ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
مەسىھىي ئەر-ئايال ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش دورا-سايمانلىرىنى قوللانسا بولامدۇ؟
بۇ مەسىلىدە خۇدانىڭ ھەربىر خىزمەتچىسى ئۆز ۋىجدانىنى پاك ساقلاشقا يول بېرىدىغان قارار قىلىشى كېرەك. مۇنداق قىلىش ئۈچۈن، ئەر-ئاياللار ئۈزۈك («ھالقا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ قانداق پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە پۇختا ئويلىنىشى كېرەك.
يەھۋا خۇدا، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ۋە كېيىنىرەك نۇھ پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە: «ئەۋلات كۆرۈپ كۆپىيىڭلار»،— دەپ بۇيرىغان (يارىتىلىش 1:28؛ 9:1). ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇشى لازىم ئىكەنلىكى يېزىلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر ئەر-ئايال بالا-چاقىسىنىڭ سانىنى چەكلەش ئۈچۈن ياكى قاچان بالىلىق بولۇشنى ئۆزلىرى تاللىشى ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنىڭ قانداقتۇ بىر تۈرىنى قوللىنىش-قوللانماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. ئۇلار قايسى ئامىللارنى قاراشتۇرۇشى كېرەك؟
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدە ھەرقانداق قارارنى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن قىلىشى كېرەك. شۇڭا، ئۇلار تۇغۇت چەكلەش ئۈچۈن ھېچقاچان بالا چۈشەرمەيدۇ. ئايال ئۆزى خالاپ بالا چۈشەرسە، ھامىلدارلىق توختايدۇ، ئەمما، ئۇنداق قىلمىغاندا ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھامىلە يېتىلىپ بالا تۇغۇلاتتى. ھامىلە چۈشۈرۈش مۇقەددەس كىتابتا ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە يېزىلغانلارغا زىت كېلىدۇ. خۇدا خىزمەتچىلىرى ھەرگىزمۇ كەلگۈسىدە توغۇلىدىغان بالىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ (چىقىش 20:13؛ 21:22، 23؛ زەبۇر 139:16؛ يەرەمىيا 1:5). ئۇنداقتا، ئۈزۈك ئىشلىتىش ھەققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟
بۇ مەسىلە «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (ئىنگل.) 1979-يىل، 15-ماي سانىدا (30، 31-ب.) قاراپ چىقىلغان. شۇ چاغدا تۇغۇت چەكلەش ئۈچۈن كۆپىنچە بالىياتقۇغا سولىياۋ نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۈر ماقالىدە، ئۇ ۋاقىتلاردا مۇنداق ئۈزۈكنىڭ قانداق ئۈنۈمى بارلىقىنى كىشىلەر ھېچقانداق چۈشەنمىگەن، دەپ يېزىلغان. كۆپ ئالىملار، توغۇت چەكلەش ئۈزۈكى ئەركەكنىڭ سپېرمىسىنىڭ ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشپ ئۇرۇقلىنىشقا توسالغۇلۇق قىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانمىسا يېڭى ھايات پەيدا بولمايدۇ.
لېكىن، بەزىدە توغۇت چەكلەش ئۈزۈكى ئىشلىتىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىپ قالغانلىق ھەققىدە ئىسپاتلار بار. ئۇرۇقلانغان توخۇم ھۈجەيرىسى بالىياتقۇ نەيچىسىدە ياكى (بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇش) ياكى بالىياتقۇ ئىچكى تېمىدا يېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بالىياتقۇغا يەتكەن ھالدا، ئۈزۈكنىڭ ئۇرۇقلانغان توخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە تېمىدا ئورۇن ئېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىپ، يېڭى ماھىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ بالا چۈشۈرۈشگەن بىلەن ئوخشاش. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: «ئۈزۈكنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرگەن سەمىمىي خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك يېزىلغانلارنى ئەستە تۇتۇپ، يۇقىرىدىكى مەلۇماتنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك»،— دەپ يېزىلغان (زەبۇر 36:9).
بىراق، 1979-يىلدا شۇ ماقالە چىققاندىن بېرى تىبابەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە كۆپ نەتىجىلەر قول كەلتۈرۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە توغۇت كەچلەش ئۈزۈكىنىڭ يەنە ئىككى تۈرى بار. تەركىبىدە مىس بار بىر تۈرى ئون يىل كېيىن پەيدا بولۇپ، كەڭ تارقالغان. ئىككىنچى تۈرى بولسا 2001-يىلى سېتىلىشقا باشلىغان، ئۇ بىر خىل ھورموننى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك تۇغۇت چەكلەش دورا-سايمانلىرى ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
تەركىبىدە مىس بار ئۈزۈك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۈزۈك سپېرمىنىڭ بالىياتقۇ ئارقىلىق ئۆتۈپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشىشغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مىس سپېرمىنى زەھەرلەپ، يەنى سپېرمىنىڭ ئۆزىدىن ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇنداقلا ئۈزۈكنىڭ بۇ تۈرى بالىياتقۇ تېمىنى قېلىنلاشتۇرىدۇ.
ھورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈك. ئۈزۈكنىڭ يەنە بىر تۈرىدە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇنىڭ بىلەن، بۇ ھورمون بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سپېرمىنىڭ جىنسىي يولدىن بالىياتقۇغا ئۆتۈشىگە يول بەرمەيدۇ.
بولىدىغان ھورمونغا ئوخشاش ھورمون بار. بۇ ئۈزۈك بۇرۇن ئىشلىتىلگەن ئۈزۈكلەرگە ئوخشاش ئىشلەيدۇ، ئەمما ئۇلار بالىياتقۇغا بىر ھورمون چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بەزى ئاياللاردا تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىش جەرىيانى چەكلەيدۇ. تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىلمىسا، ئۇنىڭ ئۇرۇقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۈزۈكنىڭ بۇ تۈرى بالىياتقۇ تېمىنى نېپىزلاشتۇرىدۇكۆرگىنىمىزدەك، ئۈزۈكنىڭ بۇ ئىككى تۈرىمۇ بالىياتقۇنىڭ تېمىنى ئۆزگەرتىدۇ. دېمەك، ئەگەر ئايالنىڭ بەدىنى يەنىلا تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانسا، ھامىلە بالىياتقۇغا چۈشىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ بالىياتقۇدا تەبىئىي ھالدا ئورۇنلىشالمىغانلىقتىن، تۆرەلمە دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆلۈپ قالىدۇ. بىراق، ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق ۋەزىيەت بەك ئاز ئۇچرايدۇ ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىچكەن چاغدىمۇ بەزىدە مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
شۇڭا ھېچكىم تەركىبىدە مىس بار ياكى گورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈكلەرنى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇرۇقلىنىشىغا پۈتۈنلەي توسقۇنلۇق قىلالايدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ئەمما ئىلمىي تەتقىقاتلارغا بىنائەن، ئۈزۈك يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك رولى بولغانلىقتىن، يەنى تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشىغا توسالغۇ بولغانلىقتىن، ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.
ئۈزۈك ئىشلىتىشنى ئويلىغان خۇدا خىزمەتچىلىرى بولغان ئەر-ئايال، بۇ مەسىلىنى دوختۇرلار بىلەن مۇھاكىمە قىلسا بولىدۇ. دوختۇر ئۇلار تۇرغان يەردە ئۈزۈكنىڭ تۈرى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئايالغا قانداق پايدا ياكى زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئەر-ئايال ھېچكىمنىڭ، ھەتتا دوختۇرنىڭ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشىنى كۈتمەسلىكى ۋە بۇنىڭغا يول بەرمەسلىكى كېرەك (رىملىقلارغا 14:12؛ گالاتىلىقلارغا 6:4، 5). بۇ ئەر-ئايال سۈپىتىدە بىر جۈپنىڭ ئۆزلىرى شەخسىي قىلىدىغان قارارى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش ۋە پاك ۋىجداننى ساقلاپ قېلىش بولۇشى كېرەك (تىموتىيغا 1-خەت 1:18، 19؛ تىموتىيغا 2-خەت 1:3 سېلىشتۇرۇڭ).
^ 8-ئابزاس ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت سەھىيە-سالامەتلىك ساقلاش ئورنى مۇنداق دەيدۇ: «ئۈزۈكنىڭ تەركىبىدە مىس كۆپرەك بولسا، ئۈنۈمى 99 پرويسېنتتىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ — بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۈزۈكنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ كۈتۈلمىگەندە ھامىلدار بولۇپ قىلىشى ھەر يۈز ئادەمدىن ھەتتا بىرىدىنمۇ ئاز بولىدۇ، دېگەن كۆرسىتىدۇ. ئۈزۈكنىڭ تەركىبىدە مىس ئازىراق بولسا، ئۈنۈمىمۇ ئازىراق بولىدۇ».
^ 9-ئابزاس ھورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈك بالىياتقۇ تېمىنى نېپىزلاشتۇرىدىغانلىقتىن، بەزىدە دوختۇرلار ئۇنى ھەيز كۆرۈش ۋاقىتىدا بەك كۆپ قان كېلىدىغان ئاياللار ۋە تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزلارنى داۋالاش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.