مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن دانا بولۇشقا ياردەم بېرىڭلار

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن دانا بولۇشقا ياردەم بېرىڭلار

‏«بوۋاق چېغىڭدىن مۇقەددەس يازمىلار بىلەن تونۇش بولغىنىڭ،‏ سېنى مەسىھ ئەيسادىكى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دانا قىلالايدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خەت 3:‏15‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 1،‏ 41

1،‏ 2.‏ بالىلىرى يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالىسا،‏ بەزى ئاتا-‏ئانىلار نېمە سەۋەبتىن ئەنسىرىشى مۇمكىن؟‏

ھەر يىلى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىدىغان مىڭلىغان ئادەم يەھۋا خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتىدۇ.‏ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتتە چوڭ بولغان ياشلارمۇ بار.‏ ئۇلار ئەڭ ياخشى ھايات يولىنى تاللىغان (‏زەبۇر 1:‏1—‏3‏)‏.‏ مەسىھىي ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ ئوغلىڭىزنىڭ ياكى قىزىڭىزنىڭ چۆمدۈرۈلۈش مەراسىمىدىن ئۆتۈشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدىغانسىز (‏يوھاننانىڭ 3-‏خېتى 4 سېلىشتۇرۇڭ)‏.‏

2 شۇنداق بولسىمۇ،‏ بالىڭىز ئۈچۈن ئەنسىرىشىڭىز مۇمكىن.‏ ئېھتىمال،‏ چۆمدۈرۈلگەن بەزى ياشلارنىڭ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ماس ياشاشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەنسىز.‏ بەزىلىرى ھەتتا ھەقىقەتنى تاشلاپ كېتىپ قالغاندۇ.‏ شۇڭا،‏ سىزنىڭمۇ بالىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى باشلاپ،‏ كېيىن ھەقىقەتكە بولغان مېھىر-‏مۇھەببىتىنى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن قورقىدىغانسىز.‏ ئۇ بىرىنچى ئەسىردىكى ئەفەس شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلاردەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.‏ ئەيسا ئۇلار «دەسلەپتە بولغان مېھىر-‏مۇھەببىتىنى» يوقىتىۋالدى،‏ دەپ ئېيتقان (‏ۋەھىي 2:‏4‏)‏.‏ بالىڭىزغا مېھىر-‏مۇھەببىتىنى مەھكەم ساقلاپ،‏ روھىي جەھەتتىن «ئۆسۈپ،‏ نىجاتقا ئېرىشىشىگە» ياردەم بېرەلەيسىز؟‏ (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 2:‏2‏)‏.‏ بىز تىموتىينىڭ ئۈلگىسىدىن ساۋاق ئالساق بولىدۇ.‏

‏«مۇقەددەس يازمىلار بىلەن تونۇشۇش»‏

3.‏ ئا)‏ تىموتىي قانداق قىلىپ مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغان ۋە ئۇ ئالغان بىلىمى بىلەن نېمە قىلدى؟‏ ئە)‏ پاۋلۇس تىموتىيغا ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئۈچ تەرىپىنى كۆرسەتتى؟‏

3 ئەلچى پاۋلۇس لىسترا شەھىرىگە بىرىنچى قېتىم ب.‏م.‏ 47-‏يىلى بارغان.‏ بەلكىم،‏ شۇ چاغدا،‏ تىموتىي ئۆسمۈر بالا بولۇپ،‏ ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئۆگەنگەن.‏ ئۇ بىلىۋالغانلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ،‏ ئىككى يىلدىن كېيىن پاۋلۇس بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىشقا باشلىدى.‏ تەخمىنەن 16 يىلدىن كېيىن پاۋلۇس تىموتىيغا مۇنداق يازغان:‏ «سەن كىمدىن تەلىم ئالغىنىڭنى بىلىپ،‏ ئۆگەنگىنىڭدە ھەم كۆز يەتكۈزگىنىڭدە تۇرغىن ۋە بوۋاق چېغىڭدىن مۇقەددەس يازمىلار [ئىبرانىي يازمىلار] بىلەن تونۇش بولغىنىڭ،‏ سېنى مەسىھ ئەيسادىكى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دانا قىلالايدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خەت 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ بايقىسىڭىز،‏ پاۋلۇس تىموتىينىڭ 1)‏ مۇقەددەس يازمىلار بىلەن تونۇش بولغىنىنى،‏ 2)‏ ئۆگەنگىنىگە كۆز يەتكۈزگىنىنى‏،‏ ۋە 3)‏ مەسىھ ئەيسادىكى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دانا بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏

4.‏ كىچىك بالىلىرىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق قوراللاردىن پايدىلىنىسىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)‏.‏

4 مەسىھىي ئاتا-‏ئانا سۈپىتىدە سىز بالىڭىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىبرانىي يازمىلار ۋە گرېك يازمىلاردىن ئىبارەت مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىشىنى خالايدىغانلىقىڭىز سۆزسىز.‏ ھەتتا،‏ بەك كىچىك بالىلارمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى ئادەملەر بىلەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆگىنەلەيدۇ.‏ يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ياردەم بېرەلىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن كىتابلار،‏ كىتابچىلار ۋە فىلىملارنى نەشىر قىلدى.‏ بۇلارنىڭ قايسىسى سىزنىڭ تىلىڭىزدا بار؟‏ بالىڭىز يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.‏

‏«كۆز يەتكۈزۈش»‏

5.‏ ئا)‏ تىموتىينىڭ نېمىگە «كۆزى يەتتى»؟‏ ئە)‏ تىموتىينىڭ ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟‏

5 بالىڭىزغا مۇقەددەس كىتابتىكى ئادەملەر بىلەن ۋەقەلەر ھەققىدە بىلىم بېرىشلا يېتەرلىك ئەمەس.‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ تىموتىي ئۆگەنگەنلىرىگە «كۆز يەتكۈزگەن»،‏ يەنى ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنچى كامىل بولغان.‏ ئۇ ئىبرانىي يازمىلارنى «بوۋاق چېغىدىن»،‏ يەنى كىچىكىدىن ئۆگىنىپ ئۆسكەن.‏ كېيىنىرەك ئۇ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدى.‏ تىموتىينىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان،‏ ئۇ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ پاۋلۇس بىلەن يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز قىلىش خىزمىتىدە بولغانىدى.‏

6.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟‏

6 سىزنىڭمۇ بالىلىرىڭىز ئۆگەنلىرىگە تىموتىيغا ئوخشاش «كۆز يەتكۈزۈشى» ئۈچۈن،‏ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟‏ ئەڭ ئاۋال،‏ سەۋۋرچان بولۇڭ.‏ مۇستەھكەم ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.‏ سىز بىرەر نەرسىگە ئىشەنسىڭىز،‏ بۇ بالىلىرىڭىزنىڭمۇ چوقۇم شۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.‏ مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر بالا ئۆزىنىڭ «ئەقلىنى ئىشلىتىشى» لازىم ‏(‏رىملىقلارغا 12:‏1نى ئوقۇڭ)‏.‏ ئاتا-‏ئانا سۈپىتىدە سىز بالىلىرىڭىزغا،‏ بولۇپمۇ ئۇلار سوئال قويغاندا،‏ ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈشىگە زور ياردەم بېرەلەيسىز.‏ ھازىر،‏ بىر ئاتىنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ بىر بۇرادەر قىزىغا تەلىم بەرگەندە قانداقلارچە سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن؟‏ ئە)‏ سىز قاچان بالىڭىزغا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك؟‏

7 توماس 11 ياشلىق قىزىنىڭ ئۇنىڭغا بەزىدە تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى:‏ «يەھۋا يەردە ھاياتلىقنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىياتنى ئىشلىتىشى مۇمكىنمۇ؟‏» ياكى «نېمىشقا بىز يەر يۈزىدىكى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سايلامغا ئوخشاش جەمئىيەت ئىشلىرىغا قاتناشمايمىز؟‏» مۇنداق چاغدا توماس ئاسان يولنى ئىزدەپ،‏ قىزىغا نېمىگە ئىشىنىش كېرەكلىكىنى ئۇدۇل ئېيتىپلا قويۇشتىن ساقىلانغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئادەمنىڭ قانداقتۇ بىر نەرسىنىڭ راستلىقىغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر چوڭ ھەقىقەتنى ئەمەس،‏ كۆپلىگەن كىچىك ئىسپاتلارنى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن.‏

8 شۇنداقلا،‏ توماس تەلىم بەرگەندە سەۋرچان بولۇش كېرەكلىكىنىمۇ بىلگەن.‏ ئەمەلىيەتتە،‏ خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى سەۋرچان بولۇشى لازىم (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12‏)‏.‏ توماس قىزىنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن،‏ بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن.‏ ئۇ قىزى بىلەن مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلگەن.‏ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‏ «مۇھىم ماۋزۇلارغا كەلگەندە،‏ ئايالىم ئىككىمىز قىزىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىشىنىدىغانلىقىغا ۋە ياخشى چۈشەنگەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشنى خالايمىز.‏ قىزىمىزنىڭ سوئاللىرى بولسا،‏ خۇشال بولىمىز.‏ ئەگەر سوئال قويماستىن،‏ بىر نەرسە بىلەن كېلىشسە،‏ مەن ئەنسىرەيتىم».‏

9.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ خۇدا سۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟‏

9 ئاتا-‏ئانىلىرى سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم بەرگەندە،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ بالىلىرى ھەقىقەتنىڭ «كەڭلىك،‏ ئۇزۇنلۇق،‏ ئېگىزلىك ھەم چوڭقۇرلۇغىنى» چۈشىنىشكە باشلايدۇ (‏ئەفەسلىكلەرگە 3:‏18‏)‏.‏ تەلىم بەرگەن چاغدا بالىلارنىڭ يېشى بىلەن ئويلاش قابىلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك.‏ ئۆگىنىپ بىلگەنلىرىگە ئىشەنچى مۇستەھكەملەنگەندە،‏ ئۇلار باشقىلارنىڭ،‏ مەسىلەن سىنىپداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆزقارىشىنى ئاسان چۈشەندۈرەلەيدۇ (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 3:‏15‏)‏.‏ مەسىلەن،‏ بالىلىرىڭىز ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن نېمە بولىدىغانلىقىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟‏ ئۇنىڭدا يېزىلغانلارنى ئۆزلىرى ياخشى چۈشىنەمدۇ؟‏ * (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ خۇدا سۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماڭ،‏ بۇنداق قىلىپ جاپا جېكىشكە توغرا كەلسىمۇ،‏ بۇ ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ (‏تەكرار قانۇن 6:‏6،‏ 7‏)‏.‏

10.‏ تەلىم بېرىشنىڭ يەنە قانداق مۇھىم بىر تەرىپى بار؟‏

10 ئەلۋەتتە،‏ بالىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن،‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ئۆز ئۈلگىلىرى ھەم ناھايىتى مۇھىم.‏ ئۈچ قىزنىڭ ئانىسى ستېفانى مۇنداق دەيدۇ:‏ «قىزلىرىم كىچىك بولغاندا ھەردائىم ئويلايدىغىنىم:‏ «بالىلىرىمغا يەھۋانىڭ بار ئىكەنلىكىگە،‏ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ يوللىرى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا ئىشىنىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەنمۇ؟‏ مېنىڭ يەھۋانى ھەقىقەتەن سۆيىدىغانلىقىمنى ئۇلار ئېنىق كۆرەلەمدۇ؟‏» ئۆزۈم ئىشەنمىسەم،‏ بالىلىرىم قانداقلارچە ئىشىنىدۇ؟‏».‏

‏«قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دانا بولۇش»‏

11،‏ 12.‏ دانالىق دېگىنىمىز نېمە ۋە ئۇ ئادەمنىڭ يېشىغا باغلىق ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟‏

11 بىز تىموتىينىڭ 1)‏ مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە بىلىم ئالغانلىقىنى ۋە 2)‏ ئۆگەنگەنلىرىگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچ قىلغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.‏ ئۇنداقتا،‏ مۇقەددەس يازمىلاردىكى دانالىق تىموتىينى قۇتقۇزۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ پاۋلۇس نېمە دېمەكچى بولغان؟‏

12 ‏«مۇقەددەس يازمىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش»،‏ دېگەن كىتابنىڭ 2-‏تومىدا يېزىلغاندەك،‏ مۇقەددەس كىتابتىكى دانالىق سۆزىنىڭ مەنىسى:‏ «بىلىمىمىز ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتىمىزنى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش،‏ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش ۋە بەلگۈلۈك مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرىدۇ.‏ ئۇ ئەخمەقلىككە قارىمۇ-‏قارشى خىسلەت».‏ مۇقەددەس كىتابتا:‏ «نادانلىق سەبى بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر»،‏—‏ دەپ يېزىلغان (‏پەندى-‏نەسىھەت 22:‏15‏)‏.‏ دانالىق بولسا ئەخمەقلىقا قارمۇ-‏قارىشى خىسلەت بولغاچ،‏ شۇڭا دانالىق يېتىلىشنىڭ بىر بەلگۈسى.‏ روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئادەم —‏ يەھۋادىن قورقىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان ئادەم.‏ يېتىلىش ئادەمنىڭ يېشىغىلا باغلىق ئەمەس ‏(‏زەبۇر 111:‏10نى ئوقۇڭ)‏.‏

13.‏ قۇتقۇزۇلۇشقا يەتكۈزىدىغان دانالىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياشلار قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟‏

13 قانداقتۇ بىر دەرىجىدە روھىي يېتىلگەن ياشلار «ھەرقانداق تەلىماتنىڭ شامىلى بىلەن سەنتۈرۈلۈپ» يۈرمەيدۇ.‏ ئۇلار ئۆز ھەۋەسلىرىگە ياكى باشقا ياشلارنىڭ تەسىرىگە بېرىلمەيدۇ (‏ئەفەسلىكلەرگە 4:‏14‏)‏.‏ ئەكسىچە،‏ «ئاڭ-‏زېھىنلىرىنى» «ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىشكە» ئۆگىتىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 5:‏14‏)‏.‏ شۇڭا،‏ ئۇلار ئاتا-‏ئانىسى ياكى باشقا چوڭ كىشىلەر كۆرمىگەن چاغدىمۇ دانا قارارلارنى قىلىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏12‏)‏.‏ مۇنداق دانالىق قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن زۆرۈر ‏(‏پەندى-‏نەسىھەت 24:‏14نى ئوقۇڭ)‏.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ دانالىققا ئىگە بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟‏ گەپ-‏سۆزىڭىز ۋە ئىش-‏ھەرىكىتىڭىز بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ.‏ خۇدا سۆزىدىكى پرىنسىپلارغا ماس ياشاشقا تىرىشقانلىقىڭىز بالىلىرىڭىزغا ئېنىق كۆرۈنۈشى كېرەك (‏رىملىقلارغا 2:‏21—‏23‏)‏.‏

ئاتا-‏ئانا ھارىماي-‏تالماي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؟‏ (‏14—‏18 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14،‏ 15.‏ ئا)‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەكچى بولغان ياشلار نېمە ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك؟‏ ئە)‏ بالىڭىزغا خۇدا قانۇنلىرى ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟‏

14 ئەمما،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ ئېتىقادنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپلا قويۇش يېتەرلىك ئەمەس.‏ ئۇلار بىلەن بۇ ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ:‏ «نېمىشقا مۇقەددەس كىتاب يېقىملىق بولۇپ كۆرۈنىدىغان نەرسىلەرنى مەنئىي قىلىدۇ؟‏ مۇقەددەس كىتابتىكى تەلەپلەر مېنىڭ ئۈچۈن دائىم پايدىلىق ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشەنچىم كامىل بولۇشى كېرەك؟‏» (‏يەشايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏

15 بالىڭىز چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشنى خالىسا،‏ بۇ قەدەمنىڭ قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاشقا دەۋەت قىلىڭ.‏ ئۇ بۇ جاۋاپكارلىققا قانداق قارايدۇ؟‏ بۇ قەدەم قانداق بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟‏ قانداق قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟‏ نېمە ئۈچۈن بەرىكەتلىرى قىيىنچىلىقلاردىن كۆپرەك بولىدۇ،‏ دەپ ئېيتالايمىز؟‏ (‏ماركۇس 10:‏29،‏ 30‏)‏.‏ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال چوڭقۇر ئويلىنىش بەك مۇھىم.‏ بالىڭىزغا ئىتائەتچانلىق ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەر بىلەن ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋېتى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىشقا ياردەم بېرىڭ.‏ شۇ چاغدا ئۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلەپلىرىگە ماس ياشاشنىڭ ھەرقاچان پايدىلىق ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلەيدۇ (‏تەكرار قانۇن 30:‏19،‏ 20‏)‏.‏

چۆمدۈرۈلۈشتىن كېيىن پەيدا بولغان گۇمانلار

16.‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن بالىسىنىڭ ئېتىقادى ئاجىزلاشقا باشلىغان ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟‏

16 بالىڭىز چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ ھەقىقەتكە گۇمانلىنىشقا باشلىسا،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏ بەلكىم،‏ ئوغلۇڭىز ياكى قىزىڭىز بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەرگە قىزىقىدىغاندۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ماس ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ھايات يولى ئىكەنلىكىگە گۇمانى پەيدا بولغاندۇ (‏زەبۇر 73:‏1—‏3،‏ 12،‏ 13‏)‏.‏ مۇنداق چاغدا سىزنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىڭىز بالىڭىزنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان-‏قىلمايدىغانلىقىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.‏ بالىڭىز تېخى كىچىك بالا ياكى ئۆسمۈر بولسۇن،‏ بۇ مەسىلە ھەققىدە تالاش-‏تارتىش قىلماسلىققا تىرىشىڭ.‏ ئەكسىچە،‏ ئۇنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.‏

17،‏ 18.‏ ياش ئېتىقادچىدا گۇمان پەيدا بولسا،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏

17 چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن ياشلار ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلغان.‏ يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىغاندا،‏ ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن ‏(‏ماركۇس 12:‏30نى ئوقۇڭ)‏.‏ يەھۋا خۇدا ئۆزىنى بېغىشلاشنى ناھايىتى مۇھىم ۋەدە دەپ ھېسابلايدۇ،‏ بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك (‏ۋەز 5:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بۇنى بالىڭىزنىڭ ئېسىگە سېلىڭ.‏ لېكىن،‏ ئاۋۋال يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن نەشىر قىلغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىڭ.‏ كېيىن،‏ قولايلىق ۋاقىتنى تاللاپ،‏ مېھرىبانلىق بىلەن بالىڭىزغا يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەك مۇھىم بىر قەدەم باسىدىغانلىقىنى،‏ ئەمما سان-‏ساناقسىز بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.‏

18 مەسىلەن،‏ «‏ياشلارنىڭ سوئاللىرى.‏ ئەمەلىي مەسلىھەتلەر‏» كىتابىنىڭ 1-‏تومىنىڭ (‏خەنزۇچە)‏ ئاخىرقى بەتلىرىدىكى «ئاتا-‏ئانىلارنىڭ سوئاللىرى» قوشۇمچىسىدىن ياخشى مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز.‏ ئۇنىڭدا ئاتا-‏ئانىلار ئۆسمۈر بالىلىرى ھەقىقەتتىن ۋاز كەچتى،‏ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكە ئالدىرىماي،‏ ئەكسىچە مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.‏ بەلكىم،‏ بالا تەڭتۇشلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىپ ياكى يالغۇزلۇق سېزىمى بىلەن قىينىلىۋاتقاندۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ باشقا ياشلارغا قاراپ ئۇلارغا ئوخشاش يەھۋاغا كۆپ خىزمەت قىلماسلىق ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرگەندۇ.‏ شۇ قۇشۇمچە سوئاللاردا يېزىلغاندەك،‏ بالىنىڭ شۇنداق قىيىنچىلىقلىرى بولسا،‏ ئۇ چوقۇم كۆزقارىشىڭىزغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.‏ ئادەتتە،‏ مۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى باشقا بىر ۋەزىيەتنىڭ ئاقىۋېتى بولۇشى مۇمكىن.‏ شۇنداقلا بۇ قوشۇمچىدە ئاتا-‏ئانىنىڭ ھەقىقەتكە گۇمانلىنىۋاتقان بالىسىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتلەر بار.‏

19.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا «قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن دانا بولۇشقا» قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟‏

19 ئاتا-‏ئانا سۈپىتىدە،‏ سىز بالىلىرىڭىزنى «يەھۋا بۇيرىغاندەك تەربىيىلىشىڭىز ھەم نەسىھەت بېرىشىڭىز» كېرەك.‏ بۇ —‏ چوڭ مەسئۇلىيەت ھەم ئىمتىياز (‏ئەفەسلىكلەرگە 6:‏4‏)‏.‏ بىلگىنىمىزدەك،‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىغا مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنى ئۆگىتىشى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك.‏ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغاندا،‏ ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە ئىنتىلىدۇ.‏ ئۇنداقتا،‏ يەھۋانىڭ سۆزى ۋە روھى ھەمدە ئەجىر-‏مېھنىتىڭىز ئارقىلىق بالىلىرىڭىز قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن دانا بولسۇن!‏

^ ‏ 9-‏ئابزاس ‏«‏مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟‏‏» دېگەن تەتقىق قىلىش قوراللىرى ياشلارغىمۇ،‏ چوڭلارغىمۇ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى ھەم ئۆزى ياخشى چۈشىنىپ،‏ ھەم باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.‏ سىز ئۇلارنى org.‏jw تور بېكىتىدىن كۆپلىگەن تىللاردا تاپالايسىز.‏ نەشىرى ماتېرىياللار > كىتابلار ۋە كىتابچىلار،‏ دېگەن يەرگە قاراڭ.‏