خۇدا سۆزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك
«خۇدانىڭ سۆزى تىرىك ھەم ھەرىكەتلىك» (ئىبرانىيلارغا 4:12).
ناخشىلار: 37، 23
1. نېمىشقا سىز خۇدا سۆزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ، يەنى ئۇ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن خەۋەرنىڭ، «تىرىك ھەم ھەرىكەتلىك» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ (ئىبرانىيلارغا 4:12). بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ قانچىلىك تەسىرلىك ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىدىن ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولۇشتىن ئاۋۋال، قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئوغرىلىق، نەشەخورلۇق ياكى ئەخلاقسىزلىق بىلەن شۇغۇللانغان. باشقىلىرى بولسا، نام-ئاتاق ۋە بايلىققا ئىگە بولسىمۇ، ھاياتىدا بىرەر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىشقان (ۋەز 2:3—11). بەختكە يارىشا، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە مەنىسىز ھايات كەچۈرگەن كۆپلىگەن ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەمدى ئىنتىلىدىغان مەقسىتى ۋە ئۈمىدى پەيدا بولدى. «كۈزىتىش مۇنارىدىكى» «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» ناملىق سەھىپىدە شۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپ مىسالى كەلتۈرۈلگەن. لېكىن، ئادەم مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ، مۇقەددەس كىتاب ياردىمى ئارقىلىق يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
2. بىرىنچى ئەسىردە خۇدا سۆزىنىڭ كۈچى ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلغان؟
كورىنتلىقلارغا 1-خەت 6:9—11نى ئوقۇڭ). خۇدا پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدىغانلار ھەققىدە ئېيتقاندا، ئەلچى پاۋلۇس: «بەزىلىرىڭلار شۇنداق بولغاندىڭلار»،— دېگەن. خۇدا سۆزى بىلەن مۇقەددەس روھ بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. ئەمما مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، يازمىلاردا جامائەتتىن چىقىرىلىشقا توغرا كەلگەن بىر مايلانغان بۇرادەر ھەققىدە يېزىلغان. كېيىن، ئۇ زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىپ، جامائەتكە قايتىپ كەلگەنىدى (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:1—5؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 2:5—8). قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خۇدا سۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ھاياتىدا كۆپ ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلالىغانلىقىنى بىلىش بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
2 ھەقىقەتنى تونۇغاندا، كۆپ ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر قىلىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بىرىنچى ئەسىردىكى مايلانغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان (3. بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز؟
3 خۇدا سۆزىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. يەھۋا ئۇنى بىزگە بەرگەنلىكتىن، بىز ئۇنى توغرا ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يەتكۈزۈشنى خالايمىز (تىموتىيغا 2-خەت 2:15). بۇ ماقالىدىن بىز 1) ئۆز ھاياتىمىزدا، 2) ۋەز خىزمىتىمىزدە ۋە 3) سەھنىدە تەلىم بەرگەندە خۇدا سۆزىنىڭ كۈچىنى قانداق ئىشلىتەلەيدىغانلىمىزنى قاراپ چىقىمىز. بۇنى بىلىش بىزگە پايدىلىق تەلىم بېرىدىغان ئەرشتىكى ئاتىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 48:17).
ئۆز ھاياتىمىزدا
4. ئا) خۇدانىڭ سۆزى بىزگە تەسىر قىلىشنى خالىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئە) سىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقىتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇسىز؟
4 خۇدا سۆزى بىزگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى دائىم ئوقۇشىمىز كېرەك. ئۇنى ھەر كۈنى ئوقۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك (يەشۇئا 1:8). ئىشلىرىمىز چاچتىن تولا بولسىمۇ، ھېچ نېمىگە، ھەتتا ۋەزىپىلىرىمىزگىمۇ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى توختىتىشقا يول بەرمەسلىكىمىز لازىم (ئەفەسلىكلەرگە 5:15، 16نى ئوقۇڭ). بەلكىم، بۇنىڭغا ئەتىگەندە، كۈندۈزى ياكى كەچقۇرۇن ۋاقىت تاپالايدىغاندىمىز. بىز زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ: «ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! ئۇ مېنىڭ كۈن بويى سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر»،—دېگەن سۆزلىرىگە قوشۇلىمىز (زەبۇر 119:97).
ئادەمگە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ بەرگەندە، بىز يەھۋانىڭ سۆزلىشىگە مۇمكىنچىلىك بېرىمىز
5، 6. ئا) نېمىشقا مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئە) مۇلاھىزە قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ ب) مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلغانلىقىڭىز سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
5 ئەمما مۇقەددەس كىتابنى پەقەت ئوقۇشلا يېتەرلىك ئەمەس. ئوقۇغىنىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، يەنى ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك (زەبۇر 1:1—3). شۇ چاغدىلا مۇقەددەس كىتابنىڭ دانالىقىغا ماس ھايات كەچۈرەلەيمىز. مۇقەددەس كىتابنىڭ باسما نۇسخىسىنى ياكى ئېلىكترونلۇق ھۆججەت شەكلىنى ئوقۇيلى، خۇدا سۆزىنىڭ ياردىمىدە ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك.
كورىنتلىقلارغا 2-خەت 10:4، 5).
6 مۇلاھىزە قىلىشىمىز پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا توختاپ، ئۆزۈمىزدىن: «بۇ ئايەتتىن يەھۋا خۇدا ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالدىم؟ ئوقۇغانلىرىمنى ھاياتىمدا قانداق پايدىلىنىۋاتىمەن؟ قايسى تەرەپتىن يەنە ئۆزگىرىشىم كېرەك؟» دەپ سورىساق بولىدۇ. ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلساق ۋە يەھۋاغا دۇئا قىلساق، بۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرۈش ئسىتىگىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. نەتىجىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۆز ھاياتىمىزدا ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز (ۋەز خىزمىتىمىزدە
7. خۇدا سۆزىنى ۋەز خىزمىتىدە قانداق پايدىلىنالايمىز؟
7 ۋەز قىلغاندا ۋە تەلىم بەرگەندە خۇدا سۆزىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز مۇھىم. بىر بۇرادەر ئېيتقاندەك، «ئەگەر يەھۋانىڭ ئۆزى بىلەن ئۆيمۇ ئۆي ۋەز قىلغان بولسىڭىز، پەقەت ئۆزىڭىزلا سۆزلەتتىڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭغا سۆز بېرەتتىڭىزمۇ؟» ئادەمگە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ بەرگەندە، بىز يەھۋانىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بېرىمىز. ياخشى تاللانغان ئايەت بىزنىڭ ھەرقانداق سۆزىمىزدىنمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:13). ۋەز خىزمىتىدە بولغاندا ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە تىرىشامسىز؟
8. ۋەز خىزمىتىدە خۇدا سۆزىدىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز؟
8 ئەلۋەتتە، ئادەمگە بىرەر ئايەتنى ئوقۇپ بېرىشلا يېتەرلىك ئەمەس. ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇقەددەس كىتابنى چۈشەنمەيدۇ. مۇنداق ۋەزىيەت بىرىنچى ئەسىردە بولغان ۋە ھازىرمۇ ئۇچرايدۇ (رىملىقلارغا 10:2). دېمەك، بىز ئادەمگە بىرەر ئايەتنى ئوقۇپ بەرسەك، مەنىسىنى ئۆزى چۈشۈنۈۋالىدۇ دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز ئايەتتىكى ئاساسىي سۆزلەرنى ياكى ئويلارنى قايتىلاپ، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرسەك بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇدا سۆزى ئادەمنىڭ ئەقلى بىلەن يۈرىكىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ (لۇقا 24:32نى ئوقۇڭ).
9. مۇقەددەس كىتابقا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن سۆزنى قانداق باشلىساق بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 بىزنىڭ ئايەتنى ئوقۇپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتقان سۆزلىرىمىز ھەم ئادەمنى مۇقەددەس كىتابقا ھۆرمەت بىلەن قاراشقا دەۋەت قىلالايدۇ. مەسىلەن: «ياراتقۇچىمىز بۇ مەسىلە ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى»،—دېسەك بولىدۇ. ئەگەر ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان كىشىنى ئۇچراتساق، ئۇنىڭغا: «مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە ئېيتىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ»،— دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. دىنغا قىزىقمايدىغان بىرسى بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇنىڭدىن: «كونىلارنىڭ مۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىزمۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە دىنىي كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئەستە ساقلىساق، كىرىش سۆزۈمىزنى يېقىملىق قىلىشقا تىرىشىمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:22، 23).
10. ئا) بىر بۇرادەر قانداق ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەن؟ ئە) ۋەز قىلغاندا خۇدا سۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرگەنمۇسىز؟
10 كۆپلىگەن ۋەز ئېيتقۇچىلار خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ بېرىش ئادەملەرگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، بىر بۇرادەر ژۇرناللىرىمىزنى كۆپ يىل داۋامىدا ئوقۇغان بىر ياشانغان ئەر كىشىگە يولۇقۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى بۇرادەر ئۇنىڭغا «كۈزىتىش مۇنارى» نىڭ ئەڭ يېڭى سانىنى بېرىشنىڭ ئورنىغا، بىر ئايەتنى ئوقۇپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4-ئايەتتىكى مونۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ: «رەھىمدىللىكنىڭ ئاتىسى ھەم ھەرقانداق تەسەللىنىڭ پەرۋەردىگارى...بىزگە ھەممە دەردلىرىمىزدە تەسەللى بېرىۋاتىدۇ». بۇ سۆزلەر ھېلىقى ئەر كىشىگە بەكمۇ تەسىر قىلغاچ، ئۇ شۇ ئايەتلەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىشنى سورىغان. كېيىن، ئۇ ئايالى ئىككىسى تەسەللىيگە قانچىلىك مۇھتاج بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئايەت تۈپەيلىدىن ئۇ مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا كۆپرەك بىلگۈسى كەلگەن. خۇدا سۆزىنى ۋەز خىزمىتىدە ئىشلىتىشنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن بەكمۇ كۈچلۈك! (ئەلچىلەر 19:20).
سەھنىدە تەلىم بەرگەندە
11. سەھنىدە تەلىم بېرىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟
11 ھەممىمىز جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغا ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىمىز. ئاساسىي مەقسىتىمىز — يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىش. بىز شۇ يەردە پايدىلىق تەلىم-تەربىيەگە ئىگە بولىمىز. بۇرادەرلەر ئۈچۈن سەھنىدە تەلىم بېرىش چوڭ شان-شەرەپ، ھەمدە شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئۇلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى ھەم بار (ياقۇپ 3:1). ئۇلارنىڭ تەلىملىرى خۇدا سۆزىگە ئاساسلىنىشى كېرەك. ئەگەر سىز شۇنداق شان-شەرەپگە ئىگە بولسىڭىز، تىڭشىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ كۈچىنى قانداق ئىشلىتەلەيسىز؟
12. ناتىق ئۆز نۇتۇقىنىڭ مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا قانداق كۆز يەتكۈزەلەيدۇ؟
12 ھەرقانداق نۇتۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى مۇقەددەس يازمىلار بولۇشى كېرەك (يوھاننا 7:16). شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئېيتىپ بەرگەن ۋەقەلەر، مىساللار ياكى سۆزلەش ئۇسۇلىڭىز نۇتۇقتا كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەردىن مۇھىمىراق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ بېرىش بىلەن مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىشنىڭ پەرقى بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئەمەلىيەتتە، ناھايىتى كۆپ ئايەتلەرنى ئوقۇسىڭىز، تىڭشىغۇچىلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەستە تۇتالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئوقۇماقچى بولغان ئايەتلەرنى ئەستايىدىل تاللاڭ. كېيىن ئۇلارنى ئالدىرماي ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ، مىسال كەلتۈرۈپ ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ (نەھەمىيا 8:8). ئەگەر سىزدە نۇتۇقنىڭ تېزىسى بولسا، تېزىس ۋە ئۇنىڭدىكى ئايەتلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ چىقىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇتۇق تېزىسىدا كۆرستىلگەن مەزمۇن بىلەن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. ئاندىن، كەلتۈرۈلگەن بەزى ئايەتلەرنى ئىشلىتىپ، تېزىستىكى مەزمۇنلارنى يۇرۇتۇپ بېرىڭ («ۋەز ئېتقۇچىلارنى تەربىيلەش مەكتىپى» (خەنزۇچە) كىتابىنىڭ 21—23 دەرسلىرىدە ياخشى مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز). ئەڭ مۇھىمى بولسا، يەھۋا خۇدادىن مۇقەددەس كىتابتىكى بىباھا ئوي-پىكىرلارنى يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىشىنى دۇئادا سوراڭ (ئەزرا 7:10؛ پەندى-نەسىھەت 3:13، 14نى ئوقۇڭ).
13. ئا) بىر قېرىنداشقا ئۇچرىشىشتا ئاڭلىغان بىر ئايەت قانداق تەسىر قىلغان؟ ئە) ئۇچرىشىشلاردا ئىشلىتىلگەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
13 ئاۋسترالىيىىدە ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز كىچىك ۋاقتىدا كۆپ ئازاب چەككەن. كېيىن، ئۇ يەھۋانى تونۇپ، ھەقىقەتنى بىلگەن بولسىمۇ، يەھۋانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىش ئۇنىڭغا يەنىلا قىيىن بولغانىدى. بىر قېتىم جامائەت ئۇچرىشىشىدا ئاڭلىغان بىر ئايەت * (ئىزاھاتقا قاراڭ). ئۇچرىشىشتا ياكى چوڭ يىغىلىشتا قانداقتۇ بىر ئايەتنىڭ سىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ (نەھەمىيا 8:12).
ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ، ئىزدىنىش داۋامىدا مۇقەددەس كىتابتىن باشقا ئايەتلەرنىمۇ تاپقان. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئوي-پىكىرى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرگەن14. يەھۋانىڭ سۆزىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
14 يەھۋاغا بىزگە سوۋغات قىلغان سۆزى، يەنى مۇقەددەس كىتاب ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەك مىننەتدارمىز! ئۇ ئۇنىڭ مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ۋە بۇ ۋەدىسىنى ئورۇنلىغان (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:24، 25). ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇپ، بىلگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىشنى ۋە باشقىلارغىمۇ ياردەم بېرىشنى خالايمىز. شۇنداق قىلساق، بىز پەقەت بۇ روھىي بايلىققىلا بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ مۇئەللىپى يەھۋا خۇداغا ھەم بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
^ 13-ئابزاس « ئوي-پىكىرى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرگەن» ناملىق رامكىغا قاراڭ.