روھىي ئادەم بولۇش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
«سەۋر-تاقەت ۋە تەسەللىي بېرىدىغان خۇدانىڭ ئارقىسىدىن سىلەردىمۇ مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پىكىرلەر تەرزى بولسۇن» (رىملىقلارغا 15:5).
ناخشىلار: 25، 5
1، 2. ئا) كۆپ قېرىنداشلار روھىي ئادەم بولۇش ھەققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟ ئە) مۇشۇ ماقالىدە قانداق مۇھىم سوئاللارنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
كانادادىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، روھىي ئادەم بولۇش ئۇنى بەختلىكىرەك قىلىپ، قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ. برازىلىيىدىكى 23 يىل بۇرۇن ئۆيلەنگەن بىر بۇرادەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، روھىي ئادەم بولۇش ئايالى ئىككىسىنىڭ نىكاھىنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. فىلىپپىندىكى بىر بۇرادەر: «روھىي ئادەم بولۇش ماڭا جان ئاراملىقىنى بېرىپ، كېلىپ چىقىشى ھەر تۈرلۈك قېرىنداشلار بىلەن تىل تېپىشىشقا ياردەم بېرىدۇ»،— دەپ ئېيتقان.
2 بەك ئېنىقكى، روھىي ئادەم بولۇش كۆپ بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. روھىي جەھەتتىن يېتىلىش ھەم بەرىكەتلەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىرىنچىدىن، روھىي ئادەم، يەنى خۇدا روھىنىڭ يېتەكلىشى ئاسىتىدا يۈرىدىغان ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى يەھۋانىڭكىگە ئوخشاش بولغان ئادەم ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ ماقالىدە ئۈچ مۇھىم سوئالنى مۇلاھىزە قىلىمىز: 1) روھىي ئادەم بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ 2) كىملەرنىڭ ئۈلگىلىرى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؟ 3) «مەسىھنىڭ
ئەقلىگە» ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش روھىي ئادەم بولۇشىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟روھىي ئادەم دېگەن كىم؟
3. مۇقەددەس كىتاب جىسمانىي ئادەم بىلەن روھىي ئادەمنىڭ پەرقى بار ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟
3 ئەلچى پاۋلۇس بىزگە «روھىي ئادەم» بىلەن «جىسمانىي ئادەم» ئارىسىدىكى پەرقنى چۈشىنىشكە ياردەم بەرگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:14—16نى ئوقۇڭ). جىسمانىي ئادەم «خۇدا روھىدىن بولغان نەرسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەخمەقلىقتەك بىلىنىدۇ ھەم بۇنى ئۇ چۈشىنىشكە قابىل ئەمەس». روھىي ئادەم بولسا، «ھەممە نەرسىگە باھا بېرەلەيدۇ» ۋە «مەسىھنىڭ ئەقلىنى» تونۇپ-بىلىشكە، يەنى ئەيسادەك ئويلاشقا تىرىشىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس بىزنى روھىي ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلغانىدى. جىسمانىي ئادەم بىلەن روھىي ئادەمنىڭ يەنە قانداق پەرقى بار؟
4، 5. جىسمانىي ئادەمنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟
4 جىسمانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى قانداق؟ دۇنيادىكى ئادەملەر پەقەت ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشنىلا كۆزلەيدۇ ۋە جىسمانىي ئادەم بۇ كۆزقاراشقا مۇۋاپىق ياشايدۇ. پاۋلۇس مۇنداق كۆزقاراشنى «ھازىر بېقىنماسلىقنىڭ پەرزەنتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان روھ» دەپ تەسۋىرلىگەن (ئەفەسلىكلەرگە 2:2). بۇ كۆزقاراش كۆپ كىشىلەرنى باشقىلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە سەل قاراپ، ئۆز بىلگىنىنى قىلىدۇ. جىسمانىي ئادەم ئاساسەن جىسمانىي نەرسىلەر ھەققىدە ئويلايدۇ ۋە مەنسەپ، پۇل ھەم ھوقۇقلىرىنى ئەڭ مۇھىم دەپ ھېسابلايدۇ.
5 جىسمانىي ئادەم مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «تەننىڭ ئىشلىرى» بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:19—21). پاۋلۇس كورىنتتىكى مەسىھىيلەرگە يازغان بىرىنچى خېتىدە جىسمانىي ئادەم قىلىدىغان باشقىمۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغانىدى. ئۇلار جېدەللەرگە ئارىلىشىدۇ، بۆلگۈنچىلىكلەرنى تۇغدۇرىدۇ، باشقىلارنى ئىسىيان كۆتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ، بىر-بىرىنى سوتقا ئاپىرىدۇ، باشچىلىق ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىمەيدۇ ۋە يەپ-ئىچىشكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. شۇنداقلا جىسمانىي ئادەم ئېزىقتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، يامان ئىش قىلىشتىن ساقىلىنىشقا ھەرىكەت قىلمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 7:21، 22). شاگىرت يەھۇدا جىسمانىي ئادەمنىڭ ھەتتا خۇدانىڭ روھىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان (يەھۇدا 18، 19).
6. روھىي ئادەمنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟
6 جىسمانىي ئادەمگە قارىغاندا روھىي ئادەم خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بەك مۇھىم دەپ ھېسابلايدۇ. روھىي ئادەم مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىنى يېتەكلىشىگە يول بېرىپ، يەھۋانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 5:1). يەھۋادەك پىكىر قىلىشنى ۋە ھەر ئىشلارغا ئۇنىڭدەك كۆزقاراشتا قاراشنى ئۆگىنىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. خۇدا ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىك شەخس. جىسمانىي ئادەمگە قارىغاندا روھىي ئادەم ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىدە يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆمەتلەپ ياشايدۇ (زەبۇر 119:33؛ 143:10). ئۇ «تەننىڭ ئىشلىرىغا» ئارىلاشمايدۇ، ئەمما «روھنىڭ مېۋىسىنى» يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23). روھىي ئادەم دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۇنۇ كەلتۈرۈلگەن تەمسىلنى قاراپ باقايلى: سودا-سېتىق قىلىشقا ئۇستا ئادەمنى تىجارەتچى دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق دىققىتىنى روھىي ئىشلارغا ئاغدۇرىدىغان ئادەمنى روھىي ئادەم دەپ ئېيتساق بولىدۇ.
7. مۇقەددەس كىتابتا روھىي ئادەم ھەققىدە نېمە يېزىلغان؟
7 ئەيسا روھىي ئادەملەرنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەتتا 5:3-ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى چۈشەنگەنلەر بەختلىك، چۈنكى ئاسمان پادىشاھلىقى شۇلارغا تەئەللۇقتۇر». رىملىقلارغا 8:6-ئايەتتە يەھۋادەك پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. ئۇ يەردە: «تەنگە خاس ئوي-پىكىرلەر ئۆلۈمنى، روھىي ئوي-پىكىرلەر ھاياتلىقنى ھەم تىنچلىقنى بىلدۈرىدۇ»،— دەپ يېزىلغان. دېمەك، ئەگەر بىز روھىي ئادەم بولساق، خۇدا بىلەن ئىناقلىقتا بولىمىز ۋە كۆڭلىمىز خاتىرجەملىك تاپىدۇ، يەنە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىمىز.
8. روھىي ئادەم بولۇش ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملىقنى ساقلاپ ياشاش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
8 لېكىن، بىز خەۋپ-خەتەرگە تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر خۇدانىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى رەت قىلغانلىقتىن، ئەقلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئەقلىمىزنى يەھۋانىڭ ئويلىرى بىلەن تولدۇرمىساق، ئۇنى بۇ دۇنيا جىسمانىي كۆزقاراش ھەم ئويلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مىساللار
9. ئا) روھىي ئادەم بولۇشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟ ئە) بىز كىملەرنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى قاراپ چىمىز؟
9 بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە مۇھتاج بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ. بىزمۇ يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئادەملەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىپ روھىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيمىز. جىسمانىي ئادەملەر بولسا، بىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر: ئۇلارغا قاراپ نېمە قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:1—4). مۇقەددەس كىتابتا ھەم ياخشى، ھەم يامان ئۈلگىلەر بار. ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان ياقۇپ، مەرىيەم ۋە ئەيسادىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى قاراپ باقايلى.
10. ياقۇپ روھىي ئادەم بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
10 كۆپۈنچىلىرىمىزگە ئوخشاش، ياقۇپمۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. يارىتىلىش 28:10—15). ئۇ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ جىسمانىي كۆزقارىشى ئۆزىگە تەسىر قىلىپ، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇشىغا يول بەرمىگەنىدى. مەسىلەن، قېرىندىشى ئەساۋ ئۇنىڭغا خەۋپ تۇغدۇرغاندا، ياقۇپ يەھۋادىن ئۇنى قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنگەن. ئۇ مۇنداق دۇئا قىلغان: «سەن ئۆزۈڭ: «مەن ساڭا ئىلتىپاتلىق بولۇپ، ئەۋلادىڭنى دېڭىز قىرغىغىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپ قىلىمەن»،— دېگەن ئېدىڭغۇ» (يارىتىلىش 32:6—12). شۇنداق، ياقۇپنىڭ يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچى كامىل بولغان ۋە ئۇ بۇنى ئۆز ھاياتىدا ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتكەن.
بىر قوساق قېرىندىشى ئەساۋ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. قېيىناتىسى بولسا، ئۇنى قايتا-قايتا ئالداشقا تىرىشقان. ئەمما، ياقۇپ يەھۋانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىگە مەھكەم ئىشەنگەن. ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ بۇ ئاجايىپ ۋەدىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇلاردىن ياخشى خەۋەر ئالغان (11. مەرىيەمنىڭ روھىي ئادەم بولغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
11 ئەمدى، مەرىيەمنى ئالايلى. روھىي ئادەم بولغانلىقتىن، يەھۋا ئۇنى ئەيسانىڭ ئانىسى بولۇشقا تاللىغانىدى. مەرىيەم زەكەرىيا بىلەن ئېلىزابېت ئىسىملىك تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئوقۇپ كۆرۈڭ (لۇقا 1:46—55نى ئوقۇڭ). مەرىيەمنىڭ خۇدا سۆزىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئىبرانىي يازمىلارنى ياخشى بىلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (يارىتىلىش 30:13؛ سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 2:1—10؛ مالاكى 3:12). شۇنداقلا يۈسۈپ بىلەن مەرىيەم ئۆيلەنسىمۇ، ئەيسا تۇغۇلمىغىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان. خۇدانىڭ تاپشۇرۇغى ئۇلار ئۈچۈن ئۆز ھەۋەسلىرىدىن مۇھىمىراق بولغان (مەتتا 1:25). بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەرىيەم ئەيسا چوڭ بولغىچە يۈز بېرىۋاتقان ھەربىر ۋەقەگە دىققەت ئاغدۇرۇپ، ئۇ ئۆگەتكەن تەلىملەرنى ئاڭلاپ يۈرەتتى. ئۇ «بارلىق سۆزلەرنى يۈرىكىدە ساقلىدى» (لۇقا 2:51). ئۇنىڭ مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە بەك قىزىققانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مەرىيەمنى ئۈلگە قىلىپ ھەرقاچان خۇدانىڭ نىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىمىزمۇ؟
12. ئا) ئەيسا ئاتىسىنى قانداق ئۈلگە قىلغان؟ ئە) بىز قانداق قىلىپ ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىز؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
12 يەردە ياشىغان ھەممە ئادەملەرنىڭ ئىچىدە، ئەيسا ئەڭ ئۈلگىلىك روھىي ئادەم بولغان. ئۇ يەردىكى ھاياتى ۋە خىزمىتىدە ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۇنىڭ ئويلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى يەھۋانىڭكىگە ئوخشاش بولغان. ئەيسا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىغان ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرىنى ھۆرمەتلىگەن (يوھاننا 8:29؛ 14:9؛ 15:10). مەسىلەن، يەشايانىڭ يەھۋانىڭ ھېسداشلىقىنى تەسۋىرلىگەن سۆزلىرى بىلەن ماركۇسنىڭ ئەيسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلىگەن سۆزلىرىنى سېلىشتۇرساق بولىدۇ (يەشايا 63:9؛ ماركۇس 6:34نى ئوقۇڭ). بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا ھەردائىم تەييارمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىزمۇ؟ (لۇقا 4:43) روھىي ئادەملەر ھېسداشلىق كۆرسىتىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ.
13، 14. ئا) بۈگۈنكى كۈندىكى روھىي ئادەملەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئە) مىسال كەلتۈرۈڭ.
13 بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان روھىي قېرىنداشلار ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئورۇندايدىغان، مېھماندوستلۇق ۋە ھېداشلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايدىغانسىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ نامۇكەممەل. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ياخشى خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە يەھۋا خالايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكىدۇ. برازىلىيىدە ياشايدىغان رېيچېل ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن مەن بۇ دۇنيادىكى مودىنى قوغلايتتىم، شۇ سەۋەبتىن ئەدەب-ئەخلاقلىق كىيىنمەيتتىم. لېكىن، ھەقىقەتنى بىلگىنىم مېنى زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىپ، روھىي ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلدى. بۇ ئاسان بولمىدى، بىراق ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدىن ئاللىقانچە بەختلىك ھېس قىلىمەن ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپتىم».
14 فىلىپپىندا ياشايدىغان رېيلىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بولسا، تامامەن باشقىچە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى. ھەقىقەتنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ ھەممە ئويلىرى ئالىي بىلىم ئېلىش ۋە ياخشى ئىشقا كىرىش بولغان. ۋاقىت ئۆتۈپ، روھىي مەقسەتلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاستا-ئاستا ھاياتىمدا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىمدىنمۇ بەك مۇھىم بىر ئىش ئىدى». رېيلىن پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋاغا بولغان خىزمىتىنى ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى قارار قىلغان. ھازىر ئۇ يەھۋانىڭ مەتتا 6:33، 34-ئايەتتتىك ۋەدىسىگە ئىشىنىدۇ. «يەھۋا ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن!»— دەيدۇ ئۇ. سىزمۇ جامائىتىڭىزدە مۇنداق كۆزقاراشتا بولغان قېرىنداشلارنى بىلىدىغانسىز. مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ سادىق ئۈلگىلىرىگە ئەگىشىشنى خالايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:1؛ سالونىكىلىقلاغا 2-خەت 3:7).
«مەسىھنىڭ ئەقلىگە» ئىگە بولۇڭ
15، 16. ئا) ئەيساغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئە) مەسىھنىڭ ئوي-پىكىرى بىزگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
15 ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:16-ئايەتتە، بىزدە «مەسىھنىڭ ئەقلى» بولۇشى كېرەكلىكى يېزىلغان. رىملىقلارغا 15:5-ئايەتتە بولسا، بىزنى «مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پىكىرلەر تەرزىنى» يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. مەسىھتىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى، قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقىنى ۋە قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەيسا ئەڭ ئاۋۋال يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلىغان. دېمەك، ئۇنى ئۈلگە قىلساق، بىز يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز. شۇ سەۋەبتىن، ئەيساغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىشىمىز بەك مۇھىم.
16 بىز بۇنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟ شاگىرتلىرى ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن، كۆپچىلىككە بەرگەن تەلىمىنى تىڭشىغان، ھەرخىل ئادەملەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىنى نەزەرگە ئېلىپ ياشىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. ئۇلار: «قىلغان ئىشلىرىغا بىزمۇ گۇۋاھچى»،— دېگەن (ئەلچىلەر 10:39). بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئەيسانى كۆرەلمىسەكمۇ، ئىنجىلدىكى ۋەقەلەر ئارقىلىق ئۇنى ياخشى تونۇپ-بىلەلەيمىز. مەتتا، مارك، لۇقا ۋە يوھاننا كىتابلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغاندا، ئەيسانىڭ ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلەلەيمىز. بۇ بىزگە «ئۇنىڭ ئىزى بىلەن توغرا مېڭىشقا» ياردەم بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21؛ 4:1).
17. ئەيسادەك ئويلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
17 ئەيسادەك ئويلىساق، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ پايدىلىق تائام يېيىش تېنىمىزنى كۈچلۈك قىلغاندەك، ئەقلىمىزنى ئەيسانىڭ ئويلىرى بىلەن تولدۇرغاندا روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولىمىز. ئاستا-ئاستا، ئۇ ھەربىر ۋەزىيەتتە قانداق يول تۇتۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. كېيىن، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە پاك ۋىجدانغا ئىگە قىلىدىغان دانا قارارلارنى چىقىرىدىغان بولىمىز. بۇ «ئەيسا مەسىھكە تەقلىت قىلىشقا» سەۋەب بولمامدۇ؟ (رىملىقلارغا 13:14).
18. روھىي ئادەم بولۇش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىۋالدىڭىز؟
18 مۇشۇ ماقالە بىزگە روھىي ئادەم بولۇشنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەردى. بىز مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ياشىغانلارنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆردۇق. ئاخىرىدا، «مەسىھنىڭ ئەقلىگە» ئىگە بولغانلىقىمىز بىزگە يەھۋاغا ئوخشاش پىكىر قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. بىراق، يەنە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىمىزنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟ روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ روھىي ئادەم بولۇش ھاياتىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ كېلەركى ماقالىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.