ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنەيلى
«مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى... ئۆزىنى تۇتۇش» (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23).
ناخشىلار: 52، 26
1، 2. ئا) ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ ئە) نېمىشقا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش — يەھۋا خۇدا يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان خىسلەت (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). يەھۋا خۇدا بۇ خىسلەتنى مۇكەممەل تۈردە كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما نامۇكەممەل ئادەملەر بۇنداق قىلالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئادەم مۇھىم ئىشلارنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، مەكتەپتە ناچار ئوقۇيدۇ ۋە ئىشىنى ياخشى ئورۇندۇيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىسلەتنىڭ بولماسلىقى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى، ھاراقكەشلىك، زوراۋانلىق، ئاجرىشىش، ئورۇنسىز قەرزگە پېتىش، خۇمارلىق، تۈرمىگە چۈشۈش، روھىي زەربىگە ئۇچراش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللەر ياكى كۈتمىگەن ھامىلدارلىق قاتارلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن (زەبۇر 34:11—14).
2 ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيدىغان كىشى ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ قىيىنچلىق تۇغدۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئادەملەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ، چۈنكى خۇدا سۆزىدە بۇ «ئاخىرقى كۈنلەردە» ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر بەلگۈسى بولىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—3).
3. نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزۈمىزنى تۇتۇشىمىز كېرەك؟
يارىتىلىش 3:6). ئۇلارغا ئوخشاش، ھازىر كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق سەۋەبلىك يامان ئاقىۋەتكە قالماقتا.
3 نېمە ئۈچۈن بىز ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بار. بىرىنچى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى باشقۇرالايدىغان ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئازىراق بولىدۇ. مۇنداق ئادەمگە باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش ئاسانراق ۋە ئۇ ئاچچىقلانمايدۇ، غەم-قايغۇ ياكى چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەيدۇ. ئىككىنچى، ئېزىقتۇرۇلۇشلارغا قارشى تۇرساق ۋە يامان ھەۋەسلىرىمىزنى تىزگىنلىسەك، خۇدا بىلەن دوستلۇقىمىزنى ساقلايمىز. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا مۇنداق قىلالمىدى (4. يامان ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇۋاتقان ئادەملەرگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
4 يەھۋا خۇدا ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى، شۇڭا ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىش بىز ئۈچۈن ئاسان ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ يامان ھەۋەسلىرىمىزنى باشقۇرۇشىمىزنى خالايدۇ (پادىشاھلار 1-يازما 8:46—50). كۆيۈمچان دوست سۈپىتىدە يەھۋا ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇۋاتقان ئادەملەرگە مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ ماقالىدە بىز يەھۋانىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۈلگىسىدىن ساۋاق ئالىمىز. شۇنداقلا مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆزىنى تۇتۇۋالىغان ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ئادەملەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنىمۇ قاراپ چىقىمىز.
يەھۋا خۇدانىڭ ئۈلگىسى
5، 6. يەھۋا خۇدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتا قانداق ئۈلگە كۆرسەتتى؟
5 يەھۋا خۇدا ھەممە تەرەپتىن مۇكەممەل بولغانلىقتىن، مۇكەممەل ھالدا ئۆزىنى تۇتالايدۇ (تەكرار قانۇن 32:4). لېكىن بىز نامۇكەممەل. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتا ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلساق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئۈلگىسىنى قاراپ چىقىشىمىز لازىم. شۇ چاغدا كۆڭلۈمىزنى يېرىم قىلىدىغان ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۆزۈمىزنى قانداق توغرا تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا، يەھۋا قانداق ۋەزىيەتلەردە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش خىسلىتىنى كۆرسەتكەن؟
6 شەيتان ئېرەم باغدا ئىسىيان كۆتەرگەندە، يەھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرەيلى. ئىبلىسنىڭ قىلغان ئىشى خۇدانىڭ ئاسماندىكى ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ غەزەب-نەپرىتىنى قوزغاپ، ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. بەلكىم، شەيتاننىڭ كاساپىتىدىن بولۇۋاتقان قايغۇ-ھەسرەت ھەققىدە ئويلىغىنىڭىزدا، سىزدە نەق شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار پەيدا بولىدىغاندۇ. لېكىن، يەھۋا ئاچچىقلىنىشقا ئالدىرىماي، مەسىلىنى ئىنتايىن توغرا ھەل قىلدى. ئۇ غەزەپكە بېرىلمەي، شەيتاننىڭ ئىسىيانىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە ئادالەت ھەرىكەت قىلدى (چىقىش 34:6؛ ئايۇپ 2:2—6). نېمىشقا يەھۋا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويدى؟ سەۋەبى ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، «ئەمما ھەممىسىنىڭ توۋۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:9).
7. يەھۋا خۇدانىڭ ئۈلگىسى بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
7 يەھۋانىڭ ئۈلگىسى بىزگە پۇختا ئويلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە بىردىنلا تېرىكىپ كەتمەسلىكنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا مۇھىم مەسىلىنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى ئويلىنىڭ. توغرا سۆزلەپ، توغرا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن دانالىق سوراپ دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 141:3). ئاچچىقلانغاندا ياكى خاپا بولغاندا، قىزىق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش ئاسان. شۇ سەۋەبتىن، كۆپ ئادەملەر ئويلانمايلا ئېيتقان سۆزلىرىگە ياكى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 14:29؛ 15:28؛ 19:2).
خۇدا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى ياخشى ۋە يامان مىساللار
8. ئا) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى قەيەردىن تاپساق بولىدۇ؟ ئە) پوتىپارنىڭ ئايالى ئۇنى ئازدۇرماقچى بولغاندا، يۈسۈپكە نېمە ياردەم بەردى؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
8 مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى مىساللار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ؟ مەسىلەن، ياقۇپنىڭ ئوغلى يۈسۈپنى ئالايلى. ئۇ پىرەۋننىڭ باش قوغدىغۇچىسى پوتىپارنىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىپ يۈرگەندە، ئېزىقىشقا قارشى تۇرغان. يۈسۈپكە پوتىپارنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى، سەۋەبى ئۇ «چىرايلىق ھەم قەددى-قامىتى كېلىشكەن ئەر كىشى» ئىدى. شۇڭا، ئۇ بىرنەچچە قېتىم يۈسۈپنى ئېزىقتۇرماقچى بولدى. يۈسۈپنىڭ بۇ ئازدۇرۇشقا قارشى تۇرۇشىغا نېمە ياردەم بەردى؟ ئۇ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن-ئالا پۇختا ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارغان ئوخشايدۇ. كېيىن، بۇ ئايال ئۇنىڭ كىيىمىنى تۇتۇۋالغاندا، ئۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ كەتتى. يۈسۈپ: «قانداقمۇ مەن بۇنداق زور ياۋۇزلۇقنى قىلىپ، خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟»—دېدى (يارىتىلىش 39:6، 9؛ پەندى-نەسىھەت 1:10نى ئوقۇڭ).
9. ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئالدىن-ئالا تەييارلىنالايسىز؟
9 يۈسۈپنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ خۇدانىڭ قانداقتۇ بىر قانۇنىنى بۇزۇشقا ئازدۇرۇلساق، بۇ ئازدۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغاندا، بەزى بىرىمىز ئارتۇق يەپ-ئىچىش، ھاراقكەشلىك، تاماكا ياكى نەشە چېكىش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. چۆمدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ بىز ئۈچۈن تېخىغىچە ئېزىقتۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، ئېزىقتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانچىلىك كۆپ زىيان ئەكېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ. قانداق ۋەزىيەتلەردە ئازدۇرۇلۇشىڭىز مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئۇلاردىن قانداق نېرى تۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ (زەبۇر 26:4، 5؛ پەندى-نەسىھەت 22:3). مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، شۇنداق سىناققا دۇچ كەلسىڭىز، ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يەھۋادىن دانالىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش خىسلىتىنى سوراڭ.
10، 11. ئا) مەكتەپتە كۆپ ياشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ ئە) خۇدا قانۇنىنى بۇزۇشقا ئېزىقتۇرۇلغاندا، ياش قېرىنداشلارغا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
10 يۈسۈپنىڭكىگە ئوخشاش ۋەزىيەت بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ياش مەسىھىيلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى — كىمبېرلى ئىسىملىق قېرىنداش. سىنىپداشلىرى پات-پات دەم ئېلىش كۈنلىرى بىرسى بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ ماختىنىدېكەن. ئەمما كىمبېرلى ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئارلاشمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ئۆزىنى «يالغۇز ۋە ھېچكىمگە كېرەك ئەمەس» ھېس قىلغان. سىنىپداشلىرى ئۇنى بىرەر يىگىت بىلەن يۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەخمەق دېيىشكەن. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ دانا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. سەۋەبى كىمبېرلى ياش ۋاقتىدا ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ بەك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 2:22). سىنىپداشلىرى ئۇنىڭدىن: «سەن تېخى ھېچكىم بىلەن بولمىدىڭمۇ؟»—دەپ پات-پات سورايدۇ. كىمبېرلى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نېمىشقا ھېچكىم بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماسلىققا قارار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىنىپ، شۇنداق بېسىم ئاستىدا بۇنىڭدىن باش تارتىشقا بەل باغلىغان ياش مەسىھىيلەردىن پەخىرلىنىمىز. يەھۋامۇ ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقى سۆزسىز!
11 مۇقەددەس كىتابتا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئازدۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرمىغان ئادەملەرنىڭ مىساللىرىمۇ بار. بۇ مىساللار ئۆزىگە ئىگە بولالمىغانلىقنىڭ ئاقىۋېتى قانچىلىك يامان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز كىمبېرلىنىڭكىگە ئوخشاش ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالسىڭىز، پەندى-نەسىھەت نىڭ 7-بابىدىكى ئەقىلسىز يىگىتنى ئېسىڭىزغا ئېلىڭ. شۇنداقلا ئامنوننىڭ قىلغان ئىشى قانداق يامان نەتىجە ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ (سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 13:1، 2، 10—15، 28—32). ئاتا-ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادەتتە مۇشۇ مىساللارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئارقىلىق دانالىقنى يېتىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتەلەيدۇ.
12. ئا) يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېس-تۇيغۇسىنى قانداق تىزگىنلىگەن؟ ئە) قايسى ۋاقىتلاردا ھېس-تۇيغۇمىزنى تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدۇ؟
12 باشقا بىر ۋەزىيەتتە يۈسۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتا يەنە بىر قېتىم ئىجابىي ئۈلگە كۆرسەتكەن. بۇ ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىشقا كەلگەندە يۈز بەرگەن. ئاكىلىرىنىڭ يۈرىكىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىردىن ئېيتمىغانىدى. تەسىرلىنىپ كەتكەندە، ئۇ ئالدىراپ چىقىپ ئىچكىرى بۆلمىگە كىرىپ، ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتكەن (يارىتىلىش 43:30، 31؛ 45:1). ئەگەر بىر قېرىنداشنىڭ ئىشى سىزنى خاپا قىلسا، يۈسۈپنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۇتسىڭىز، بۇ سىزنى كېيىن قىزىق قانلىق بىلەن سۆزلەشتىن ياكى ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ (پەندى-نەسىھەت 16:32؛ 17:27). ئېھتىمال، سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز جامائەتتىن چىقىرىلغاندۇ. شۇنداق بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئورۇنسىز ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاسان ئەمەس. لېكىن يەھۋا ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشەنسىڭىز، بۇ ئاسانراق بولىدۇ.
13. داۋۇت پادىشاھنىڭ ھاياتىدا بولغان ۋەقەلەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
13 داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىدىنمۇ ساۋاق ئالالايمىز. سائۇل بىلەن شىمىي ئۇنى يامانلىققا ئىشتەرمەكچى بولغاندا، داۋۇت غەزەپلەنمىگەن ۋە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ ئۇلارغا قارشى تۇرمىغان (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 26:9—11؛ سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 16:5—10). شۇنداق بولسىمۇ، داۋۇت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمىگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. بۇنى ئۇنىڭ بەتشەبا بىلەن قىلغان گۇناھىدىن ۋە نابالنىڭ ئاچكۆزلۈكىگە دەسلەپ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىدىن بىلىمىز (سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 25:10—13؛ سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 11:2—4). داۋۇتتىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. بىرىنچىدىن، بولۇپمۇ خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى نازارەتچىلەر ئۆز ھوقۇقىنى ناتوغرا ئىشلەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھېچبىرىمىز ئېزىقتۇرۇشلار مېنى چۆگلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ، ئۆزۈمىزگە ھەددىدىن تاشقىرى ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:12).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
14. بىر بۇرادەر قانداق ۋەقەگە دۇچ كەلگەن ۋە شۇنىڭدەك ۋەزىيەتلەردە سەۋرچان بولۇش نېمىشقا مۇھىم؟
14 ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى ياخشىراق ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ لۇئىژى ئىسىملىك كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:3، 4نى ئوقۇڭ).
بۇرادەر دۈچ كەلگەن ۋەقەگە قاراپ باقايلى. بىر ماشىنا ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىگە كېلىپ ئۇرۇلىدۇ. بۇ باشقا ماشىنىنىڭ شوپۇرىنىڭ سەۋەنلىكى بولسىمۇ، ئۇ لۇئىژىغا ۋاقىراپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى بولدى. لۇئىژى سەۋرچان بولۇش ئۈچۈن دۇئادا يەھۋادىن ياردەم سوراپ، شۇ كىشىنىمۇ سەۋرچان بولۇشقا ئۈندىگەن. لېكىن، بۇ ئەر كىشى ۋاقىراشنى توختاتمىغان. لۇئىژى ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ، ئۇ كىشى تېخى ۋاقىراپ-جاقىراۋاتقاندا، كېتىپ قالغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، لۇئىژى ۋەز قىلغاندا بىر ئايالغا قايتا يولۇقىدۇ. شۇ ئايالنىڭ يولدىشى دەل شۇ شوپۇر بولۇپ چىققان! بۇ ئەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلىقى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ، كەچۈرۈم سورىغان. ئۇ لۇئىدژىنىڭ ماشىنىسىنى چاپسانراق ئوڭشاش ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىقان. بۇ كىشى مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە قوشۇلۇپ، ياخشى تىڭشىغان. مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن، لۇئىژى بايىقى ماشىنىنى ئۇرغان ۋاقىتتا سەۋرچان بولۇپ، قانچىلىك توغرا قىلغىنىنى ۋە ئاچچىققا بېرىلىپ كەتكەن بولسا، ئاقىۋېتى قانداق يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (15، 16. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
يەشۇئا 1:8). بىراق مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئۆزىڭىزنى تۇتۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
15 مۇقەددەس كىتابنى پۇختا ۋە مۇنتىزىم ھالدا تەتقىق قىلىش مەسىھىيلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. خۇدا يەشۇئاغا نېمە ئېيتقانلىقىنى ئېسىمىزغا ئالايلى: «بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى تۇتماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتاي دەپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز ئويلاپ تۇرغىن. ئۇنداق قىلساڭ، سېنىڭ يوللىرىڭ سائادەتلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ راۋاجلىق بولىسەن» (16 مۇقەددەس يازمىلاردا ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشنىڭ ياخشى نەتىجە ۋە بۇ خىسلەتنىڭ كەملىكى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئېنىق مىساللار بار. يەھۋا خۇدا بۇ ۋەقەلەرنى بىكارغا يازدۇرۇپ قويمىغان (رىملىقلارغا 15:4). شۇڭا ئۇلارنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ، ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغانلىقىمىز توغرا. ئوقۇغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز قانداق پايدىلىنالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. يەھۋادىن سۆزىدىكى مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىشقا ياردەم سوراڭ. قانداقتۇ بىر ساھەدە ئۆزىڭىزنى تۇتالمايدىغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، بۇنىڭغا كۆز يۇمماڭ. ئاندىن مۇشۇ ھەققىدە دۇئا قىلىپ، قانداقلارچە ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سېلىڭ (ياقۇپ 1:5). ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىشى شەك-شۈبھىسىزدۇر.
17. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى قانداق ئۆگەتسە بولىدۇ؟
17 بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بۇ خىسلەت بىلەن تۇغۇلمىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى خىسلەتلەرگە ئۆز ئۈلگىسى بىلەن ئۆگىتىشى لازىم (ئەفەسلىكلەرگە 6:4). بالىلىرىڭىزدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىز بۇ تەرەپتىن ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ۋەز ئىشىغا قاتنىشىش، جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغا بېرىش ھەم ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈشتە مۇنتىزىم بولغانلىقىڭىز ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. بالىلىرىڭىزنىڭ ئىلتىماسى ئورۇنسىز بولسا، «ياق» دەپ ئېيتىشتىن قورقماڭ! يەھۋا خۇدا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا بەلگۈلۈك چەكلىمىنى ئورناتقان. بۇ ئۇلارغا يەھۋانىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەشكە ياردەم بەردى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۆگىتەلەيدۇ. خۇدانىڭ ھوقۇقىغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە بولغان ھۆرمەت — بالىلىرىڭىز ئۆگىنىشى كېرەك ئەڭ بىباھا خىسلەتلەردۇر (پەندى-نەسىھەت 1:5، 7، 8نى ئوقۇڭ).
18. نېمىشقا دوستلارنى دانالىق بىلەن تاللىشىمىز كېرەك؟
18 ئاتا-ئانا بولساقمۇ، بولمىساقمۇ ھەممىمىز دوستلارنى دانالىق بىلەن تاللاش كېرەك. ئەگەر دوستلىرىڭىز يەھۋا خۇدانى ياخشى كۆرسە، ئۇلار سىزنى ياخشى مەقسەتلەرنى قويۇشقا ۋە يامانلىقتىن نېرى بولۇشقا ئۈندەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20). ئۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىزمۇ، ئۇلارغا ئىجابىي تەسىر قىلىدىغانلىقى سۆزسىز. ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ مەقبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتتىن بەھرىمان بولۇپ، ھەم يېقىنلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولالايمىز.