېرەك؟
2 سىز چۆمدۈرۈلگەندە، يەھۋا سىزگە كۆپ يېڭى بەرىكەتلەرنى بەردى. ئەمما، سىزدە يېڭى مەسئۇلىيەتلەرمۇ پەيدا بولدى. قانداق مەسئۇلىيەتلەر؟ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن كۈنى نۇتۇق ئېيتقان بۇرادەر: «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئاساسىدا، سىز گۇنالىرىڭىزغا توۋۋا قىلدىڭىزمۇ ھەم يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدىڭىزمۇ؟»— دەپ سورىغاندا، سىز «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەردىڭىز. سىز يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىڭىزدا ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ۋەدە قىلدىڭىز. شۇنداق مۇھىم ۋەدە بەرگىنىڭىزگە
پۇشايمان قىلامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق! يەھۋانىڭ ھاياتىڭىزنى يېتەكلىشىگە ئۆزىڭىزنى تاپشۇرغانلىقىڭىزغا ھېچقاچان پۇشايمان قىلمايسىز. يەھۋانى بىلمەيدىغان ئادەملەر شەيتان دۇنياسىغا تەۋە. شەيتان ھېچقاچان ئۇلار ياكى سىزنىڭ ھال-ئەھۋالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىز يەھۋادىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ تەرىپىدە بولسىڭىز ۋە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىدىن ئايرىلسىڭىز، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.3. ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش سىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈردى؟
3 ھاياتىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكىنىڭىزدىن تارتىپ، ئۇ سىزگە قانداق بەرىكەتلەر بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. سىز ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغانلىقتىن، ئىشەنچ بىلەن: «پەرۋەردىگار مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»— دەپ ئېيتالايسىز (زەبۇر 118:6). خۇدا تەرىپىدە بولۇپ، ئۇ سىزدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتىن ئارتۇق شان-شەرەپ يوق!
شەخسىي جاۋاپكارلىق
4، 5. ئا) يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا قانداق قارىشىڭىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ ئە) ھەرقانداق ياشتىكى مەسىھ ئەگەشكۈچلىرى قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
4 ئاتا-ئانىڭىز يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغانلىغى، سىزنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ. سىز ئاتا-ئانىڭىز بىلەن تۇرىدىغان بولسىڭىزمۇ، يەھۋا بىلەن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش — شەخسىي جاۋاپكارلىقىڭىز. نېمىشقا بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك؟ ھېچبىرىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مەسىلەن، سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا چۆمدۈرۈلگەنسىز. لېكىن، ئەمدى ئۆسمۈر چېغىڭىزدا، بۇرۇن بولمىغان ھېس-تۇيغۇلار بىلەن قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندۇ. بىر ياش قىز مۇنداق دېگەن: «ئادەتتە، كىچىك بالا سىنىپداشلىرى بىلەن بىرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورت يېمىدىم، دەپ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغىنىغا ئۆكۈنمەيدۇ. لېكىن بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ئۆسمۈرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۈچەيگەندە، ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي كۆز يەتكۈزۈشى كېرەك».
5 لېكىن يېڭى قىيىنچىلىقلار پەقەت ياشلاردىلا بولمايدۇ. چوڭ بولغاندا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنلەرنىڭمۇ ئېتىقادى كۈتۈلمىگەن يول بىلەن سىنىلىشى مۇمكىن. بۇ سىناقلار نىكاھىدا، سالامەتلىك مەسىلىسىدە ياكى ئىشىدا پەيدا بولۇشى ئېھتىمال. مەيلى قانچە ياشتا بولايلى، ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە يەھۋاغا ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشىمىز كېرەك (ياقۇپ 1:12—14).
6. ئا) ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا شەرتسىز بېغىشلاش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئە) فىلىپپىلىكلەرگە 4:11—13-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
6 سادىقلىقىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن، شۇنى ھەردائىم ئەستە ساقلاڭكى، يەھۋاغا بەرگەن ۋەدىڭىز شەرتسىز. بۇ دېگەنلىك، ھەتتا ئاتا-ئانىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز يەھۋانىڭ يولىنى تاشلاپ كەتسىمۇ، سىز چوقۇم يەھۋاغا سادىق قېلىشىڭىز كېرەك (زەبۇر 27:10). بارلىق سىز مەيلى قانداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىڭ، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، بەرگەن ۋەدىڭىزگە سادىق بولۇشقا ياردەم سوراڭ (فىلىپپىلىكلەرگە 4:11—13نى ئوقۇڭ).
7. «قورقۇنۇچ ھالدا، ئەيمىنىش بىلەن» قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشتۇرىدىغان خىزمەتنى قىلىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
7 يەھۋا خۇدا سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ. بىراق، بۇ دوستلۇقنىڭ مەھكەم بولۇشى ۋە قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەر تۆكۈش كېرەك. بۇ ھەقتە فىلىپپىلىكلەرگە : «كەلگۈسىدىمۇ قورقۇنۇچ ھالدا، ئەيمىنىش بىلەن ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار»،— دەپ يېزىلغان. بۇ سۆزلەر يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى قانداق ساقلاپ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋەزىيەتتە سادىق بولۇپ قالالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھېچقايسىمىز بۇ ماڭا قىيىن ئەمەس، دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالمايمىز. ھەتتا، خۇداغا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بەزى ئادەملەرنىڭ، ۋاپادارلىقىنى ساقلىيالمىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن سىز نېمە قىلالايسىز؟ 2:12-دە
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش بەك مۇھىم
8. شەخسىي تەتقىق قىلىش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
8 يەھۋا بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدە بولۇشىمىز كېرەك. يەھۋانى تىڭشاشنىڭ ئەڭ ئاساسىي يولى — مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش. بۇنىڭغا خۇدا سۆزىنى ئوقۇش ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىش كىرىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش مەكتەپتىكى ئېمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن مەلۇماتنى يادلاشقا ئوخشىمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئىزدىنىپ، يەھۋا ھەققىدە يېڭى نەرسىلەرنى تېپىشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق سەياھەتكە ئوخشاش. سىز يەھۋاغا يېقىنلىشىسىز ۋە ئۇمۇ سىزگە يېقىنلىشىدۇ (ياقۇپ 4:8).
9. شەخسىي تەتقىق قىلىش ئۈچۈن سىزگە قانداق قوراللار ياردەم بېرىدۇ؟
9 يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىزنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان كۆپلىگەن قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، org.jw تور بېكىتىنىڭ «ئۆسمۈرلەر» دېگەن بۆلۈمدىكى «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تاپشۇرۇقلار»، دەپ ئاتالغان سەھىپىنى ئالايلى. بۇ سەھىپە سىزگە مۇقەددەس كىتابتىن بىلىۋالغانلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تور بەتتە «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟» دەپ ئاتالغان تەتقىق قىلىش قوراللىرى بار. ئۇلار سىزگە ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملەشكە ۋە باشقىلارغا ئۆز كۆزقارىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. شەخسىي تەتقىق قىلىش ھەققىدە قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى «ئويغىنىش!» (خەنزۇچە) ژۇرنالىنىڭ 2009-يىل، ئاپرېل سانىدىكى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى قانداق قىلىپ كۆڭۈللۈك قىلالايمەن؟» ناملىق ماقالىدىن تاپالايسىز. قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىش بىلەن مۇلاھىزە قىلىش بەك مۇھىم (زەبۇر 119:105نى ئوقۇڭ).
دۇئانىڭ ئەھمىيىتى زور
10. نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار ئۈچۈن دۇئا بەك مۇھىم؟
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى ئورنىڭىزنى ھەردائىم قەدىرلەڭ
10 مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغاندا، بىز يەھۋانى تىڭشايمىز ھەم دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمىز. دۇئانى پەقەت بىر ئادەت ياكى تەلەي ئېلىپ كېلىدىغان تىلەك، دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. دۇئا ياراتقۇچى بىلەن راستىنلا سۆزلىشىشنى بىلدۈرىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ: يەھۋا سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزنى تىڭشاشنى خالايدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:6نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئەگەر غەم-ئەندىشىلىرىڭىز بولسا، مۇقەددەس كىتابتىكى «يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي»، دېگەن نەسىھەت بويىچە ئىش تۇتۇڭ (زەبۇر 55:22). مىليونلىغان قېرىنداشلار بۇ نەسىھەتنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان. سىزگە ھەم بۇ نەسىھەت ياردەم بېرەلەيدۇ!
11. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا دائىم رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك؟
11 ئەمما بىز يەھۋاغا پەقەت ياردەم سوراش ئۈچۈنلا دۇئا قىلماسلىقىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتاب بىزگە: «مىننەتدار بولۇڭلار»، دەپ ئەسكەرتىدۇ (كولوسىلىقلارغا 3:15). بەزىدە قىيىنچىلىقلىرىمىز ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىۋېرىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ياخشىلىقنى بايقىماسلىقىمىز مۇمكىن. شۇڭا، ھەر كۈنى مىننەتدار بولۇشنىڭ كەم دېگەندە ئۈچ سەۋەبى ھەققىدە ئويلاپ، ئۇلار ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئادا رەھمەت ئېيتىڭ. 12 ياشتا چۆمدۈرۈلگەن ئابىگېيل ئىسىملىك ئۆسمۈر قىز: «مېنىڭچە، يەھۋا — كائىناتتىكى رەھمەت ئېيتىشىمغا ئەڭ لايىق شەخس. بىز ھەر مۇمكىنچىلىكتىن پايدىلىنىپ، بىزگە بەرگەن سوۋغاتلار ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك»،— دېگەن. بەزىدە ئابىگېيل ئۆزىگە بۇرۇن ئاڭلىغان بىر سوئالنى قويىدۇ: «ئەتىسى ئەتىگەندە تۇرغاندا، مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن نەرسە بىلەن قالسام، مېنىڭدە زادى نېمە قالىدۇ؟».
شەخسىي تەجرىبە-ساۋاقنىڭ قەدىر-قىممىتى
12، 13. ھاياتىڭىزدا يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆردىڭىز؟ يەھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
12 يەھۋا، داۋۇت پادىشاھقا كۆپلىگەن قىيىن ۋەزىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەرگەنىدى. شۇڭا ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمە دېگەن بەختلىكتۇر!»— دېگەندە، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر ھەققىدە سۆزلىگەن (زەبۇر 34:8). بۇ ئايەتلەر يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سىز مۇقەددەس كىتاب ۋە كىتاب-ماتېرىياللارنى ئوقۇغاندا ھەم ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقاندا، خۇدا باشقىلارنىڭ سادىق بولۇپ قېلىشىغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىسىز. لېكىن، يەھۋا بىلەن مۇناسىتىۋىتىڭىز كۈچەيگەنسىرى، يەھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىشىڭىز كېرەك. سىز يەھۋانىڭ مېھرىبان ئىكەنلىكىگە قانداق كۆز يەتكۈزدىڭىز؟
13 ھەربىر ئېتىقادچى يەھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئۆزگىچە بىر يول بىلەن كۆرگەن. يەھۋا ھەربىرىمىزنى ئۆزىگە ۋە ئوغلىغا يېقىنلىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەيسا: «ئەگەر مېنى ئەۋەتكەن ئاتام بىراۋنى ماڭا جەلىپ قىلمىسا، ھېچكىم ماڭا كېلەلمەيدۇ»،— دېگەن (يوھاننا 6:44). يەھۋا سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلامسىز؟ ياكى بولمىسا، «يەھۋا ئاتا-ئانامنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، مەن بولسام پەقەت ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرىمەن» دەمسىز؟ بىراق، يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە، سىز ئۇنىڭ بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىڭىزنى كۆرسەتتىڭىز. مۇقەددەس كىتابتا: «لېكىن ئەگەر كىم خۇدانى سۆيسە، بۇنداق ئادەمنى خۇدا تونۇيدۇ»،— دەپ يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:3). يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى ئورنۇڭىزنى ھەردائىم قەدىرلەڭ.
14، 15. ۋەز قىلىش ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 شۇنداقلا يەھۋا سىزگە ۋەز خىزمەتتە ياكى مەكتەپتە ئېتىقادىڭىز توغرۇلۇق باشقىلارغا جەسۇرلۇق بىلەن ۋەز قىلشقا ياردەم بەرگەندە، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ساۋاقداشلىرىڭىزغا ۋەز قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلمىگەچ ئەنسىرەيدىغانسىز. بولۇپمۇ كۆزقارىشىڭىزنى كۆپچىلىك ئالدىدا چۈشەندۈرۈش قورقۇنۇچلۇق بولۇشى مۇمكىن. سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ھەقىقەتكە نېمە سەۋەبتىن ئىشەنگەنلىڭىز ھەققىدە ئويلىنىڭ. تەتقىق قىلىش قوراللىرى org.jw تور بېكىتىدە ئانا تىلىڭىزدا بار بولسا، ئۇلارنى ئىشلىتىشكە تىرىشىڭ. بۇ قوراللار نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىز، ئۇلارغا نېمە سەۋەب ئىشەنگەنلىكىڭىز ۋە بۇنى باشقىلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. سىز ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئۆزىڭىزدە ياخشى تەييارلىق بولغاندا، يەھۋا ھەققىدە ۋەز قىلىشنى خالايسىز (يەرەمىيا 20:8، 9).
16. ئېتىقادىڭىز ھەققىدە جاسۇرلۇق بىلەن سۆزلەشكە نېمە ياردەم بېرىشى مۇمكىن؟
16 ھەتتا ياخشى تەييارلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ، ئېتىقادىڭىز ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىشتىن خىجىل بولۇشىڭىز مۇمكىن. 13 يېشىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن 18 ياشلىق بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بەزىدە ئۆز ئۆي-پىكىرىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سۆز تاپالمەيمەن». شۇ سەۋەبتىن ئۇ ھەقىقەتنى ئەركىن ۋە تەبئىي ھالدا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. ئۇ سۆزنى داۋاملاپ: «سىنىپداشلىرىم قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا بىمالال ئېيتىدۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك. مەسىلەن، «بىر كۈنى مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بەرگەندە مۇشۇنداق ۋەقە بولدى...»، دەيمەن. ئاندىن ئېيتماقچى بولغان ماۋزۇغا ئۆتۈمەن. ئۇدۇل مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئېيتمىساممۇ، پات-پات سىنىپداشلىرىم مۇقەددەس كىتابتىن قانداق تەلىم بېرىدىغانلىقىمغا قىزىقىدۇ. بەزىدە ئۇلار سوئاللارنى قويىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانسېرى، سۆز باشلاش مېنىڭ
ئۈچۈن تېخىمۇ ئاسان بولدى. ئاخىرىدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك خۇشال-خۇرام ھېس قىلىمەن!»، دەيدۇ.17. ئېتىقادىڭىز ھەققىدە ئېيتىشقا يەنە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
17 باشقىلارغا ھۆرمەت ۋە شەخسىي قىزىقىش كۆرسەتسىڭىز، ئۇلار سىزنى دىققەت قويۇپ تىڭشىشى مۇمكىن. كىچىك چېغىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن 17 ياشتىكى ئولىۋىيا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆز قىلسام، ئادەملەر مېنى دىن قارغۇلارچە تەشۇببۇس قىلىدىغان بىرى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالارمۇ دەپ قورقاتتىم». كېيىن، ئۇ باشقىچە ئويلاشقا باشلىغان. ئۇ ھەددىدىن زىيادە قورقۇنچقا پېتىپ كەتمەي، ئەكسىچە مۇنداق دەپ ئويلىغان: «كۆپ ياشلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇلار بىزدىن باشقا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، خۇش خەۋەرنى قانداق قوبۇل قىلىشى ئۆزۈمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە باغلىق. خىجىلچان بولساق، ئېتىقادىمىز توغرىسىدا ئېيتىشتىن خىجىل بولۇپ تارتىنساق، ئۇلار نېمە ئويلايدۇ؟ بىزنى ئېتىقادىمىزدىن پەخىرلەنمەيدىكەندە، دەپ ئويلاپ قىلىشى مۇمكىن. ھەتتا، ئۆز-ئۆزۈمىزگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بەلكىم قوپال جاۋاب بېرىشى ھەم مۇمكىن. ئەمما، بىز نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئەركىن ۋە ئىشەنچ بىلەن سۆزلىسەك، ئۇلار بىزنى كۆپرەك ھۆرمەتلىشى مۇمكىن».
قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىڭلار
18. قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
18 مۇشۇ ماقالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىش ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېغىر مەسئۇلىيەت. قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىش ئۈچۈن خۇدا سۆزىنى ئوقۇشىڭىز، ئوقۇغانلىرىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىز، يەھۋاغا دۇئا قىلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ شەخسەن سىزگە قانداق ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىڭىز زۆرۈر. شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ دوستىڭىز ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەنچ قىلالايسىز. بۇ سىزنى ئېتىقادىڭىز ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ (زەبۇر 73:28نى ئوقۇڭ).
19. قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمىشقا قولۇمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟
19 ئەيسا: «ئەگەر كىمدەكىم ماڭا ئەگەشكۈسى كەلسە، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئازاپ تۈۋرۈگىنى كۆتۈرۈپ، دائىم كەينىمدىن يۈرسۈن»، دېگەن (مەتتا 16:24). ئەيساغا ئەگىشىشنى خالىغان ھەربىر ئادەم، ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشى لازىم. بۇ قەدەم بۈگۈنكى گۈزەل ھاياتنىڭ باشلىنىشى خالاس ۋە كېلەچەكتە خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشكە يول ئاچىدۇ. ئۇنداقتا، كېلىڭلار، قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىش ئۈچۈن قولۇمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلايلى!