روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
«روھ بويىچە ئىش قىلىڭلار» (گالاتىلىقلارغا 5:16).
ناخشىلار: 136، 10
1، 2. بىر بۇرادەر ئۆزى ھەققىدە نېمىنى چۈشەنگەن ۋە نېمە قىلغان؟
روبېرت ئۆسمۈر چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنىدى، ئەمما ھەقىقەت ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم بولمىغان. ئۇ: «مەن ھېچ يامانلىقنى قىلمىدىم، لېكىن روھىي ئىشلار مەن ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى، يىغىلىشلاردىن قالماي ۋە يىلىدا بىرنەچچە قېتىم پېدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ، روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك كۆرۈنگىنىم بىلەن، ماڭا بىرنەرسە كەمدەك ھېس قىلاتتىم»،— دەپ ئېيتقان.
2 روبېرت توي قىلمىغىچە ئۇنىڭغا نېمە كەم ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن. ئايالى ئىككىسى ئويۇن تەرىقىسىدە بىر-بىرىگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سوئاللارنى قويۇشقان. ئۇنىڭ ئايالى مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلگەچ، سوئاللارغا جاۋابلارنى تېز بەرگەن. لېكىن، روبېرت كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سوئاللارغا جاۋابلارنى بېرەلمىگەي خىجىل بولغانىدى. ئۇ: «مەن ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمىگەندەك سېزەتتىم. شۇ چاغدا ئىچىمدە: «ئايالىمغا روھىي جەھەتتىن ياخشى باشچى بولۇشنى خالىسام، بىر ئىش قىلىشىم كېرەك»،— دەپ ئويلىدىم». روبېرت ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: «مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدىم، قايتا-قايتا تەتقىق قىلدىم. شۇ ئارقىلىق ھەقىقەتنى ياخشىراق چۈشىنىپ، ھەممە نەرسە ئۆز ئورنىغا چۈشتى. نەتىجىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم»،— دەپ ئېيتقان.
3. ئا) روبېرتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئە) ھازىر قانداق مۇھىم مەزمۇننى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
فىلىپپىلىقلارغا 3:16). بۇ ماقالىدىن بىز ئۈچ مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز: 1) روھىي ئادەم بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزنى قانداق تەكشۈرەلەيمىز؟ 2) روھىي جەھەتتىن يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ 3) روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3 روبېرتنىڭ ئۈلگىسىدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى نەرسىلەرنى بىلىشىمىز، يىغىلىشلارغا ۋە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بۇ بىزنىڭ روھىي ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكىم، بىز ئاللىقاچان روھىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندىمىز. ئەمما، ئۆزۈمىزنى تەكشۈرگەندە، يەنە كۆپ تەرەپتىن تىرىشىش كېرەكلىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيمىز (روھىي ئەھۋالىمىزنى قانداق تەكشۈرەلەيمىز؟
4. ئەفەسلىكلەرگە 4:23، 24-ئايەتتىكى مەسلىھەت كىملەرگە پايدىلىق؟
4 خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىغاندا، بىز ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر ساھەسىگە تەسىر قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى قىلدۇق. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق. مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئەقلىمىزنى «ئويغىتىدىغان كۈچ بىلەن يېڭىلىنىشقا» دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:23، 24). بىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، دائىم ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. يەھۋاغا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەم ساقلىشىمىز مۇھىم (فىلىپپىلىقلارغا 3:12، 13).
5. قانداق سوئاللار روھىي ئەھۋالىمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟
5 مەيلى ياش ياكى ياشانغان بولايلى، ھەممىمىز ئۆزۈمىزنى سەمىمىيلىك بىلەن تەكشۈرۈش زۆرۈر. بىز ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىمنى بايقاۋاتىمەنمۇ؟ بارغانسىرى مەسىھكە ئوخشاش بولۇۋاتىمەنمۇ؟ يىغىلىشلارغا بولغان كۆزقارىشىم ۋە يىغىلىشلاردا بولغان چاغدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمدىن نېمە كۆرۈنىدۇ؟ گەپ-سۆزلىرىم ھەقىقىي نىيەتلىرىم ھەققىدە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ تەتقىق قىلىش ئادىتىم، كىيىمىم ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈم ھەم مەسلىھەتلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىم قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئازدۇرۇلغاندا، قانداق ھەرىكەت قىلىمەن؟ مەن يېتىلگەن ئېتىقادچىمۇ؟» (ئەفەسلىكلەرگە 4:13). بۇ سوئاللار بىزنىڭ روھىي جەھەتتە قانچىلىك ئۆسكەنلىكىمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
6. روھىي ئەھۋالىمىزنى تەكشۈرۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
6 بەزىدە روھىي ئەھۋالىمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەلچى پاۋلۇس جىسمانىي ئادەم ئۆز ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلى خۇدانى خۇرسەن قىلىمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، دەپ ئېيتقان. ئەمما، روھىي ئادەم خۇدانىڭ مەسىلىلەرگە بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ جىسمانىي كۆزقاراش بىلەن ياشاش يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:14—16؛ 3:1—3). ئاقساقاللار مەسىھنىڭ پىكىر قىلىش يولىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكتىن، جىسمانىي كۆزقاراش بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلارنى تېزلا بايقاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىزگە ياردەم بېرىشكە تىرىشسا، ياردەمنى قوبۇل قىلىپ، زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىمىزمۇ؟ شۇنداق قىلساق، روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشنى ھەقىقەتەن خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (ۋەز 7:5، 9).
روھىي ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
7. روھىي ئادەم دېگىنىمىز پەقەت مۇقەددەس كىتابنى بىلىدىغان ئادەم ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
7 روھىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئېلىش يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن، سۇلايمان پادىشاھ يەھۋا ھەققىدە كۆپ بىلگەن، ھەتتا ئۇنىڭ بەزى ھېكمەتلىك سۆزلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر بۆلكى بولغان. ئەمما، كېيىنىرەك ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىزلاپ، ئۇ ساداقەتمەن بولۇپ قالالمىغانىدى (پادىشاھلار 1-يازما 4:29، 30؛ 11:4—6). ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىمدىن باشقا بىزگە يەنە نېمە كېرەك؟ ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك (كولوسىلىقلارغا 2:6، 7). بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
8، 9. ئا) ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئە) تەتقىق قىلىپ مۇلاھىزە قىلغاندا، نېمىنى مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
8 پاۋلۇس بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى «پىشىپ-يېتىلىشكە ئالدىراشقا» ئۈندىگەن (ئىبرانىيلارغا 6:1). بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسلىھەتنى ئۆزىمىزگە قانداق تەدبىقلىيالايمىز؟ بۇنىڭ بىر مۇھىم يولى — «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە ئىچىدە ياشاڭلار»، دېگەن كىتابنى تەتقىق قىلىش. بۇ كىتاب سىزگە مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ھاياتتا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر بۇ كىتابنى تەتقىق قىلىپ بولسىڭىز، ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ (كولوسىلىقلارغا 1:23). بۇنىڭدىن باشقا، بىلگەنلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز ۋە شۇ بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە يەھۋانىڭ ياردەم بېرىشىنى سورىشىمىز لازىم.
9 تەتقىق قىلىپ مۇلاھىزە قىلغاندا، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇ-ئۈمىدىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 40:8؛ 119:97). يەنە روھىي ئۆسۈشكە توسالغۇلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك (تىتقا 2:11، 12).
10. ياشلار روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟
10 ياشلار، سىلەردە روھىي مەقسەتلەر بارمۇ؟ بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان بىر بۇرادەر بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمەكچى بولغان ياشلار بىلەن سۆزلىشىپ، روھىي مەقسەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىدىكەن. ئۇ كۆپ ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە يەھۋاغا قانداق خىزمەت قىلىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغانلىقىنى ۋەز 12:1، 13).
كۆرۈپ يەتكەن. بەزىلىرى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەرگە كۆچۈشنى پىلان قىلغان. لېكىن، بەزى ياشلار ئۇنىڭ سوئالىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ روھىي مەقسەتنى ئانچە مۇھىم دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياش بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «يىغىلىشلارغا ۋە ۋەز خىزمەتكە پەقەت ئاتا-ئانام ئۈچۈن قاتنىشىمەنمۇ؟ ياكى يەھۋا بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىمنى كۈچەيتىۋاتىمەنمۇ؟» ئەلۋەتتە، ياش ياكى ياشانغان بولايلى، ھەممىمىزدە روھىي مەقسەتلەر بولۇشى كېرەك. شۇ مەقسەتلەر بىزگە روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ (11. ئا) روھىي جەھەتتە ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئە) مۇقەددەس كىتابتىكى كىمنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلالايمىز؟
11 قايسى تەرەپتىن تېخىمۇ ياخشىراق بولۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتسەك، ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشنى باشلىشىمىز لازىم. بۇ شۇنچىلىك مۇھىمكى، ھايات-ماماتىمىزغا تەسىر قىلىدۇ (رىملىقلارغا 8:6—8). يەھۋا بىزدىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلمايدۇ ۋە بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇقەددەس روھىنى ئەۋەتىدۇ. بىراق، بىز يەنە ئۆز-ئۆزىمىز ئۈستىدىن ئۆزگەرتىشلەر قىلىشقا كۆپ تىرىشىشىمىز كېرەك. رەھبەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان جون بارر قېرىنداش بىر قېتىم لۇقا 13:24-ئايەتنى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېگەن: «كۆپ ئادەمنىڭ تار ئىشىكتىن كىرەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى — مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلماسلىقىدا». بىز خۇددى بەرىكەت ئالمىغىچە بەل قويۋەتمەي، پەرىشتە بىلەن چېلىشقان ياقۇپنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك (يارىتىلىش 32:26—28). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى قىزىقارلىق قىلىشقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تېلېۋىزوردا كۆرىدىغان مۇسابىقە ياكى كىنودەك قىزىقارلىق بولىدۇ، دەپ ئارزۇ قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ئۆزۈمىزگە ياردەم بېرىدىغان قىممەت-باھا ھەقىقەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
12، 13. ئا) رىملىقلارغا 15:5-ئايەتنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئە) پېترۇسنىڭ ئۈلگىسى ۋە مەسلىھىتى بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ب) روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ (« روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
12 روھىي جەھەتتىن ئۆسۈش ئۈچۈن كۈچ سالغاندا، مۇقەددەس روھ پىكىر قىلىش ئۈسۇلىمىز ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاستا-ئاستا بىز مەسىھكە ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىمىز (رىملىقلارغا 15:5). مۇقەددەس روھ يامان ھەۋەسلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە ۋە خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:16، 22، 23). ئەگەر بىز مال-مۈلۈك ياكى ئويۇن-تاماشىغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساق، ئالدىراپ بەل قويۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراپ، توغرا ئىشلارغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى سورىشىمىز لازىم (لۇقا 11:13). ئەلچى پېترۇسنىڭ مىسالىنى يادىمىزغا ئالايلى. ئۇ ھەردائىم مەسىھتەك ئويلىمىغان (مەتتا 16:22، 23؛ لۇقا 22:34، 54—62؛ گالاتىلىقلارغا 2:11—14). لېكىن، ئۇ ۋاز كەچمىگەن ۋە يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن. پېترۇس ئاستا-ئاستا ئەيسادەك ئوي-پىكىر قىلىشنى ئۆگەنگەن. بىزمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىنەلەيمىز.
13 كېيىنىرەك، پېترۇس بىزگە ياردەم بېرىدىغان خىسلەتلەرنى ئاتاپ ئۆتكەنىدى (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 1:5—8نى ئوقۇڭ). بىز ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، سەۋر-تاقەت، قېرىنداشلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت ۋە باشقا ياخشى خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئۆزۈمىزدىن ھەر كۈنى: «روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن بۈگۈن قانداق خىسلەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن؟»، دەپ سورىساق بولىدۇ.
كۈندىلىك ھاياتتا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىڭ
14. روھىي ئادەم بولۇش ھاياتىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
14 ئەگەر بىز مەسىھكە ئوخشاش ئوي-پىكىر قىلىساق، ئۇ ئىشتا ياكى مەكتەپتە، قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىشىمىز، قانداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىمىز ۋە ھەر كۈنى قانداق قارالارنى چىقىرىشىمىزغا تەسىر قىلىدۇ. قارارلىرىمىز مەسىھنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىز روھىي ئادەم بولغاچ، ھېچ نەرسىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇشىنى خالىمايمىز. يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئېزىقتۇرۇلغاندا، روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش ئازدۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قارار قىلىشتىن بۇرۇن، توختاپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سورىشىمىز لازىم: «بۇ مەسىلىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى پرىنسىپلىرى ماڭا ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بۇ ۋەزىيەتتە مەسىھ نېمە قىلاتتى؟ يەھۋانى قايسى قارار خۇرسەن قىلىدۇ؟». بىز مۇنداق مۇلاھىزە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر ھاياتىمىزدا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن بولغان بىرنەچچە ۋەزىيەتكە قاراپ باقايلى. ھەربىرىدە دانا قارار قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
15، 16. مەسىھكە ئوخشاش ئوي-پىكىر قىلىش تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە توغرا قارار قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ: ئا) جورا تاللىغاندا؟ ئە) دوستلارنى تاللىغاندا؟
15 جورا تاللاش. كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:14، 15-ئايەتلەردىكى (ئوقۇڭ) مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپىنى ئالايلى. پاۋلۇس روھىي ئادەم بىلەن جىسمانىي ئادەمنىڭ كۆزقارىشىدىكى پەرقنى ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇ قائىدە-پرىنسىپ جورا تاللاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
16 دوستلارنى تاللاش. كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:33-ئايەتتىكى (ئوقۇڭ) مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپىنى ئالايلى. روھىي ئادەم ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن روھىي ئادەم ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىدىغان ئادەملەر بىلەن دوست بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ قائىدە-پرىنسىپنى ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتكە قانداق تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭ. مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغاندا، بۇ پرىنسىپ قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئىنتېرنىت تورىدىكى ئويۇنلارنى ناتونۇش ئادەم بىلەن ئويناش-ئوينىماسلىقنى قارار قىلغاندا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
17—19. روھىي ئادەم بولۇش سىزگە تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە قانداق ياردەم بېرىدۇ: ئا) «ئۆلۈك ئىشلاردىن» ئۆزىمىزنى يىراق تۇتۇشقا؟ ئە) ياخشى مەقسەتلەرنى قويۇشقا؟ ب) كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشقا؟
17 روھىي ئەھۋالىمىزغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلار. ئىبرانىيلارغا 6:1-ئايەتتە (ئوقۇڭ) مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش بار. ئايەتتە، ئۆزۈمىزنى يىراق تۇتۇشىمىز كېرەك بولغان «ئۆلۈك ئىشلارغا» نېمە كىرىدىغانلىقى تىلغان ئېلىنغان؟ شۇلار روھىي ئۆسۈشىمىزگە ھېچ قانداق ياردەم بەرمەيدىغان پايدىسىز ئىشلاردۇر. شۇ ئۆلۈك ئىشلار ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش مۇنۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ: «بۇ ئىش پايدىلىقمۇ ياكى «ئۆلۈك ئىشلارغا» كېرەمدۇ؟ پۇل تېپىشقا بولىدىغان سودا-سېتىق پىلانىغا قاتنىشايمۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىكى ئىش-پائالىيەتكە ئارىلاشماسلىقىم كېرەك؟»
18 روھىي مەقسەتلەر. تاغدىكى تەلىمىدە، ئەيسا مەقسەتلەر ھەققىدە ياخشى مەسىلىھەتلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن (مەتتا 6:33). روھىي ئادەم، پادىشاھلىقنى ئۆز ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ پرىنسىپ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ: «ئاساسىي بىلىمنى ئالغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشىم كېرەكمۇ؟ جان بېقىش ئۈچۈن مۇشۇ خىزمەتنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟»
19 كېلىشمەسلىكلەر. باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، بىزگە پاۋلۇسنىڭ رىمدىكى ئېتىقادچىلارغا بەرگەن مەسلىھىتى ياردەم بېرىدۇ (رىملىقلارغا 12:18). ئەيسانى ئۈلگە قىلغانلىقتىن، بىز «ھەممىسى بىلەن تىنچلىقتا» ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىمىز. باشقىلار بىلەن كېلىشمەسلىكلەر پەيدا بولغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ باشقا بىرسىنىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلىش بىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟ ياكى باشقىلار بىزنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاشقا تىرىشىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلەمدۇ؟ (ياقۇپ 3:18).
20. نېمە ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن ئالغا بېسىشىڭىز كېرەك؟؟
20 بۇ يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىز، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ خۇدا روھى ئارقىلىق يېتەكلەنگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. روھىي ئادەم بولساق، ھاياتىمىزدا خۇشال-خۇراملىق ۋە شۈكۈر-قانائەتكە ئېرىشىمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان روبېرت: «يەھۋا بىلەن ھەقىقىي زىچ مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرگەندە، مەن ياخشى ھەمراھ ۋە ياخشى ئاتا بولدۇم. مەن خۇرسەنلىك تاپتىم ۋە بارىغا شۈكۈر قىلدىم»،— دەپ ئېيتتى. روھىي ئادەم سۈپىتىدە ئالغا بېسىش ئۈچۈن قولۇمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلساق، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز. ھازىر خۇشال-خورام ھايات كەچۈرەلەيمىز، كېلەچەكتە بولسا، «ھەقىقىي ھاياتلىققا» ئېرىشىمىز (تىموتىيغا 1-خەت 6:19).