ئۇنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن
«لازار دوستىمىز ئۇخلاپ قالدى، لېكىن مەن ئۇنى ئوخىتىشقا بارىمەن» (يوھاننا 11:11).
ناخشىلار: 54، 154
1. لازار ھەققىدە مارتا نېمىگە ئىشەنگەن؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
ئەيسانىڭ يېقىن دوستى ۋە ئەگەشكۈچىسى بولغان مارتا قايغۇردى. ئۇنىڭ ئاكىسى، لازار، ئۆلۈپ كەتتى. بىرەر ئىش ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەلىدۇ؟ ھەئە! ئەيسا ئۇنىڭغا: «سېنىڭ قېرىندىشىڭ تۇرىدۇ»،— دەپ ۋەدە بەردى. ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ قايغۇسىنى يوق قىلمىسىمۇ، مارتا ئەيسانىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇ: «بىلىمەن، ئاخىرقى كۈنى، تىرىلىشتە، تۇرىدۇ»،— دېدى (يوھاننا 11:20—24). ئۇ كېلەچەكتە قايتا تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەمما، كېيىن ئەيسا مۆجىزە كۆرسەتتى. ئۇ دەل شۇ كۈنى لازارنى تىرىلدۈردى.
2. نېمىشقا سىز مارتاغا ئوخشاش مەھكەم ئىشەنچكە ئىگە بولۇشنى خالايسىز؟
2 ئەيسا ياكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى دەل ھازىر تىرىلدۈرىدۇ، دەپ كۈتمەيمىز. لېكىن، كېلەچەكتە يېقىنلىرىڭىزنىڭ چوقۇم تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز مارتانىڭكىگە ئوخشاش مەھكەممۇ؟ بەلكىم، سىز ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز، ئاپىڭىز، دادىڭىز، مومىڭىز، بوۋىڭىز، ھەتتا سۆيۈملۈك بالىڭىزدىن ئايرىلغانسىز. شۇ سۆيۈملۈك ئادەملىرىڭىزنى باغرىڭىزغا بېسىپ، ئۇلار
بىلەن سۆزلىشىپ، بىللە خۇشال بولالايدىغان ۋاقىتنى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغانسىز. بەختكە يارىشا، مارتاغا ئوخشاش سىزدىمۇ «ئاخىرقى كۈنى بولىدىغان تىرىلىشتە يېقىنلىرىڭىزنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن»،— دەپ ئېيتىشقا سەۋەپ بار. شۇنداق بولسىمۇ، ھەربىرىمىز بۇنىڭغا نېمىشقا ئىشىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز لازىم.3، 4. ئەيسا نېمە قىلدى ۋە بۇ قانداق قىلىپ مارتانىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىدى؟
3 مارتا يېرۇسالىمنىڭ ئەتراپىدا ياشىغانلىقتىن، ئەيسانىڭ جەلىلىيەدىكى نائىن شەھىرىدە تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرمىگەندۇ، ئەمما ئۇ بەلكىم بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاڭلىغان. شۇنداقلا ئۇ ئەيسانىڭ يائىر دېگەن كىشىنىڭ قىزىنى تىرىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئاڭلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ ئۆيدىكى ھەممىسى قىزنىڭ «جان ئۈزگەنلىكىنى بىلگەن». بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ: «ھەي قىزچاق، ئورنۇڭدىن تۇر!»— دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى (لۇقا 7:11—17؛ 8:41، 42، 49—55). مارتامۇ، ئۇنىڭ سىڭلى مەرىيەممۇ ئەيسانىڭ ئاغرىقلارنى ساقايتالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار ئەيسا يېنىدا بولغان بولسا، لازار ئۆلمەيتى دەپ ئويلىغان. لېكىن، ھازىر ئۇ كۆز يۇمغاندا، مارتا نېمنى ئۈمىد قىلغان؟ بايقىسىڭىز، ئۇ لازارنىڭ كېلەچەكتە، «ئاخىرقى كۈنى» تىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نېمىشقا ئۇنىڭ ئېتىقادى كامىل بولغان؟ شۇنداقلا كېلەچەكتە ئادەملەرنىڭ، ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىڭىزنىڭمۇ تىرىلىدىغانلىقىغا نېمە سەۋەبتىن ئىشىنەلەيسىز؟
4 تىرىلىشنىڭ بولدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن سىزدە ئاساسلىق سەۋەبلەر بار. ھازىر ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسىنى قاراپ چىقايلى. بۇرۇن سىز ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن، ئەمما سۆيۈملۈك ئادەملىرىڭىز بىلەن قايتا كۆرۈشۈشكە بولغان ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملەيدىغان بەزى ئويلارنى خۇدا سۆزىدىن تاپالايسىز.
ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان ۋەقەلەر
5. مارتا نېمە سەۋەبتىن لازارنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن؟
5 بايقىسىڭىز، مارتا «ئاكامنىڭ تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»،— دەپ ئېيتماستىن، «ئۇنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن»،— دېگەن. نېمىشقا ئۇ شۇنچىلىك ئىشەنچلىك سۆزلىگەن؟ چۈنكى، ئۇ ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن تىرىلىش ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى بىلگەن. بەلكىم، ئۇ كىچىك چېغىدا ئۆيىدە ياكى ئىبادەتخانىدا بۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغاندۇ. كېلىڭ، يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان شۇنداق ئۈچ ۋەقەنى قاراپ چىقايلى.
6. مارتا قايسى مۆجىزىنى سۆزسىز بىلگەن؟
6 ئەڭ بىرىنچى تىرىلىش خۇدا ئىلىياس (ئېلىيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پەيغەمبەرگە مۆجىزە كۆرسىتىشكە كۈچ بەرگەندە يۈز بەرگەنىدى. ئىسرائىلنىڭ شىمالىدىكى فىنىكىيەدىكى زەرەپەت شەھىرىدە ياشىغان بىر كەمبەغەل تۇل ئايال پەيغەمبەرگە مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن. ئاندىن يەھۋا خۇدا مۆجىزە كۆرسىتىپ، شۇ ئايالنىڭ ئۆيىدىكى ئۇن بىلەن ماينى تۈگىمەيدىغان قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ تۇل ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئامان قالدى (پادىشاھلار 1-يازما 17:8—16). كېيىنىرەك ئۇنىڭ ئوغلى ئاغرىپ، ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما، ئىلىياس ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. ئۇ يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، بالىنىڭ ھاياتىنى قايتۇرۇشنى ئۆتۈندى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ، بالىنى تىرىلدۈردى! بۇ مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان بىرىنچى تىرىلدۈرۈش بولغان (پادىشاھلار 1-يازما 17:17—24نى ئوقۇڭ). مارتانىڭ بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى بىلگەنلىكى سۆزسىز.
7، 8. ئا) ئېلىشا قايغۇرغان ئايالغا قانداق تەسەللىي بەرگەن؟ ئە) ئېلىشا كۆرسەتكەن مۆجىزە يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟
پادىشاھلار 2-يازما 4:8—31).
7 مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان ئىككىنچى تىرىلىش ۋەقەسى ئېلىشا پەيغەمبەر بىلەن بولغان. شۇنەم شەھىرىدە بالىلىرى يوق بىر ئىسرائىللىق ئايال ياشىغان. ئۇ ئېلىشاغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەنلىكتىن، يەھۋا ئۇنى ۋە ياشانغان ھەمراھىنى بەرىكەتلەپ، ئۇلارغا ئوغۇل سوۋغات قىلغانىدى. ئەمما، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن بۇ ئوغۇل ئۆلۈپ قالدى. ئانىسىنىڭ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇ شۇنچلىك ھەسرەت چەكتىكى، ئېلىشانى تېپىش ئۈچۈن 30 كىلومېتر يول يۈرۈپ كارمىل تېغىغا باردى. پەيغەمبەر خىزمەتچىسى گېھازنى بالىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنەمگە ئەۋەتتى. ئەمما، گېھاز ئۇنى تىرىلدۈرەلمىدى. شۇڭا، ھەسرەت چەككەن ئانا ئېلىشا پەيغەمبەر بىلەن ئۆيىگە باردى (خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدىرىتنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى
8 ئېلىشا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالا ياتقان بۆلمىگە چىقىپ، دۇئا قىلدى. يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ، بالىنى مۆجىزە ئارقىلىق ھاياتقا قايتۇردى. بۇ ئايال بالىسىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى! (پادىشاھلار 2-يازما 4:32—37نى ئوقۇڭ). ئۇ ھاننانىڭ دۇئادا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلىگەندۇ. يەھۋا خۇدا ئۇنى بەرىكەتلەپ، سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇلنى سوۋغات قىلمىغىچە، ھاننا پەرزەنت سۆيەلمىگەن. ھاننا ئۇ، يەھۋانى «ئۆزى گۆرگە چۈشۈرۈپ، يەنە قوپۇرىدىغانلىقى» ئۈچۈن مەدھىيىلىدى (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 2:6). شۇنەمدە ئوغۇلنى ئۇدۇل مەنىدە قوپۇرغانلىقى ئارقىلىق خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.
9. مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن تىرىلىش ھەققىدىكى ئۈچىنچى ۋەقەنى ئېيتىپ بېرىڭ.
9 يەنە بىر مۆجىزە ئېلىشا ئۆلگەندىن كېيىن بولغان. ئۇ 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت پەيغەمبەر بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئاغرىققا گىرىپتار بولۇپ ۋاپات بولدى. ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنىڭ پەقەت سۆڭەكلىرى قالغانىدى. بىر كۈنى، بەزى ئىسرائىللىقلار بىر ئادەمنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، كۈتمىگەن يەردىن دۈشمەنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇلار تېزىراق قېچىپ كېتىش ئۈچۈن ئۆلۈكنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىۋەتتى. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۆلۈك ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەككەندە تىرىلىپ قوپۇپ، پۇتلىرىدا تۇردى»،— دەپ يېزىلغان (پادىشاھلار 2-يازما 13:14، 20، 21). بۇ ۋەقەلەر مارتانى خۇدانىڭ ئۆلۈمنى يېڭىشكە كۈچ-قۇدرىتى بارلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ئۇلار بىزنىمۇ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى چەكسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ.
ئەلچىلەرنىڭ ۋاقتىدا بولغان ۋەقەلەر
10. پېترۇس ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشنى قانداق تىرىلدۈردى؟
10 ئىنجىلدىمۇ خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئادەملەرنى تىرىلدۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بىز ئەيسانىڭ نائىندا ۋە يائىرنىڭ ئۆيىدە قىلغان مۆجىزىلىرىنى تىلغا ئالدۇق. بۇنىڭدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەلچى پېترۇس دوركاس ياكى تابىتانى تىرىلدۈردى. پېترۇس ئۇنىڭ جەسىتى ياتقان ئەلچىلەر 9:36—42).
بۆلمىگە كىرىپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن: «تابىتا، تۇر!»— دېدى. ئۇ دەرھال تۇرۇپ، پېترۇس ئۇ يەردە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە «تابىتانىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى». بۇ ۋەقە ھەممىسىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، كۆپ ئادەملەر «ھاكىمدارىمىزغا ئىشەندى». بۇ يېڭى شاگىرتلار باشقىلارغا ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋە يەھۋانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش قابىلىيىتى توغرىسىدا ئېيتالىغان (11. دوختۇر لۇقا ياش يىگىت ھەققىدە نېمە دېگەن ۋە بۇ ۋەقە باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلدى؟
11 كېيىنىرەك خەلق باشقا بىر تىرىلدۈرۈشكە گۇۋاھچى بولدى. بىر قېتىم ئەلچى پاۋلۇس ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربىي-شىمالىغا جايلاشقان تروئاس شەھىرىدە يۇقىرىقى قەۋەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۇچرىشىشتا بولغان. ئۇ يېرىم كېچىگىچە نۇتۇق سۆزلگەنىدى. ئەفتىكۇس ئىسىملىق ياش يىگىت دېرىزىدە تىڭشاپ ئولتاردى. لېكىن ئۇ ئۇخلاپ قېلىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. بەلكىم، ئۇنىڭغا ئەڭ بىرىنچى بولۇپ لۇقا يۈگۈگەن. دوختۇر سۈپىتىدە، ئۇ ياش يىگىتنىڭ يارلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھېچنېمە سەزمەس بولغانلىقىنى كۆرگەن. ھەئە، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى! ئەلچى پاۋلۇسمۇ تۆۋەنگە چۈشتى. ئۇ ئەفتىكۇسنى قۇچاقلاپ، ھەممىنى ئۇنىڭ «جېنى بار» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ھەيران قالدۇردى. بۇ مۆجىزىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەسىرلەندى. ياش يىگىتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، لېكىن كېيىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ «ھەممىسى تەسەللىي ئالدى» (ئەلچىلەر 20:7—12).
تەۋرەنمەس ئۈمۈت
12، 13. بىز قاراشتۇرغان تىرىلىشنىڭ مىساللىرى تۈپەيلىدىن بىزدە قانداق سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
12 يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، سىزدە ھازىر مارتادەك كۈچلۈك ئىشەنچ بارمۇ؟ بىزگە ھاياتنى سوۋغات قىلغان خۇدايىمىز ئادەمنى قايتا ھاياتقا قايتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. قىزىقارلىق يېرى، يەھۋا خۇدا بۇ مۆجىزىلەرنى ئىلىياس، ئەيسا ۋە پېترۇسقا ئوخشاش سادىق خىزمەتچىلىرى ياشىغان پەيتتە قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا مۆجىزىلەر قىلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.
ئۇنداقتا، مۆجىزىلەر قىلىنمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرگە نېمە بولىدۇ؟ سادىق ئەرلەر ۋە ئاياللار خۇدا كەلگۈسىدە ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلالىغانمۇ؟ ئۇلار قېرىندىشى ھەققىدە «بىلىمەن، ئاخىرقى كۈنى، تىرىلىشتە، تۇرىدۇ» دېگەن مارتاغا ئوخشاش ئىشەنچتە بولالامدۇ؟ نېمىشقا كەلگۈسىدە تىرىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا مارتانىڭ ئېتىقادى كامىل بولغان ۋە سىزنىمۇ بۇنىڭغا نېمە ئىشەندۈرىدۇ؟13 خۇدا سۆزىدىكى بىرنەچچە مىسال يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قاراپ چىقىمىز.
14. ئىبراھىمنىڭ ۋەقەسىدىن بىز تىرىلدۈرۈش ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 يەھۋا خۇدانىڭ ئىبراھىمنى ئىسھاق بىلەن، شۇنچىلىك ئۇزاق كۈتكەن ئوغلىنى نېمە قىلىشنى بۇيرۇغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. يەھۋا ئۇنىڭغا: «ئىلتىماس، ئوغلۇڭنى، ئۆزۈڭنىڭ يالغۇز ئوغلىنى، سەن سۆيىدىغان ئوغلۇڭنى — ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يېرىگە بارغىن ۋە شۇ جايدا ئۇنى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان تاغدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن»،— دېدى (يارىتىلىش 22:2). قانداق ئويلايسىز، ئىبراھىم بۇنى ئاڭلىغاندا نېمىنى ھېس قىلغان؟ يەھۋا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئارقىلىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان (يارىتىلىش 13:14—16؛ 18:18؛ رىملىقلارغا 4:17، 18). شۇنداقلا خۇدا بۇ بەرىكەتلەر «ئىسھاق ئارقىلىق» كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يارىتىلىش 21:12). ئەمما، ئىبراھىم ئوغلىنى قۇربانلىق قىلسا، بۇ قانداق يۈز بېرىدۇ؟ پاۋلۇس خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىلىق، خۇدانىڭ ئىسھاقنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتىگە ئىبراھىمنىڭ ئىشەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن (ئىبرانىيلارغا 11:17—19نى ئوقۇڭ). بىراق، مۇقەددەس كىتابتا ئىبراھىمنىڭ ئىسھاق ھازىرلا، بەلكىم بىرنەچچە سائەتنىڭ، كۈننىڭ ياكى ھەتتا بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە تىرىلىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقى ئېيتىلمىغان. ئىبراھىم ئوغلىنىڭ قاچان تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەھۋانىڭ ئىسھاقنى ھاياتقا قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
15. خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى ئايۇپتا قانداق ئۈمىد بولغان؟
ئايۇپ 14:7—12؛ 19:25—27). ئادەم ئۆلسە، ئۆزىنى ھاياتقا قايتا كەلتۈرەلمەيدۇ (سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 12:23؛ زەبۇر 89:48). ئەلۋەتتە، بۇ خۇدانىڭ ئادەمنى تىرىلدۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايۇپ يەھۋانىڭ ئۇنى ئېسىدە ساقلايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (ئايۇپ 14:13—15نى ئوقۇڭ). ئايۇپ بۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئادەمگە ھاياتنى بەرگەن ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى ئەستە ساقلاشقا ۋە تىرىلدۈرۈشكە كۈچ-قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىغا ھەمدە سۆزسىز شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
15 خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى ئايۇپمۇ كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈپ يېڭى دەرەخ بولۇپ چىقىشنىڭ ئۈمىدى بار ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لېكىن ئادەم بىلەن مۇنداق بولمايدۇ (16. پەرىشتە دانىيالغا قانداق تەسەللىي بەرگەن؟
16 ئەمدى يەنە بىر خۇدانىڭ خىزمەتچىسى، دانىيال ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ پۈتكۈل ھاياتى داۋامىدا خۇداغا سادىق بولغان ۋە يەھۋا ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. بىر قېتىم، پەرىشتە دانىيالنى «ئىنتايىن سۆيۈملۈك» ئادەم دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنىڭغا «تېنچ-ئامانلىقنى» تىلەپ، «غەيرەتلىك بولۇشقا» دەۋەت قىلغانىدى (دانىيال 9:22، 23؛ 10:11، 18، 19).
17، 18. يەھۋا خۇدا، دانىيالغا قانداق ۋەدە بەرگەن؟
17 دانىيال تەخمىنەن 100 ياشقا تولغاندا، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ماڭا ئەمدى نېمە ئىش بولار، دەپ ئويلىغاندۇ. دانىيال قايتا ياشاشنى ئۈمىد قىلغانمۇ؟ ئەلۋەتتە! دانىيال كىتابىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغىنىدەك، خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن»،— دەپ ۋەدە بەرگەن (دانىيال 12:13). دانىيال ئۆلگەنلەرنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى يېقىندا بارىدىغان «تەھتىسارادا [گۆردە] ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى دانالىق بولمايدىغانلىقىنى» بىلگەن (ۋەز 9:10). لېكىن، دانىيال ئۈچۈن بۇ ئاخىر بولمىغان. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا كېلەچەكتىكى گۈزەل ئۈمىدنى بەرگەن.
18 يەھۋانىڭ پەرىشتىسى دانىيالغا: «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن»،— دەپ ئېيتقان. دانىيال بۇنىڭ نەق قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئارام ئالىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئەمما ئۇ بۇ ۋەدىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.
19، 20. ئا) بىز قاراپ چىققان ۋەقەلەر بىلەن مارتانىڭ ئەيساغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟ ئە) كېلەركى ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز؟
19 ئېنىقكى، لازارنىڭ «ئاخىرقى كۈنى، تىرىلىشتە، تۇرىدىغانلىقىغا» ئىشىنىشكە مارتانىڭ يېتەرلىك سەۋەبلىرى بولغان. يەھۋانىڭ دانىيالغا بەرگەن ۋەدىسى ۋە مارتانىڭ تىرىلىشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچى، بۈگۈنكى كۈندە بىزگىمۇ ئۈمىد بېرىدۇ. ھە، كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈش چوقۇم بولىدۇ.
20 بىز بۇرۇن تىرىلىش ھەققىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قاراپ چىقتۈق. بۇ ۋەقەلەر ئۆلگەنلەر قايتىدىن ياشالايدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنداقلا بىز خۇداغا سادىق خىزمەت قىلغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ كېلەچەكتە تىرىلىش بولىدۇ، دەپ كۈتكەنلىكىنىمۇ كۆردۇق. ئەمما، تىرىلىش ۋەدە قىلىنىپ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىغا ئىسپات بارمۇ؟ شۇنداق بولسا، بۇ كېلەچەكتىكى تىرىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈشكە تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلىرىمىز بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت قاچان كېلىدۇ؟ كېلەركى ماقالىدە بۇنى مۇھاكىمە قىلىمىز.