خۇدانىڭ سۆزى مەڭگۈ قالىدۇ
«ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل غازاڭ بولىدۇ، بىراق خۇدانىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» (يەشايا 40:8).
ناخشىلار: 43، 48
1، 2. ئا) مۇقەددەس كىتاب بولمىسا ھاياتىمىز قانداق بولاتتى؟ ئە) خۇدا سۆزىدىن پايدىلىنىشمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب بولمىسا، ھاياتىمىز قانداق بولاتتى؟ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يولباشچىلىق بېرىدىغان دانا مەسلىھەتلەر بولماس ئىدى. خۇدا ھەققىدە، ھاياتلىق ياكى كېلەچەك توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلمەيتۇق. يەھۋا خۇدانىڭ قەدىمدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى بىزگە تېخىمۇ نامەلۇم بولغان بولاتتى.
2 لېكىن بەختىمىزگە يارىشا، بىز مۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا ئەمەس. يەھۋا بىزگە ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى سوۋغات قىلغان. ئۇ بۇ كىتابتىكى خەۋەرنىڭ مەڭگۈگە قالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەلچى پېترۇس ئۆز خېتىدە يەشايا 40:8-ئايەتتىكى سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن. بۇ ئايەت ئۇدۇللا مۇقەددەس كىتابنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىراق، بۇ مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرگە قارىتىلغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:24، 25نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتابنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇساق، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىمىز. خۇدا سۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر بۇنىڭ راستلىقىنى ئاللىقاچان يەكۈنلىگەن. ئەسىرلەر داۋامىدا ئادەملەر ئۇنى تەرجىمە قىلىپ، كۆپچىلىككە تارقىتىش ئۈچۈن قارشىلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغان. يەھۋا خۇدا مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنىڭ «قۇتقۇزۇلۇشىنى ۋە ھەقىقەتنى توغرا تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ» (تىموتىيغا 1-خەت 2:3، 4).
3. بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
3 بۇ ماقالىدە بىز خۇدا سۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ۋەزىيەتكە قارىماستىن قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنى قاراپ چىقىمىز: 1) تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى، 2) كۆپچىلىنىڭ ئورتاق تىلنى ئۆزگەرتكەن سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر ۋە 3) مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلار. بۇنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مۇقەددەس كىتاب بىلەن ئۇنىڭ مۇئەللىپىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ (مىكا 4:2؛ رىملىقلارغا 15:4).
تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى
4. ئا) تىللار ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قانداق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؟ ئە) خۇدا قانداقتۇ بىر تىلنى باشقا تىللاردىن ئارتۇق كۆرمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ بۇنى بىلىش سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
4 ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، تىللار ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. سۆزلۈكلەر ۋە ئىبارىلەر قەدىمدە ئىپادىلىگەن مەنىسىنى يۇقىتىپ، تامامەن باشقا مەنىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، بۇ توغرۇلۇق ئۆز تىلىڭىزدا بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرەلەيدىغانسىز. قەدىقى تىللارمۇ شۇنداق بولغان. زامانىۋىي ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرى مۇقەددەس كىتاب يېزىلغان ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. شۇ قەدىمقى تىللاردا يېزىلغان مۇقەددەس كىتابنى ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار تەرجىمىگە مۇھتاج. بەزى ئادەملەر كونا ئىبرانىي ۋە گرېك تىلىنى ئۆگەنسەم، مۇقەددەس كىتابنى ياخشىراق چۈشىنىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇنىڭ پايدىسى ئۇلار ئويلىغاندەك كۆپ ئەمەس * (ئىزاھاتقا قاراڭ). شۇ سەۋەبتىن، بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتاب پۈتۈنلەي ياكى ئۇنىڭ بەزى بۆلەكلىرى تەخمىنەن 3000 تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بەك مىننەتدارمىز. يەھۋا «ھەر تۈرلۈك مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلىقتىن» بولغان ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن پايدا-مەنپەئەت تېپىشىنى خالايدۇ (ۋەھىي 14:6نى ئوقۇڭ). بۇ بىزنى كۆيۈمچان ۋە يۈز-خاتىر قىلمايدىغان خۇدايىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ (ئەلچىلەر 10:34).
5. «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسىنى» نېمە ئالاھىدە قىلغان؟
5 تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمىسىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئەمدى نەشىر قىلىنغاندا چۈشىنىشلىك بولغان مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسى كېيىن چۈشىنىشكە قىيىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسى» تۇنجى قېتىم 1611-يىلى مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ئىنگلىز تىلىدىكى ئەڭ ئاتاقلىق مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرى ئارىسىدىكى بىرىگە ئايلانغان. «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسى» ھەتتا ئىنگلىز تىلىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ). بىراق ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ئىسمى پەقەت بىرنەچچە قېتىملا ئۇچرىشىدۇ. ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولغان خۇدانىڭ ئىسمى بۇ تەرجىمىنىڭ كۆپ يېرىدە «پەرۋەردىگار» دەپ باش ھەرىپ بىلەن بېرىلگەن. بۇ تەرجىمىنىڭ كېيىنكى نۇسخىلىرىدىكى گرېك يازمىلارنىڭ بەزى ئايەتلىرىدىمۇ «پەرۋەردىگار» دېگەن سۆز باش ھەرىپلەر بىلەن ئىشلىتىلگەن. شۇنداق قىلىپ، «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسى» «يېڭى ئەھدە» دەپمۇ ئاتالغان ئىنجىلدىمۇ خۇدانىڭ ئىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
6. نېمىشقا بىز «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» ئۈچۈن مىننەتدارمىز؟
6 «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسى» يېڭىدىن چىققاندا، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر شۇ زاماننىڭ زەبۇر 119:97). بىراق «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى» ئالاھىدە قىلىدىغان نەرسە — خۇدا ئىسمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قويۇلغانلىغى.
ئادەملىرىگە چۈشىنىشلىك بولغان. ئامما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، ئۇنىڭدىكى بەزى سۆز-ئىبارىلەر كونىراپ كەتكەن ۋە ھازىر ئۇلارنى چۈشىنىش ناھايىتى تەس. مۇقەددەس كىتابنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى شۇنداق بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز زامانىۋىي تىل بىلەن يېزىلغان «مۇقەددەس كىتاب. يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نىڭ بولغىنىغا بەكمۇ مىننەتدارمىز. بۇ تەرجىمە پۈتۈنلەي ياكى مەلۇم بۆلىكى 150تىن ئوشۇق تىلدا بار. دېمەك، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تەرجىمىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن زامانىۋىي ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق خۇدانىڭ خەۋىرى قەلبىمىزنى جەلىپ قىلىدۇ (سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر
7، 8. ئا) مىلادىدىن ئى. 3-ئەسىردىكى كۆپلىگەن يەھۇدىيلار ئىبرانىي يازمىلىرىنى نېمە سەۋەبتىن چۈشەنمىگەن؟ ئە) گرېكچە «سېپتۇئاگىنتا» دېگەن نېمە؟
7 تارىخى دەۋردىلەر يۈز بەرگەن بەزى سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر ئادەملەر ئىشلەتكەن ئورتاق تىلغا تەسىر قىلغان. لېكىن، يەھۋا خۇدا مۇقەددەس كىتابنىڭ ئادەملەر چۈشىنىدىغان تىلدا بار بولۇشىغا غەمخورلۇق قىلغان. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋۋالقى 39 كىتابىنى ئىبرانىيلار، يەنى ئىسرائىللىقلار يازغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار «خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزلىرى... ئامانەت قىلىنغان» بىرىنچى ئادەملەر بولغان (رىملىقلارغا 3:1، 2). بۇ كىتابلار ئەسلىدە ئىبرانىي ۋە ئارامىي تىللىرىدا يېزىلغان. ئەمما مىلادىدىن.ئى. 3-ئەسىرگە يېقىن ئىبرانىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىلىنى چۈشەنمەيدىغان بولغانىدى. قانداقلارچە؟ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين دۇنيانىڭ كۆپ يەرلىرىنى بېسىۋالغاندا، گرېتسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يەر-زېمىنىنى كېڭەيتكەن. نەتىجىدە، قول ئاستىدىكى يەرلەردە گرېك تىلى ئورتاق تىلغا ئايلىنىپ، كۆپ ئادەملەر ئانا تىلىدا ئەمەس، گرېكچە سۆزلەيدىغان بولغانىدى (دانىيال 8:5—7، 20، 21). ئىبرانىيلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ گرېك تىلىدا سۆزلىگەنلىكتىن، ئۇلارغا ئىبرانىي تىلىدىكى مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىش ئاسان بولمىغان. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشقان؟
8 ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 250 يىل بۇرۇن، مۇقەددەس كىتابنىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى، يەنى تەۋرات، گرېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاندىن ئىبرانىي يازمىلارنىڭ باشقا كىتابلىرىمۇ بۇ تىلغا تەرجىمە قىلىنغانىدى. بۇ تەرجىمە گرېكچە «سېپتۇئاگىنتا» دەپ ئاتالغان. «سېپتۇئاگىنتا» ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
9. ئا) «سېپتۇئاگىنتا » ۋە بۇرۇنقى باشقىمۇ تەرجىمىلەر خۇدا سۆزىنى ئوقۇيدىغان ئادەملەرگە قانداق قىلىپ ياردەم بەرگەن؟ ئە) سىز ئىبرانىي يازمىلارنىڭ قايسى ئۈزۈندىسىنى ياخشى كۆرۈسىز؟
9 «سېپتۇئاگىنتا» تەرجىمىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار ئىبرانىي يازمىلارنى گرېك تىلىدا ئوقۇيالىغان. ئۇلار خۇدا سۆزىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاڭلاپ، ئوقۇيالىغىنى قانچىلىك خوشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ۋاقىت ئۆتۈپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى بۆلەكلىرى باشقا كەڭ تارقالغان تىللارغا ھەم، مەسىلەن سۈرىيە، گوت ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانىدى. خۇدا سۆزىنى كۆپرەك ئادەم ئوقۇپ چۈشەنگەنسىرى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلغان. بىزگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايەتلىرى بولغاندۇ (زەبۇر 119:162—165نى ئوقۇڭ). ھەقىقەتەن، خۇدا سۆزى سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەرگە ۋە ئورتاق تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قارىماستىن، بىزنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.
تەرجىمە ئىشىغا كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلار
10. نېمىشقا يۇھان ۋۇكلىفنىڭ زامانىدا ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيالمىغان؟
10 يىللار داۋامىدا كۆپلىگەن ھوقۇقى بارلار ئادەملەرنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشىغا توسالغۇ قىلىشقا تىرىشقان. ئامما مۇقەددەس كىتابقا ھەممە ئادەملەر ئېرىشەلىشى ئۈچۈن، خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئادەملەر ھارىماي-تالماي تەر تۆككەن. مۇنداق ئادەملەرنىڭ بىرى — 14-ئەسىردە ئەنگلىيىدە ياشىغان يۇھان ۋۇكلىف ئىسىملىك كىشى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ھەرقانداق ئادەم ئوقۇيالىشى ۋە پايدىلىنالىشى كېرەك، دەپ قارىغان. بىراق، ئۇ ياشىغان زاماندا ئەنگلىيىدە ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ھېچقاچان ئاڭلىمىغان ئىدى. مۇقەددەس كىتابنىڭ باھاسى قىممەت بولغان ۋە ھەربىر نۇسخىسىنى قولدا يېزىشقا توغرا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنى بەك ئاز ئادەم سېتىۋالالىغان. شۇنداقلا شۇ زاماندا ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز بولغان. چېركاۋغا بارغان ئادەملەر بولسا، مۇقەددەس كىتابنىڭ لاتىن تىلىدا ئۈنلۈك ئوقۇلغان مەزمۇنىنى ئاڭلىغاندۇ. ئەمما لاتىن تىلى شۇ چاغدا ئاددىي ئادەملەر ئۈچۈن ئاللىقاچان چۈشۈنۈكسىز تىلغا ئايلانغان. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابتىكى يۇشۇلغان خەزىنىلەرنى كىشىلەر قانداق قېزىپ چىققان؟ (پەندى-نەسىھەت 2:1—5).
11. ۋۇكلىفنىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ تەسىرى قانداق بولغان؟
11 1382-يىلى يۇھان ۋۇكلىف بىلەن باشقا كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئاندىن كېيىن ۋۇكلىفنىڭ مۇقەددەس كىتابى لوللاردلار، دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا كەڭ ئىشلىتىلدى. ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى بەك ياخشى كۆرگەن. لوللاردلار پۈتكۈل ئەنگلىيىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى پىيادە ئارىلاپ، ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، قولدا كۆچۈرۈلگەن بۆلەكلەرنى تارقاتقان. شۇ ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابقا بولغان قىزىقىش قايتىدىن ئويغانغانىدى.
12. چېركاۋ رەھبەرلىرى ۋۇكلىف ۋە ئۇنىڭ ئەمگىكىگە قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟
12 چېركاۋ رەھبەرلىرى ۋۇكلىفنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆچ كۆرگەن. ئۇلار لوللاردلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، تېپىۋالغان ۋۇكلىفنىڭ ھەممە مۇقەددەس كىتابلىرىنى يوق قىلغان. ھەتتا، ۋۇكلىف ئۆلگەندىن كېيىن، ھەق يولدىن چەتنىگەن چېركاۋنىڭ دۈشمىنى دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ
سۆڭەكلىرىنى قېزىۋېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى سۋىفت دەرىياسىغا تاشلىۋەتكەن. شۇنىڭغا قارىماستىن، خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ، ئۇنى چۈشىنىشنى خالىغان ئادەملەر كۆپ بولغان ۋە چېركاۋ بۇنىڭغا ھېچ توسالغۇلۇق قىلالمىغانىدى. كېيىنكى نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ياۋرۇپا بىلەن دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە مۇقەددەس كىتاب كەڭ خەلق ئاممىسى چۈشىنىدىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېسىپ چىقىرىلىشقا باشلىدى.«ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى»
13. بىز نېمىگە ئىشىنىمىز؟ بۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟
13 مۇقەددەس كىتاب خۇدا روھىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن يېزىلغان. بىراق بۇ «سېپتۇئاگىنتا»، ۋۇكلىفنىڭ مۇقەددەس كىتابى، «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسى» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تەرجىمىلەر خۇدا روھىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مۇنداق تەرجىمىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىنى تەتقىق قىلغاندا خۇدانىڭ سۆزى، دەل ئۇ ۋەدە بەرگەندەك ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىيەت يەھۋا خۇدا نېمە ۋەدە بەرمىسۇن، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ (يەشۇئا 23:14).
14. مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى بىلىمىمىز خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى قانداقلارچە كۈچىيىدۇ؟
14 يەھۋانىڭ ئۆز سۆزىنى قانداق ھىمايە قىلغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز مۇستەھكەملىنىپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ). يەھۋا مۇقەددەس كىتابنى بىزگە نېمە ئۈچۈن بەرگەن؟ نېمىشقا ئۇنى ھىمايە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن؟ چۈنكى، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزگە پايدىلىق نەرسىنى ئۆگىتىشنى خالايدۇ (يەشايا 48:17، 18نى ئوقۇڭ). بۇ بىزنىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 4:19؛ 5:3).
15. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
15 بىز خۇدا سۆزىنى بەك ياخشى كۆرىمىز. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭدىن كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى مۇقەددەس كىتابقا قارىتىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ جامائەتتە تەلىم بېرىدىغانلار ئۆگىتىۋاتقانلىرىنىڭ خۇدا سۆزىگە ئاساسلانغانلىقىغا قانداق كۆز يەتكۈزەلەيدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كېلەركى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
^ 4-ئابزاس «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (رۇس) 2009-يىل، 1-نويابر سانىدىكى «ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىنى ئۆگىنىشىم كېرەكمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
^ 5-ئابزاس ئىنگلىز تىلىدىكى كۆپلىگەن ئىبارىلەر «پادىشاھ ياقۇپنىڭ تەرجىمىسىدە» يېزىلغان «يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىش»، «چىشلىرىمنىڭ تېرىسى» ۋە «ئىچ-باغرىنى تۆكۈش» دېگەندەك ئىبارىلەردىن پەيدا بولغان (سانلار 22:31؛ ئايۇپ 19:20؛ زەبۇر 62:8).
^ 14-ئابزاس « مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا» ناملىق رامكىغا قاراڭ.