تەرجىمىھال
خۇجايىنىمىز مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىش ئۈچۈن كۆپ نەرسىدىن ۋاز كەچتىم
16 ياشتا بولغىنىمدا، دادام ماڭا: «ۋەز قىلىدىغان بولساڭ، ئۆيگە كەلگۈچى بولما. قايتىپ كەلسەڭ، پۇتۇڭنى چاقىمەن!»— دېگەن. شۇڭا مەن ئۆيدىن كېتىشنى قارار قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن دەسلەپكى قېتىم خوجايىنىمىز ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىش ئۈچۈن بەزى نەرسىدىن ۋاز كەچتىم.
نېمىشقا شۇ چاغدا دادامنىڭ شۇنچىلىك ئاچچىقى كەلدى؟ مەن 1929-يىلنىڭ 29-ئىيۇل كۈنى تۇغۇلۇپ، فىلىپپىندىكى بۇلاكان ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا ئۆستۈم. پۇلۇمىز ئاز بولغانلىقتىن، بىز ئاددىي ھايات كەچۈرگەن ئىدۇق. ياش چېغىمدا ياپون ئەسكەرلىرى فىلىپپىنغا بېسىپ كىرىپ، ئۇرۇش باشلاندى. لېكىن، تۇرۇۋاتقان يېزىمىز يىراقتا بولغانلىقتىن، ئۇرۇشتا ئانچە زىيان-زەخمەت كۆرمىدۇق. يېزىدا رادىئو، تېلېۋىزور ۋە گېزىت بولمىغانلىقتىن، ئۇرۇش ھەققىدە بىز باشقىلاردىن ئاڭلايتۇق.
مەن سەككىز بالىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدىم. سەككىز يېشىمدا بوۋام بىلەن مومامنىڭ قېشىغا باردىم. كاتولىك بولساقمۇ، بوۋام دىن توغرىسىدا بىمالال سۆزلىشەتتى. دوستلىرى بەرگەن دىنىي ماتېرىياللارنى يىغىپ يۈرەتتى. بوۋامنىڭ ماڭا يالغان دىننىڭ ئىلىملىرىنى پاش قىلىدىغان تاگالوگ تىلىدىكى كىتابچىلارنى ۋە مۇقەددەس كىتابنى كۆرسەتكىنى ھازىرغىچە يادىمدا بار. مەن مۇقەددەس كىتابنى، بولۇپمۇ، ئنجىلنى قىزىقىپ ئوقاتتىم. ئوقۇغانلىرىم ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىشكە بولغان ئىستىكىمنى ئويغاتتى (يوھاننا 10:27).
خوجايىنىمىز ئەيساغا ئەگىشىشنى ئۈگەندىم
ياپون ئەسكەرلىرى فىلىپپىندىن 1945-يىلى كېتىپ قالدى. تەخمىنەن شۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانام ئۆيگە قايتىشىمنى ئېيتتى. بوۋام ھەم مېنى شۇنداق قىلىشىقا ئۈندىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۆيۈمگە قايتتىم.
بۇ ۋەقەلەردىن كۆپ ئۆتمەي، 1945-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا بىزنىڭ يېزىمىزغا ئانگات شەھىرىدىن بىر توپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋەز قىلىشقا كەلدى. بىر يېشى چوڭ گۇۋاھچى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، مۇقەددەس كىتابتىن «ئاخىرقى كۈنلەر» ھەققىدە يېزىلغانلارنى چۈشەندۈرۈپ بەردى (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—5). ئۇ بىزنى قوشنا يېزىدا ئۆتىدىغان مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش دەرىسىگە چاقىردى. ئاتا-ئانام بارمىسىمۇ، مەن شۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشتىم. ئۇ يەردە 20گە يېقىن ئادەم يىغىلدى، ئارىسىدا مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا سوئاللار قويغانلارمۇ بولغان.
ئۇلار نېمە ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن كەتكۈم كەلدى. ئاندىن ئۇلار پادىشاھلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ناخشا ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقتىن، قېلىشنى قارار قىلدىم. ناخشا بىلەن دۇئادىن كېيىن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئانگات شەھىرىگە كېلەركى يەكشەنبە كۈنى ئۆتىدىغان ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.
ئۇچرىشىش كرۇس ئائىلىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتتى. بەزىبىرىمىز بۇ يەرگە 8 كىلومېترچە پىيادە مېڭىپ كەلدۇق. ئۇچرىشىشقا 50كە يېقىن ئادەم يىغىلدى. مۇقەددەس كىتابتىكى مۇرەككەپ ماۋزۇلارغا قويۇلغان سوئاللارغا كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزى جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ناھايىتى ھەيران قالدىم. ئاندىن بىرنەچچە ئۇچرىشىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، ياشانغان پىدائىي ۋەز ئېيقۇچىنىڭ بىرى، بۇرۇن شەھەر ھاكىمى بولغان دامىئان سانتوس بۇرادەرىمىز مېنى ئۆيىگە قونۇشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ كەچتە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە يېرىم تۈنگىچە سۆزلىدۇق.
شۇ چاغدا ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرى بىلەن تونۇشۇپلا، تېزلا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئىدى. مەن پەقەت بىرنەچچە ئۇچرىشىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، بۇرادەرلەر مېنىڭدىن ۋە باشقىلاردىن: «چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالامسىلەر؟» دەپ سورىدى. مەن: «خالايمەن»،— دېدىم. چۈنكى مەن «خوجايىنىمىز مەسىھكە قۇلدەك» بولغۇم كەلگەنلىكىمنى نەق بىلدىم (كولوسىلىقلارغا 3:24). ئاندىن 1946-يىلنىڭ 15-فېۋرال كۈنى مەن ۋە يەنە بىر كىشى يېقىن جايدىكى دەريا ئېقىنىدا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۇق.
چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن كىشىلەر ئەيساغا ئوخشاش دائىم ۋەز قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. بىراق، دادام باشقىچە ئوي-خىيالدا بولغان ئىدى. ئۇ ۋەز قىلىشقا تېخى ياش ئىكەنلىكىمنى ۋە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلىكىم ۋەز قىلىش جاۋاپكارلىقىنى يۈكلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، مەن ئۇنىڭغا خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەرنى ئېيتىش خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم (مەتتا 24:14). مەن خۇداغا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلىشىم كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتتىم. شۇ چاغدا دادام ماڭا تەرجىمىھالنىڭ بېشىدا كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرنى ئېيتتى. ئۇ ۋەز قىلىشىمغا قارشى ئىدى. شۇڭا، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى قېتىم كۆپ نەرسىدىن ۋاز كېچىش يەنى، قۇربانلىق بېرىش زۆرۈر بولدى.
كرۇس ئائىلىسى مېنى ئانگات شەھىرىدە ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇلار مېنى ۋە كەنجە قىزى نورانى پېدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلاشقا دەۋەت قىلدى. ئاندىن 1947-يىلى 1-نويابردا ئىككىمىز پېدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلىدۇق. نورا باشقا شەھەردە پېدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلىدى. مەن بولسام ئانگاتتا قالدىم.
ھەممىنى تاشلاشنىڭ يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى
پېدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ 3-يىلى، ئېرل ستېۋارت ئىسىملىك قېرىنداش بەيتەلدىن كېلىپ، ئانگات شەھىرىنىڭ مەيدانىدا 500دىن ئوشۇق ئادەمگە نۇتۇق ئېيتتى. ئۇ نۇتۇقىنى ئىنگلىز تىلىدا ئېيتتى، ئاندىن مەن ئېيتقانلىرىنىڭ مەنىسىنى تاگالوگ تىلىدا چۈشەندۈرۈپ بەردىم. مەكتەپتە پەقەت 7 يىل ئوقۇغان، لېكىن مۇئەللىملەر ھەردائىم ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگەن. مېنىڭ تەرجىمە قىلىشىمغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئىلگىرى ماتېرىياللار تاگالوگ تىلىدا بەك ئاز بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىنگلىز تىلىدا ئوقاتتىم. بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا نۇتۇقلارنى تەرجىمە قىلىشىمغا ياردەم بەرگەن.
ئېرل قېرىنداش يەرلىك جامائەتكە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز قىلىدىغانلارنىڭ (مىسسىئونېرلار) «روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشى» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ يىغىلىشقا
بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كونگرېسس 1950-يىلى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. شۇڭا، بەيتەل بىر ياكى ئىككى پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ بەيتەلگە ياردەمگە كېلىشىنى خالىغانىكەن. چاقىرىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بولدۇم. بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەن ئۆگىنىپ قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلىدىم.مەن بەيتەلگە 1950-يىلى 19-ئىيۇندا كەلدىم. بەيتەل بىر گېكتار يەردە ئورۇنلاشقان، ئۇنىڭدا يوغان كونا ئۆي بولۇپ، ئۆپ-چۆرىسى ئېگىز دەرەخلەر بىلەن قورشالغانىدى. بۇ يەردە تەخمىنەن ئون ئىككى بويتاق بۇرادەر خىزمەت قىلغان. تاڭ سەھەردە مەن ئاشخانىدا ياردەم بېرەتتىم. توققۇزدىن باشلاپ كىر يۇيۇدىغان بۆلمىدە كىيىملەرگە دەزمال سالاتتىم. چۈشتىن كېيىن، نەق شۇ تەرتىپ بىلەن ئىش قىلاتتىم. مىسسىئونېرلار خەلقئارا چوڭ يىغىلىشتىن قايتقاندىن كېيىنمۇ، مەن بەيتەلدە خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇرادەر قانداق تاپشۇرۇق بەرمىسۇن، ھەممىسىنى ئورۇندايتىم. پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان ژۇرناللارنى ئوراپ چاچىلاپ، ژۇرنالغا مۇشتەرى بولغانلارغا يەتكۈزەتتىم ۋە قوبۇلخانىدىمۇ خىزمەت قىلدىم.
گىلىئاد مەكتىپىگە بېرىش ئۈچۈن فىلىپپىندىن كەتتىم
1952-يىلى گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 20-سىنىپىغا فىلىپپىندىن مېنى ۋە ئالتە بۇرادەرنى تەكلىپ قىلدى. خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمىدى! قوشما شتاتلارغا بارغاندا، كۆپ نەرسە بىز ئۈچۈن يېڭى ۋە باشقىچە بولدى. مەن ئۆسكەن كىچىككىنە يېزا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يەردە ھايات تامامەن باشقىچە ئىدى.
مەسىلەن، بۇرۇن بىز ھېچقاچان كۆرمىگەن زامانىۋىي ئۈسكىنە ۋە ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كەلدى. ھاۋا رايىنىڭ ئۆزى مۇتلەق باشقىچە ئىدى! بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى تۇرسام، تالادا ھەممە يەر ئاپپاق. قارنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. بۇ ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، لېكىن، يامان سوغ ئىكەنلىكىنى دەرھال چۈشەندىم.
گىلىئادتىكى ئوقۇشۇم شۇنچىلىك قىزىقارلىق بولدىكى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ماڭا ھېچ قىيىن تويۇلمىدى. يېتەكچىلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى مۇئەللىملەر ئىدى. ئۇلار بىزنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە ئۆگەتتى. گىلىئاد مەكتىپى يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى سۆزسىز.
مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ برونكس ناھىيىسىگە مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە ۋاقىتلىق تەيىنلەندىم. ئاندىن 1953-يىلى ئىيۇل ئېيىدا مۇشۇ ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى دۇنيا جەمئىيتى» دەپ ئاتالغان چوڭ يىغىلىشقا بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولدى. چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن فىلىپپىنغا تەيىنلەندىم.
قولايلىق شەھەرنى تاشلاپ كەتتىم
بەيتەلدىكى بۇرادەرلەر مېنى رايونلۇق خىزمەتكە تەيىنلىدى. بۇ خىزمەت ئەيسانى ئۈلگە قىلىشىمغا كۆپرەك ئىمكانىيەت ياراتتى. سەۋەبى ئەيسا يەھۋانىڭ خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يىراقتىكى شەھەرلەر ۋە يېزىلارغا بارغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21). خىزمەت قىلىش بەلگىلەنگەن رايون فىلىپپىندىكى ئەڭ چوڭ لۇسون دېگەن ئارالنىڭ كۆپىنچە قىسمى ئىدى. ئۇنىڭغا بۇلاكان، نۇيۋا-يسىخا، تارلاك ۋە سامبالېس دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلكىلەر كىردى. بەزى شەھەرلەرگە بېرىش ئۈچۈن تاشلىق سېررا-مادرې تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈش كېرەك بولغان. بۇ يەرلەرگە ھېچقانداق ئاپتۇبۇس ياكى پويىز بارمايتى، شۇڭا، ياغاچ توشۇيدىغان ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كېلەتتى. ماشىنا شوپۇرلىرىدىن ياغاچلارنىڭ ئۈسىتىدە ئولتۇرۇپ مېڭىشنى سوراتتىم. ئادەتتە، ئۇلار رۇخسەت قىلاتتى، لېكىن مۇنداق مېڭىش ناھايىتى قولايسىز ئىدى.
جامائەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ۋە كىچىككىنە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇرادەرلەرگە جامائەت ئۇچرىشىشلىرىنى ۋە خىزمەتنى ياخشىراق ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەم بەرگىنىمدە، ئۇلار بەك مىننەتدار بولدى.
كېيىنىرەك ئۆز ئىچىگە پۈتكۈل بىكولنى ئالىدىغان رايونغا تەيىنلەندىم. بۇ رايوندا يىراقتىكى گۇرۇپپىلار بار ئىدى. شۇ گۇرۇپپىلاردا خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار گۇۋاھچىلار تېخى ئاياق باسمىغان يەرلەردە ۋەز قىلىپ يۈردى. بىر ئۆيگە بارسام، ھاجەتخانىسى ئىككى تەرىپىگە ياغاچ تاشلانغان بىر كارىز بولغان. پۇتۇمنى ياغاچلارغا قويۇشۇم بىلەنلا، ئۇلار چۈشۈپ كەتتى ۋە مەنمۇ شۇ كارىزغا چۈشۈپ كەتتىم. ئاندىن كېيىن ئۈستى-بېشىمنى تازىلاپ بولغىچە، بىرتالاي ۋاقىت ئۆتتى!
شۇ رايوندا خىزمەت قىلغاندا، مېنىڭ بىلەن بىللە پېدائىي ۋەز خىزمىتىنى باشلىغان نورا توغرۇلۇق ئويلاشقا باشلىدىم. شۇ چاغلاردا ئۇ دۇماگېتې شەھىرىدە مەخسۇس پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بېرىپ كېلىشنى قارار قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بىراز ۋاقىت خەت يېزىشىپ تۇردۇق. 1956-يىلى توي قىلدۇق. ئۆيلەنگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىمىزدە راپۇ-راپۇ دېگەن ئارالدىكى جامائەتنى يوقلىدۇق. بۇ يەرلەردە تاغلارغا چىقىپ، ئۇزاق يول مېڭىشقا توغرا كەلسىمۇ، بىز بىللە بولغىنىمىزغا ۋە يىراقتىكى قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىۋاتقىنىمىزغا خۇشال بولدۇق.
بەيتەلگە قايتا خىزمەت قىلىشقا چاقىرىلدۇق
تەخمىنەن تۆت يىل رايونلۇق خىزمەتتە بولغاندىن كېيىن، بىز بەيتەلگە تەكلىپ قىلىندۇق. بەيتەلدىكى خىزمىتىمىزنى 1960-يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا باشلىدۇق. شۇ يەردە كۆپ يىللار داۋامىدا مەن يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئالغان قېرىنداشلار بىلەن خىزمەت قىلغاندا، ئۇلاردىن كۆپ نەرسىگە ئۈگەندىم. ئايالىم نورامۇ بەيتەلدە ھەرخىل تاپشۇرمىلارنى ئورۇنداپ كۆپ خۇشاللىق تاپتى.
فىلىپپىندا يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ئادەملەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مېنىڭ ئۈچۈن زور بەرىكەت بولدى. بەيتەلدە ياش ۋە بويداق ۋاقتىمدا خىزمىتىمنى باشلىغاندا، پۈتۈن دۆلەت بويىچە 10000غا يېقىن جاكارلىغۇچى بار بولغان. ھازىر بولسا، فىلىپپىندا 200000دىن ئوشۇق جاكارلىغۇچى بار ۋە يۈزلىگەن قېرىنداش بەيتەلدە خىزمەت قىلىپ ۋەز ئىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.
ۋاقىت ئۆتۈپ، بەيتەلنى كېڭەيتىش زۆرۈر بولدى. شۇ چاغدا رەھبەرلىك كېڭەش بىزدىن چوڭراق بىنا سېلىش ئۈچۈن يەر ئىزدەشنى ئېيتتى. ئاندىن باسمىخانىغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن ئىككىمىز كىمدۇ بىرلىرى يەرلىرىنى ساتامدۇ-ساتمامدۇ، دەپ بەيتەلگە يېقىن ئۆيلەرگە كىرىپ سوراپ چىقتۇق. ھېچقايسىسى سېتىشنى خالىمىدى. بىر كىشى بىزگە: «خەنرۇلار ساتمايدۇ، پەقەت سېتىۋالىدۇ»،— دېدى.
ئەمما، بىر كۈنى كۈتمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. بىر قوشنىمىز ئامېرىكغا كۆچمەكچى بولۇپ، يېرىنى سېتىۋېلىشمىزنى سورىدى. ئاندىن باشقا بىر قوشنىمىزمۇ يېرىنى سېتىشنى قارار قىلدى ۋە ئۆپ-چۆرىدىكىلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ھەتتا، «خەنزۇلار يەر ساتمايدۇ»، دەپ ئېيتقان كىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە يېرىنى سېتىپ بەردى. قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بەيتەل ئۈچ ھەسسە چوڭ قىلىپ ياسالدى. بۇنىڭ ھەممىسى يەھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
1950-يىلى بەيتەلنىڭ ئەڭ ياش ئەزاسى ئىدىم. ھازىر بولسا، ئايالىم ئىككىمىز ئەڭ چوڭلىرى. خوجايىنىمىز مەسىھ قايسى يەرگە ئەۋەتىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرگىنىمگە ئۆكۈنمەيمەن. ئاتا-ئانام ئۆيدىن قوغلاپ چىقارسىمۇ، يەھۋا ماڭا چوڭ ئائىلە ھەدىيە قىلدى. قانداق تاپشۇرما بولمىسۇن، ئۇ كېرەكلىك بولغان ھەممىنى بېرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىمەن. نورا ئىككىمىز يەھۋانىڭ ھەردائىم بىزگە كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ئۈچۈن چىن يۈرىكىمىزدىن مىننەتدار ۋە باشقىلارنىمۇ يەھۋانى سىناپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمىز (مالاكى 3:10).
ئەيسا. لاۋىي دەپمۇ ئاتالغان باجگىر مەتتانى ئۆزىنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا چاقىرغانىدى. شۇ چاغدا مەتتا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ ئۇ «ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى» (لۇقا 5:27، 28). مەنمۇ شۇنداق ئىمكانىيەتكە ئېرىشتىم ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق يول تۇتۇپ، كۆپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىمەن.